(مۇخەممەس)
جـاھـان ئـەھـلى، قـۇلاق سالـغـىـن: غـۇرۇر، پـەخـرىم، ئېلانـىم بـار، سـادالار چـەشـمـىـسىـدىـن ئـۆكـسـۈمـەس دولـقـۇن، قـىـيانـىـم بـار، ئـۇلـۇغ ئـەجـداد كـەشـىـپ ئـەتـكـەن تـابـانـىـم بـار، كـالانـىـم بـار، «مـۇقام، نـاخـشا، ئـۇسـسۇل يـۇرتـى» ئـاتـالـغان دۇر ماكـانىـم بـار، ئـاجايـىـپ چـالـغـۇ - ئـەسـۋابـلار كـۆكـىـدە ئــۈن - زۇۋانـىـم بـار!
ئـاھـاڭـلار رەھـنـەمـاسى داپ، بـوغـۇق - بـوم تـاۋۇشـى رىـغـبـەت، قـۇيـاشـتـەك گــەردىشـىـگە ۋەسـلى ئـەتـرەت كـەلــتـۈرەر بـەيـئـەت، رىـتـىـم، تاكت مـەۋجىدىن چاچـرار سۈرى شىددەت، تېرەن ھېكمەت؛ بـاراقـسانـلاپ گـۈلى مەقـسەت، تـاراپ كـەتـكـەي ھـىـدى لـەززەت، ئـۇدار - پــائـۇزا ئـىـچـرە يـەكـكـە، جــور رېـھـلـەت، ئـۇرانـىـم بـار.
راۋاب ئـەۋجـى سـۆيـۈشـكـەنـدە تـېــگـەر زەخـمـەك يــۈرەكـلـەرگـە، كـېـلـەر مـاس ئـۇ ئېـتـىـز، ئىـش، مـەيـلى كـارۋانـغا، كـۆرەكـلەرگـە؛ تـۈرى ئايـرىلغـۇسى «چاپـلىما»، «ئويما»، «بـاس»، «بېـزەك»لـەرگە، «دولان»، «قەشقەر»، «قۇمۇل»، «قويچى» دېگەندەك كۆپ بۆلەكلەرگە، مـۇدام «تاشۋاي» كەبى كۈيگە «يۇرۇڭـقاش»، «يار»، «چوپانىم» بار.
ئـۆيـىـدە بـارچـە ئـۇيـغـۇرنىڭ دۇتـار، تـەمـبۇر، قـوشـۇق، جۈپـتاش، نـەزەر سـالـسـاڭ، ئېـسـىـل تـامـغا ئېـسـىـلـغانـدۇر سـاتـار يانـداش، غـېـجـەك، دۈمــداپ، سـاپـايـە، جـالـلا، چـاڭـلار بـاشىدا ئـوتـقـاش، ئـۇلارنـى كـىـم چـالاركـىـن، دەپ خىـيالـىـڭ بولـمـىـسۇن چىـرماش، چـېـچـەن سـازەنـدە كـادىر، ئىـشـچى، مـالـچى ھـەم دېھـقـانـىـم بار.
گ−ۈزەل سـەھـرادا شـوخ مـەشـرەپ سـۈرەر ئـەرخـۇ بىـلـەن دەۋران، ئــاۋازى غـوڭــقا، بـەربـاپ، بــالـىـمان، خـۇشــتـار گـويـا فـونـتـان، گىـتار، ھـەشــتار، قـالـۇن، دىـلـتار، سـاپــايـە نـەغـمىسى ئـوكـيـان، تـامـامـلايـسـەن چـوقــۇم ئــالـىي، بـۈيـۈك مـەكـتـەپـنى دەل پىنھان، مـائــارىـپ، مــەرىـپـەت بـوســتـانـىـدا ئـىـزگــۈ پــايـانـىـم بــار.
بـۇرۇن جـەڭـلـەردە ئـەجـدادىـم چـېـلـىـپ بـۇرغـا، ئـۇرۇپ دۇمباق، پـەلـەكـنى تىـتـرىتـىـپ كـارنـايدا، تـاق ئـەيـلەپ يـۈرۈش قـايـناق، مـۇجـۇپ قـەلـبـىـنى دۈشمەنـنىڭ، زەپـەر قـۇچـقان، ئېـلـىپ بايـراق، دېـمـەك، ئـۇشـبـۇ قـورالــلار خـىـسـلىـتى ئـالـەمشـۇمـۇل شـۇنـداق! نـەپـىـس مـىـسـران، نـاگــانـىـم بـار، ئـامـانـەتـلـىـك كـامانـىـم بار.
تـولـۇن ئايـدىڭـدا چـالـسام نـەي، مـۇڭـى دىلـلاردا ئـوت - ئاتـەش، مـۇھـەبـبـەتـتـىـن يـاسـار ئـاشىـق ۋە مـەشـۇقـنىڭ قـېـنى ئـۆركـەش، نـە ئـاشـىـقـكى، نـادان، ئىشـقـسـىـز كىشى ئـاڭـلاپ ئـاچـار نـالـەش، تېـخى ھـەتـتا چـېـكـەتـكـە، قـۇرت، ھـاشـاراتـمـۇ بـولۇر تـەڭـكـەش، ۋۇجــۇدۇم ئــەۋجـىـگـە دىـلـكـەش ۋاپــادار، ئــۇز جـانــانـىـم بــار.
نـاۋاسـى تــەبـلـىـۋاز، نـاغــرا، سـۇنــاي تـويـدىـن بـېـشـارەتــتـۇر، ۋەيـاكـى سـەيـلـە، ھېـيـت - بـايـرام، خـۇشاللـىـقـتـىن ھارارەتـتـۇر؛ يـېـڭـى ســودا - تـىـجـارەتــتـۇر، شـاراپــەتـلـىـك جـامـائــەتــتـۇر، قـىـلـىـش نــەغــمـە مـاھـارەتــتـۇر، كېـيـىـن ئارمـان ئىـجابـەتـتـۇر، ئــۇزارغــان روھ شــىـجـائــەتـتـۇر، كېـلــەچــەكــكـە ئـىـمانـىـم بار.
بـىسـاتـى سـازلـىـرىمـنـىـڭ يــاغـىـچى ئـۈجـمـە، ئـۆرۈك، بـامـبـۇك، چىـنار، ئـالـما، يـاڭـاق، ئاندىن يـىـپـەك، ئـۈنـچە، مېـتال، كاۋچـۇك، كېـيـىـك، ئـۆچـكـە، كــالا مۈڭـگـۈزى، بـۈركۈت سۆڭـىـكى كاندۇك، يـىــلان تـېـرىـسـى، يـاقــۇتـلار... چـېـۋەر قـولــدا پـۈتـۈپ نـازۇك، ھـۈنــەر - سـەنــئــەت بــازارىـدا قــىـرانـىـم بــار، دىـۋانـىـم بــار.
پــاراسـەتـلـىـك بـوۋامـلار تـىـلـغـا كـىـرگـۈزگــەن جـىـسـىـمـلارنى، تـونـۇتــقـان خـەلـقـىـئالـەمـگـە، قـويـۇپ سەرخـىـل ئىـسـىـمـلارنى، جـاراڭـلاش، ياڭـراش، گـۈمـبـۈرلەش... قىـلىـپ ھـاسىل ئېقىـملارنى، مـۇجــەسـسـەم ئـەيـلـىـبان ئـۆزلـۈكـتـە ئـالــەمـچـە ســىـغىـمـلارنى، يـېــنـىـكـلـەتــكـەن بېـسـىــمـلارنى، راۋانـىـم بـار، كـىـرانـىـم بـار!
دىـلـىـسـتان پـەدىـلـەر ئـۇچـسـا، قـۇچـاق ئـاچـقـاي جىـمى مىقـياس، ئـەقـىـلـلـەر كـەڭـلـىـكـىـنى لـەرزىـگـە سالـغـاي سـۈرەن - قـىيقـاس، شېـخـىـدا ھـېسسىـياتـنـىـڭ بـاغـلـىـغـاي مـەي مېـۋىسى ئـىـخـلاس، شـۇ ئـەسـنا قـۇشـقا ئايـلانـغاي غـەزەلـخان - نـاخشـىـچى، رەقـقاس، چـۈشـەنمـەس، باتـىـنى تىمـتاس كـىـشـىـدىن خـوپ گـۇمـانـىـم بار!
يـارەن، «ئىـنـسان تـىـلى» دەپ كـاتـتـا بـىـر تـىـل بـاركى يېـگـانـە، ئــايـانــدۇر بــارچــە مـىـلـلـەتــكـە، ســۆزى دۇردانــە - دۇردانــە، ئـۇنـى سـەن قـايـسى تـىـلـدۇر دەپ ھـەلـەكـتـە يـۈرمـە ھـەيـرانــە، مـۇزىـكـا سېـھـرى تـىـلـماچـسـىـز قـىـلـۇر ھـەركـىـمـنى مـەسـتـانــە، بــۇ يـەردىـن ئـىـزدىسـەم يـىـلـتـىـز، يـەنـە چـەنـدان بـايـانـىـم بـار!
(ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن)
|