(غەزەل)
قەھرىمان ئەجدادىمىزدىن يادىكار ئۇيغۇر ئۆيى، ئەنئەنە، ئۆزلۈك، ئۇدۇمدىن تىلتۇمار ئۇيغۇر ئۆيى.
ئۇپۇقى دەرۋازىدا چاقنايدۇ يۇلتۇز، ئاي، قۇياش، تال باراڭ، بوستان، چىمەنزار - لالىزار ئۇيغۇر ئۆيى.
كەشپىيات ئەيلەپ مېمار چارچاپ، تۇرۇم، زەگۈندىنى... تاپتى يەر تەۋرەشكە مەزمۇت ئىقتىدار ئۇيغۇر ئۆيى.
لاك، سۇۋاق، ئويما، قاپارتما گەردىشى ئالتۇن ھىسار، سوقما، چىتلاق ۋە كېسەكتە نەۋباھار ئۇيغۇر ئۆيى.
گەج بىلەن قاتقاندا خىش - كاھىش، بىنا مەرمەر رەۋىش، نەگە كۆز سالساڭ نەقىش، پاك - بىغۇبار ئۇيغۇر ئۆيى.
تاملىرى سەنئەتكە ئۆرنەك، تورۇسى ئاندىن كۆرەك، گۈل ۋاسا، تۈۋرۈك، بالادا زۇلپىقار ئۇيغۇر ئۆيى.
تاش، سېغىز، شاخ - شۇمبا، يۇلغۇن، چىغ، سامان ئىمكانىدۇر، شۇنچە ئاددىي مۈلكى، ئەمما ئەتىۋار ئۇيغۇر ئۆيى.
ھويلا، ئايۋان، كەڭ پېشايۋان چىللىشار مەشرەپ، مۇقام، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىمدا غەمگۇزار ئۇيغۇر ئۆيى.
تۆرىدە دۇتار، راۋاب، تەمبۈر، سۇناي، داپ... كۈيگە يار، تەكچىدە توپلام - دىۋانلار مىرغىزار ئۇيغۇر ئۆيى.
خانە مېھماندا يېكەنداز، زىلچا، رەت - رەت ئۇز جاھاز، چوڭ - كىچىككە ئىمتىياز، بات، ئىختىيار ئۇيغۇر ئۆيى.
قىز - ئاياللار كەشتىسى چەندان تۈرى، ۋەسلى جاھان، ياسىداق، سىپتا بېزەلگەن شاتىۋار ئۇيغۇر ئۆيى.
تىككۈچى، موزدۇز، تۆمۈرچى، سىرچى، خارەت... ھەممە تەل، قول ھۈنەرۋەن بەيگىسىدە ئۇستىكار ئۇيغۇر ئۆيى.
ئايمىقى تۈركۈم ئېرۇر، مەھەللىسى كۆجۈم ئېرۇر، بەھرىدە ئەمگەك - چېلىشنىڭ بەختىيار ئۇيغۇر ئۆيى.
كۆلىدە زەمزەم سۈزۈك، باغدا ئانار، شاپتۇل، ئۆرۈك... مېۋىلەر شېرىن، چۈرۈك... دان، پاختىزار ئۇيغۇر ئۆيى.
قوشنىلار ھەم ئۆزئارا ئۆملۈك، ئىمانغا مەھلىيا، ئەڭ چىرايلىقـــتىن چىرايلىق گۈلئۇزار ئۇيغۇر ئۆيى.
توخۇ، ئۆردەك، ئىت، مۆشۈك، مال... ياڭرىتار سىمفونىيە، ئىلكىدە يايرايدۇ بارچە جانىۋار ئۇيغۇر ئۆيى.
چۆچىكى بوۋاي - موماينىڭ ئارمىنى جەننەتسىمان، ئەھلى باتۇر خىسلىتىگە جەڭگىۋار ئۇيغۇر ئۆيى.
مەكتىپى ئەخلاق - پەزىلەت، مەرىپەت، ئۆرپ - ئادىتىم، ئادىمىيلىكتە ئاۋامغا ئېتىبار ئــۇيغۇر ئۆيى.
ئىزگۈ ئىشلار ئۇۋىسىدۇر قۇت، ھاياتقا باشپاناھ، بايلىقى ئىنسانىيەتكە تۆھپىكار ئۇيغۇر ئۆيى.
«ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقىدۇر پۇت - قولۇمنىڭ بوشلۇقى»، ھەم ئەزىز مېھمان ئۈچۈن شاد دىلخۇمار ئۇيغۇر ئۆيى.
سەن ئۆمۈرلۈك قىممىتىم، قۇدرەت قۇچۇشتا ھۆرمىتىم، ئالدى پارلاق مىللىتىمگە ئىزباسار ئۇيغۇر ئۆيى.
ئۆي مېنىڭ جان لەزىزىم، ئۇشبۇ ۋەتەندە يىلتىزىم، تىنچ - ئامانلىق، قۇت، راھەتكە ئىنـتىزار ئۇيغۇر ئۆيى!
(ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن)
|