(مۇخەممەس)
زەر دىۋان، كەۋسەر دىۋان، دىلبەر دىۋان، سەرۋەر دىۋان، تۈركىي تىللارغا خاقان، تىل تەختىدە رەھبەر دىۋان، ئىپتىخارىم جانىجان، پەن سەتھىگە ئەختەر دىۋان، تىلشۇناسقا باغىبان، داستان ئارا جەۋھەر دىۋان، كۇللىياتقا تەرجىمان، ئوكيانى تىل، مۇنبەر دىۋان.
داغدۇغا قۇچقان بۇ يىلنى ئىككى مىڭ سەككىز، دېدۇق، بەلكى «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يىلىدۇر» شەكسىز، دېدۇق، خەلقىئالەم ئەتتى بەخش تاجدار باھا، تەقرىز، دېدۇق، ھۆرمىتى ئالىمغا ئىنسان ئەھلىنىڭ چەكسىز، دېدۇق، بارچە دىلنى شۇنچە مەستخۇش ئەيلىگەن ئەنبەر دىۋان.
قوزغىغان دۇنيا ئارا زور زىلزىلە كىمدۇر ئۆزى؟ كىم ئۇ پۈتكۈل ئەھلى ئىنسان ئالدىدا ئاپتاپ يۈزى؟ كىم ئۇ ۋەسلى مەرىپەتتە يەككە ھەم ئۆتكۈر كۆزى؟ كىم ئۇ مىليون توننا زەرگە توختىغان ھەر بىر سۆزى؟ ئىسمى مەھمۇد كاشغەرىيدۇر، قولىدا ئەسەر دىۋان!
ۋادەرىخ! مىڭ يىل بۇرۇن دۇنياغا كەلدى بىر بوۋاق، يۇرتى كاشغەر گۈلئۇزار، ئوپال ئاڭا ئاچتى قۇچاق، جىسمىدا ئۆركەشلىدى ئەركەك سۈيى نورۇز بۇلاق، زېھنىنى تاۋلاشقا پاك تاۋابىئات بولدى ئوچاق، مەكتىپى ئازىقتا باغاشلاپ قەلەم، دەپتەر، دىۋان.
ئاتىسى ئەمىر ھۈسەيىن بەختىيار ئەلنىڭ بېشى، جەڭ - ئەلەم، خىزمەت، قەلەمدە تەڭ يېتىلگەن دانىشى؛ ئانىسىدۇر بۈۋى رابىيە خېنىم، كۆپ پەرۋىشى، پەن - ئىلىم پەرۋانىسى، ئەخلاق - پەزىلەت خانىشى، ئارزۇلۇق مەھمۇد ئۇلارنىڭ باغرىدا نۆۋەر، دىۋان.
شۇ زامان... ئالىي بىلىم ئوكيانى كاشغەر جانجىگەر، كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقا داڭقى، پەنگە ھۆددىگەر، «مەدرىسەئى ساجىيە»، «ھامىدىيە»... ئەل بەھرىۋەر، خۇددى شۇ ئوكياندا غەۋۋاس ئىزچى مەھمۇد مۆتىۋەر، پەن - ئىلىمگە جان پىدالىق كۆڭلىدە مۆلچەر، دىۋان.
روھىنى دۇنياغا چاتسا مەنتىقە، ئىلمى نۇجۇم، مەشغۇلى تارىخ، يەنە جۇغراپىيە بولدى ئۇدۇم، تەتقىقات ئەيلەپ جاھانسازلىق، تېبابەتتە چوقۇم، ئەرەبى، پارس تىللىرىدا قالمىدى مۈجمەل ئۇقۇم... بارچە پەن گوياكى ئالتۇن، ھەزرىتىم زەرگەر، دىۋان.
ئوردىسى قاراخانىيلاردا ئېدىتلاپ مەشغۇلات، ئىگىلەپ ئىدارە قىلماق ھەققىدە مول تەپسىلات، قەھرىمان سەركەردىلەر كۆرسەتسە تەلىم، ئىلتىپات، ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىشتا قۇچتى يۈكسەك ئىستېدات، ئوينىتىپ ئۇ نەيزە، قالقان ھەم قىلىچ، شەمشەر، دىۋان.
ھالقىغاندا ئىككى ئوندىن ياش، تازا پىشتى يۈرەك، سۈردى بىخ دىل كەڭلىكىدە بىر يېڭى، ئالىي تىلەك: مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىختىن يىغىپ سەرخىل چېچەك، تۈركىي مىللەت قوۋمىنى دۇنياغا قىلماق چوڭ كۆرەك، مەلۇماتلاردىن يۈرۈشكە ئالدى يول لەشكەر، دىۋان.
شۇ ئۇلۇغ ئارماندا بالقىپ باشلىدى قۇتلۇق سەپەر، ئىزدىنىشتە قالمىدى ئۇ بارمىغان سەھرا - شەھەر، تۈركىي ئەل دۇنياسىنى تەكشۈردى پۇچقاققا قەدەر، ئىختىرادا ئۆتتى تېز ئون نەچچە يىل... توپلاپ خەۋەر، قايتتى كاشغەرگە، مۇناسىپ تەقلىنىپ مەرمەر، دىۋان.
كۆلسىمان تاشقاندا زەمزەمدەك تولۇق ماتېرىيال، پەر قېقىپ ئۇچقان قەلەمنىڭ ئالدىغا چۈشتى سوئال، ھەزرىتى موللام شۇئان يول ئالدى باغدادقا خۇشال، بولدى ھەل ئۇندا چىگىشلەر، يۈز ئېچىپ ئىزگۈ ۋىسال، ئىككى يىل قۇرلار چېچەكلەپ پۈتتى شام - سەھەر دىۋان...
يەتتە مىڭ بەش يۈزدىن ئارتۇق سۆز - ئاتالغۇ، تەزكىرە، دەۋرى قاراخانىيلاردىن خاتىرە، ئۇز مەنزىرە؛ ئىككى يۈزدە قىرىق ئىككى ئەدەبىي راي سەمەرە؛ ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ھېكمەت جان، ھاياتقا ئەندىزە، ھەر كەسىپ، تۇرمۇشقا دائىم تۇز ۋە بال، شېكەر دىۋان...
قەبىلە، قوۋملار ئارا جەڭلەر ئېسىل داستان سۇۋار، سەجئىلەر، بېيىت - قوشاقلارغا ئوقۇرمەن چىن خۇمار، بات ماقال - تەمسىل، رەجەزلەر مىسلىسىز كەتمەس باھار، ئۆتمۈشى ئەجدادلىرىمنىڭ ئۈنچىدەك قاتار - قاتار... بايلىقى ئۇيغۇر، كۆڭۈللەردە ئەتىر - سەبدەر دىۋان.
دەيدۇلەر مەھمۇد بوۋام: «... سۆز دېڭىزى بولدى قىيام، ھېچكىشى قوللانمىغان ئۇسلۇب بىلەن ئەتتىم تامام، مەڭگۈ خەلقىمگە تەۋەررۈك چوڭ مىراس بولسۇن مۇدام...» دەرھەقىقەت، بۇ ئەسەرنى ئەڭ بۈيۈك بىلدى ئاۋام... شۇنچە ھېكمەتلەرگە باي، كاتتا، لېكىن كەمتەر دىۋان!
ئادىمىيات پەنلىرىدە بۇ ئەسەر يېگانىدۇر، ھەر سۆزى، ھەر جۈملە، ھەرپى بىباھا دۇردانىدۇر، ئۆزگىچە ئۇسلۇب، ئاجايىپ مۆجىزە، شاھانىدۇر، تەڭدىشى يوقتۇر جاھاندا، ئەل شۇڭا ھەيرانىدۇر، يىلتىزىم، بەختىم، غۇرۇرۇم، دەستۇرۇم گۆھەر دىۋان! 8002 - يىل دېكابىر، ئۈرۈمچى
|