دوستلۇققا يار ئادەم __ ھەممە جايدا دوست ئۇچرىتىپ تۇرىدۇ؛ قەدىناسلىققا يار ئادەم __ ھەر قاچان، ھەر جايدا يالغۇز قالمايدۇ؛ ئادالەتكە يار ئادەم __ ھەممە جايدا پىكىرداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ؛ ھەقىقەتكە يار ئادەم __ ھەممە جايدا گېپىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلايدىغانلارنى ئۇچرىتالايدۇ؛ مېھىر - شەپقەتكە يار ئادەم __ ھەر قاچان، ھەر جايدا ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە تىنچلىق بەخش ئېتىدۇ؛ ئاق كۆڭۈللۈككە يار ئادەم __ ھەر قاچان، ھەر جايدا خۇشال ياشايدۇ ھەمدە كىشىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلالايدۇ؛ سەمىمىيلىككە يار ئادەم __ ھەممە جايدا ئىشەنچكە ئېرىشەلەيدۇ؛ ئىجتىھاتقا يار ئادەم __ ھەر قاچان، ھەر جايدا نەتىجىگە ئىگە بولىدۇ؛ كەمتەرلىككە يار ئادەم __ ھەر قاچان، ھەر جايدا كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ؛ ھۇرۇنلۇققا يار ئادەم __ ھەممە جايدا پەس كۆرۈلىدۇ ۋە كەمسىتىلىدۇ؛ شەخسىيەتچىلىككە يار ئادەم __ ھەممە جايدا كىشىلەردىن ئاغرىنىپ، نارازى بولۇپ يۈرىدۇ؛ ئادالەتسىزلىككە يار ئادەم __ ھەممە جايدا ئىناقسىزلىق سۆز - چۆچەكلىرىنى تارقىتىدۇ.
(تۇرۇپ بارات تەييارلىغان)
|