تەيۋەن قەدىمدىن تارتىپلا مەملىكىتىمىزنىڭ مۇقەددەس زېمىنى. بۇ گۆھەر ئارالدا، ناھايىتى بۇرۇنلا ئەمگەكچان، باتۇر گاۋشەن مىللىتى ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 440 مىڭدىن ئارتۇق، چوڭ قۇرۇقلۇقتا 3 مىڭدىن ئارتۇق گاۋشەن ئاھالىسى تارقاق ئولتۇراقلاشقان. گاۋشەن مىللىتى ئاساسەن تەيۋەن ئارىلىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە شەرقىي قىسىم دېڭىز ياقىلىرىدىكى ئۇزۇنغا كەتكەن جىلغىلىق تۈزلەڭلىكلەر ۋە لەنيۈ ئارىلىغا جايلاشقان. جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە تىل جەھەتتىكى ئوخشاشماسلىقلار تۈپەيلى، گاۋشەن مىللىتى ئۆز ئىچىدە ئۆزلىرىنى ئوخشاشمىغان ناملار بىلەن ئاتىشىدۇ. بۇ ناملار ئاساسەن: تەييا، سەيشيا، بۇنۇڭ، ساۋ، پەيۋەن، ئامېي، يامېي، بېينەن، لۇكەي، پىڭپۇ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. گاۋشەن تىلى مالاي - بولىنىزىيە تىل سىستېمىسىنىڭ ھىندونېزىيە تىللىرى ئائىلىسىگە مەنسۇپ. ئۇلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىدىغان بىرلىككە كەلگەن يېزىقى يوق. گاۋشەن مىللىتى __ تەيۋەننىڭ ئەڭ بالدۇرقى ئاھالىسى. تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار ئارقىلىق، گاۋشەن مىللىتىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى قەدىمىي «يۆ»لەرنىڭ بىر تارمىقى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. بىراق، تەيۋەن ئارىلى شەرقىي جەنۇب دېڭىز يۈزىدە بولۇپ، ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردا، رىيۇكيۇ تاقىم ئاراللىرى ۋە فىلىپپىن ئاراللىرىغا ئوخشاش جايلاردىن كەلگەن ئازساندىكى ئاھالىلارمۇ ئۇلار بىلەن قوشۇلۇپ، ھازىرقى گاۋشەن مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن. گاۋشەن مىللىتى ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، شال، سۆك، ياڭيۇ قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىستېمال قىلىدۇ. گاۋشەن مىللىتى تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان. ئۇلار كۆپىنچە كاناپ رەخت ياكى پاختا رەختتە تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىدۇ، گارسىنىيە دەرىخى پوستى، كوكۇس دەرىخى پوستى ياكى تېرىدىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىدىغانلىرىمۇ بار. گاۋشەنلەر مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن بىردەك سەدەپ - مارجانلارنى تىزىق قىلىپ كاناپ رەختلەرگە قاداپ تىكىلگەن «سەدەپ - مارجان كىيىم»لەرنى كىيىدۇ، ئۇ كۆزنى چاقناتقۇدەك كۆركەم بولۇپ، ئىنتايىن ئەتىۋارلىق بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق كىيىم ۋە رەختلەرنى پۇل ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. گاۋشەن مىللىتى ناھايىتى مېھماندوست كېلىدۇ. ئۆزئارا بىر - بىرىگە ھاراق تۇتسا قىزغىن مېھماندوستلۇقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىچمەي قويمايدۇ، ئۇنداق قىلمىسا ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ، دەپ تونۇيدۇ. نىكاھدا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم بار، يېقىن تۇغقانلار ئۆزئارا نىكاھلانمايدۇ. توي قىلىشنى «باغلىنىش» دەپ ئاتايدۇ. يىگىت - قىزلار بىر - بىرى بىلەن ناخشا - قوشاق ئېيتىشىپ، چىقىشىپ قالسىلا ئەر - خوتۇن بولسا بولىدۇ. ئۇلاردا يەنە «چىش تارتىش» ئادىتى بار. يەنى يىگىت - قىزلار نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن، ئوتتۇرا چىشىنىڭ يېنىدىكى ئىككى چىشىنى ياكى قوزۇق چىشىنى تارتىۋېلىپ، بىر - بىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئەتىۋارلاپ ساقلاپ، مەڭگۈ ئىرادىسىدىن قايتمايدىغانلىقىغا قەسەم ئىچكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. گاۋشەن مىللىتىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى ئىنتايىن مول ۋە رەڭگارەڭ. خەلق قوشاقلىرى، قەدىمىي قوشاقلار، ئەپسانە - رىۋايەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول. گاۋشەن ئاياللىرى ئەمگەك قىلغاندا ئېيتىدىغان «ئوغۇر دەستىسى نەغمىسى» ئۆزگىچە مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە نەغمە ھېسابلىنىدۇ. ئاياللار قوللىرىدا ئۇزۇن ئوغۇر دەستىسىنى كۆتۈرگىنىچە تاش ياغۇنچاق (شال ئاقلىغاندا ئىشلىتىلىدۇ) ئەتراپىنى ئايلىنىپ شال ئاقلىغاندا چىققان ياڭراق ئاۋازغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتقان يېقىملىق ناخشىلار كىشىگە ئاجايىپ ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ناخشىلىرى __ ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر مىللىي كۈيلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
(خەمىت نېغمەت تەييارلىدى)
|