مانجۇلار پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان بولۇپ، ئاساسەن لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، خېبېي، بېيجىڭ، ئىچكى موڭغۇل، تيەنجىن قاتارلىق ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئاپتونوم رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 10 مىليون 680 مىڭدىن ئارتۇق. مانجۇلارنىڭ ئۆز تىل - يېزىقى بار. مانجۇ تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسىنىڭ مانجۇ - تۇڭغۇس تىللىرى ئائىلىسىنىڭ مانجۇ تىل تارمىقىغا كىرىدۇ. مانجۇ يېزىقى 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. مانجۇلارنىڭ مەنبەسىنى ئالدىنقى چىن خاندانلىقى زامانىسىدىكى سۇشېنلار، شەرقىي ۋە غەربىي خەن سۇلالىسى زامانىسىدىكى يىلۇلار، شىمالىي خانلىقلار زامانىسىدىكى موخېلار ۋە لياۋ، سۇڭ، يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى زامانىسىدىكى جۇرجىتلار بىلەن قوشۇپ قارايدۇ. مىلادىيىنىڭ 1616 - يىلى نۇرغاچ ئەيشىن گور (چىڭ سۇلالىسىنىڭ تەيزۇ خانى) لياۋخې دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا كېيىنكى ئەيشىن خانلىقىنى قۇرغان. خۇاڭ تەيجى تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، 1636 - يىلى دۆلەت نامىنى چىڭ دەپ ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنى خان دەپ جاكارلاپ، مەملىكىتىمىز تارىخىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قۇرغان، پۈتۈن مەملىكەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىككىنچى ھاكىمىيەت − چىڭ سۇلالىسىنى قۇرغان. مانجۇلار بىلەن خەنزۇلار مەدەنىيىتىنىڭ بىر - بىرىگە بولغان تەسىرى كۆپرەك بولسىمۇ، مانجۇلار كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، توي - تۆكۈن، ئىسىم قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا ئۆزىنىڭ بىرقىسىم خاسلىقلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. مانجۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بۇغداي، كۆممىقوناق، تېرىق ۋە تۈرلۈك پۇرچاقلاردىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلىرىدىن «چاچىما»، «ئەيۋۇۋۇ» قاتارلىقلار خەنزۇ ۋە شەرقىي شىمالدا ياشايدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلىرىگە ئايلاندى. مانجۇلار ئادەتتە چوڭ پەشلىك ئۇزۇن چاپان ياكى كالتە كەمزۇل كىيىدۇ، بەزىلىرى سىرتىغا پىنجەك كىيىۋالىدۇ. مانجۇلارنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ياشلار يولدا چوڭلار بىلەن ئۇچراشقاندا بەدىنىنى ئالدىغا ئېگىپ، ئىككى قولىنى تۆۋەن سېلىپ تەزىم قىلىپ ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلار ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ؛ ئىتنى ئۇرۇشقا، ئۆلتۈرۈشكە ۋە گۆشىنى يېيىشكە بولمايدۇ. ئىت تېرىسىدىن تىكىلگەن باش كىيىملەرنى كىيىشكە، تۆشەكلەردە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ؛ ئىت تېرىسىدىن كىيىم كىيگەن كىشىلەرنى يامان كۆرىدۇ. مانجۇلار ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى، ھازىرقى زامان ئىنقىلابىي تارىخى، مىللىي ئەدەبىيات - سەنئىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. مانجۇلار ئارىسىدىن چىققان گۇەن شياڭيىڭ، چېن خەنجاڭ قاتارلىقلار پارتىيىمىز ۋە ئارمىيىمىزنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشى دەۋرىدىكى مەشھۇر رەھبەرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. مانجۇ خەلقى ئارىسىدىن ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان ئىختىساس ئىگىلىرى چىققان بولۇپ، ئۇلار مول ئەسەرلىرى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن.17 -ئەسىردە مەشھۇر ئەدىب ناران شىڭدې «سۇ ئىچىش بېيىتلىرى »، « قىڭغىر مالخاي» دېگەن دىۋانلارنى يازغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر ناھايىتى يۇقىرى بەدىئىي قىممەتكە ئىگە. فۇچا دۇنچۇڭ يازغان «يەنجىڭ (پايتەخت)دە ئۆتكەن كۈنلەر خاتىرىسى» ناملىق بېيجىڭنىڭ زامان - دەۋر ئەھۋالاتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ئائىت كىتابى، ساۋ شۆچىن يازغان ئۇلۇغ رېئالىزملىق رومان «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىقلار مەيلى ئىدىيىۋىلىك ياكى بەدىئىيلىك جەھەتلەردە بولسۇن، ئوخشاشلا دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئەتىۋارلىق ئەسەرلەردىن ھېسابلىنىدۇ.
(خەمىت نېغمەت تەييارلىدى)
|