يادلاش
كېچە ۋە كۈندۈزلەرنىڭ تىنىقى، تۇپراق ۋە گىياھلارنىڭ تىۋىشى سېنىڭ نامىڭ ئىدى، ئامرىقىم. سوغۇق ئۈستەللەرنىڭ كەينىدىن، گۈلزار رىشاتكىلىرىنىڭ ئاراچلىرىدىن ساڭا ئۈمىد بىلەن باقاتتىم. مۇھەببەتلىك قوينۇڭنى سىم توزانلىرى خىرەلەشتۈرگەنىدى. بىلەمسەن جېنىم! تەنھالىقىم شۇ قەدەر ۋايىغا يەتتى. گۈلگۈن ئەستىلىكلىرىڭلا مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ مەزمۇن ۋە مەنىسى ئىدى. بۇ دۇنيادىن ئۆزۈمنى ئىزدىگەن چېغىمدا، يانتاق گۈللىرىنى ئۆزۈمگە سىياقلايمەن. ئۇ، شۇقەدەر باراقسان ئىدى. ئۇ، شۇ قەدەر باراقسانلىغان ئىدىكى، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە كۈچ- قۇۋۋەت ئىزدەيدىغان ئاتلارنىڭ ئىسكىلىتلىرىمۇ ئاللىقاچان توپىغا ئايلانغان ئىدى. بىلەمسەن جېنىم؟ تەنھالىقىم شۇ قەدەر ۋايىغا يەتتىكى، مەۋجۇتلۇقۇم خىيالغا، خىياللىرىم شامالغا ئايلىنىپ سېنىڭ نامىڭنى يادلايتتى.
مەڭگۈلۈك سۆيۈش
ۋاپادارلىق، ساداقەت، ئازاب ھەققىدە قول شىلتاپ سۆزلەپ كەتتىڭغۇ؟ ئۆزۈڭنى باس، ئۆزۈڭنى بېسىۋېلىشنى ئۆگەن! ئەگەر ئۆزۈڭنى ئىپادىلەشنىڭ توغرا يولىنى تاپالمىساڭ ياكى قەلب زەردابلىرىڭنى تۆكۈشكە پۇرسەت، سىرداش تاپالمىساڭ، تۇرمۇشتا ھەرقانچە ناھەقچىلىققا يولۇقساڭمۇ، يۈرىكىڭ ئاچچىق ئازابقا تولسىمۇ يەنىلا ئۆزۈڭنى بېسىۋال! بىر كۈنلەر كېلىپ، سېنى ئازابلىغانلار ئۆز قىلمىشلىرى ئالدىدا ۋىجدان سورىقىغا قالىدۇ. قارىغۇ ھەسەت، يۈزسىز گۇمانخورلۇق، شەكىلسىز ئەيىبلەش، ئۇزاق پەرۋىشلەردە ئېچىلغان مۇھەببەت گۈلىنى رەھىمسىز كۈزگە، ۋاقىتسىز غازاڭغا بالدۇر ئېلىپ بارىدىغان قەدەمدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ ھەقىقەتنى چۈشەنگەندىكى ئازابى سەن ئۆزۈڭنى بېسىش بەدىلىگە تۆلىگەن بەدەللەردىن كۆپ بولىدۇ. ماھىيەتنى چۈشەنمەي قارىغۇلارچە ھۆكۈم چىقىرىش، كەلگۈسىگە قارىماي، بۈگۈنگە ئىشەنچ قىلالماسلىق، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنى ۋەيران قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەي، مېنىڭ مەڭگۈلۈك پەرىشتەم، ھېچقانداق سىرى بولمىغان يۈرەكنىڭ قىممىتىمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ھالبۇكى، سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەممە سىرلارنى ساڭا ئاشكارا ئېيتىشىم كېرەكمۇ؟ مەن ئادەملىكىم بىلەن ھەممە سىرلارنى ساڭا ئېيتىپ، ئۆزۈمگە ئوڭ، ساڭا خاتا بايانلار بىلەن چەكسىز ھەم پاكىز سۆيگۈمىزگە شەك كەلتۈرۈشكە قانداقمۇ پېتىناي؟ سۆيگۈ بايانلىرى ئاشكارا بولماسلىقى بىلەن دەبدەبىلىكتۇر. يۈرەكتىكى مۇھەببەت يېرىپ كۆرسەتكىلى بولماسلىقى بىلەن قىممەتلىكتۇر. سېنىڭ ماڭا بولغان ئىماندەك پاكىز مۇھەببىتىڭ، سېنى پانىيدىكى جاپاكەش پەرىشتىگە ئايلاندۇردى. مېنىڭ شائىرانە گۇناھلىرىم مېنى باقىيدىكى ئەقىدىسىز شەيتانغا ئايلاندۇردى. بارلىق تاۋۇشلار بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئىستىغپارلىرىم، ئۈنسىز يۈرىكىم ئىزاھلىرى، جىمجىت كېچىلەردىكى يازمىلىرىم سېنى نەقەدەر سۆيىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلاپ تۇرمامدۇ؟ مىسالكى، ئىماننىڭ كامىللىقىنى قايسى ئىنسان تىل بىلەن ئىپادىلىيەلىگەن؟!
ئامرىقىم
شاۋقۇنلىرىم باغرىغا يېيىلغان سۈكۈت نۇرىسەن، ئامرىقىم. بىلەمسەن، شاۋقۇنلىرىم ئۆزۈمگە چۆككەن تۇرمۇش رىتىملىرىم بىلەن بەرىكەتلىك ئىدى، ئارمانلىرىمغا بەلگە قىلىنغان تەنتەكلەرچە ھەرىكەتلىرىم بىلەن سۈلكەتلىك ئىدى، ئىچىمگە سىڭگەن سىرلىرىم بىلەن قىممەتلىك ئىدى. مانا، ئەمدى سەن قاغجىرىغان قەلب بوستانىمنىڭ يىگانە كارىزىغا ئايلانغىنىڭدا، شاۋقۇنلىرىم مەھەللەمدىكى كۆلدەك سۈكۈتكە تولغان ئىدى. يوللىرىم قۇپقۇرۇق. لەرزان تىۋىشلىرىڭ قۇرىغان كارىز تىلسىمىدەك ئېغىر جىمجىتلىقنى نامايان قىلاتتى. بۇ، تولۇنئاي مۇھەببەتلىك دۇنيايىمىزغا سۈترەڭ دەرپەردىسىنى تارتقان چاغ ئىدى. گىرىمسەن كارىز بويىدىكى مەجنۇنتال ئاياغ ئىزلىرىمىزنىڭ سىممىتېرك كېلىشىنى كۈتۈپ ھارغىن باش ئەگكەن چاغ ئىدى. شاۋقۇنلىرىم − قەلبىم ئاۋازى ھېچكىم ئاڭلىيالمايدىغان دەرىجىدە كۈچىيىپ، ياپراقلارغا چۈشكەن نۇر تالالىرىغا، يالپۇزلاردا يالتىرىغان شەبنەملەرگە، ئاياغلىرىڭنى سېغىنىپ تۆكۈلۈپ ياتقان يۇمشاق توپىغا ئايلانغان چاغ ئىدى. بىلسەڭ جېنىم، لەرزان ئاۋازىڭ مەن چارىسىز قالغان ماھىيەتنى يىرتىپ تاشلايتتى. لەرزان ئاۋازىڭ مېنى ئۆز قوينىغا ئالغان دۇنيانى ئىنكار قىلاتتى. يەنە لەرزان ئاۋازىڭ دۇنيادا بەخت ئاتالغۇسىنىڭ بەك كونا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايتتى...
يالغۇزلۇق
مېنى راستتىنلا سۆيەمسەن، جېنىم؟ ئۇزاقلاردىن سەن بىلەن ئاشق- مەشۇقلاردەك ياشاپ كەلدىم. بۇنىڭغا قەلب قەسرىمىزدە مودا بولغان تەسىرلىك داستانلار گۇۋاھ. سەزدىڭمۇ، قەلبىمىز سىرلىرىغا پىنھان ۋىسال يوللىرىدىكى ياپراقلار باش چايقاپ، گىرىمسەن كوچىلار غۇم ساقلاپ يالغۇزلۇقۇمنى ئەزمەكتە. بىز ئېرىشىش ئۈچۈن گۈزەل پۇرسەتلەرنى يارىتىپ تۇرىمىز. بۇ پۇرسەتلىرىمىزنى ئاشۇ تىمتاس كوچا ۋە شېتىلە ياپراقتىن باشقا ھېچكىم كۆرگەن ئەمەس. ئەلۋەتتە تەسەۋۋۇر قىلىنغان گۈزەللىكلا ۋايىغا يەتكەن گۈزەللىك ھېسابلىنىدۇ، ۋايىغا يەتكەن گۈزەللىكلا تەسەۋۋۇردا بولىدۇ. ئاشىقانە گۈزەل پۇرسەتلىرىمىز دەل بۇنىڭ تەمسىلى. سەن سۆيۈش ئىزدەپ پۇرسەتلەرگە مۇشتاق بولىسەن، مەن ۋىسال ئىزدەپ ھىجران چۆللىرىنى كېزىمەن.
ئۇيقۇ مەستانىسى
ئەي يار. ئۇيقۇ سەپىرىنىڭ ھېرىسمەن يولۇچىسى بولغىنىڭنى ئەمدى بىلدىم. ۋىسال ھەققىدىكى نۇتۇقلىرىم، مۇھەببەت ھەققىدىكى سۈكۈتلىرىم، مەۋجۇدىيەت ھەققـىـدىــكــى ۋەزخانلىقىم سەن ئۈچۈن يۇلتـۇزلاردەكلا ئەرزىـمـەس تـەرىـپـىـمـمـىـدۇ؟ غـەپـلـەتـنـىـڭ يـۇمـشــاق بـارمـاقـلـىـرى سېنى پەپىلەپ، كىرپىكلىرىڭ ئارىسىدىكى گىرىمسەن نۇرلاردىن سېنى بەزدۈرمىـســە، يـۇلـتـۇزلـىـرىـم بۇنچە خىرەلەشمىگەن بولاتتى. يۇلتۇز ئەڭ ئاخىرقى كېچىگە بولغان ئۈمىدىم ئىدى. غېرىپلىق شەكىلسىز كۈيلىرى بىلەن شەپەقنىڭ بارغانچە يـىـراقلاۋاتـقـان ئاداقـقـى تـۇغـىــنــى مەدھىيىلىمەكتە. ئەلۋىدا يۇلتۇزلىرىم! لېۋەن كۈندۈزلەرگە سۈلكەت ئاتا قىلغان مەۋجۇتلۇقۇم ســېــنــىــڭ شـوخ كۈلكەڭ بىلەنلا ئالەمگە زاھىر ئىدى. نۇتۇقلىرىم بەھەيۋەت قىيالاردا ئەكسلەنگەن ھۇۋلاشلارغا ئوخشايتتى. سۈكۈتلىرىم ئىپتىدائىي ئورماندەك بەرىكەتلىك ۋە گۈزەل ئىدى. ئۈمىدىم پەقەت سېنىڭ چاقناق كۆزلىرىڭ بىلەنلا روشەن ئىدى. كېچە مەن ئۈچۈن روھىمنى بىلەيدىغان، جىسمىمنى قۇۋۋەتلەيدىغان، قۇۋناقـلـىـق كـۈيــىــنــى تۆككۈچى مۇقەددەس پەدىلىرىمنى تەڭشەيدىغان ئۆتەڭ ئىدى... ئەپسۇس، ئەي يار، ئۇيقۇ سەپىرىنىڭ مەستانە يولۇچىسى بولغىنىڭنى ئەمدى بىلدىم.
ۋاپا
مەندەك بىر زەردارنىڭ سەدىقىسىنى قوبۇل قىلمامسەن، ئەي دۇنيانى تەرك ئەتكەن ئاشىق؟ ياز بالدۇر رەسىدە بولغان بۇ كۈندە، سەن ئادەملەر قىستىشىپ يۈرگەن ئاۋات كوچىدا كۆزۈڭنى يۇمۇۋېلىپ، ۋاپادارلىق ھەققىدىكى مۇناجاتلىرىڭنى تۆۋەن ئاۋاز بىلەن چەكسىز خاتىرجەملىك تۇيغۇسىدا ئېيتىۋاتاتتىڭ. ئالدىڭدا قاراپ تۇرغان ئادەمنى − غەمكىن سالاپەتنى كۆرمىدىڭمۇ؟ قىسمەتلىرىم مېنى ساڭا چوڭقۇر خىيالدا بېقىشقا مەجبۇر قىلدى. مېنىڭ ئىزتىراپلىرىم دەل ئاشۇ ۋاپادارلىقنىڭ يىلتىزىدىن ئۈنۈپ چىقىپ بوي تارتقانغۇ؟ ئەمما، ۋاپادارلىق مۇشۇ بازاردا بەك قىممەت نەرسە بولغاچقا، ئۇنى قانداق قىلىپ ئۆز ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇشنىڭ كويىدىمەن. ئەي، ۋاپادارلىقنىڭ پەرۋىشكارى. خالىساڭ، مەن كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز سالاپىتىمنى ساڭا بېرىشكە رازىمەن. كەل! سەندىكى ۋاپادارلىق بىلەن مەندىكى سالاپەتنى تېگىشەيلى. مېنىڭ قۇرۇق سالاپەتنىڭ خوجىسى بولغىنىمدىن كۆرە، سەندەك ۋاپانىڭ قەلەندەرى بولغىنىم ئەۋزەل. ئەمما... ئەمما، سەن ماڭا شۇ قاراپ قويغانچە قىلچە پەرۋا قىلمىدىڭ. خۇددى ئۆز جەزبدارلىقىنى جىلۋە قىلدۇرۇشقا ئالدىراۋاتقان قىزدەك، مەندەك بىر سالاپەت ئىگىسى ساڭا تىكىلىپ تۇرمىغاندەك مۇڭلۇق مۇناجاتنىڭ مەرغۇلىغا چۈشكەن ئىدىڭ. ۋاپا ھەققىدىكى بۇ كۈي مېنىڭ كۆرۈش دائىرەمدىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ چىقىپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاۋاتلىقىنىمۇ تىلغا ئالغۇسىز قىلىۋەتكەن ئىدى. ئى، ساداقەتتىن ئېقىن ياساپ ھاياتلىقنى سۇغارغۇچى، ماڭا ۋاپا خەزىنەڭدىن زەررىچە پەزىلەت ئىلتىپات قىلساڭچۇ!
(ئاپتور: تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا)
|