www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
مەن ۋەتەننىڭ ھەممە نېمىسى
ئاپتور:ئابدۇرېھىم زۇنۇن    چېكىلىش سانى:3535    ۋاقتى:2007-4-3    . www.seltenet.com .

دېھقان

دېھقان  __  يەرنى سۆيگەن، يەرگە كۆيگەن، يەر ئىشقىدا پۇچۇلانغان، ھىجران خۇمدانلىرىدا تاۋلانغان ئاشىق.
دېھقان  __ يەر بىلەن تومۇرداش، يەر بىلەن نەسىلداش، يەر بىلەن نەپەسداش، يەر بىلەن پىكىرداش، يەر بىلەن دوست - ئاداش ئىنسان.
دېھقان  __ ئۆز ئەجىر - تەرى ئارقىلىق جانلىقلارغا دان، نان يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ئەلچى.
دېھقان   __  جاپادىن، ئەجىر - مېھنەتتىن، سېسىق - مەينەتتىن قورقمايدىغان باتۇر.
دېھقان   __  ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن، راھەت - پاراغەتتىن يىراق تۇرغۇچى خىزىر - پەرىشتە ...
دېھقان   __  ئۆمۈر بويى ئەجىر - تەرى ئۈچۈن مىننەت قىلمايدىغان، قوينىڭ قوزىسىدەك ياۋاش، بوۋاقتەك پاك، ھاتەمدەك سېخى، نۇشرىۋانى ئادىلدەك ئادىل، رۇستەمدەك ئىشچان ئىنسان.
دېھقان   __  توغراقتەك چىداملىق، زېمىندەك مەرد، ئېقىن سۇدەك جۇشقۇن، قۇياشتەك ھەممىنى تەڭ بەھرىلەندۈرگۈچى مېھماندوست ئادەم.
دېھقان   __  دۇنيادىكى بارلىق بايلىقلارنىڭ ياراتقۇچىسى، تاراتقۇچىسى، خەزىنىلەرنىڭ ئامبارچىسى، ئادەملەرنىڭ گۈلتاجى، ھاياتلىقنىڭ يادروسى ...

دېھقان بولغاچ تۇرار يەر ئۆرە،
ئاپتاپ كۆرەر جىمىكى مۈرە ...
مەن ۋەتەننىڭ ھەممە نېمىسى

مەن    __  چەكسىز دېڭىزدا يېگانە قولۋاقتا ئولتۇرۇپ، سەيلە قىلىۋاتقان غېرىب سەيياھ.
مەن    __  تەتۈر قۇيۇنلار ئۇچۇرۇپ يۈرگەن بىچارە غازاڭ ...
مەن    __  يىراق - يىراقلاردىن شىلدىرلاپ ئېقىپ كېلىپ، تەكلىماكان باغرىغا سىڭىپ كېتىۋاتقان جۇشقۇن - ئويناق ئېقىن سۇ.
مەن    __  ئۆز قېرىنداشلىرىم ئالدىدا يۈرىكى بىلەن توختىماي سۆزلەيدىغان گاچا.
مەن    __  كۆزى يوق كۆرەلەيدىغان ، قۇلىقى يوق ئاڭلىيالايدىغان ، تىلى يوق سۆزلىيەلەيدىغان ، پۇتى يوق ماڭالايدىغان ، سەزگۈسى يوق تېتىيالايدىغان ، ھېس - تۇيغۇسى يالىڭاچلانغان قىلىچتەك پارقىراپ تۇرىدىغان ئۆلۈك.
مەن   − تىمتاس دالىلارغا، تاغ - يوتىلارغا، قۇرت - قوڭغۇزلارغا، يىلان - چايانلارغا، ئىزگۈ نىيەتلىك   − ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە، پاسىق تەنلەرگە، تاڭدەك ئاقىرىپ ياتقان دۈمچەك - دۈمچەك قەبرىلەرگە، جۈملىدىن كۈللى كائىناتتىكى جىمىكى نەرسىلەرگە توختاۋسىز نۇر سېپىپ تۇرىدىغان ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ سېخى قۇياش.
مەن   − تەقدىرى قىلىچ ئۇچىغا ئىلىنىشىپ قالغان ئۇپۇق سىزىقىدىكى رەڭگارەڭ ھەسەن - ھۈسەن.
مەن  − ئۆزى ئاپىرىدە بولغان ئانا زېمىندىن مىدىرلاتقىلى بولمايدىغان غايەت زور گۆھەر تاش ...
مەن  − بەختسىزلىك ئىچىدىن بەخت، دەرد - ئازاب ئىچىدىن شادلىق - پاراغەت، پالاكەت ئىچىدىن نۇسرەت تاپقۇچى بەختىيار ئادەم.
مەندە نۇرغۇن - نۇرغۇن نەرسىلەر يوق. بىراق نۇر، ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراق، ئۇرۇق، ئارزۇ - تىلەك، تالماس بىلەك، ئەڭ مۇھىمى كاۋاپداندا ۋىژىلداپ پىشىۋاتقان كاۋاپقا ئوخشاش كۆيۈپ تۇرىدىغان ئاتەش يۈرەكلا بار ...
مەن   __  ۋەتەننىڭ ھەممە - ھەممە نېمىسى ...

سايەمگە

ئەي سايەم، سەن نېمىگە ئوخشايسەن؟ قارا سىياھ بىلەن ئۆچۈرۈپ تاشلانغان   __  ئوقۇغىلى بولمايدىغان خەتكە، مەقسەت - مۇددىئاسىنى بىلگىلى بولمايدىغان شۇم نىيەتكە، جىن - شاياتۇنلارغا ئوخشايسەن !  قۇياش پارلىغاندا، ئاي بالقىغاندا، چىراغلار چاراقلاپ يانغاندا … خۇددى ھارۋىغا قېتىلغان ئېشەكنىڭ تەخىيىدەك مېنىڭ ئالدى - ئارقامدا، ئوڭ - سولۇمدا گېدەيگىنىڭچە پەيدا بولۇپ، مەندىن خېلىلا ئۇزىراپ كېتىسەن. ھەتتا ماڭا يول باشلاۋاتقاندەك ئالدىمدا شاپاشلاپ يۈرىسەن ...
مەن كىتابلارنىڭ گۈل بەتلىرىگە مىقتەك قادالغان، تەپەككۇر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغان، ئىجاد - كەشپىيات ئوچاقلىرىدا تاۋلىنىۋاتقاندا بولسا نەگىدۇر غايىب بولىسەن.
مەن گەپتە، نەپتە بار، غەمدە يوق؛ ساندا، ھەردەمدە بار، ھەمدەمدە يوق؛ ئاشتا بار، ئىشتا يوق؛ كۈندۈزدە بار، تۈندە يوق ھارامتاماقلاردىن تولىمۇ بىزار.
يوقال، ئەي قولىدىن ئىش كەلمەس، ئەلگە نەپ بەرمەس، جان باقار سايەم !

دوستلۇق ئالبۇمى

مەن ھاياتلىق سەپىرىمنىڭ 40 - داۋىنى ئالدىغا كەلگىنىمدە، كونىلارنىڭ: «ئادەم قىرىق ياشقا كىرىپمۇ ئەقلىنى تاپالمىسا، ھايۋاندىن ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ» دېگەن سۆزى خىيالىمدىن كېچىپ قالدى.
مەن دوستلۇق ئالبومىمنى قولۇمغا ئېلىپ، ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرغان ھەربىر دوستۇمنىڭ چىراي شەكلى، قىياپىتى، قاش - كۆزلىرى، سۈرەتكە چۈشكەن چاغدىكى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان مەنزىرىلەرگە سەپسېلىپ خۇددى ئۇستا پسىخولوگىيە دوختۇرىدەك ئانالىز قىلىپ چىقتىم. بۇ جانسىز دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى بىر - بىرىدىن قامەتلىك ھەم چىرايلىق بولسىمۇ، ئەمما جانلىق دوستلىرىمنىڭ پەرقى خېلىلا زور ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنى ئۆتكەمە، غەلۋىر، يۇپقائەلگەك ۋە توقائەلگەكلەردىن ئۆتكۈزۈپ، بىر - بىرلەپ تاسقاپ چىقتىم:
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ساداقەتمەنلىك، سەمىمىيلىك، پاكلىق، ئالىيجانابلىق، مىللىي روھ، ئىلىم - مەرىپەتتە كامالىي ئەقىل، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ... ھەققىدە توختىماي ۋالاقلىسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە پايدا - مەنپەئەت، قۇۋلۇق - شۇملۇق، كاززاپلىق، پۇرسەتپەرەسلىك، شارابخورلۇق، ئەيش - ئىشرەت بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ، ئەمەل - تاج كويىدا پۇچۇلۇنۇپ ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ يۈرەتتى ... بۇنداقلار باشقىلارنىڭ كەمسىتىش ئوبيېكتى بولغاچقا، روھىي زۇلۇم، ئازاب بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا ئىڭراۋاتاتتى ...  مەن بۇلارنى دوستلۇق ئالبۇمىمدىن رەھىمسىزلەرچە چىقىرىپ تاشلىدىم.
يەنە بەزىلەر ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئۈن - تىنسىز ئىشلەپ، ۋەتەن ۋە مىللەتكە تۆھپە قوشۇۋاتاتتى . ئۇلار ئالدىنقىلاردەك داۋراڭ سالمايتتى، پايدا - مەنپەئەت، ھوقۇق .. . دېگەنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيتتى. ھاراق - شاراب، ئەيش - ئىشرەتنى تەرك ئېتىشكەنىدى. ئۇلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن باش قاتۇراتتى. ياشلار - ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيىلەشنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مەبلەغ سالاتتى. «ۋاقتىڭ كەتتى  ! بەختىڭ كەتتى»رىسالىسىنى پىششىق بىلەتتى. جۇشقۇن مىللىي روھ بىلەن ئالىيجاناب مىللىي پەزىلەتكە نائىل ئىدى. مائارىپقا خۇددى مېھرىبان ئانىدەك كۆيۈنەتتى. كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى   __  ئوقۇغۇچىلارنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايتتى ...
مەن ئاشۇنداق پەزىلەت ئىگىسى  __  چىن دوستلىرىمنىڭ سۈرىتىنى قولۇمغا ئېلىپ، تىكىلىپ تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرگەندىن كېيىن، توپا باسقان چىرايلىرىنى يۈرىكىم بىلەن سۈرتۈپ، يېڭى ئالبۇم تەييارلاپ، چىرايلىق تىزىپ چىقتىم ۋە »ياشاپ كېتىڭلار ئەزىمەتلەر!« دەپ ئۆز - ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم ...

كىم ئۇ ...

كىم ئۇ، مېنىڭ خاتىرجەملىكىمنى بۇزۇپ، كۆڭۈل كۆلچەكلىرىمگە داڭگال ئېتىپ، داۋالغۇتۇۋاتقان؟
كىم ئۇ، مېنى بېلىققا ئوخشىتىپ، قىزىق قۇملۇققا تاشلاپ، چاكىلدىتىۋاتقان؟
كىم ئۇ، مېنى قايناۋاتقان ياغقا تاشلاپ قورۇۋاتقان؟
كىم ئۇ، مېنى ۋەھشىي چىل بۆرىگە ئوخشىتىپ كىرپىك ئوقيالىرى بىلەن ئوۋلاۋاتقان؟
كىم ئۇ، مېنى چالما - كېسەكلەرگە ئوخشىتىپ ئىشق - مۇھەببەت خۇمدانلىرىدا تاۋلاۋاتقان؟
كىم ئۇ، يۈرىكىمنى ئالمىغا ئوخشىتىپ، كۆزلىرىدىن ئاققان تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ، ئىچىدىن قۇرتتەك غاجاپ يەۋاتقان؟
كىم ئۇ، يۈرىكىمگە بازغان ئۇرۇپ نەپەس ئالدۇرمايۋاتقان؟
كىم ئۇ، ماڭا بىچارىلەرگە ئوخشاش ئاشىقى بىقارار بولۇپ، دىل رىشتىمنى ئۈزەلمەيۋاتقان؟
كىم ئۇ ...


ئارمان، سۆيگۈ ۋ رېئاللىق

ئارمانلار ئەسەبىي ھېسلارنىڭ گىرۋەكلىرىدە يېڭى - يېڭى ئارمانلارنى تۇغۇپ ياشنايدۇ. بەزىدە رېئاللىق ئارمانلارغا مىنگەشكەن غايە - ئىستەكلەرنى بەربات قىلىپ، تۇنجۇقتۇرۇپ تاشلايدۇ. تۇرمۇشنىڭ يېپيېڭى ئىستەكلىرى كۆزلەرنى توختاۋسىز ياشلايدۇ ...
ئىشق - مۇھەببەت ئوتى تۇتاشقان يۈرەكلەردە ماگما قاينايدۇ. ئۇنىڭغا ئانتاركتىكانىڭ مۇزلىرىمۇ كار قىلمايدۇ. ئازابنىڭ، تۆلىگەن بەدەلنىڭ ھەربىر بابىدىن تۈمەنلىگەن پەرھاد - شېرىن، غېرىب - سەنەم، تاھىر - زۆھرە ... لەر ئۈنۈپ چىقىدۇ. سۆيگۈ گۈلخانلىرىدا پۇچىلانغان قىز- يىگىتلەرنىڭ روھى ۋە جىسمىدىن ئاپىرىدە بولغان يېڭى سۆيگۈ داستانلىرى پۈتۈلىدۇ. ھاياتلىق ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىدۇ ...
كۈللى كائىنات پاك سۆيگۈدىن بەخت بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىدۇ. سۆيگۈسىز دۇنيادا ھېچقانداق لەززەت، راھەت - پاراغەت بولمايدۇ.
ئىخلاس - ئەقىدە، ۋاپا - ئېتىقاد قۇياشى بالقىپ سېخى نۇرلىرىنى چاچقاندا، دوستلۇق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ ... شۇڭا ، مۇئەللىپ قۇرلارغا مۇنداق قەلەم چېكىدۇ :
سۆيگۈسىز دۇنيانىڭ نېمە لەززىتى؟
سۆيگۈدىن قۇت - بەخت تاپىدۇ ئىنسان !
بولمىسا ئادەمدە ئېتىقاد، ئارمان،
ئۇ، ئۆرە يۈرگۈچى گال باقتى ھايۋان ...

(ئاپتور: خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى گېزىت - ژۇرنال تەھرىراتىدا)
ژۇرنىلىمىز 2004.5 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تەنھا سۆيگۈ
 گۈزەللىك ھېسلىرى
 بۆرىلەر ھۇۋلىماقتا...
 ئىككى نەسر
 ھاياتلىق ئۆزىنى قۇت...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号