قەلەندەر
تىلىسەڭمۇ تىلەرسەن ناننى، ئالالمايسەن ئەمما جاھاننى. سېنىڭ يۈدۈۋالغىنىڭ خۇرجۇن، كۈتۈرۈۋالغىنىڭ ساپايىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ غېمى. باشقىلارنىڭ ئەمەس ئۆزۈڭنىڭ كىچىككىنە جېنى. شۇڭىمۇ سايەڭدەك يەڭگىل بەخت قوينىدا ئۆزۈڭنى قەتلە قىلىپ، ئەڭ ئاجىز بەندىلەر سىياقىدا دۇنياغا يۈكۈنىسەن، تاش ئادەملەرگە قول سۇنىسەن. بىر بۇردا نان، پارچە - پۇرات پۇل - پۇچەك ئۈچۈن سۈبھىدىن شامغىچە غۇرۇرۇڭنى مىڭ مەرتەم پايخان قىلىسەن. ئادەم تۇرۇپ ئادەملەرگە ئېگىلىسەن، پۈكۈلىسەن، تۈگۈلىسەن. گاھىدا تېخى تىل - ھاقارەت، دەشنام ئوقلىرىدىن مىڭ تىرىلىپ، مىڭ ئۆلىسەن. ئۆلىسەنۇ، ئۆلىسەن، بەزەن - بەزەن كۈلىسەن، ئېتىقادنى قۇل قىلىپ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن. شۇنداق، سەن ھەربىر قەدىمىڭدە خۇنۈك تەبەسسۇم جىلۋىسىدىن تاشتەك قېتىپ كەتكەن باغرىڭنى دارغا ئېسىپ، ئىپپەت سارىيىڭنى تەرك ئېتىسەن. شۇڭا ئوق يېسەڭمۇ، پوق يېسەڭمۇ سايەڭگە ئەگىشىپ، چۈشۈڭنىڭ پىشىگە ئېسىلىسەن. ئەمەلىيەتتە چۈشلىرىڭمۇ شۇنچە بىچارە. ئۇنىڭدا قۇياش بولۇپ نۇر چاچىدۇ نان، سېتىلسىمۇ ئىززەت - ئېكرام، شان !شۇڭىمۇ سەن كۈچۈكلىنىسەن، تەلمۈرىسەن، كىشىلەر ئىشىكىدە قار بىلەن يۇيۇنۇپ، ئاپتاپ بىلەن قاقلىنىسەن. ئەمما بىر ئۆمۈر تىلىسەڭمۇ ئادەملىكنى ئىسپاتلىيالمايسەن. چۈنكى خۇرجۇنۇڭدىكى ئېتىقاد ئەمەس نان، تىلىگىنىڭ ھېكمەت ئەمەس نان. چالغىنىڭ ھاياتلىق مارشى ئەمەس، نان تېپىش كۈيى. ناننى يېسەڭ قۇتقۇزار جاننى، پاكلالمايسەن ئەمما ۋىجداننى. تىلەپ باق ! خۇرجۇنىڭ توشسا توشىدۇكى، ئەقلىڭ تولمايدۇ. بىلىشىڭ كېرەككى، سەن تىلەپ جېنىڭنى قۇتقۇزغان بىلەن روھىڭنى ئۆلتۈرىسەن. سېنىڭ قول كۆتۈرۈشلىرىڭ، پىچىرلاشلىرىڭدا بىچارىلىك، ئاجىزلىق ۋە مەغلۇبلۇق تۆكۈلۈپلا تۇرىدۇ. تەڭرى ئەزەلدىن لالما ئىتقا ياخشى كۈننى بەرگەن ئەمەس. ئەمدى سەن ئېتىقادىمنىڭ ئىنئاملىرىغا قۇلاق سال ! ئۆزۈڭنى باشقىلارنىڭ قەلبىدىن ئىزدىمەي، ئۆزۈڭدىن ئىزدە !رېئاللىقىڭنىڭ قۇرۇپ كەتكەن قىسمەتلىرىگە ئوت قوي !مەينەت ئارزۇيۇڭ ۋ سارغايغان بىچارە يۈرىكىڭ كۆيۈپ كۈل بولسۇن !خۇرجۇن ۋە ساپايەڭدىن بىخسىپ، كۆكىرىپ كەتكەن تۇيغۇلىرىڭ ئەمەس، قۇياشنىڭ تال - تال نۇرلىرى چېچىلسۇن !شۇندىلا يوللىرىڭدىن ئۆزۈڭنى تاپالايسەن، ئىزلىرىڭدىن سىياھىڭنى كۆرەلەيسەن. بولمىسا ئۆمۈرۋايەت ئىززەت - ھۆرمەتكە نائىل بولالمايسەن.
مېنىڭ تىلىم
ئانا تىلىم _ ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇرنىڭ قېنى، قېنى نېمە؟ ھاياتلىقى، بارلىقى جېنى. مېنڭ تىلىم مېنى تەۋەللۇت قىلغان، تەمتەم قەدەملىرىمدە مۇزىكا كۈيلىرىدەك زۇۋان ۋە ھېس - تۇيغۇ، ئىزگۈ ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغان خاسىيەتلىك تىل. ئۇ ئانام روھىدەك پاك ۋە غۇبارسىز تىل. ئۇنىڭ مەنە كەڭلىكىدە خۇددى دېڭىزدىكى يەلكەندەك ئەركىن ئۈزگىنىمدە ئۆزۈمنى گويا كۆكتىكى قىران بۈركۈتتەك چەبدەس ۋە غالىب ھېس قىلىمەن. ئۇنىڭ بىلەن نەپەسلىنىمەن، ئوزۇقلىنىمەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ۋە كەڭ دۇنيانى كۆرىمەن. خىيال يىپلىرىمنى كەشتە قىلىپ توقۇيمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك تىلىم ۋە دىلىم. مېنىڭ تىلىم مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ كاپالىتى ۋ ھىمايەتچىسى. ئۇ خۇددى كەلكۈن سۈيىدەك كۆڭۈل ئېتىزىمغا قويۇلۇپ، مېنى قاغجىراق جەزىرىدىن كۆكلەم بەزمىسىگە ئېلىپ كىرىدۇ. مېنىلا ئەمەس قوۋم - قېرىنداشلىرىمنى ئۆزگىچە ئاھاڭى بىلەن بېزەيدۇ. گويا دۇنيا سەھنىسىدىكى مەشھۇر سەنئەتكارلاردەك خەلقى ئالەمگە تونۇتىدۇ. چۈنكى مېنىڭ تىلىم سەنئەتلىك، مۆجىزىلىك تىل. ئۇ بىر قارىسا تاغ سۈيىدەك شوخ ۋە ئويناق تىل. بىر قارىسا تاغ لەيلىسىدەك گۈزەل ۋە سىپايە تىل. بىر قارىسا دالا تورغىيىنىڭ ناۋاسىدەك يېقىملىق ۋە ساددا تىل. شۇڭىمۇ ئۇنىڭسىز بۇ جاھان ماڭا زۇلمەت تۈن. ئۇنىڭسىز مەن پاڭ. ئۇنىڭسىز مەن توكۇر. ئۇنىڭسىز مەن گاچا. ئۇنىڭسىز مەن بىر يېتىم. ئۇنىڭسىز مەن ... مېنڭ تىلىم مېنىڭ يىلتىزىم. ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمنىڭ تەۋەررۈك روھىي دۇنياسى يىللار پايانىدا ئاقار يۇلتۇزدەك يېيىلىپ، كۆكلەم جىلۋىسىنى كۆرسەتسە، رېئاللىقىمدا خۇددى بۇلبۇل كەبى يېقىملىق ناۋا ۋە ئاھاڭى، چۈچۈك تىللىرى بىلەن قۇشلار دۇنياسىنىڭ نەزمىگاھىغا ھۆسن قوشۇپ، ئالەمچە شۆھرىتى ۋە ھېكمىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئەۋلادلارغا تارىخنى، ئاتا - ئانىنى، ئىنساننى ۋە ھەممىنى تونۇتىدۇ. بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ، ئۆگىتىدۇ. ئۇلارغا تۈن قوينىدىكى نۇرلۇق ماياكتەك يول كۆرسىتىدۇ. قەلبلەردىن قەلبلەرگە يول ئېچىپ، رىشتىلەرگە مېھىر سۈيىدىن ئابى زەمزەم ئىچكۈزىدۇ. مېنىڭ تىلىم شۇنداق قۇدرەتلىك بىر تىلكى، ئۇنىڭدا ئوغۇزخاندىن تارتىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، ئەلىشىر نەۋائىي، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگىچە ... ھەممە، ھەممە ئەقىل - ھېكمەت نۇرلىرىنى دۇنيا مەدەنىيىتىگە چاچقۇ قىلىدۇ. شۇ تىل بىلەن خىسراۋ دېھلىۋىي، شەيخ سەئىدى .... لەر سېپىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شۇ تىل بىلەن تۈندەك دىللارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلسا، كۆڭلى قارىلارنىڭ زۇلمىتىگە تەۋپىق، ھىدايەت نۇرىنى سېپىدۇ. شۇ تىل بىلەن مېھىر - مۇھەببەتنى، دىيانەتنى، ساداقەتنى ۋە ساپ ھېس - تۇيغۇنى كۈيلەيدۇ، ئۇلۇغلايدۇ. رەزىللىك، ئىپلاسلىق ۋە پاسىقلىقنىڭ گۆرىنى قازىدۇ. يىراقنى يېقىن، دۈشمەننى دوست قىلىدۇ. شۇ تىل بىلەن خەلقىم ئانا تۇپراق باغرىدا يىلتىز تارتىپ، كۆككە بوي سوزغان كاتتا قامەتلىك دەرەختەك باراقسانلايدۇ. قۇياشقا يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى بۇ مېنىڭ تىلىم، روھىم ۋە دىلىم. ئۇيغۇر تىلى مەن دېمەك، مەن ئۇيغۇرنىڭ ۋارىسى، ئۇيغۇر تىلى روھ مۈلكىم، قارىچۇقۇمنىڭ قارىسى. مېنىڭ تىلىم بالغا ئوخشاش تاتلىق تىل. ئۇنىڭدا بوۋاي، مومايلارمۇ، ئوتتۇرا ياشلىقلارمۇ، بالىلارمۇ، دېھقان - چارۋىچىلار ۋە زىيالىيلارمۇ پىچىرلىشالايدۇ. كۆڭۈللىرىدىكى مەقسەت - مۇددىئالىرىنى بىر - بىرىگە ئىزھار قىلالايدۇ. ئاشىق - مەشۇقلار ئەڭ يوشۇرۇن، پىنھان ئىچكى سىرلىرىنى كۆڭۈل كۆلىگە تۆكەلەيدۇ. دەردمەنلەر تاغدەك دەرد - غېمىنى، ئىزگۈ تىلەكلىرىنى، مۇڭىنى ساتارنىڭ ئاۋازىدا تىڭشىيالايدۇ. مۇشۇ تىلىم يۇمشاق ۋە مېھرىبانلىقى بىلەن، ھۆرپىيىشىپ تۇرغان رەقىبلەرنى پەسكويغا چۈشۈرەلەيدۇ. رەقىبلەرنىڭ قىلىچىنى قىنىغا سولىيالايدۇ. تاشتەك دىللارنىڭ باغرىنى ئېرىتىپ يۇم - يۇم يىغلىتالايدۇ. مۇزلاپ كەتكەن كۆڭۈللەرنى ھارارىتى بىلەن ئىللىتالايدۇ. يېقىشلىقى بىلەن دۇنيانى ئۆزىگە رام قىلالايدۇ. مانا بۇ مېنىڭ تىلىم. شۇڭىمۇ مەن ئانا تىلىم _ ئۇيغۇر تىلى بىلەن پەخىرلىنىمەن، سۆيۈنىمەن. ئۇنى قۇياشتەك بۈيۈك ۋە يۈكسەك ئورۇندا كۆرىمەن. جىمى مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقات ئۆزىنىڭ سۈر، ھەيۋىسى ۋە شۆھرەت، شەرەپلىرى بىلەن ماختانسا، مەن ئانا تىلىم بىلەن ماختىنىمەن. ئۇنى دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسىگە تەڭ قىلمايمەن، ھەتتا بىر تاۋۇشنىمۇ تۇتىيا بىلىپ كۆزۈمگە سۈرىمەن. مېنىڭ تىلىم بارلىقىم، ھاياتىم ئۇ ماماتىم، ساما ئارا ئۇچۇشتا گويا ئىككى قاناتىم. مېنىڭ تىلىم مېنى بۈگۈنگە ئۇلىغان ئۇلۇغ ۋە ھىممەتلىك تىل. ئۇنىڭدا ئۆتمۈشمۇ، بۈگۈنمۇ، كەلگۈسىمۇ بار. ئېھ جانىجان ئانا تىلىم، پاسىبانىم ئۇيغۇر تىلى. مەن سېنىڭ كېسەلمەن ھالىتىڭنى كۆرگىنىمدە نېمىشقىدۇر پىچاق يېگەن ئۆكۈزدەك، قۇمدا قالغان بېلىقتەك تېپىرلاپ كېتىمەن ۋە سېنى سۆيمىگەن، قەدىرلىمىگەن، ئىززەت - ئېكرامىڭنى قىلمىغان تۇزكورلارنىڭ نادانلىقىغا ئېچىنىمەن. ئۇلارنىڭ دۆتلىكىگە نەپرەتلىنىمەن. چۈنكى ئۇلار ئانىنىڭ قەدرىنى بىلسە ئىدى - ھە، سېنى ھەرگىزمۇ نائۈمىدتە قويمىغان بولاتتى. ئەمەلىيەتتە ئانا تىلنى سۆيۈش ۋە قوغداش ئۆزىنى سۆيگەن، قوغدىغان بىلەن باراۋەر ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بىز سەندىن ئايرىلساق نېمىگە ئوخشاپ قالارمىز؟ بىلىمەن: شاتۇت دوراش بىلەن بۇلبۇلنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ. سېنىڭ گۈلىستانلىقىڭدا بۇلبۇللار يەنىلا سەن ئۈچۈن ئۇۋا ياسىماقتا، سەن ئۈچۈن خەندان ئۇرماقتا. ئىپتىخار بىلەن سېنى چاقىرماقتا. مانا بۇ مېنىڭ روھىم، مانا بۇ مېنىڭ تىلىم. مانا بۇ ئۇيغۇر تىلى. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرغا ئەڭ قەدىمىي ئانا تىل، تارىخ بىلەن بۈگۈننى چېتىشتۇرغان، ئۇلىغان. قەدرىن بىلسەك ئەسلىدە جاھان ئەھلى بىزلەرنى ! شەۋكىتىڭدىن، شانىڭدىن ئۇلۇغلىغان، تونۇغان.
(ئاپتور: قاراقاش ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى) ژۇرنىلىمىز 2004.3 - سانىدىن
|