www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
گۈزەللىك ھېسلىرى
ئاپتور:خۇرشىدە دىلشات    چېكىلىش سانى:5516    ۋاقتى:2007-4-3    . www.seltenet.com .

دۇنيادا گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغان، گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك. بۇ ئىنسان قەلبىنىڭ پاكلىق تەرىپىدۇر. ئەمما گەپ نېمىنى گۈزەل دەپ تونۇشتا. مىللەت، ئېرق ئوتتۇرىسىدا، ئەرلەر، ئاياللار ئوتتۇرىسىدا، ياشلار، چوڭلار ئوتتۇرىسىدا تونۇش - ھېس قىلىش جەھەتتە پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن. خۇددى بىز قاپقارا سۇمبۇل چاچلارنى، قاراقاش، قارا كۆزلەرنى گۈزەللىك دەپ بىلسەك، باشقا ئېرقتىكىلەر سېرىق چاچ، كۆك كۆزلەرنى گۈزەل دەپ بىلگىنىدەك.
گۈزەللىكنىڭ تەبىئىيسى ياخشى. ياسالما سۇلياۋ گۈل كۆركەم كۆرۈنگىنى، ئۇزۇنغىچە سولاشمىغىنى بىلەن، تەبىئىي گۈل چېچەكنىڭ خۇش ھىدىنى ئۆزىدە ئەسلا مۇجەسسەم قىلالمايدۇ. بەزى كىشىلىرىمىز ئالتۇن رەڭلىك چاچنى ياخشى كۆرۈپ، ئۆز چېچىنى ئالتۇن رەڭگە ئۆزگەرتكىنى بىلەن، ئۆزىنىڭ قارا ياكى بوز كۆزىنى سېرىق چاچقا ماسلاشقان كۆك كۆزگە ئۆزگەرتەلمەيدۇ. سالاپەت، ئىسكەت، يۈرۈش - تۇرۇش، ئىش - ھەرىكەتتىمۇ ئۆز تەبىئىتىدە مەۋجۇت ئېلېمېنتلارنىلا ئىپادىلىيەلەيدۇ، خالاس.
گۈزەللىكتە، تاشقى گۈزەللىك شاكال، ئىچكى گۈزەللىك مېغىز؛ تاشقى گۈزەللىك باراڭ، ئىچكى گۈزەللىك قاپاقتۇر. ئەمما بەزى ھاللاردا، مېغىزى بىلەن كارى يوق شاكىلىغا قارايدىغان، قاپىقى بىلەن كارى يوق، باراڭنى ئەتىۋارلايدىغان قىلمىشلار مەۋجۇت. بۇمۇ كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
ئىنسانلار ئارا بىر - بىرىنى دوراش، بىر - بىرىدىن ئۆگىنىش مەڭگۈ توختىمايدۇ. بەزىلەرگە ئۆزىنىڭكى گۈزەل كۆرۈنسە، يەنە بەزىلەرگە ئۆزگىنىڭكى گۈزەل كۆرۈنىدۇ. بىزنىڭ ئۆزگىلەرنى ھەۋەس قىلدۇرىدىغان، جەلپ قىلىدىغان ياخشى ئۆرپ - ئادەتلىرىمىز، يارىشىملىق كىيىم - كېچەكلىرىمىز بار. قاچانلاردىدۇ بىر چاغلاردىن باشلاپ، تويى بولىدىغان قىزلار چىرايلىق ئەتلەس كۆڭلەكلەرنى، مارجان دوپپىلارنى تاشلاپ، ئاق لىباسقا ئورۇنىدىغان بولدى. بەلكىم بۇمۇ بىر خىل گۈزەللىككە ئىنتىلىشتۇر. ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئەنە شۇ ئاق لىباسنىڭ ئىگىلىرى بىزنىڭ ئەتلەس كۆڭلەكلىرىمىزنى، مارجان دوپپىلىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ، توي كۈنلىرىدە شۇنى تويلۇق كىيىمى قىلسا، بىز كۈلەرمىزمۇ ياكى يىغلارمىزمۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە.
دوستۇم، مەن گۈزەللىك ئۈچۈن مەڭگۈ قەلەم تەۋرىتىمەن، مەن مەڭگۈ گۈزەللىك ئاشىقى! ئۆز پىكرىم ۋە بايانىم ئارقىلىق ئاز بولسىمۇ قەغەز يۈزىگە ئۈنچە تىزدىم. مەن يەنە گۈزەللىك ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئويلىنىشقا موھتاجمەن، تېخىمۇ كۆپ گۈزەللىك ھۈجەيرىلىرىنى ئىزدەشكە تەييارمەن.
دېمەك، يۈكسەك ئەخلاق - پەزىلەتكە ئىگە كىشىلەر ھەقىقىي گۈزەللىكنى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل گۈزەللىكى بىز ئەۋلادلارنىڭ گۈزەللىكىگە تېخىمۇ گۈزەللىك قوشقۇسى.
گۈزەللىككە تولغان ئانا تۇپراق قوينىدا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشىنىڭ گۈزەل ھايات قوينىدىن ھەقىقىي گۈزەللىك كۈيىنى ياڭرىتىشىغا تىلەكداشمەن.
دوستۇم، ئانا تۇپرىقىمنىڭ ھەربىر شەيئىسى شۇنچە گۈزەل، ئادەملىرى شۇنچە ئاق كۆڭۈل. كەل دوستۇم، گۈزەللىك ھەققىدە ئىزدىنەيلى، گۈزەللىككە ئىنتىلەيلى.

(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىمالىي مەكتەپ رايونى بىناكارلىق فاكۇلتېتى يول - كۆۋرۈك لايىھىلەش سىنىپىدىن)
ژۇرنىلىمىز 2004.6 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تەنھا سۆيگۈ
 مەن ۋەتەننىڭ ھەممە ...
 بۆرىلەر ھۇۋلىماقتا...
 ئىككى نەسر
 ھاياتلىق ئۆزىنى قۇت...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号