ئىنسانىيەت روھىيىتىنىڭ خەزىنە ئىشىكىنى دادىللىق بىلەن ئېچىپ قارىغاندا، باراقسان كۆكلىگەن خۇشاللىق بىلەن كۈلپەت دەرىخىنىڭ سىماسىنى كۆرىمىز. بۇ دەرەخ بىپايان، قۇدرەتلىك دېڭىزدەك مەڭگۈلۈك ھەرىكەتتە تۇرمۇش ۋە تەپەككۇرنىڭ تىك قىيالىرىغا ئۇرۇلۇپ، ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇشنىڭ سەلتەنەتلىك گۈلزارىنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. شادلىق - ئىنسانغا ئۆزىنىڭ جەلپكار، قۇۋناق چېچەكلىرى ئارىسىدىن قانائەتلىنىشنىڭ يوشۇرۇن كۆلەڭگۈسىنى تاشلىسا، دەرد -ئەلەم - ئالىيجاناب تامچە سۈپىتىدە يۈكسەك چوققىلارغا پەرۋاز قىلىشنىڭ سېگنالىنى چالىدۇ. بۇ، ئويغانغان قەلبنىڭ كامالەت سەزگۈرلۈكىدىكى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا باغلىق. ئادەم بۇ دۇنياغا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، كامالەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كېلىدۇ. شۇڭا، ھەربىر ئادەم ئۆمۈر مەنزىلىدە ئۆزىنىڭ روھىنى ئىزدەش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ ھوقۇقنى قەدىرلىمىگەندە، بىلمىگەندە چاقناش نۇقتىسىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ھەقىقىي ئورنىنى تاپالمىغان روھ سەرسانلىق دالاسىغا قەدەم قويىدۇ. ئەنگلىيە مۇتەپەككۇرى سامۇئىل سمىلىس: «ئۆز ئورنىنى تاپقان روھ - شەخسنىڭ بارلىق ھەقىقىي تەرەققىياتى ھەم ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە مەنبەسى، سىرتتىن كەلگەن ياردەم پەقەت ياردەم قىلىنغۇچىنى ئاجىزلىشىشقا قاراپ ماڭدۇرىدۇ. ئۆز-ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش - ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزغۇچىنى گۈللەپ ياشنىتىدۇ» دەيدۇ. ئېنىقكى، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش سەپىرى روھىيەتتىن باشلىنىدۇ. ئىنساننىڭ مەنىۋىيەت چىراغلىرى ھەردائىم چاراقلاپ يېنىپ تۇرمىسا، ئىچكى (روھىي) ئالەم زۇلمەتكە غەرق بولىدۇ. زۇلمەتكە غەرق بولغان دۇنيادا جاھالەت دىۋىلىرى بەزمە قۇرۇپ، ئىنساننىڭ تەڭداشسىز، ئەركىن قۇدرىتىگە قارشى ئاسىيلىق ۋە ئەقلىي ئەمالىق بورانلىرىنى ھۇۋلىتىدۇ، ماھىيەتنىڭ ئەسلىي نۇرلۇق جىلۋىلىرى ئۆچىدۇ. مۇستەقىل ھەرىكەت خاراكتېرىنى يوقىتىپ باشقىلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش - ئوبيېكتنىڭ كېلەچىكىنى زەبۇنلۇققا، خارابلىققا باشلايدۇ. بۇ نۇقتىدا پەقەت ھەربىر ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى بىردىنبىر ياردەم قىلغۇچىدۇر. ئۆزىگە ياردەم قىلىشنى بىلمىگەن ئادەم مەھكۇملۇققا، قۇللۇققا، قەدىرسىزلىككە ھامىيلىق قىلغۇچىدۇر. بۇ، ھەرگىزمۇ شەخسىيەتچىلىكنىڭ زەئىپ ھاۋاسىدا پەرۋاز قىلىدىغان چاكىنا مەنپەئەتپەرەسلىك بولماستىن، بەلكى توغرا، ھالال ئەقىدىنى مىزان قىلغان، ئىنسان ماھىيىتىنى دولقۇنلىتىدىغان، يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن ئالىيجاناب قۇتقۇزۇشتۇر. ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش - دەبدەبىلىك شوئارلار، بىردەملىك ھاياجانلىق چۇقانلار، ئەسەبىيلىكنى قۇترىتىدىغان رەڭۋازلىق ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، بەلكى خالىس تىرىشچانلىق، ۋىجداننى نۇرلاندۇرىدىغان پاك-گۈزەل ئەمگەك ئاساسىدا، سوغۇققان ئەقىلنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسىدىن ئىبارەت ئۆزگىرىشچان رېئاللىقنى نادامەتتىن خالىي قۇۋۋەتلەندۈرۈشىدىن ھاسىل بولغان تۆھپىكار ھەرىكەتتۇر. نوقۇل شۆھرەت قۇچۇش ئۈچۈنلا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت ھەرقانچە يېقىملىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ، ئادەمنى پۇچەكلەشتۈرىدۇ، شەرمەندە قىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى خەيرلىك ئەمەس. يەنە ھۇرۇن پارازىتلارغا ياردەم قىلىش بولسا پەقەت ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. تەشەببۇسكارلىقنىڭ يىلتىزى قىرقىلغان جايدا ۋەتەن، مىللەتنىڭ قېنىنى شورايدىغان تۇزكورلۇق ھۆكۈم سۈرىدۇ. غەپلەتتە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى روھىي دۇنيا ئېتىزىدا يانتاق، خۇخا-تىكەن ئۈنگەن، ۋۇجۇدىنى شور باسقان ئادەملەردۇر. ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ ماھىيىتىدە ئومۇملۇقنىڭ ئالىي پەللىدىكى تاكاممۇللۇقىنىڭ گۈلدۈرمامىسى ياڭرايدۇ. بىر مىللەتتە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئادەملەر كۆپەيسە، شۇ مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچى توختاۋسىز ئاشىدۇ. يەككە تاكامۇللۇق ماھىيەتتە ئورتاق گۈللىنىشنىڭ، مىللەت سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ جەڭگىۋار ساداسىدۇر. يۈزمىڭ پاتمان قۇرۇق ۋەز-نەسىھەتكە قارىغاندا، بىر تال ئۇچقۇن قالدۇرالايدىغان، زامانغا مىننەتتىن خالىي شولا چاچالايدىغان زەررىچە ھەرىكەت ئەۋزەلدۇر. ئىنسان ئۆز قىممىتىنى بىلجىرلاش بىلەن ئەمەس، سەمىمىي ھەرىكەت بىلەن تىكلەيدۇ. مەنزىلنى تىنىمسىز ئىزدەيدىغان يېقىملىق ئەمگەك - بارلىق قۇتقۇزۇشنىڭ ئاساسى. چۈنكى ئۇنىڭ ئوق يىلتىزىدا قان بىلەن رەڭداش بولغان «ۋەتەن» دېگەن، ھېچكىم مۇكەممەل ئوقۇپ بولالمىغان ھارارەتلىك خەت لاۋۇلداپ تۇرىدۇ !ۋەتەن - ھەرىكەتتە. خەلق، مىللەت - ھەرىكەتتە، ئۆزىنىڭ روھىنى ئازاد قىلىش - ھەرىكەتتە؛ ئىجادكارلاردىن، ئىجتىھاتلىق پەرۋازكار كىشىلەردىن ھايات زېرىكمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ روھى، قاسراقلارنىڭ ئەرزىمەس جۇلالىسىدا چىرىمىگەن. تىرىكتاپلارنىڭ ئۆلۈۋاتقان روھى - دۇنياغا قارا سايىلەرنى پۈركۈپ تۇرىدۇ. ھەقىقىي ھايات ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا، تاكامۇللاشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلغان جەسۇر ئەزىمەتلەرگە مەنسۇپ.
(ئاپتور: قاغىلىق ناھىيىلىك مىللىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى) ژۇرنىلىمىز 2004.2 - سانىدىن
|