www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ھەزىل سوئال - جاۋابلار(7)
ئاپتور:سەلتەنەت    چېكىلىش سانى:16884    ۋاقتى:2008-10-28    . www.seltenet.com .

سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار


سوئال: «ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟» دېگەن سوئالغا كېچە - كۈندۈز جاۋاب ئىزدەپ بېـشـىـم قـاتـتـى. شـۇڭـا، مـەن تـا ھازىرغىچە ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىمنى بىلەلمەي يۈرۈۋاتىمەن. بۇ سوئالغا جاۋاب تاپالماسلىقىم ئەيىپ سانىلارمدۇ؟
(ئۈرۈمچى «نۇر دىيار» تەربىيىلەش مەركىزىدىن ماھىرە غوپۇرنىڭ سوئالى)
1- جاۋاب: سائەتنىڭ ھەر بىر چىكىلدىشى ـــ ۋاقىتنىڭ ئۆتكەنلىكىنى، ئادەمنىڭ ھەر بىـر تـىـنـىـقـى ـــ ئۆمۈرنىڭ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ قۇرۇق خىيال بىلەن جان بېقىش ئىنـسـانـنـىـڭ ئىـشـى ئەمـەس، پەقەت ئەجىر- مېھنەتلا ئادەمنى مەڭگۈلۈك كۈلدۈرىدۇ. ياخشىسـى سـىـز، قـانـداق ئادەم مـەڭـگـۈلـۈك ياشايدۇ، دېگەن سوئال بويىچە ئەستايىدىل ئويلىنىڭ ۋە ئىش قىلىڭ.
_ يېڭىساردىن: تۇرغۇن مۆمىن
2- جاۋاب: سىز بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىڭىزنى بىلسىڭىزلا، سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى ئۆزلۈكىدىن تېپىلىدۇ.
_ قەشقەر شەھەر نەزەرباغ يېزا توققۇزتاش ئاھالە كومىتېتىدىن: مۇختار ئابلىز

سوئال: بىر چوكان ماڭا نەسىھەت قىلىپ: «كەپمۈتتىن سېغىز ياخشى، مېۋىدىن مېغىز ياخشى، قۇلاقتىن ئېغىز يـاخـشـى» دەيدۇ. مەن بۇنىڭ مەنىسىنى تازا بىلىپ كېتەلمىدىم، چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار.
(ئۈرۈمچىدىن ئەركىننىڭ سوئالى)
جاۋاب: بۈگۈنكى كۈنلەردە، ئەنە شۇنداق چوكانلار كەمپۈتنىڭ تەمىنى سېغىزدىن، مېۋىنىڭ شىرنىسىنى مېغىزدىن، قۇلاقنىڭ رولىنى ئېغىزدىن ئىزدىگەچكە، بۇ گەپ سىزگە غەلىتە تۇيۇلۇپتۇ.
_ قاراقاش ناھىيە ئاقساراي يېزا ئاياغ جىلغا كەنت 1- مەھەللىدىن: نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت

سوئال: مەن بىر ماتېرىيالدىن «نامراتلىق _ جىنايەت» دېگەن گەپنـى كـۆرۈپ قـالـدىـم - دە، «مـەن ۋە مـاڭـا ئوخشاش نامراتلار جازالىنىپ كېتەرمىزمۇ؟ ساقچىلار بىزنى تۇتقـىـلـى قـاچـان كـېـلـەر؟» دەپ كـېـچـە - كـۈنـدۈز ئۇخلىيالمايۋاتىمەن. بىزدەك نامراتلارنى ساقچىلار بىلىپ قالسا، راستتىنلا تۇتۇپ كېتەرمۇ؟
(قاغىلىق ناھىيە كۆكيار يېزا ئېگىز يار كەنتىدىن ئابدۇللاجان قۇدرەتنىڭ سوئالى)
جاۋاب: نامراتلىقنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى «ساقچىلار» بىلىپ قالغۇچە، ھالال تەر تۆكۈپ تېزراق باي بولۇۋېلىڭ، بولمىسا ھامان «تۇتۇلۇپ»قالىسىز.
_ قەشقەر شەھەر نەزەرباغ يېزا توققۇزتاش ئاھالە كومىتېتىدىن: مۇختار ئابلىز

سوئال: كونىلار:«قولى ئاستا ھۈنەرۋەندىن پۇتى ئىتتىك قەلەندەر ياخشى» دەپتىكەن. مەن ھۈنەرۋەن بولاي دېسەم قولۇمنىڭ ئاستىلىقىدىن، قەلەندەر بولاي دېسەم پۇتۇمنىڭ ئاستىلىقىدىن ئەنسىرەپ ھېچنېمە بولالمىدىم. مەن زادى نېمە بولسام بولار؟
(قاغىلىق ناھىيە تېتىر يېزا 10- كەنت 5- مەھەللىدىن ئىلياس ئابلىمىتنىڭ سوئالى)
1- جاۋاب: سىز ئەڭ ياخشىسى كاللىڭىزنى ئىتتىك قىلىپ خوجايىن بولۇڭ، شۇنداق قىلالىسىڭىزلا پۇت- قولىڭىزنىڭ ئاستىلىقىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
_ پىچان ناھىيە لۈكچۈن بازارلىق رادىئو- تېلېۋىزىيە پونكىتىدىن: ئۆمەرجان رېشىت
2- جاۋاب: سىز «ئالدىرىغاننىڭ بۇرنى قاناپتۇ، ئاستا ماڭغاننىڭ كۆتىگە تاياق تېگىپتۇ» دېگەن گەپنى ئاڭلىمىغانمۇ؟ سىز ھۈنەرۋەن ياكى قەلەندەر بولۇشنى خىيال قىلىپ يۈرمەي، پۇت- قولىڭىزنىڭ ئاستىلىقىدىن ئەنسىرەشنىڭ ئورنىغا كاللىڭىزنىڭ ئىتتىك بولالمىغانلىقىدىن ئەنسىرىسىڭىز بولغىدەك.
_ «خوتەن گېزىتى» دىن: روزىئەخمەت تۇرا
3- جاۋاب: سىز ھېچ ئىشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئاشۇنداق كۈتۈپ يۈرۈۋېرىڭ، بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە قولىڭىز ئىتتىكلەپ ھۈنەرۋەن بولارسىز، قاملاشتۇرالمىسىڭىز پۇتىڭىز ئىتتىكلەپ قەلەندەر بولارسىز!
_ چىرا ناھىيە نۇرى يېزا چوڭكۆل كەنتىدىن: تاھىرجان ئابدۇرېھىم

ژۇرنىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇڭ ... يېڭى سانلاردا بېرىلىۋاتقان ھەزىل سوئال - جاۋابلار سىزنى كۈلكىدىن توختاتمايدۇ، 24 سائەت مۇشتەرى قوبۇل قىلىش، قىزغىن مۇلازىمەت قىلىش تېلېفونى : 13579800944

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ھەزىل سوئال - جاۋابل...
 ھەزىل سوئال - جاۋابل...
 ھەزىل سوئال - جاۋابل...
 ھەزىل سوئال - جاۋابل...
 ھەزىل سوئال - جاۋابل...
 ھەزىل سوئال - جاۋابل...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号