ھەزىل سۇئال - جاۋابلار
سوئال: كونىلارنىڭ «خوتۇن ئالدىڭ، ئۆشنەڭگە بىر يۈدۈم ئوتۇن ئالدىڭ» دېگەن گېپى بار ئىكەن. خوتۇن ئالماي دېسەم، ئاتا - ئانامنىڭ كۈندىلىك تاپا - تەنىسى؛ ئالاي دېسەم، ئۆشنەمنىڭ بىھۇدە ئېغىرلىشىپ كېتىشى ... زادى قانداق قىلسام بولار؟ - لوپ ناھىيە دول يېزىلىق بىرلىكسەپ ئىشخانىسىدىن: ئابلىمىت ئابدۇكېرىم جاۋاب: بويتاقچىلىق - مايماقچىلىق - ئاۋارىچىلىق، دېگەننى ئاڭلىمىغان ئوخشايسىز. ئاتا - ئانىڭىزنىڭ سىزگە تاپا - تەنە قىلىشىنىڭمۇ سەۋەبى بار. يىگىت دېگەن ۋاقتىدا ئۆيلىنىپ، بىر ئائىلىنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈپ چېنىقىشى كېرەك. ئويلاپ باقمامسىز: ئادەم ھېرىپ قالغاندا، ئۆشنىسىدىكى يۈكنى تېگىدە قويۇپ، ئۈستىدە ئارام ئالسا بولىدۇ ئەمەسمۇ!
سوئال: ھازىرقى كۈندە ھەقىقەتنىڭ كۈچى چوڭمۇ ياكى پۇل بىلەن ھوقۇقنىڭ كۈچىمۇ؟ (تۇرسۇنجان ئەرشىدىننىڭ سوئالى) جاۋاب: يوقسۇل ۋاقتىڭىزدا پۇلنىڭ، پۇل تاپقان ۋاقتىڭىزدا ھوقۇقنىڭ، پۇل بىلەن ھوقۇقنىڭ قۇلىغا ئايلانغان ۋاقتىڭىزدا ھەقىقەتنىڭ كۈچى چوڭ بولىدۇ. - توقسۇ ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىدىن: بېشىرجان
سوئال: ئېشەك بىر قېتىم پۇتى كىرىپ كەتكەن كۆۋرۈكتىن ئىككىنچىلەپ ئۆتكىلى ئۇنىمايدىكەن. ئەمما ئادەم «بىر قېتىم پۇتى كىرىپ كەتكەن كۆۋرۈك»تىن ئون قېتىملاپ ئۆتسىمۇ كۆڭلى تىنمايدىكەن. ئويلىنىپ قالدىم: زادى ئادەم ئەقىللىقمۇ ياكى ئېشەكمۇ؟ (مامۇت توختىنىڭ سوئالى) جاۋاب: بۇنىڭغا غاچچىدە بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، ئاشۇ كۆۋرۈكتىن ئىككىنچىلەپ ئۆتكىلى ئۇنىمايدىغان ئېشەكنىڭ ئەتراپىدا «مەرتەم - مەرتەم ئۈچ مەرتەم ! » دەپ دەي - دەيگە سالىدىغان ئاغىنىلىرى يوق ! - توقسۇدىن: بېشىرجان
ژۇرنىلىمىز 2004.4- سانىدىن
|