www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ھەزىل سوئال - جاۋابلار(3)
ئاپتور:سەلتەنەت    چېكىلىش سانى:7032    ۋاقتى:2007-3-28    . www.seltenet.com .

سوئال:
 خەلقىمىزدە «ئالماقنىڭ بەرمىكى بار» دېگەن گەپ بار. سىزنىڭچە، قان - قېنىغا نەپسانىيەتچىلىك سىڭىپ كەتكەن بەزى كىشىلەرنىڭ بىزلەرگىمۇ قايتۇرىدىغان، بېرىدىغان چاغلىرىمۇ بولارمۇ؟ (تۇردى ئوبۇلنىڭ سوئالى)
1. جاۋاب:
 ئەلۋەتتە قايتۇرىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، خەلقىمىز ئارىسىدا «تۇغۇلۇپ ئۆلمىگىنىڭنى كۆرەي، قەرزدار بولۇپ بەرمىگىنىڭنى» دېگەن گەپمۇ بار ئەمەسمۇ.
- مەكىت ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن: ياسىنجان ئوسمان

2. جاۋاب:
 ئۇلاردىن «يېگەن - ئىچكەنلىرىنى» قەي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلالىغۇدەك ئەزىمەتلەر چىققاندا چوقۇم «ياندۇرىدۇ».
- گۇما ناھىيە مۇجى يېزىلىق ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىدىن: مامۇت توختى

3. جاۋاب:
كەلگەنلەر كېتەر، ئالغانلار بېرەر،
بىز كۆرەلمىسەك، بالىلار كۆرەر.
باردۇر قىسمەتتە بەلكىم مۆھلىتى  -
تاقەتسىزلىنىپ يۇتمىغىن زەھەر.
- پىچان ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسىدىن: ئابدۇل ھەمدۇل

4. جاۋاب:
نەپسى بالادىن نەرسە تەلەپ قىلماڭ ئوبۇل،
ھەتتا ئال دەپ بېرىپ قالسىمۇ قىلماڭ قوبۇل.
ئىتتىن سۆڭەك تەلەپ قىلىپ چىدامدۇ غۇرۇر؟
مېھنەت قىلىپ تېپىپ يېگەن ھەقىقىي ئوغۇل.
- قاراماي كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئاھالىلەر كومىتېتىدىن: تۇرسۇن تۇردى

سوئال:
 «كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتماپتۇ» دەيمىز. ئەمما ھازىر ئىت ياتقان يەرلەردىمۇ يېتىۋېرىدىغان كۆڭۈل ئىگىلىرى خېلى كۆپ. بۇنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟ (ياسىنجان ئوسماننىڭ سوئالى)
1. جاۋاب:
 ئەجەبلەنمەڭ، بۇ ئۇلارنىڭ دارۋېننىڭ «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى»نىڭ «كەم» قىسمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈۋاتقىنى.
- ئاقسۇ شەھەرلىك 9 - باشلانغۇچ مەكتەپتىن: رەخىم راخمان

سوئال:
 ھازىرقى كۈندە ھەقىقەتنىڭ كۈچى چوڭمۇ ياكى پۇل بىلەن ھوقۇقنىڭ كۈچىمۇ؟ (تۇرسۇنجان ئەرشىدىننىڭ سوئالى)
1. جاۋاب:
 سىز قايسى تەرەپتە تۇرسىڭىز شۇنىڭ كۈچى چوڭ.
- گۇما ناھىيە مۇجى يېزىلىق ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىدىن: مامۇت توختى
2. جاۋاب:
ھەقىقەت گويا ئاي، ھارارىتى يوق،
ئۆزىنى داڭلاشقا ماھارىتى يوق.
ئىگىلىپ - ئىگىلىپ تۇرىدۇ دائىم  -
پۇل بىلەن ھوقۇقتەك جاسارىتى يوق.
ھەقىقەت «قاپاق«تۇر، پۇل - ھوقۇق باراڭ،
ھەقىقەت ئىزدىگەن سانىلار ساراڭ.
كىم كۈچلۈك، كىم ئاجىز ئادەمگە باغلىق،
كۆز ئېچىپ ئەتراپقا زەن سېلىپ قاراڭ.
- پىچان ناھىيلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسىدىن: ئابدۇل ھەمدۇل

ژۇرنىلىمىز 2004.3- سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ھەزىل سوئال - جاۋابل...
 ھەزىل سوئال - جاۋابل...
 ھەزىل سوئال - جاۋابل...
 ھەزىل سوئال - جاۋابل...
 ھەزىل سوئال - جاۋابل...
 ھەزىل سوئال - جاۋابل...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号