www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
جۇڭگولۇق ، ئامېرىكىلىق ۋە ياپونىيىلىك
ئاپتور:تەرجىمە ئەسەر    چېكىلىش سانى:13014    ۋاقتى:2007-4-2    . www.seltenet.com .

يولۋاسقا ئۇچراش

جۇڭگولۇق بىر كىشى، ئامېرىكىلىق بىر كىشى ۋە ياپونىيىلىك بىر كىشى بىللە يولدا كېتىۋېتىپ يولۋاسقا ئۇچراپ قاپتۇ.
ئامېرىكىلىق جىددىيلىشىپ بىر كالتەكنى قولىغا ئېلىپ، يولۋاس بىلەن ئېلىشىشقا تەق بولۇپ تۇرۇپتۇ؛ ياپونىيىلىكمۇ جىددىيلىشىپ دەرھال بىر تۈپ دەرەخكە چىقىۋاپتۇ. جۇڭگولۇق ھېچقانداق جىددىيلەشمەي ئېڭىشىپ ئايىغىنىڭ بوغۇچىنى چىڭىتىشقا باشلاپتۇ.
كېيىن، خەقلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ جۇڭگولۇقتىن، شۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدىمۇ قانداقسىگە ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ، ئايىغىنىڭ بوغۇچىنى چىڭىتىپ ئولتۇرغانلىقىنى سورىغانىكەن، جۇڭگولۇق مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: «جىددىيلەشكەننىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ مەن پەقەت ئايىغىمنىڭ بوغۇچىنى چىڭ چىگىۋالالىساملا، ئاندىن ھېلىقى باتۇر قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئامېرىكىلىقتىن تېزرەك قېچىپ كېتەلەيمەن ئەمەسمۇ!»

بىناغا ئوت كەتسە

جۇڭگولۇقلار قانچىلىك بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئوت ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئاتلىنىپ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ؛
ئامېرىكىلىقلار قانچىلىك بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزىدۇ، قانچىلىك مال - دۇنيانىڭ كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كېتىشى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ؛
ياپونىيىلىكلەر مەيلى قانچىلىك بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر ئارخىپلارنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ، بۇ جەرياندا قانچىلىك مال - دۇنيانىڭ كۆيۈپ كېتىشى، قانچىلىك ئادەمنىڭ ئوت دېڭىزىدا قېلىشى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلار «ئارخىپلار ئامان قالسا، تارىخ ئامان قالىدۇ، تارىخنىڭ تەرەققىياتى داۋاملىشالايدۇ» دەپ قارايدۇ.

پۇل ئامانەت قويۇش

جۇڭگولۇقلارنىڭ كىرىمى ئامېرىكىلىقلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ، ياپونىيىلىكلەرنىڭكىگىمۇ يەتمەيدۇ، لېكىن ئۇلار پۇل ئامانەت قويۇشقا ئامراق. ئامانەتنىڭ ئۆسۈمىنىڭ قانچىلىك ئاز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۆت تەڭگە پۇل تاپسىلا، ئالدى بىلەن بانكىغا ئامانەت قويۇشنى ئويلايدۇ.
ئامېرىكىلىقلار بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېيىشىدۇ: پۇل ئامانەت قويۇش  _ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىشەنچىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ؛ ياپونىيىلىكلەر مۇنداق دېيىشىدۇ: «پۇل ئامانەت قويۇشقا ئامراق بولۇشىغا قارىغاندا، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىدىغان باشقا تۈزۈكرەك سورۇنى يوق بولسا كېرەك.»
لېكىن، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىغا بارسىمۇ، ياپونىيىگە بارسىمۇ تاپقان پۇلىنى ئوخشاشلا ئامانەت قويۇۋېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىلىقلار بىلەن ياپونىيىلىكلەر «جۇڭگولۇقلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق پۇل ئامانەت قويۇش ئەنئەنىسى بار ئىكەن ...» دېگەن قاراشقا كېلىشىدۇ.

ھەقسىز كەچلىك تاماق

بىر جۇڭگولۇق خېلى كۆپ دۆلەتلەرگە چىقىپ، بەزىدە ھەقسىز غىزالىنىپمۇ بېقىپتۇ ھەمدە مول تەسىراتلارغا ئىگە بوپتۇ، ئۇ بۇ ئىشلارنى مۇنداق تەسۋىرلەپتۇ: ئامېرىكىلىقلار سىزگە كەچلىك زىياپەت تەييارلىسا، ناھايىتى ياخشى كەيپىيات يارىتىپ سىزنى خۇشال قىلىدۇ، ساھىبخان بولغان ئامېرىكىلىق، مېھمانلارغا: «بۈگۈن سىلەر ئىچكەن كوكا كولا سىلەرگە قىلغان سوۋغىتىم بولۇپ قالسۇن
» دەپ ئەسكەرتىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېھمانلار ئۆزلىرى ئىستېمال قىلغان يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلەيدۇ.
ياپونىيىلىكلەرنىڭ باشقىلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىشى ئانچە جانلىق ئەمەس، لېكىن، داستىخان مول، ھاراق - شارابلار ئېسىل، يەنە كېلىپ مۇلازىم قىزلىرى تولىمۇ ئىشچان. ياپونىيىلىكلەرنىڭ سىزگە بەرگەن بىر ۋاخلىق ھەقسىز كەچلىك تامىقى سىزنىڭ بۇيرۇتمىڭىز ئىچىدىن ئەپچىللىك بىلەن تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەقسىز كەچلىك تاماق يېيىشى ئوڭاي. سىز بىرەرسىنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئانچە - مۇنچە ئىش قىلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ؛ قىلىپ بەرمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ «بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم» قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. ئەمما يېنىڭىزدا جەزمەن يېتەرلىك مىقداردىكى ھۆكۈمەت پۇلى بولۇشى كېرەك.

(«تاللانغان فېليەتونلار» ژۇرنىلىدىن قاھار ئوسمان تەرجىمە قىلدى)
ژۇرنىلىمىز 2004.4 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 نېمە ئۈچۈن؟
 دېھقانلار قاچان باي...
 فېليەتونلاردىن تەر...
 «نان قېپى»
 ئۈچ چوڭ تاغ
 ئۈستەلگە مۇشتلاش كې...
 ھاراق ئىچكەنلەر ياخ...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号