www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك
ئاپتور:ئابلىكىم ئابلىمىت    چېكىلىش سانى:5182    ۋاقتى:2007-4-2    . www.seltenet.com .

_ بىر رومكا ئىچ !  
_ بولدى، مەن ھاراق ئىچمەيمەن.
_ سەن ** دەرىجىلىك باشلىق تۇرساڭ، ھاراق ئىچمىسەڭ قانداق بولىدۇ !


***************


_ بىر رومكا ئىچ !
_ بولدى، مەن ھاراق ئىچمەيمەن.
_ سەن ** دەرىجىلىك باشلىق تۇرساڭ، ھاراق ئىچمىسەڭ قانداق بولىدۇ !
بۇنداق پاراڭلار ھەممە ھاراق سورۇنلىرىدا دېگۈدەك بولۇپ تۇرىدۇ. ھەتتا بەزىلەر: «پارتىيە ئەزاسى تۇرۇپ ھاراق ئىچمىسەڭ قانداق بولىدۇ» دېگەندەك بىمەنە گەپلەر بىلەن ھاراق ئىچمەيدىغانلارنى ھاراق ئىچىشكە زورلايدۇ. بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمدا، «ھاراق ئىچسە باشلىق بولامدىغاندۇ، ياكى باشلىق بولسا ھاراق ئىچىش زۆرۈرمىدۇ ! ؟ پارتىيە تەشكىلاتى ھاراقكەش، مەستلەرنىڭ ئەمەس، ئاۋانگارتلارنىڭ تەشكىلاتى تۇرسا، ھاراق ئىچىشكە پارتىيە ئەزالىقنى شەرت قىلغىنى پارتىيە تەشكىلاتىغا ھاقارەت قىلغانلىق بولماسمۇ؟ !» دەپ ئويلاپ قالىمەن. ھاراق بىلەن ھوقۇق، ھاراق بىلەن پارتىيە ئەزالىقىنىڭ قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى تازا ئېنىق ئاڭقىرالماي يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، مەلۇم بىر يېزىغا خىزمەت تەكشۈرۈشكە بېرىپ قالدۇق. تاماق ۋاقتىدا شۇ يېزىنىڭ پارتكوم شۇجىسى ئۆزىنىڭ يېزا تەۋەسىدە ئېلىپ بارغان يېڭىچە خىزمەت ئۇسۇللىرىدىن ماختىنىپ سۆزلەپ كېلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ھاراق ئىچمەيدىغان كەنت ياچېيكا شۇجىلىرى ۋە كەنت مۇدىرلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىپ، ئورنىغا ھاراق ئىچىدىغانلاردىن قويۇۋېدىم، خىزمەت ئۈنۈمى قالتىس بولدى. ھاراق ئىچمەيدىغانلارنى قانداقمۇ ئىشەنچلىك، ياخشى كادىر دېگىلى بولسۇن !يەپ - ئىچىشنى بىلمىگەنلەر خىزمەتنىمۇ قىلالمايدۇ».
پارتكوم شۇجىسىنىڭ بۇ سۆزى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلاندىم ...
توغرا، ھاراق ئىچمەيدىغانلار تولىمۇ نادان، ھۇرۇن بولىدىكەن. ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى قىلدىمغۇ دەپ ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ، باشلىقلىرىغا كۆڭۈل ئىزھار قىلمايدىكەن. ئۆزىنى تاللاپ، ئۆستۈرۈپ قويغان باشلىقىنى تونۇماي، «ئاش بەرگەنگە مۇشت بەرگەندەك» تۇزكورلۇق قىلىدىكەن. باشلىقنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا ياخشىلىق قايتۇرۇش ئۈچۈن باشلىقنى پات - پات رېستوران، قاۋاقخانىغا باشلاپ ئۈلپەت بولمايدىكەن. باشلىسىمۇ ئاددىي ئاشخانىغا باشلاپ قويۇپ بىزىرىپ ئولتۇرىدىكەن. كىشىلەر توپلاشقان ھاراق سورۇنلىرىدا، باشلىق ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى قىلىدىغانلارغا تولىمۇ موھتاج بولىدۇ، قاغا ئاق دېسە، ئاپئاق دەپ باشلىقنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان چاغدا ھاراق ئىچمەيدىغانلار يوق ئىكەن. بولسىمۇ باشلىق ھاراقنى ئىچىپ بولالمىسا، چاقماق تېزلىكىدە قولىدىن ئېلىپلا ئىچىۋەتمەي، ئايغا باققان توشقاندەك ھاڭۋىقىپ ئولتۇرىدىكەن. باشلىق مەست بولۇپ قالسا، قۇسۇۋەتسە، بېرىپ يۆلىمەي، تازىلىماي، بۇرنىنى يۆگەپ تىكىۋېتىدىكەن.
ھاراق ئىچمەيدىغانلار ئاجايىپ پىخسىق بولۇپ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى دادىسىدىن قالغان مىراستەك پوكىنىغا بېسىپ يېتىپ، چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىكەن. كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەيمەن دەپ، يا ئۆزى يېمەيدىكەن، يا باشقىلارغا يېگۈزمەيدىكەن. مەست بولمىغاچقا، مەردلىكى تۇتۇپ، داستىخاننى كەڭرەك سالمايدىكەن. ئۆزى ئىچمىگەننىڭ ئۈستىگە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن قايسى ھاراقنىڭ ياخشى، قايسىسىنىڭ ناچارلىقىنى پەرقلەندۈرەلمەمدۇ ياكى بېخىللىقىدىنمۇ سورۇنغا ھاراق كەلتۈرسە، نەدىكى دېھقانلار، مۇساپىرلار، پىيەنچۈكلەر ئىچىدىغان ھاراقلارنى كەلتۈرۈپ، باشلىقلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىكەن.
ھاراق ئىچمەيدىغانلار خىزمەت قىلىشنى ئاز - تولا بىلسىمۇ، لېكىن دوكلات قىلىشنى بىلمەيدىكەن. باشلىقلار يازدا سالقىن، قىشتا ئىسسىق ئىشخانىلىرىدىكى ئالدىراشلىق ئىچىدىن ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ، ئىسسىقتا شامدەك ئېرىپ، سوغۇقتا چوكا مۇزدەك قېتىپ خىزمەت تەكشۈرگىلى كەلسە، ھاراقنىڭ گىرادۇسىنى تەڭشەپ، داپ - دۇتىرىنى چىڭىتىپ، پاقلاننى تونۇرغا تىقىپ، رەققاسلارنى قاتار تىزىپ، باشلىقنىڭ چارچاپ كەتكەن مېڭىسىنى، سېرقىراپ كەتكەن پۇت - قوللىرىنى راھەتلەندۈرۈشنى ئويلىماي، خىزمەت دوكلات قىلىمەن دەپ قۇرۇق قەغىزنى قولتۇقلاپ يۈرىدىكەن.
ھاراق ئىچمەيدىغانلار تولىمۇ قورقۇنچاق كېلىدىكەن. ئۇلار ھالال - ھارامنى ئايرىيالماي، كىشىنىڭ ھەققىنى يېسە گۇناھ بولىدۇ دەپ قورقىدىكەن، خەقنىڭ قارغىشىغا كېتەرمەنمۇ دەپ قورقىدىكەن، قانداقتۇر ئاخىرەتتە سورىقى بار دەپ قورقىدىكەن، قانۇن - نىزاملارنى بەك مۇقەددەس بىلىپ قورقىدىكەن. قورقۇپ يۈرۈپ، تېنەپ - تەمتىرەپ ھېچ ئىشنى قاملاشتۇرالمايدىكەن. باشلىقلار بىلەن ھاراقتا ئۈلپەتلىشىپ، سىردىشىپ يۈرمىگەچكە، قارتا، ماجاڭ ئويناپ ئۇتتۇرۇپ بەرمەيدىكەن، مەست بولۇۋېلىپ، يانفونىنى مەردلىك بىلەن سوۋغا قىلمايدىكەن.
ھاراق ئىچمەيدىغانلار «دەردى يوق ئېشەك، ئىشقى يوق كېسەك» ئىكەن. ئىچمىگەننىڭ ئۈستىگە قىزىل چىراغ رايونلىرىغىمۇ يېقىن يولىمايدىكەن. مەدەنىيەتسىزلىكىدىن تانسا دېگەننى ئۇقمايدىكەن. ئەمما داپ، دۇتار ئاۋازىنى ئاڭلىسا ئوغلاقتەك سەكرەپ كېتىدىكەن. ئۇلار باشلىقلارنى پات - پات نازىنىنلار دۇنياسىغا باشلاپ بېرىپ، باشلىقنىڭ قىزلارنى قۇچاقلاشلىرىدىن، يالاشلىرىدىن، غاجاشلىرىدىن لېۋىنى يالاپ تۇرۇپ ھۇزۇرلىنىشنى ئەسلا بىلمەيدىكەن.
ھاراق ئىچمەيدىغانلار قائىدە ئۇقمايدىكەن. باشلىقلارغا بىرنەرسە تەستىقلىتىشقا توغرا كەلسە، ئاۋۋال داڭلىق رېستوراندىن خاس ھۇجرا ئېلىپ پەيزى قىلغاچ مەسلىھەت سوراپ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ بولۇپ، ئاندىن ئەتىسى ئىشخانىغا ئىلتىماسىنى كۆتۈرۈپ بارماي، تومپايلارچە ئىشخانىغا ئۇدۇل بېرىپ، باشلىقنى بىئارام قىلىدىكەن. باشلىق قوشۇلمىسا، ئۆزىنىڭ بولۇمسىزلىقىدىن كۆرمەي، ئورۇنسىز خاپا بولۇپ يۈرىدىكەن.
ھاراق ئىچمەيدىغانلار بەك شەخسىيەتچى بولۇپ، ئومۇمىيلىق ئېڭى پەقەت يوقكەن. ئۇلار ھاراق ئىچمىسە، ھاراق زاۋۇتلىرىغا كىرىم بولمايدىغانلىقىنى، نەتىجىدە، ھاراق زاۋۇتلىرىدىكى نەچچە يۈز مىڭ ئىشچىنىڭ ئىش ئورنىدىن قالىدىغانلىقىنى؛ ئىشسىزلار كۆپىيىپ كەتسە، سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بۇزۇلىدىغانلىقىنى ئويلىمايدىكەن.
دەپ كەلسەم گەپ جىق. ئىشقىلىپ، ھاراق ئىچمەيدىغانلار ھېچ ئىشقا يارىمايدىكەن. پارتكوم شۇجىسىنىڭ دانالىقىغا، ئالدىن كۆرەرلىكىگە قول قويدۇم. ھەقىقەتەن ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك ...

(ئاپتور: گۇما ناھىيە كېلياڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى)
ژۇرنىلىمىز 2004.3 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 نېمە ئۈچۈن؟
 دېھقانلار قاچان باي...
 فېليەتونلاردىن تەر...
 جۇڭگولۇق ، ئامېرىكى...
 «نان قېپى»
 ئۈچ چوڭ تاغ
 ئۈستەلگە مۇشتلاش كې...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号