www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ئۈستەلگە مۇشتلاش كېسىلى
ئاپتور:مۇھەممەت مۇسا    چېكىلىش سانى:4468    ۋاقتى:2007-4-2    . www.seltenet.com .

_ قول سىزنىڭ بولغىنى بىلەن، ئۈستەل دۆلەتنىڭ. بولدى بەس، ئەمدى ئۈستەلنى مۇشتلاۋەرمەڭ، يىغىن مەيدانىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ سوت مەيدانىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن.


***********************


يېقىندا مەلۇم بىر يېزا ئورگىنىدا ئىشلەيدىغان ئاغىنەم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يېزىنىڭ باشلىقى يىغىن خۇمار ئادەم بولۇپ، داۋاملىق مۇنبەرگە چىقىپ سۆزلىگىلى ئامراق ئىكەن. قىزىق يېرى ئۇ باشلىق ھەر قېتىم سۆزگە چىققاندا ئۈستەلگە مۇشتلاپ سۆزلەشنى ئادەت قىلىۋالغان بولغاچقا، يىغىن سەھنىسىگە قويۇلغان ئۈستەل پەنەركە تاختىدىن ياسالغان «سۈپەتلىك» ئۈستەل بولغانلىقتىن، باشلىقنىڭ قايتا - قايتا مۇشتلاۋېرىشىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، تىلىم - تىلىم يېرىلىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى باشلىق يەنە چوڭ يىغىندا سۆزلەۋېتىپ بەك ھاياجانلىنىپ ئولتۇرغان ئورنىدىن ئۆرە تۇرۇپ، سۆزلەپ - سۆزلەپ كونا ئادىتى بويىچە ئۈستەلگە يەنە گۈم - گۈم ئاۋاز چىقىرىپ ئارقا - ئارقىدىن ئىككىنى مۇشتلاپتۇ. ئەپسۇس، بۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىپتۇ. يەنى ئۈستەلگە قويۇپ قويۇلغان مىكروفون ئۈستەلگە ئۇرۇلغان مۇشتنىڭ تورىدا قاڭقىپ يەرگە چۈشۈپ سۇنۇپ كېتىپتۇ. بۇنداق ئەخمىقانە كۆرۈنۈشنى كۆرگەن يىغىن ئەھلى ئىختىيارسىز ھالدا قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. بەزىلەر قۇلاق - مېڭىسىنى يەپ بىزار قىلىۋەتكەن مىكروفوننىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكىگە خۇش بولغانمۇ قانداق، گۈلدۈراس چاۋاك چېلىۋېتىپتۇ. بۇ چاغدا باشلىق ئۆزىنىڭ ئەخمىقانە ئىشىدىن سۆيۈنۈپ ياكى كۆپچىلىكنىڭ مەسخىرىسىنى ئالقىش ھېس قىلىپ كۆپچىلىك بىلەن تەڭ كۈلۈپ چاۋاك چېلىپ ئىغاڭلاپ كېتىپتۇ. زالدىن يەنە مەسخىرە كۈلكە كۆتۈرۈلۈپتۇ.
باشلىق بار ئاۋازى بىلەن كاكىراپ:
_ بولدى قىلىڭلار، كۈلۈشمەڭلار، دىققەت قىلىڭلار ! يىغىننى داۋاملاشتۇرىمىز ! دەپ يەنە ئۈستەلگە گۈم - گۈم مۇشتلاپتۇ.
يىغىن ئەھلى بىر - بىرىگە قاراپ:
_ باشلىقنىڭ قولى سۇنۇپ كەتمىسە بولاتتى، ۋاي ئىسىت، يۈزلىرى قىزىرىپ گۈرەن تومۇرلىرى كۆپۈپ چىقتى، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ كېتەرمۇ؟  _ دېيىشىپتۇ.
بۇ يېزا باشلىقىنىڭ دائىملىق ئادىتى بولۇپ، مەيلى چوڭ يىغىنلار ياكى ئادەتتىكى يىغىنلاردا بولسۇن ئەنە شۇنداق ئۈستەلگە مۇشتلاپ تۇرۇپ سۆزلەيدىكەن. ھەتتا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئائىلىسىدە خوتۇن - بالىلىرىغىمۇ ئاشۇنداق ئۈستەلگە مۇشتلاپ سۆزلەيدىغان بوپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ باشلىق كېسەلچان دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ھېيت پەتىسى بىلەن يوقلاپ بېرىپتۇ، داستىخاندا ئولتۇرۇپ سۆزلەۋېتىپ ھاياجىنىنى باسالماي، تۇيۇقسىز داستىخانغا مۇشتلاپ نازۇنېمەتلەرنى سورىۋېتىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قاپتۇ. دادىسى ئوغلىنىڭ بۇ خىل ئادىتىنى ياقتۇرماي قاتتىق نارازى بوپتۇ.
يېزا باشلىقىنىڭ ئۈستەل مۇشتلاپ سۆزلەيدىغان بۇ ئادىتى خۇددى يوقۇملۇق كېسەلدەك بارا - بارا يېزا ئورگىنىدىكى مۇئاۋىن يېزا باشلىقلىرى، بۆلۈم، ئىشخانا باشلىقلىرى، ھەتتا يېزىغا قاراشلىق ئىدارە - جەمئىيەتلەرنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرىغىچە يۇقۇپ ھەممىسى ئۆز ئورۇنلىرىدا يىغىن ئاچسا ئاشۇنداق ئۈستەل مۇشتلاپ بىرقانچىسىنىڭ قولى ئىششىپ زەخىملىنىپ، دوختۇرخانىلاردا دورا چېپىپ يۈرگەنلىكى كىشىلەر ئارىسىدا ھېكايە بولۇپ تارقىلىپ كېتىپتۇ.
ھەتتا بەزىلىرى قول ئاستىدىكى پۇقرالارنى ئەرزىمەس ئىشلار تۈپەيلى تەربىيە - تەنقىد قىلماقچى بولسا، شۇ ئۈستەل مۇشتلايدىغان ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ھەيۋە قىلىدىكەن. مەن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ، ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم ھەم نەپرەتلەندىم. ئۈستەلگە مۇشتلايدىغان ئاشۇنداق ئەمەلدارلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى نېمە دەپ بەرگەن؟ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئامما ئۇلاردىن شۇنداق قىلىشنى كۈتكەنمۇ؟ ئۇلارنى پارتىيە، ھۆكۈمەت بىرقانچە يىل تەربىيىلەپ يەنە نۇرغۇن ئىقتىساد چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرىدە ياكى ئۆز جايلىرىدا سىياسىي نەزەرىيە ۋە كەسپىي ئەخلاق بىلىملىرى بويىچە ئوقۇتۇپ ۋەزىپىگە قويسا، رەھبەرلىك ئورنىغا ئولتۇرۇۋېلىپلا قىلىق چىقىرىپ، ئاممىغا ئاشۇنداق قوپاللىق قىلىپ، ئۈستەل مۇشتلاپ ھۆكۈرەپ ھەيۋە كۆرسىتىپ يۈرسە، ئۇلار ئاممىنىڭ نەزىرىدىن تەدرىجىي چۈشۈپ كەتمەسمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاممىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازى خىرەلىشىپ كەتمەسمۇ؟ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋ ئاممىنىڭ ئۇلاردىن كۈتىدىغىنى زادى نېمە؟
ئۇلار ئاغزىدا «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى ۋە «پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى پروگراممىسى» قاتارلىقلارنى سۆزلەپ يۈرگىنى بىلەن ئەمەلىيىتى زىت تۇرسا، ئۇلارغا ئامما قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟
ئۇلار قانداق قىلىپ ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە، ئىلغار مەدەنىيەتكە، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ؟ ئۇلار ئاشۇنداق ئۈستەل مۇشتلاپ يۈرۈپ ئاممىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ، ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماقتا. ئۈستەل مۇشتلاپ كىشىلەرگە قۇرۇق ھەيۋە قىلىش  _ پارتىيىمىزنىڭ ۋە پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستىلىغا ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا پۈتۈنلەي خىلاپ.
ئۈستەل مۇشتلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھېلىقىدەك ئەمەلدارلارغا شۇنداق سېگنال بەرمەي تۇرالمايمىزكى: قول سىزنىڭ بولغىنى بىلەن، ئۈستەل دۆلەتنىڭ. بولدى بەس، ئەمدى ئۈستەلنى مۇشتلاۋەرمەڭ، يىغىن مەيدانىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ سوت مەيدانىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن.
ئۆزىمىزنى ئاسرايلى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەيلى، پۇقرالارغا ھەيۋە كۆرسىتىپ دەۋر سۈرىدىغان زاماننىڭ ۋاقتى ئۆتتى، ئادەملەر سىياسەتنى چۈشىنىپ قالدى. قانۇن ساۋاتلىرىنىمۇ خېلى بىلىپ قالدى، قائىدە چۈشىنىدۇ. ئىلمىي باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆزىمىزگە مايىل قىلىپ ھەم پاكىت ئاساسىدا قايىل قىلىپ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلايلى، ئاڭلىقلىق ھەممىدىن مۇھىم. شۈبھىسىزكى، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، ئىشەنچ، ھۆرمەت - قائىدە بولغاندىلا خىزمەتلىرىمىزدە زور نەتىجىلەر ۋە تەرەققىياتلار بارلىققا كېلىدۇ. ئۈستەلگە مۇشتلاۋەرسەك ئەتراپىمىزدا ئادەم قالماي، ھۈركۈپ كېتىپ ئۆزىمىز يالغۇز قالىمىز.
خەلقىمىز ئىچىدە «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس«، »يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس» دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ماقال - تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر بار.
ئۈستەل مۇشتلاپ، ھەيۋە قىلىش بىر خىل ئىقتىدارسىزلىق، ئۇنىڭ قايىل قىلىش كۈچى يوق بولۇپلا قالماستىن، ئۇنداق تەلۋە ئەمەلدارلار كىشىلەرنى نەپرەتلەندۈرىدۇ، يىرگەندۈرىدۇ.
پۇقرالارغا قانچە قىزغىن، ئىلمىي، كۆيۈمچان، سىرداش بولغان رەھبەرلەرنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبرازى نۇرلىنىپ، ھۆرمىتى چوڭقۇر، ئىناۋىتى يۇقىرى بولىدۇ. شۇ سەۋەبلىك كىشىلەر ئۇنداق ئەمەلدارلارنى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدەك كۆرىدۇ، ئىشىنىدۇ، يېقىنلىشىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاڭلىق يوسۇندا ساداقەتمەنلىك بىلەن بىجانىدىل ئىجرا قىلىدۇ. رەھبەر بىلەن پۇقرا ئۆزئارا ئىناق - ئىتتىپاق بولغاندىلا ھەرقانداق ئىشتا ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.
شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىۋېلىش زۆرۈركى، پۇقرا دېمەك   _ خەلق دېمەكتۇر، خەلق ئاممىسى دولقۇنلاپ مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دېڭىز - ئوكيانغا، ئەمەلدارلار بولسا شۇ دېڭىز - ئوكياندا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كېمە، قېيىق ياكى كاتىرغا ئوخشايدۇ. دېڭىز - ئوكياندا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شىددەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلسە ئاشۇ مەغرۇر ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كېمە، قېيىق ياكى كاتىر دولقۇندا غەرق بولماي، خادا تاشلارغا سوقۇلۇپ پارچىلىنىپ كەتمەي ئامان قالارمۇ؟
ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارمۇ قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا.
شۇڭلاشقا تىلى بىلەن بىردەك بولماي ھەرىكىتى بارغانسېرى قوپاللىشىپ، پۇقرالاردىن يىراقلاپ كېتىۋاتقان ئەمەلدارلارغا مەرھۇم خەلق قوشاقچىسى مۇھەممەت ناپىرنىڭ:
«كادىر بولساڭ سېلىق بول،
سوغۇق بولماي، ئىللىق بول.
خەلقى ئالەم ئىچىدە،
سۇغا چۆمگەن بېلىق بول.
سىلىق قىلساڭ سۆزۈڭنى،
ئامما بولۇر ئامراق.
يىرىك قىلساڭ سۆزۈڭنى،
ئەل بولار سەندىن يىراق».
دېگەن قوشىقىنى تەقدىم قىلىشنى لايىق تاپتىم. ئۇلار بۇ ئىبرەت ئەينىكىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھەجۋىي شولىسىنى كۆرۈپ، ئەقلىنى تېپىپ، تۈزۈلۈپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

(ئاپتور: يەكەن خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە تەھرىر)
ژۇرنىلىمىز 2004.3 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 نېمە ئۈچۈن؟
 دېھقانلار قاچان باي...
 فېليەتونلاردىن تەر...
 جۇڭگولۇق ، ئامېرىكى...
 «نان قېپى»
 ئۈچ چوڭ تاغ
 ھاراق ئىچكەنلەر ياخ...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号