www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
«نان قېپى»
ئاپتور:ئابدۇغېنى قۇرباننىياز    چېكىلىش سانى:6695    ۋاقتى:2007-4-2    . www.seltenet.com .

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى. بۈگۈن بولمىسا ئەتە، ئەتە بولمىسا ھامان بىر كۈنى ھۆكۈمەتتىن «پالانى كۈنى ئىشقا چۈشىدۇ، ئىش ھەققى مانچە يۈز سوم» دېگەن ئۇقتۇرۇش كېلىدۇ. بۇ دېگەن بىر ئۆمۈر يېتىپ يېسەممۇ تۈگىمەيدىغان ئالتۇن تېغىم بولىدۇ. شۇ چاغدا «ھۇ نان قېپى، كارغا يارىماس» دېگەنلەرگە ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويمايدىغان بولسام، خەپ ...

****


كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۈندە مايلاپ تارىلىدىغان چېچىم ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم تارغاق كۆرىدىغان بولدى. پىچاق تىغىدەك تىك قىرلانغان ئىشتىنىمنىڭ تىزى بۆكتەك پۇسكۇيۇپ چىقتى. توپا قونمايدىغان پارقىراق ئايىقىم «ماي» دېگەن نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، ئەمدىلىكتە رەڭگىنىمۇ تونۇغىلى بولمىغۇدەك ھالغا كېلىپ قالدى. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ يۇرتقا كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە كۆزۈمنىڭ ئىچىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغان قىزلارنىڭمۇ رايى يېنىپ، ھازىر ئۇلار بىردىن بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالدى. تەڭتۈشلىرىم بولسا، «پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى»گە ئېرىشىپ بولدى. كىچىكلەر مېنى «قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان قېرى يىگىت» دېيىشىپ، قارىماستىن ئۆتۈپ كېتىشتى. ئۆيدىمۇ مېھمانلىنىپ - چىمانلىپ بولدۇم. ئانامنىڭ قىز مېلىنىمۇ ساتتۇرۇپ پۈتۈن ئائىلىنى قاقسەنەم قىلىۋەتكەن تۇرسام، ئۆيۈمدىكىلەرگە قايسى يۈزۈم بىلەن قاراپ، قايسى ئېغىزىم بىلەن نېمىمۇ دەيمەن؟ لېكىن ئامال يوق، بەرگەننى يەپ تۇردۇم (كۆڭلۈمدە يېمەكچى بولغانلىرىمنى يېيەلمىسەممۇ).
ئالىي مەكتەپتە تۆت يىل مەخسۇس تارىخ ئوقۇدۇم. ئۇيغۇرنىڭ دەمدۇ، جۇڭگونىڭ دەمدۇ، چەت ئەلنىڭ دەمدۇ، قەدىمقىنى دەمدۇ، يېقىنقىنى دەمدۇ ... قوغۇرسۇر ئالتۇندىن تارتىپ كۇڭ زى، ئەپلاتۇنغىچە بىلمەيدىغىنىم يوق. ئالتۇن دەۋر، قانلىق يىللار ... ھازىرچە بىرى مەندىن سوراپمۇ قويمىدى، سورايدىغان بولسا، يىپىدىن يىڭنىسىغىچە شارىلداپ ئاققان سۇدەك راۋان دەپ بېرەتتىم. قورسىقىمدا باشقىلارغا ئوخشاش يېگەن ئاش - ناندىن باشقا بىلىم دېگەن تولۇپ يېتىپتۇ. سەھرايى قىيامەتنىڭ ئادەملىرى كور، نادان، ئۇ خەق ئالتۇننىڭ قەدرىنى نېمە بىلسۇن؟ ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلىدۇ. مەن مۇنداق قالمايمەن.
كۈنلەر ئۆتۈۋەردى. ئۈمىدىم كۆپۈككە، زېرىكىش - تېرىكىشكە ئالماشتى. مۇنداق يېتىۋەرسەم بولمايدىكەن. يەۋەرسەم ئۇيۇلىدىكەنمەن. يېمىسەم ئۆلىدىكەنمەن.
بىلگەن «تارىخ»ىم بىلەن نېمە قىلالايتتىم؟
دادامغا ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق قىلماقچى بولدۇم. 16 يىل ئوقۇپ كەتمەن دېگەندىنمۇ چىقىپ قاپتىمەن. قوللىرىم قاپىرىپ، بەللىرىم سىرقىراپ بولالماي قالدىم. ئىنىمنىڭ ياغاچچىلىق ھۈنىرىگە ياردەملەشمەكچى بولۇپ باردىم - يۇ، توقماق بىلەن بىرنى قويۇپ، سول قولۇمنى خېلى قاتتىق سوقۇۋالدىم.
ماشىنا ئېلىپ كىراكەشلىك قىلىشنى ئويلىدىم. لېكىن ئۇنىڭغا پۇل نەدە؟ ماگىستىرلىق كىنىشكام ماشىنا ھەيدەشكە ئەسقاتمايدۇ.
باققالغا قاراپ باقتىم، ياماقچىغا قاراپ باقتىم، مەن بىر باكالاۋر، ئۇنداق ئىشلارنى قىلسام قانداق بولغىنى؟ ئۇنىڭدىنمۇ رايىم ياندى. بازار كۈنى كوچىدا ساپايە سوقۇپ «ھەق ئاللا» دەۋاتقان سائىلغا قاراپ ھەيران قالدىم: ئۇنىڭ ئاۋازى ياڭراق، سۆزلىرى يېقىملىق، يۈرەكنى ئېزىدۇ. ئۇنىڭ خالتىسى توشاي دەپ قالغان، قاپقارا قاتاڭغۇر قولىدا بىر تۇتام پۇل. ئۇنىڭغا نان، پۇل، مېۋە … ئىشقىلىپ ئۈسكەندىن چۈشكەن ئۈگۈتتەك ئۈزۈلمەي كېلىپلا تۇرىدۇ. ئۇ نېمە دېگەن تەلەيلىك ھەم بەختلىك؟ مەن ئەدناسى شۇ ساپايىنىمۇ سوقالمايمەن - دە!
16 يىللىق ئۆمرۈم دەرسخانىلاردا كىتاب - دەپتەر بىلەن ئۆتتى. مۇشۇ كەمگىچە مەن يادلىمىغان كىتاب، مەن توۋلىمىغان شوئار ئازمۇ؟
مەن مۇئەللىم نېمە دېسە شۇنى قىلدىم. «قىلما» دېگەننى ھەرگىزمۇ قىلمىدىم. ئويلىسام ئۇ چاغلاردا مەن قۇلىقى يۇمشاق، پەزىلەتلىك، رايىش بالا ئىدىم. ھەممە مېنى «ئەخلاقلىق، ئەقىللىق بالا» دەپ ماختايتتى. لېي فېڭچە، لېي نىڭچە ئۆسمۈر بولۇپ ئالغان مۇكاپات، تەقدىرنامىلىرىممۇ خېلى بار. ئاتا - ئانام، قولۇم - قوشنىلارنىڭ «شۇنداق بولسۇن دەپ ئەگكەندەك، قايچىدا قىرقىغاندەك، تاناپ تارتقاندەك ئوڭلۇق بالا» دەپ ماختاشلىرى، پەخىرلىنىشلىرىچۇ؟
ساردىن چىققان قارچۇغا، سەھرادىن چىققان ئۆلىما ئىدىم. ئىلگىرى ھەممە زوقلىنىپ ماڭا قارىشاتتى. ئەمدى مەن ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئىشىغا، يەۋاتقان نېنىغا، قولىدىكى پۇلىغا تەلمۈرۈپ قاراپ قالدىم. جاھاننىڭ تەڭشەلگىنى مۇشۇ ئوخشايدۇ.
قازانچىنىڭ شاگىرتى ئۇستىسىنىڭ قازاننى قانداق قۇيغانلىقىنى كۆرمىسىمۇ، ئىككى يىلدا مۇكەممەل ئۆگىنىپ بولارمىش. مەنچۇ، مەن 16 يىلدا نېمە ئۆگەندىم؟ مائارىپ ماڭا نېمە ئۆگەتتى؟
50 يىل مابەينىدە ياش، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئىچىدە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتەلمىسە، مەن 6 يىلدا «باكالاۋر» بولدۇم.
قاراپ باقسام، بىرىنچى يىللىقتا ساۋات چىقىرىپ ھايات مۇساپەمدە يېڭى ئىرا باشلىغان بولساممۇ 11 يىلدا، 16 يىلدا شۇ بىر ئوقۇرنى ئايلىنىپتىمەن. ئەمدى مېنىڭدە ساۋاتتىن ئۆزگە قالغىنى نېمە؟
ئادەمگە تەلەي قىيا باقىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدىكەن. ئۈمىدىم ئۈزۈلەي دېگەن كۈنلەردە ھۆكۈمەت ئورگىنىغا كاتىپ، تەرجىماننى نەق مەيداندا تاللاپ ئالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇدۇل ناھىيىگە چاپتىم. ئەمدى نېمىسىنى ئېيتاي، ئۇلار«چوقۇم ئىش ئورنى بولغان، ياش، ئالىي مەلۇماتلىقلاردىن بولۇشى كېرەك»كەن. چالمام سۇغا چۈشتى.
ئۇزاق ئۆتمەي ئوقۇتقۇچى ۋە مەمۇرىي خادىملىققا جەمئىيەتتىن تاللاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. بۇ دۆرەم ئىشلىرىم خېلى ئوڭغا تارتىپ دەخلىسىز تىزىملاش شەرىپىگە ئىگە بولدۇم. دۆلەت تىلى، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا پەنلىرى ئىمتىھانىدىن ئۆتسەك، ئاندىن كەسىپتىن ئىمتىھان بېرىدىغان گەپكەن. ئاتا - ئانامدىن راسخوت ئۈچۈن ئاران پۇل ئېلىپ ئىمتىھانغا قاتناشتىم. «تىل - ئەدەبىيات» ئىمتىھانلىرى بىر ئويۇن ھېسابىدا ئۆتتى. ئەزەلدىن مەن ئۆچ كۆرگەن »ماتېماتىكا« بار ئۆچىنى ئالدى. ئۇنى دېمىسىمۇ سەككىز يىل مابەينىدە كەسپىمگە مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ، ماتېماتىكا كىتابىنى قولۇمغىمۇ ئېلىپ باقمىغان تۇرسام. مىڭ ئۆلۈپ، مىڭبىر تىرىلدىم.
ئومۇمىي نومۇرۇم تەلەپكە يەتكەن بولسىمۇ، «ماتېماتىكا» تەلەپكە يەتمەي قۇرۇق قول قايتىشقا مەجبۇر قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ئىدارىدىكىلەرگە ئەھۋال قىلدىم. ئۇلار تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك جاۋاب بېرىشتى:
_ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇم دەيسىز، ئىمتىھان ئالدۇق، ئۆتەلمىدىڭىز ...
_ ئاۋۋال كەسىپتىن ئالسۇن. كەسىپتىن ئۆتەلمىگەندە ئاندىن ...
_ ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.
_ مەن 16 يىل ئوقۇدۇم، ئەمدى نېمە قىلىمەن؟
_ ئىختىيارىڭىز.
_ ئوقۇتقان كەسىپ تارىخ تۇرسا ...
_ ئوقۇتقان كەسىپ شۇ تۇرسا؟! ئۆزىڭىز ئوقۇغانسىز ...
_ چاقىرىق كېلىپ، ئوقۇتقاندا ئوقۇدۇم.
_ ئوقۇغان بولسىڭىز، بىلىم ئالغانسىز؟
_ ئالدىم. ئەمدى ئۇنى نېمە قىلىمەن؟
_ ئىختىيارىڭىز. سىزدەكلەردىن 13 مىڭى بار. قولىڭىزدىن كەلسە ئىش تېپىڭ.
_ مەن قانداق تاپىمەن؟
_ تازا مەتو، دەلدۈشكەنغۇ بۇ؟ ئىش تاپالمىساڭ خالاغا بېلەت سات_ ھۇ، نان قېپى ...
بىر تاغار دەرد - ئەلەم بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.
16 يىل ئوقۇپ خالاغا بېلەت ساتسام، باشقا ئىش ئۈچۈن قانچە يىل ئوقارمەن؟ خەيرىيەت، يېزىدا خالاغا بېلەت سېتىلمايدۇ. شەھەردىكى خالانىڭ ئىگىسى بار. 13 مىڭ كىشى بېلەت ساتقۇدەك يۇرتىمىزدا قانچىلىك شەھەر بار؟
«نان قېپى ... ! نان قېپى!» بۇ سۆزلەر مېڭەمنى قوچۇۋەتتى.
مەن ئەزەلدىن مۇشۇنداق«نان قېپى» يارالغاندىمەنمۇ؟ بىراۋ شۇنداق ياراتقانمىدۇ؟ سىلەر مېنى نان قېپى قاتارىغا چىقاردىڭلار. شۇ ئورنۇڭلار، شۇ ئىمتىھان نەتىجەڭلار بىلەن. سىلەر بىر بولساڭلار «ئىمتىھان ! ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ شۇ سوئال دائىرىسىدىكى بىلىمىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ، شۇ كىشىنىڭ پۈتۈن بىلىمىنى ئۆلچىمەيدۇ؛ شۇ كىشىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دەيسىلەر. ئەمدى شۇ بىر «ئىمتىھان»بىلەنلا يارىماس قاتارغا چىقىرىسىلەر، زادى قايسى گېپىڭلار راست؟!
ئېيتىڭلار قېنى، مەندىن ئالغان ئاشۇ ئىمتىھاننى سىلەردىن ئالسا، سىلەر قانداق قىلارسىلەر؟
سىلەر بىزنى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرگەن نان قېپى. سىلەرمۇ، مەنمۇ، ئۇلارمۇ «نان قېپى» بولۇۋەرسە، بۇ نان قاپلىرىغا كەلگۈسىدە قايسى ناننى سالىمىز؟
بالىلارغا شۇنى خىتاب قىلغۇم كېلىدۇ:
_ بالىلار، ئاگاھ بولۇڭلار، ئۇ نان قاپلىرى سىلەرنىمۇ مەندەك نان قېپى قىلىپ يېتىشتۈرمىسۇن. سىلەر ئۆزگىچە ئادەم بولۇڭلار!
مەن بۈگۈن شۇنى تونۇپ يەتتىم. باشقا ئىش قولۇمدىن كەلمىسىمۇ كۆڭلۈمدىكىنى دېيىش، ۋارقىراش بولسىمۇ كېلىدۇ:
_ خالايلىق ئۆيۈڭلاردىكى، ئەتراپىڭلاردىكى سەبىي بالىلارنى قۇتقۇزۇڭلار! ئوقۇش - ئوقۇتۇشنى دەۋرگە، زامانغا لايىق ئىسلاھ قىلىڭلار. ئەمدى ئىسلاھات قىلىش پەيتى يېتىپ كەلدى. ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەنسىلەر، كۈندە دېگۈدەك تۇغۇلۇپ قاتارغا قېتىلىۋاتقان ساناقسىز نان قاپلىرى قەيەرگە سىغىدۇ؟ جېنىنى قانداق باقىدۇ؟ رىقابەتكە قانداق قاتنىشىدۇ؟

(ئاپتور: چىرا ناھىيە دامكۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)
ژۇرنىلىمىز 2004.4 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 نېمە ئۈچۈن؟
 دېھقانلار قاچان باي...
 فېليەتونلاردىن تەر...
 جۇڭگولۇق ، ئامېرىكى...
 ئۈچ چوڭ تاغ
 ئۈستەلگە مۇشتلاش كې...
 ھاراق ئىچكەنلەر ياخ...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号