شەنبە كۈنى دادام بىلەن ئىككىمىز سەھراغا بوۋامنى يوقلاپ باردۇق. تاماق پىشقىچە ئىچىم پۇشۇپ تۇرالماي قالدىم. قارىسام دېرىزە تەكچىسىدە تاش ۋارىقى يىرتىلىپ كەتكەن بىر كىتاب تۇرۇپتۇ. ئۇنى ئېلىپ ئوقۇپ كۆرسەم «ئارمىيىمىز (ئۈچ چوڭ تاغ)نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ… » دېگەن سۆز كۆپ ئۇچرىدى . كىتاب بوۋامنىڭ بولغاندىكىن مەنىسىنى بىلىشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ ئۇنىڭدىن سورىدىم: _ بوۋا، «ئۈچ چوڭ تاغ» دېگەنلەر قايسى تاغلارنى كۆرسىتىدۇ؟ _ جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزم، _ دېدى بوۋام ماڭا قاراپ. بوۋامنىڭ دېگەنلىرى تاغنىڭ ئىسمىغا پەقەتلا ئوخشىماي قالدى. ئۇ ياشىنىپ قالغان بولغاچقا، ئەيىبكە بۇيرىماي دادامدىن سورىدىم: _ دادا، بوۋامنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشىنەلمىدىم، سەن دەپ باقە، «ئۈچ چوڭ تاغ» دېگەن قايسىلار؟ دادام باشتا كۈلۈپ كېتىپ، كېيىن چوڭقۇر بىرنى تىنىپ قويۇپ ناھايىتى راۋان جاۋاب بەردى: _ ئۆي سېتىۋېلىش، داۋالىنىش ۋە بالا ئوقۇتۇش، مانا بۇ سەن چۈشىنىشكە تېگىشلىك، مەن كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك «ئۈچ چوڭ تاغ!» ئەمدى بىلگەنسەن؟ بوۋامنىڭ جاۋابىدىن دادامنىڭ جاۋابى ماڭا خېلى چۈشىنىشلىك تۇيۇلدى. ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ شۇئان مەسلىھەت بەردىم: _ دادا، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ بىر ھويلىدا نۇرغۇن ئەسكەرلەر تورنىك ئويناپ بىكار يۈرىدۇ. بۇ «ئۈچ چوڭ تاغ»نى ئاغدۇرۇشقا شۇلارنى ياردەمگە چاقىرساق بولمىدىمۇ؟ شۇنداق قىلايلىچۇ؟ _ ماڭ، ماڭ، _ دېدى دادام مېنىڭ چارەمگە قوشۇلمىغاندەك، _ بۇ تاغلارنى ئاغدۇرۇشقا پۇلدىن باشقىسى بىكار. ئارمىيىنىڭمۇ كۈچى يەتمەيدۇ ... مۇئەللىم بىزگە: «يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزىمىز، ئون يۈەندىن پۇل ئېلىپ كېلىڭلار» دېگەنىدى. دادامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن ئون يۈەن سوراشقا پىتىنالمىدىم ۋە «مەن تۇغۇلمىغان بولسام دادام كۆتۈرىدىغان تاغدىن بىرسى كېمىيەر ئىكەن - دە، دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم».
(ئاپتور: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە) ژۇرنىلىمىز 2004.3 - سانىدىن
|