www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيىسى
ئاپتور:ھۈسەنجان نامان    چېكىلىش سانى:4223    ۋاقتى:2007-4-2    . www.seltenet.com .

*بىز ئۇيغۇرلاردا بۇرۇندىن تارتىپ قائىدە - يوسۇنسىز، ئەدەپ - ئەخلاقسىز، بوشاڭ، ئۇرۇشقاق، چىدىماس … كىشىلەرنى كۆرگەندە«مەشرەپ كۆرمىگەن» ئادەم ئىكەن دەيدىغان ئادەت بار.

*******************

ئۇيغۇرلار قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇيغۇر 12 مۇقامى، ئۇيغۇر مىڭئۆي بۇددا سەنئىتى ۋە ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى … ئەجدادلىرىمىز ياراتقان قىممەتلىك مەدەنىيەت خەزىنىلىرىدۇر.
بىز ئۇيغۇرلاردا بۇرۇندىن تارتىپ قائىدە - يوسۇنسىز، ئەدەپ - ئەخلاقسىز، بوشاڭ، ئۇرۇشقاق، چىدىماس … كىشىلەرنى كۆرگەندە «مەشرەپ كۆرمىگەن» ئادەم ئىكەن دەيدىغان ئادەت بار.
چوڭقۇر پەلسەپىۋى مەزمۇنغا تويۇنغان بۇ سۆزنى قانداقتۇر بىرەر پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر، ئۆلىمالار ئوتتۇرىغا قويغان بولماستىن، بەلكى ئۇ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەشرەپلىرى مۇھىتىدا تاۋلىنىپ، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىن مەنىۋى كۈچ ئېلىپ يېتىلگەن ئۇيغۇر ئاۋام خەلقىنىڭ يۈرەك سۆزىدۇر.
ئاشۇ بىر جۈملە سۆزدىن ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ۋە مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىش تەس بولمىسا كېرەك. بۇ سۆزدە ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ قىممىتى، ۋەزنى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. دېمەك، ئۇيغۇر مەشرەپلىرى — ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جان تومۇرى، ئادەم تەربىيىلەشنىڭ قېلىپى.
ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئەجدادلىرىمىز ياراتقان قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت، سەنئەت مىراسلىرىمىزنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەنئەنىۋى ئەلنەغمە ۋە ھەر خىل ئويۇنلار مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن، خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ھايات كارتىنىلىرى ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي سەنئەت ئەنئەنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان، ئۆزىنىڭ قويۇق مىللىي ئۇسلۇبى ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق جاھان ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
سەنئەت  - شۇ مىللەت ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي ھاياتىنىڭ جانلىق ئىنكاسىدۇر، دېيىلگىنىدەك ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىكى ئەڭ قايناق ھېس - ھاياجانلىق كەيپىياتلار ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىدە تولۇق نامايان بولىدۇ.
ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ قىزىقارلىق ئويۇن تۈرلىرىدىن باشقا يەنە ئۆز ئالدىغا قاتتىق، مۇكەممەل بولغان بىر يۈرۈش تەرتىپ - ئىنتىزاملىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا كەڭ دائىرىدىكى ئەدەپ - ئەخلاق تەربىيىسى چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىدىكى بىر يۈرۈش قائىدە - تۈزۈملەر نوقۇل مەشرەپنىڭلا قائىدە - تۈزۈمى بولۇپ قالماستىن، بەلكى جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي ئەخلاق مىزانلىرىنى ھىمايە قىلىش، كىشىلەرنى ئەخلاق كۆزقارىشىغا ئىگە قىلىش؛ ئەدەپ - ئەخلاق، ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلەرگە مۇخالىپ كېلىدىغان ئىشلارنى چەكلەش رولىنى ئۆتەپ كەلدى. مەشرەپلەردىكى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى بىلەن ئەدەپ - ئەخلاق قائىدىلىرى بىر - بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەچكە ئىجتىمائىي ھاياتتىكى قائىدە - تۈزۈم، ئادەملەردىكى ئەخلاقىي پەزىلەت مەشرەپلەردە تېخىمۇ جانلىق ئەكس ئېتىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ياش ئەۋلادلارنى ئەدەپ - ئەخلاقلىق، غايىلىك، تەرتىپلىك، ئىنتىزامچان، ئەمگەكچان، ئەقىل - پاراسەتلىك قىلىپ تەربىيىلەشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ھازىرقى تەرەققىياتنىڭ چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ئىگە مول مېۋىلىرى نۇرغۇن جەھەتلەردىن بىزنى سۆيۈندۈرۈپ خۇشال قىلسىمۇ، لېكىن بەزى جەھەتلەردە بىزنى يەنىلا ئەپسۇسلۇق ئىچىدە قايتا ئويلىنىشقا ئۈندىمەكتە. ئۆزىدە تالاي ئىلغار مەدەنىيەت ئېلمېنتلىرىنى ھازىرلىغان قىسمەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىمىز بىزدىن بارغانسېرى يىراقلاپ بارماقتا. ئەڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان  - قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپتىخارى، ئەدەبىيات - سەنئەت مەكتىپى، ئەدەپ - ئەخلاق بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىدىكى پايدىلىق ئەنئەنىلەرنىڭ بارغانسېرى سۇسلاپ، نە ھېچبىر تەربىيىۋى ئەھمىيىتى، نە ھېچبىر خاسىيىتى يوق كەلسە - كەلمەس ھاراق سورۇنلىرىغا، رېستوران - بەزمىلەرگە ئورۇن بېرىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ئەنە شۇلارنىڭ مىسالىدۇر.
ئەجدادلىرىمىز ياراتقان، خۇددى تارىم ۋادىسىدىكى بەردەم توغراق، يۇلغۇنلارنىڭ يىلتىزىغا ئوخشاش خەلقىمىز روھىيىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئاتا مىراسىمىز بولغان ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى بىزدىن يىراقلاشقانچە ئايىغى چىقماس ھەر خىل چاي - ئولتۇرۇشلار، روھىمىزنى چىرتىپ، كىشىنى غەپلەتتە قويىدىغان ھەر خىل ئويۇن - تاماشىلار بىزلەرگە رودىپايدەك چاپلاشماقتا. ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت يىلتىزىدىن يىراقلىشىش ۋە ئۇنىڭدىن چەتنەش ماھىيەتتە مەنىۋىيەتتىكى چېكىنىش، روھىي مەدەتتىن ئايرىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
يېقىندا ناھىيىمىزدە پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى مەخسۇس سورۇن ھازىرلاپ مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ، ياشلارغا ئەنئەنىۋى مەشرەپلەرنى ئۆگىنىشكە مەخسۇس شەرت - شارائىت يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشلارغا تۇتۇلغان پوزىتسىيە تازا قىزغىن بولماقتا يوق، ئاخىر بېرىپ قاتنىشىدىغانغا ئادەم چىقماي قالدى.
دېمىسىمۇ ھازىر بەزى ياشلىرىمىز شەرم - ھايانى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. ئاددىيسى سالام - سەھەت قىلىش بىلەنمۇ ئانچە خوشى يوق. ھاراقنى خۇدىنى يوقاتقۇچە ئىچىدۇ. ھەتتا بەزى يىگىتلىرىمىز ھە دېسىلا ھاراق - شاراپقا ئۆزىنى ئۇرۇپ ئەقەللىيسى ئەرلىك بۇرچىنىمۇ ئادا قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.
نۆۋەتتە، ياشلىرىمىزنىڭ روھىنى زەئىپلەشتۈرۈۋاتقان ئاشۇ بىرقاتار ئىللەتلەرنى ئەنئەنىۋى مەشرەپلىرىمىزدىكى ئەدەپ - ئەخلاق تەربىيىسى ئارقىلىق تۈگىتىشتىن ئىبارەت مەنىۋى دورا جىددىي زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھال كىشىلەرنى تەبىئىي يوسۇندا ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنى سېغىندۇرۇۋاتىدۇ، ئەسلىتىۋاتىدۇ.
ھازىرقى جىددىي رىقابەت دەۋرىدە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن چوقۇم جەمئىيەتكە، خەلققە، بولۇپمۇ كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ياشلار - ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەشكە پايدىلىق بولغان مەنىۋى پەرۋىشلەرگە ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا. قانداقتۇر سېپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك ئۆزىمىزنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى تاشلاپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ بىزگە ئانچە ماس كەلمەيدىغان يەنە كېلىپ ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ قولىغا سۇمۇ قويۇپ بېرەلمەيدىغان غەيرىي مەدەنىيەتلەرگە مەستانە بولۇپ يۈرسەك ۋۇجۇدىمىز تۈرلۈك ئىللەتلەردىن خالىي بولالمايدۇ.
ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى ئۇزاق تارىخىي زامانلاردىن بېرى ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكلەرنى بولۇپمۇ ياشلار - ئۆسمۈرلەرنى ئەدەپ - ئەخلاق نۇقتىسى جەھەتتىن تەربىيىلەش، يېتەكلەش جەھەتتىكى ئىجابىي رولىنى ئىزچىل تۈردە جارى قىلدۇرۇپ كەلگەنىدى.
بىز ھېلىھەم يېزا - قىشلاق، شەھەرلىرىمىزدىكى «قاتار چاي»، «قاۋاقخانا»، «دېسكوخانا»، «رېستوران قىزغىنلىقى»نىڭ ئورنىغا ئەنئەنىۋى خەلق مەشرەپلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيىسى ئارقىلىق ياشلىرىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەپ، ئۇلارنى ساغلام تەربىيىلىنىش مۇھىتىغا ئىگە قىلىشىمىز لازىم.

(ئاپتور: ئاۋات ناھىيىلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى)
ژۇرنىلىمىز 2004.3 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تاتار مىللىتى
 رۇس مىللىتى ۋە ئاق ك...
 شىبەلەر ۋە ئۇلارنىڭ قۇت نىشا...
 ئۆزبېكلەر
 قىرغىزلار ۋە «ماناس...
 بەيزۇلار
 ياۋزۇ مىللىتى

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号