www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
جۇڭگولۇقلار ۋە ئامېرىكىلىقلار
ئاپتور:تەرجىمە ئەسەر    چېكىلىش سانى:5618    ۋاقتى:2007-4-2    . www.seltenet.com .

 * ئىككى دۆلەتنى سېلىشتۇرساق، ئامېرىكىدا كۆپ نەرسىلەر جۇڭگودا ئاز ئىكەن؛ بىزدە بارلىرى ئۇلاردا كەمچىل ئىكەن؛ جۇڭگولۇقلارغا ئادەتتىكىچە بىلىنىدىغان ئىشلارغا ئامېرىكىلقلار ھاڭ - تاڭ قالىدىكەن؛ ئامېرىكىلىقلارغا ئادەتتىكىچە بىلىنىدىغان بەزى ئىشلارنى بىز يولدىن چىققانلىق، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك، دەپ قارايدىكەنمىز.

**********

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر - بىرىگە كۆپ جەھەتتىن ئوخشاشمايدۇ، بۇ ئىككىسىنى دۇنيا بويىچە پەرقى ئەڭ چوڭ، شۇنداقلا بىر - بىرىدىن ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەرلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەر دېيىشكە بولىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بېقىڭ: ئۇلارنىڭ بىرى غەربتىكى دۆلەت، يەنە بىرى شەرقتىكى دۆلەت؛ بىرى غەرب مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنە بىرى شەرق مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ بىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت، يەنە بىرى بولسا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت؛ بىرى تارىختىكى ئەڭ ياش دۆلەت، يەنە بىرى تارىختىكى ئەڭ قەدىمىي دۆلەت؛ بىرى غەرب ئەللىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، غەرب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ خوجائاكىسى، يەنە بىرى شەرق ئەللىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈلگىسى …
ئامېرىكىنىڭ بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارى جۇڭگودا ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلىشىپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ئىككى دۆلەت خەلقىگە باھا بېرىپ چىققان بولۇپ، جۇڭگولۇقلار بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەزىلىتىگە مۇنداق باھا بەرگەن: «جۇڭگولۇقلار ئەجدادىنى ماختاشقا ئامراق ئىكەن، ئامېرىكىلىقلار ئۆزىنى ماختاشقا ئامراق؛ جۇڭگولۇقلار كوچىدا ۋارقىراپ - جارقىرىشىدۇ، لېكىن رەسمىي يىغىن سورۇنىدا خېلى تىنچ ئولتۇرىدىكەن؛ ئامېرىكىلىقلار كوچىدا ناھايىتى سىپايە، ئەدەپلىك يۈرۈشىدۇ، خانىم - قىزلارغا يول قويىدۇ، لېكىن يىغىن بولۇپ قالسا، ئەر - ئايال دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي، ھارغىچە تالاش - تارتىش قىلىشىدۇ؛ جۇڭگولۇقلار دۇكان - سارايلارغا كىرسە، كېلىنچەكتەك رايىشلىشىپ كېتىدىكەن، ئامېرىكىلىقلار دۇكان - سارايلارغا كىرسە خوجايىندەك تەكەببۇرلىشىپ كېتىدۇ؛ جۇڭگونىڭ گېزىتلىرىدە نەتىجە كۆپ، ئامېرىكىنىڭ گېزىتلىرىدە ئاپەت كۆپ؛ جۇڭگولۇقلار زاۋۇت باشلىقى، دىرېكتورلارنى بىۋاسىتە سايلىيالايدۇ، ئامېرىكىلىقلار زۇڭتۇڭنى بىۋاسىتە سايلىيالايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ زاۋۇت باشلىقى، دىرېكتورلارنى سايلاش ھوقۇقى يوق ھەم ئۇلارنى باھالىيالمايدۇ».
جۇڭگولۇق بىر يازغۇچى ئامېرىكىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندىن كېيىن مۇندق دەپ يازغان: «ئامېرىكا قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا 200 يىلدىن ئاشقان بوۋاق دۆلەت، بىز بولساق 5000 يىللىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي دۆلەت. ئىككى دۆلەتنى سېلىشتۇرساق، ئامېرىكىدا كۆپ نەرسىلەر جۇڭگودا ئاز ئىكەن؛ بىزدە بارلىرى ئۇلاردا كەمچىل ئىكەن؛ جۇڭگولۇقلارغا ئادەتتىكىچە بىلىنىدىغان ئىشلارغا ئامېرىكىلىقلار ھاڭ - تاڭ قالىدىكەن، ئامېرىكىلىقلارغا ئادەتتىكىچە بىلىنىدىغان بەزى ئىشلارنى بىز يولدىن چىققانلىق، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك، دەپ قارايدىكەنمىز؛ ئامېرىكىنى چۈشىنىش جۇڭگونى چۈشىنىشىمىزگە پايدىلىق ئىكەن، بۇ ئارقىلىق بىز ۋەتىنىمىزنى، ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى تېخىمۇ قىزغىن سۆيىدىغان، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىدىغان بولىدىكەنمىز. ئامېرىكىنى چۈشىنىش يەنە بىزنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يېتىشىۋېلىشىمىزغا پايدىلىق ئىكەن».
مەن بۇ يازغۇچىنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلىمەن. ئۇنىڭ «بىزدە بارلىرى ئۇلاردا كەمچىل ئىكەن» دېگىنىگە كەلسەك، بىزدە سەددىچىن سېپىلى، خان سارىيى دېگەندەك ئاسارئەتىقە ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلار قۇمدەك تولا، لېكىن ئۇلاردا ھەقىقەتەن بۇنداق نەرسىلەر يوق. تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا زىيارەتكە چىققىنىمدا نيو - يوركتا سېلىنغىنىغا 50 يىلدىن ئاشقان بىنالارنى چېقىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھەيرانۇ - ھەس قالغانىدىم. بۇنداق قۇرۇلۇشلارنى ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىشقا توغرا كەلسىمۇ، چوقۇم فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت ئىكەن، چۈنكى ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە 50 يىلدىن ئاشقان بىنانىڭ ئۆزىلا تارىخىي يادىكارلىق ھېسابلىنىدىكەن.
«جۇڭگولۇقلارغا ئادەتتىكىچە بىلىنىدىغان ئىشلارغا ئامېرىكىلىقلار ھاڭ - تاڭ قالىدىكەن» دېگەن گەپكە كەلسەك، بىزدە ئۆي قىس بولغاچقا، قېرى - ياش ئۈچ ئەۋلاد بىر ئېغىز ئۆيدە يېتىپ - قوپىدىغان، كوچا - كويلاردا يىگىتلەر بىلەن يىگىتلەر، چوكانلار بىلەن چوكانلار قول تۇتۇشۇپ، مۈرىدىشىپ ماڭىدىغان ئىشلار تولا، بۇنى كۆرگەن ئامېرىكىلىقلار ئاتا - ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن قانداقمۇ بىللە يېتىپ - قوپىدىغاندۇ؟ قول تۇتۇشۇپ مېڭىۋاتقان ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتى نېمانداق بۇنچە يېقىندۇ؟ دەپ، بۇ ئىشلارنى ھەقىقەتەن ئويلاپ يېتەلمەيدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ بەزى دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە جۇڭگونىڭ مۇنچىلىرىغا كىرىپ باققان، ئۇلار مۇنچىدا ھەر قېرى بوۋايلارنىڭ ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ دۈمبىسىدىكى كىرلارنى سۈرتۈپ چىقىرىپ قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قېلىشىپتۇ، كۆڭلىدە بولسا: «ئۇلارنىڭ شۇنچىۋالا يېقىنچىلىق قىلىشقۇدەك نېمە مۇناسىۋىتى باردۇ؟ بىز ھەتتا بوۋىلىرىمىزنىڭ دۈمبىسىنىمۇ سۈرتۈپ قويمايمىزغۇ» دەپ ئويلاپتۇ.
ئەمدى ھېلىقى يازغۇچىنىڭ «ئامېرىكىلىقلارغا ئادەتتىكىچە بىلىنىدىغان بەزى ئىشلارنى بىز يولدىن چىققانلىق، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك، دەپ قارايمىز» دېگەن گېپىگە كەلسەك، ئامېرىكىلىقلار ئۈچ ئايلىق بولغان بوۋاقلىرىغا ئايرىم ئۆي راستلاپ بېرىدىكەن، بوۋاقلار قورسىقى ئېچىپ يىغلىسىمۇ ئاتا - ئانىلىرى ئاڭلىيالمايدىكەن، چوڭراق بولغاندا يىقىلىپ چۈشسە، ئاتا - ئانىلىرى يۆلەپ قويمايدىكەن، بالىلار چوڭ بولغاندا چوڭلارغا ئانچە ۋاپادارلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئانچە ھۆرمەتلەپ كەتمەيدىكەن؛ ئامېرىكىدا ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى قانۇنلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ياشانغان جۇڭگولۇقلار ئىككى ئەركەك ياكى ئىككى خوتۇن خەق بىر - بىرى بىلەن قانداق مۇھەببەتلىشىدىغاندۇ؟ نېمىنى مۇھەببەتلىشىدىغاندۇ؟ دەپ زادىلا چۈشىنەلمەيدىكەن.
بىر قەلەمكەش ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونى «ئەڭ ياش ۋە ئەڭ قەدىمىي» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىگەن بولۇپ، بۇ سۆز ئادەمگە بىر يىگىت بىلەن بىر بوۋاينى ئەسلىتىدۇ. ياشانغانلار تەجرىبىگە باي كېلىدۇ، ياشلارنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئەمدى ئۇلارنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى: بىرىنىڭ يەر مەيدانى 9 مىليون 360 كۋادرات كىلومېتىر، يەنە بىرىنىڭ يەر مەيدانى 9 مىليارد 600 مىليون كۋادرات كىلومېتىر؛ بىرى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ماددىي مەدەنىيلىككە ئىگە، يەنە بىرى ئەڭ مول مەنىۋى مەدەنىيلىككە ئىگە؛ بىرى كاپىتالىزمنىڭ جەننىتى، يەنە بىرى كوللېكتىۋىزملىق دۆلەت؛ ۋاشىنگتوننىڭ ئەۋلادى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 15 ئەۋلادقىمۇ يەتمەيدۇ، كۇڭ زىنىڭ ئەۋلادى 75 ئەۋلادتىن ئېشىپ كېتىدۇ؛ ئامېرىكىنىڭ ئاران 200 يىللىق تارىخى بار، جۇڭگودىكى تۇڭرېنتاڭ دورىخانىسىلا 400 يىللىق تارىخقا ئىگە؛ ئامېرىكىنىڭ بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويۇۋاتقىنىغا 200 يىلدىن ئاشقان، جۇڭگونىڭ بولسا ئاران ئون نەچچە يىل بولدى.
ئامېرىكىلىقلار نۇرغۇن ساھەلەردە ياش دۆلەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرۇۋاتىدۇ: ئۇلارنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنىدۇ؛ جۇڭگودا بولسا قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتكە خاس سىپايىلىك ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ، «ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغا تاڭما» دېگەنگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۆزىنى چوڭمۇ تۇتمايدۇ، پەسمۇ كۆرمەيدۇ، ھەرقانداق بېسىمغا باش ئەگمەيدۇ. شۇڭا، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۈزلۈكسىز تالاش - تارتىش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. لېكىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوخشاشلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، ھېچكىم پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. دەل مۇشۇ ئىككى چوڭ دۆلەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاچقىلا، دۇنيانىڭ تارىخى تېخىمۇ رەڭدارلىشىپ، موللىشىپ كەتكەن.
بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزئارا ئۆگىنىشكە تېگىشلىك جايلىرى كۆپ. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئامېرىكىنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىغىمۇ خېلى ئۇزاق بولۇپ قالدى، ئامېرىكىنى تەتقىق قىلىدىغان لىن يۈتاڭ، لياڭ شىچيۇدەك ئۇستاز شەخسلەرمۇ بارلىققا كەلدى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىپ چوڭراق نەتىجە قازانغانلار يەنىلا ئاز.
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئاجراتقان ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى ۋە ماددىي كۈچىنى جۇڭگونىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئامېرىكىدا 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا جۇڭگودىن ئۆگىنىش، جۇڭگونى تەتقىق قىلىش ئەۋج ئالغان. ئەينى چاغدا ياش ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن «ئاسىياغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىلمىي جەمئىيىتى» ئەمەلىيەتتە جۇڭگودىن ئۆگىنىش، جۇڭگونى تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلغان. 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا جۇڭگونى تەتقىق قىلىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ سانى مىڭدىن ئاشقان، مۇشۇ تۈردە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەرمۇ مىڭغا يېقىن ئادەم بولۇپ، ئامېرىكا بۇ ئىشقا 80 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان. فېي جېڭچىڭ بىلەن كېسىنگېر جۇڭگونى ھەممىدىن بەك چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. فېي جېڭچىڭ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگونى تەتقىق قىلىش ھامان بىر كۈنى ئامېرىكىدا ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش جەھەتتە مەركىزىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ». ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىغا مۇنداق سۆز قالدۇرغان: «جۇڭگونى داۋاملىق تەتقىق قىلىڭلار، تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ جۇڭگونى تەتقىق قىلىڭلار». كىسىنگېرمۇ ئامېرىكىلىقلار ئەقىللىق بولىمەن دەيدىكەن، جۇڭگولۇقلاردىن ئۆگىنىشى كېرەك، دېگەن. ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ سانى ئامېرىكا ئاھالىسىنىڭ% 1 ىگىمۇ يەتمەيدۇ، لېكىن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېغىزىدا: «ئامېرىكىلىقلارنىڭ پۇلى يەھۇدىيلارنىڭ يانچۇقىدا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى جۇڭگولۇقلارنىڭ كاللىسىدا» دېگەن بىر گەپ بار.

(خەنزۇچە «چەت ئەل تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2003 - يىللىق 5 - سانىدىن قاھار ئوسمان تەرجىمە قىلدى)
ژۇرنىلىمىز 2004.3 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تاتار مىللىتى
 رۇس مىللىتى ۋە ئاق ك...
 شىبەلەر ۋە ئۇلارنىڭ قۇت نىشا...
 ئۆزبېكلەر
 قىرغىزلار ۋە «ماناس...
 بەيزۇلار
 ياۋزۇ مىللىتى

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号