-سەھرادا ياشاۋەرمە !سەھرادا ئىزدىنىش يوللىرىڭ بوغۇلۇپلا قالماستىن بەلكى ئۆمرۈڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇپراپ تۈگەپ كېتىدۇ، سەھرادا ياشاش - جاپا چەكمەكتىن باشقا گەپ ئەمەس !ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەي دېسەڭ، شەھەرگە يېنىپ كەل ! … مانا بۇ، شەھەر مەئىشەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ ياشاۋاتقان بىر دوستۇمنىڭ ماڭا «كۆيۈنۈپ» ھېلىلا تېلېفوندا ئېيتقانلىرى. -سەھرالىقلار راستتىنلا مەينەتمۇ؟ بىچارىمۇ؟ بەختسىزمۇ؟ !شەھەرلىكلەرنىڭ ھاياتلىق سۈپىتى شۇنچە يۇقىرىمۇ؟ ئۇلار شۇنچە بەختلىكمىدۇ؟ غېمى يوقمىدۇ؟ !…يۇقىرىقىدەك سوئاللار تەپەككۇرىمنى ئاستا-ئاستا غىدىقلاشقا باشلىدى … قەلب ئېكرانىمدا سەھرا ۋە شەھەر ھەققىدە يېڭىچە بىر سەھىپە ئېچىلدى.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بىز تېخى سەھرالىق مىللەت. شەھەرلىشىش قەدىمى قانچە تېزلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپ قىسمىمىز يەنىلا «سەھرا»دىن ئىبارەت سېغىن ئېنەككە ئوخشايدىغان سېخىي ماكاندا ياشاپ كېلىۋاتماقتىمىز. بىزنىڭ ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىز تارىختىن بۇيان مۇشۇ ئالتۇندەك سەھرالىرىمىزدا تىرىكچىلىك قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان؛ سەھرالىرىمىزدىكى ھەر غېرىچ تۇپراقتا ئۇلارنىڭ قەدەم ئىزى بار، ھەربىر تال گىياھتا ئۇلارنىڭ تەر تامچىسى جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار مۇشۇ گۆھەردەك سەھرالىرىمىزغا ئوتتەك مۇھەببەت باغلاپ ئەجىر سىڭدۈرمىگەن بولسا، بۈگۈنكى كۆزنى چاقناتقۇدەك شەھەرلىرىمىز ۋۇجۇدقا كەلمىگەن بولاتتى. بىز ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان چېغىمىزدا، چوقۇمكى ئەڭ ئاۋۋال زېمىننى ئېسىمىزگە ئالىمىز. شۇنىڭغا قارىغاندا شەھەردە ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان چېغىمىزدا، خاسىيەتلىك سەھرالىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلىمەسلىكىمىزگە زادى نېمە ئاساسىمىز بار؟ !سەھرادا شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئەڭ جاپالىق ئىشلەۋاتقان - توپىلىق يوللاردا ئۈمىدلىك كېتىۋاتقان، ئېتىز قىرلىرىدا لاي سۇغا قاتتىق ناننى چىلاپ يەۋاتقان، مەكتەپكە يالاڭئاياغ كېلىپ بىلىم ئېلىۋاتقان، 70 ياشقا كىرىپمۇ تۈن قاراڭغۇسىدا جابدۇنۇپ يىراق جاڭگالغا ئوتۇنغا كىرىپ كېتىۋاتقان … دېمەك ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى، تارىخىنى، تىلىنى، پارلاق مەدەنىيىتىنى، ئۆزىنىڭ ھېچكىمگە ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان ئۆزگىچە روھىي ئىنتىلىشىنى يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا پىنھان ھەم مۇستەھكەم ساقلاپ كېلىۋاتقان - قېرىنداشلاردا گۇناھ بارمۇ؟ !ئۇلارنىڭ ئۆز سەھرالىرىمىزدا ياشىشى شەكلى ئۆزگەرگەن بىر خىل جىنايەتمۇ؟ ئۇلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى، قالاقلىقى … چىن مەنىسىدىن ئېيتقاندا زادى كىمنىڭ گۇناھى؟ بىزگە سەھرا ھەم سەھرالىق كېرەك ئەمەسمۇ؟ !مىللەت ئەزالىرى ئىچىدە ئەڭ خىلۋەت، ئەڭ جاپالىق، ئەڭ نامرات سەھرادا نامرات بالىلارغا بىلىم بېرىشتىن ھەم ئاشۇ بالىلارنىڭ روھىنى قايتا يارىتىشتىن ئىبارەت ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچىلاردىنمۇ پەخىرلىك كىشىلەر بارمۇ؟ ! مەن سەھرانى مەينەت، سەھرالىقلارنى پەس چاغلىغۇچىلارنىڭ پىكرىگە ھەرگىز قوشۇلالمايمەن. شۇنداقلا ئىلمىي يوسۇندا قارىمۇقارشى پىكىرلىشىشتىن ھەرگىز يانمايمەن. نەزىرىمدە سەھرا نېمەتلىرىدىن ئايرىلغان شەھەر قۇرۇق تاغارغا ئوخشاپ قالىدۇ. زېمىن بولغاچقىلا ئاسمان شۇنچە ئېگىز؛ سەھرا بولغاچقىلا، شەھەر شۇنچە ھەيۋەتلىك. سەھرانىڭ كۆزى بىلەن قارىغاندىلا شەھەر شەھەرگە ئوخشايدۇ. ئەگەر سەھرا مەۋجۇت بولمىسا، شەھەر نېمە دەپ ئاتىلاتتى؟ يەرشارىدا سەھرا بولغاچقىلا «شەھەر» دېگەن ئاتالغۇ مەيدانغا كەلگەن. سەھرانى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىق دەل يەرشارىنى ئۇنتۇپ قالغانلىق. ئەڭ دەسلەپكى شەھەرلىك تامنىڭ تۆشۈكىدىن تۇغۇلۇپ قالغانمۇ؟ ئۇلارنىڭ يىلتىزىنى ئەلۋەتتە سەھرادىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. سەھرالىقلار ئۆزى يېتىشتۈرگەن شەھەرلىكلەرنى شۇ قەدەر ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلارنى شۇ قەدەر چوڭ بىلىدۇ، تېخى ئۇلاردىن تارتىنىدۇ ھەم ئەيمىنىدۇ. سەھرالىقلارنىڭ شەھەرلىكلەرگە بولغان بۇ خىل كەڭ قورساقلىق ئاساسىدا شەكىللەنگەن تونۇشى شەھەرلىكلەردە سەھرالىقلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك ساددا ئاڭنى يېتىلدۈرۈپ قويغان. ئەلۋەتتە كۆپ ساندىكى شەھەرلىكلەرنىڭ سەھرانى چۈشىنىشى، سەھرانى سۆيۈشى، سەھرالىقلارنى ئۇلۇغلىشى نەزەردىن يىراق ئەمەس. پېقىرنىڭمۇ 5-6 يىللىق ھاياتى شەھەردە بىلىم ئېلىش، ساياھەت قىلىش … بىلەن ئۆتكەن. شەھەرلىكلەرنىمۇ خۇددى ئۇلار سەھرالىق دوستلىرىنى چۈشەنگەندەكلا چۈشىنەلەيمەن. پېقىرنىڭ پىكىرلىرى شەھەرلىك بىلەن سەھرالىق ئوتتۇرىسىدىكى ئاڭنىڭ، ئارىلىقنىڭ، تۈرلۈك پەرقنىڭ، تۈرلۈك ئادەتنىڭ ئىلغارلىق نۇقتىسىدىن يېقىنلىشىپ قېلىشىغا زەررىچە بولسىمۇ تۈرتكە بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس !شۇڭا مېنىڭ شەھەر بىلەن سەھرانى سېلىشتۇرغۇم، مۇلاھىزە قىلغۇم كېلىدۇ: سەھرالىقمۇ ئەلۋەتتە پىكىر قىلىشنى بىلىدۇ. ئۇلارمۇ دۇنيانى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن. شەھەرلىكلەر پىكىرنى ئەگىتمە يوللار بىلەن چىرايلىق ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئادەتلەنگەن؛ سەھرالىقلار سۆزلىرىگە گىرىم قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆزى دەرھال ئاڭلىماققا قوپالدەك تۇيۇلىدۇ، ئەمما تەمى ھەرگىز ئاچچىق ئەمەس. سەھرادىكى كىشىلەرنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە. شەھەردە بەزىدە قۇياش نۇرىنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولمايدۇ، شەھەرلەردە ھاجەت قىلىش ئۈچۈنمۇ رەسمىيەت بېجىرىشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاجەتخانىلارغىمۇ تۆمۈر ئىشىكلەر ئورنىتىلغان … سەھرانىڭ ھاۋاسى ساپ ھەم سالقىن بولىدۇ، چۈنكى ئادەملەر شالاڭ ئولتۇراقلاشقان. شەھەرلەردە ئادەملەر ئىنتايىن زىچ ئولتۇراقلاشقان: ئۆي ئۈستىدە ئۆي، ئادەم تۆپىسىدە ئادەم … سەھرادا قوشنىدارچىلىق بىر خىل سۆيۈملۈك ئادەتكە ئايلانغان، شەھەردە قوشنا، مەھەللە … دېگەندەك ئۇقۇملار ئانچە يېقىملىق تۇيۇلمايدۇ. شەھەردىكى ئۆيلەر بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن بولسىمۇ، ئەمما كۆڭۈللەر ئۇ دەرىجىدە ئەمەس. سەھرادا ئۆلۈم ئىنتايىن قەدىرلىنىدۇ، شەھەرلەردە ئۆلۈم ئۇزىتىش زۆرۈرىيەت تۈسىنى ئالغان. سەھرادا ئۆلۈم ئۇزاتقاندا، نۇرغۇن كىشىلەر قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ ھەم ئۆلۈم ھەققىدە پىكىرلىشىدۇ؛ شەھەردە ئۆلۈم ئۇزاتقاندا، نۇرغۇن كىشىلەر يانفون ئارقىلىق ھال-ئەھۋال سورىشىدۇ. بۇ چاغدا قايسى رېستوراندا نەزىر ئۆتكۈزۈش كېرەك؟ !دېگەن مەسىلە قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىدۇ. سەھرادا موھتاجلىق كۆپ بولغاچقا، مېھىر-مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. شەھەرلەردە بەزىدە تەسەللىنىمۇ پۇلغا سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. سەھرادا «ئۆيگە كىرىڭ» دېگەن سۆز كۈچلۈك ھەم قىزغىن ئېيتىلىدۇ. شەھەرلەردە بولسا «ئۆيگە كىرسىڭىز بولاتتى» دېگەن سۆز پەس ھەم يېقىملىق ئېيتىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئىككى جۈملە ئىنتوناتسىيە جەھەتتىنلا پەرقلىنىپ قالماستىن، بەلكى لوگىكىلىق پەرققە ئىگە. سەھرالىقنىڭ يىغىسى چىن يۈرەكتىن ئېقىپ چىقىدۇ. شەھەرلىكلەر كۈلكىسىنىڭ كەم دېگەندە يېرىمى چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان. سەھرالىقلار ئۆز تېنىنىڭ ئازادە بولۇشىنى تىلەيدۇ، شۇڭا ئۇلار كەڭ كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شەھەرلىكلەر ئۆز تېنىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىنى ئىستەيدۇ، شۇڭا تار كىيىملەرنى كىيىشنى »مودا« قىلغان. شۇنى نەزەرگە ئېلىش كېرەككى، بۇ ئىككى خىل كىيىنىشتىن ئەلۋەتتە ئىككى خىل روھ شەكىللەنمەي قالمايدۇ. سەھرالىقلار شەھەرگە كىرىشكە قىزىقىدۇ، ئەمما شەھەر تۇرمۇشىغا كۆنەلمەيدۇ. چۈنكى شەھەردە تەھلىل بىلەن ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. شەھەرلىكلەر سەھراغا كېلىشنى خالىمايدۇ، ئەمما سەھراغا كەلسە ھەقىقىي ھۇزۇرلىنىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ. سەھرالىقلار تېشىدىن قېرىيدۇ. شەھەرلىكلەر ئىچىدىن قېرىغاچقا، بىر قاراپلا نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېنىق پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. تۇغۇلغىنىغا 40 يىل بولغان شەھەرلىكنىڭ ئەمدىلا 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان سەھرالىق يىگىتنى «ئاكا» دەپ چاقىرىشى ئانچە كۈلكىلىك ئىش ئەمەس ! سەھرادا ماختاش-ماختىلىش ئۈچۈن ئالدىنئالا كېلىشىم تۈزۈلمەيدۇ. شەھەردە ماختاش-ماختىلىشمۇ قويۇق سودا تۈسىنى ئالغان، ماختىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ. شەھەرنىڭ گۈزەللىكى پارنىك گۈلىگە ئوخشىسا، سەھرانىڭ گۈزەللىكى تاغ باغرىدا پەرۋىشسىز ئېچىلغان ئاق لالىگە ئوخشايدۇ. ئەمما رەڭ ۋە شەكىل باشقا گەپ !تەم-پۇراق ئۇ باشقا گەپ. شۇڭا، ھېلىقى دوستۇمغا مۇنۇلارنى دېگۈم كېلىدۇ. مەن شەھەرنى يامان كۆرمەيمەن. ساڭا تەكلىپىم: سەنمۇ ئانا سەھراغا كەل !تاغلارغا چىقىپ تۈۋرۈكسىز ئاسمانغا نەزەر تاشلا ! … ئۇزۇن-ئۇزۇن جىرالارنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باق ! … ئۇزۇن تارىخقا گۇۋاھ بولالايدىغان ئەڭ قېرى دەرەخلەردىن بوۋىمىز ھەققىدە سوئال سوراپ باققىن ! … ئۇقچۇپ ئېقىۋاتقان بۇلاق سۇلىرى بىلەن بىردەم سىرداشقىن ! … نامراتلىقتىن باشقا ھېچقانداق گۇناھى يوق بىر قىسىم دېھقانلارغا تەسەللى بېرىشنى ئۇنتۇپ قالما … شۇنداق قىلالىساڭلا ئۆزۈڭنى قايتىدىن چۈشىنىپ، ئۆلۈم ھەققىدە ئۆلمەس قاراشلارغا ئىگە بولالايسەن. سەھراغا كەل !بۇ يەردە كۆك ئاسمان بىلەن بوي تالىشىۋاتقان تاش ئورمانلارنى ئۇچرىتالمىساڭمۇ، ئەمما قۇياشقا يېشىللىق ئاتا قىلىۋاتقان بوستانلىقلارنى پات-پات ئۇچرىتىپ قالىسەن. سەھراغا كەل !بۇ يەردە ساڭا قىممەت باھالىق پۇراقسىز سۇلياۋ گۈللەر تەقدىم قىلىنمىسىمۇ، ئەمما يول بويلىرىدىكى يالپۇز ھىدلىرى سېنى مەستخۇش قىلىۋېتەلەيدۇ. سەھراغا كەل !بۇ يەر دەل بېزەكسىز تەبىئەت مۇزېيى، ئەمما مەخسۇس بېلەت ساتقۇچىسى يوق. سەن بۇ مۇزېيدىن ئۆتمۈشكە تەئەللۇق بولغان بۇيۇملارنى تېپىۋېلىپلا قالماستىن، بەلكى كەلگۈسىگە تەئەللۇق بولغان يېڭى ئىدىيىلەرنىمۇ بايقاپ قالىسەن. سەھراغا كەل !بۇ يەردىمۇ قۇياش شەرقتىن چىقىپ غەربتە ئولتۇرىدۇ. ئەمما نۇر، سېخىيلىك، سۈزۈكلۈك … ئۇ باشقا-باشقا گەپ. سەھراغا كەل !بۇ يەردە تونۇمايدىغان كىشىلەرمۇ ساڭا ئۇيغۇرچە سالام بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبىگە مىللىي ماركىمۇ چاپلانغان. سەھرا سەندەك ئىقتىدارلىقلارغا «سىزېك» بولۇپ قاپتۇ. سەھرادىن مەنمۇ يۈز ئۆرۈپ كېتىپ قالسام، سەنمۇ سەھرانى ياراتماي تەرىك ئەتسەڭ، ئۇمۇ … ئۇنداقتا سەھرا نېمە بولۇپ قالىدۇ؟ !شۇنداقلا كىمنىڭ سەھراسى بولۇپ قالىدۇ؟ ! سەھراغا كەل دوستۇم !سەھرا بىزگە مۇلايىملىق بىلەن قول سىلكىمەكتە …
(ئاپتور: كەلپىن ناھىيە ئاچال يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە) ژۇرنىلىمىز 2004.2 - سانىدىن
|