www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ۋۇسۇڭنىڭ مۈشۈك ئۆلتۈرۈشى
ئاپتور:تەرجىمە ئەسەر    چېكىلىش سانى:2354    ۋاقتى:2007-4-2    . www.seltenet.com .

ۋۇسۇڭ جىڭياڭ داۋىنىدا بىر يىرتقۇچ يولۋاسنى ئۆلتۈرۈپ خىزمەت كۆرسەتكەچكە، ئامبال قائىدىنى بۇزۇپلا ئۇنىڭغا «تۆمۈر تاۋاق»تىن بىرنى بېرىپ سەركەردە قىلدى. ۋۇسۇڭ گەرچە ئۆزىنىڭ ھېچقانداق مەدەنىيەت سەۋىيىسى بولمىسىمۇ، پۇقرالار ھەۋەس قىلىدىغان بۇ تاماق قاچىسىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ كاتتا ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
بىر كۈنى ۋۇسۇڭ دىجۇرنىلىك قىلىۋاتقاندا، قول ئاستىدىكى بىرى ئېلىپ كەلگەن «ناھىيە بويىچە يامۇل ئورگان خىزمەتچىلىرىنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرۈش بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى كۆردى. ئۇقتۇرۇشتا: بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق توكيودىن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يۇقىرى ماھارەتلىك چامباشچى تەكلىپ قىلىنغانلىقى؛ پۈتكۈل خادىملار بويىچە تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى يېزىلغان. شۇنىڭدەك «بىر ئادەم تەربىيىلەش ھەققىگە ھەر قاراردا 20 سەر كۈمۈش تاپشۇرىدۇ، ئەگەر قاتناشمىغۇچىلار بولسا ئىش ھەققى ئۆستۈرۈش، ئىلغار سايلىنىش لاياقىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، ھەتتا ئىشتىن ھەيدىلىدۇ» دېيىلگەنىدى.
ۋۇسۇڭنىڭ بۇ جەھەتتىكى ماھارىتى يۇقىرى، قورقماس، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولغاچقا، تەربىيىلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. بىراق ئۇقتۇرۇشتا ھەممەيلەننىڭ جەزمەن قاتنىشىدىغانلىقى ئېيتلغانىدى. بۇ قانداق بولغىنى؟ ۋۇسۇڭ يامۇلدىكى تەربىيىلەش ئورنىنىڭ ئالدىغا ئەمدى كېلىپ تۇرۇشىغا، ئىچكىرىدىن دەتالاش قىلىشىۋاتقان ئاۋاز ئاڭلاندى. بىرى «ياق، سىلەر تەشكىللەپ قويۇپلا 14 سەر كۈمۈش ئالساڭلار كۆپ بولۇپ كېتەرمىكىن» دېسە، يەنە بىرى: «ئەگەر بىز ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەشكىللىمىسەك، سەن بۇنچىۋالا ئادەمنى قانداق يىغالايتتىڭ»دەۋاتاتتى. ۋۇسۇڭ ئىچكىرىگە كىرىپ قارىسا، ئەسلىدە تەكلىپ قىلىنغان چامباشچى ئۇستام بىلەن ئامبال ھېلىقىدەك تالاش-تارتىش قىلىشىۋاتقانىكەن.
ۋۇسۇڭ ئۆزىنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرۈش تەجرىبىسى بارلىقىنى، كۇرسقا قاتناشمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىۋېدى، ئامبال جىددىي تەرىزدە سۆزلەپ كەتتى: «ياق، ياق، گەرچە سەندە تەجرىبە بولسىمۇ، نەزەرىيىۋى ئاساس يوق. ھازىرقى جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتسا، يېتەرلىك نەزەرىيىۋى بىلىمىڭ بولمىسا زامانغا قانداق يېتىشىپ ماڭالايسەن؟ يەنە كېلىپ بۇ ئىلغار سايلاش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش بىلەن چېتىلىدىغان ئىش. تاماق قاچاڭ ئۈچۈن بولسىمۇ يەنىلا قاتناش. ھازىرقى جەمئىيەتتە ئىشسىزلارنىڭ ساماندەك ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭ كېرەك». ۋۇسۇڭ ئامبالنىڭ ئۆزى ئۈچۈن غەم يەۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، چىشىنى چىشلەپ بىئىختىيار تىزىمغا ئالدۇرۇپ كۇرسىغا قاتناشتى.
كۇرستا ئوقۇش باشلاندى، ۋۇسۇڭ بىر يەردە ئولتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىنىڭ يولۋاسنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىن ھازىرقى ھالىتىگىچە، ئادىتىدىن يېتىلىشىگىچە، تېرە تۈكىدىن ساغرىسىغىچە سۆزلىگەن بىر تالاي نەزەرىيىلىرىنى ئاڭلاپ بېشى قاتتى. ئاخىرىدا چامباشچى ئۇستام ئاددىي بىرقانچە ماھارەتلەرنى كۆرسىتىپ قويۇپ «يولۋاسقا يولۇققاندا جەزمەن ئەسقاتىدۇ» دېدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ساۋاقداشلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ھەربىر ئوقۇغۇچىدىن بىردىن يولۋاس ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
ۋۇسۇڭ بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى، ئۇ ئىچىدە: «بۇنچىۋالا جىق يولۋاسنى نەدىن تۇتۇپ كەلگىلى بولىدۇ؟» دەپ ئويلىدى. بىراق چامباشچى ئۇستام بىرمۇنچە مۈشۈكنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ھېجايغان ھالدا كۆپچىلىككە: «ساۋاقداشلار، بۇ مۈشۈك. يولۋاس بىلەن ئوخشاش، ھەممىسى مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە، مۈشۈكنى ئۆلتۈرگەنلىك يولۋاسنىڭ ئەجدادىنى ئۆلتۈرگەنلىك، كېلىڭلار ھەربىرىڭلار بىردىن ئۆلتۈرۈڭلار» دېدى. ۋۇسۇڭ ئىچىدە: «شۇنداقلا تۈگىدىما؟ بۇ پۇلىمىزنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىق ئەمەسمۇ؟» دېدى. نۆۋەت ئۇنىڭغا كەلگەندە بىكارلا «قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن» 20 سەر كۈمۈشنىڭ  ئاچچىقىدا مۈشۈكنى بىر تېپىۋېدى، بىچارە مۈشۈك مىياڭلىغانچە قان قۇسۇپ تام تۈۋىگە پوككىدە چۈشتى.
ۋۇسۇڭ ئۆزىنىڭ جاھان كەزدى پالۋان ئىكەنلىكىنى، مەيلى خاراكتېر ياكى مىجەز جەھەتتىن بولسۇن ئەمەلدارلىق سورۇنىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىپ، بىرقانچە كۈندىن كېيىن تۆمۈر تاۋاقتىن ۋاز كېچىپ دېڭىزغا چۈشۈپ سودىگەر بولۇپ كەتتى.

(«فېليەتون ئايلىق ژۇرنىلى»دىن غوپۇر ۋاھىدى ئىنتىزار تەرجىمە قىلدى)
ژۇرنىلىمىز 2004.2 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 نېمە ئۈچۈن؟
 دېھقانلار قاچان باي...
 فېليەتونلاردىن تەر...
 جۇڭگولۇق ، ئامېرىكى...
 «نان قېپى»
 ئۈچ چوڭ تاغ
 ئۈستەلگە مۇشتلاش كې...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号