www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
ھاياتلىقتا چاكىنىلىقنى رەت قىلىڭ
ئاپتور:تەرجىمە ئەسەر    چېكىلىش سانى:1524    ۋاقتى:2007-4-1    . www.seltenet.com .

«ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن، ئۈزلۈكسىز رەۋىشتىكى چاكىنىلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن سۆزنى ئۆزۈم دېگەنىدىم. بۇنداق دېسەم، ھەممەيلەن ئەجەبلىنىپ كېتىشكەنىدى. كېيىنچە ئىنچىكە ئويلىنىپ باقسام، بۇنىڭ ھېچقانداق ئەجەبلەنگۈدەك مەسىلە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپلا قالماي، بۇنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەرنىمۇ تېپىپ چىقالىدىم.
ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ باقساملا، ئەھۋال شۇنداق ئىكەن: كىچىك چاغلىرىمىزدا قەلبىمىز تولىمۇ كەڭ ئىدى، چوڭ بولغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ناھايىتى كىچىكلىكىنى ھېس قىلدۇق؛ كىچىك چاغلىرىمىزدا تەسەۋۋۇرىمىز چەكسىز ئىدى، چوڭ بولغاندىن كېيىن رەھبەرلەر ۋە خوجايىنلارنىڭلا گېپىنى ئۇقالايدىغان بولدۇق؛ كىچىك ۋاقتىمىزدا ئاتا-ئانىمىز ۋە قەھرىمانلارغىلا چوقۇناتتۇق، چوڭ بولغاندىن كېيىن ھوقۇق ۋە پۇلغا چوقۇنىدىغان بولدۇق؛ كىچىك چاغلىرىمىزدا كۆڭۈل كەيپىياتىمىزغا بېقىپ يىغلاپ ئىچ-قارنىمىزنى بوشىتىۋالالايتتۇق، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئېھتىياجغا قاراپ ئېسەدەيدىغان بولدۇق؛ كىچىك ۋاقتىمىزدا ئىشلار ھەققىدە ئويلاپ باقاتتۇق، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئادەملەر ھەققىدە ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدۇق؛ كىچىك ۋاقتىمىزدا تەبىئەتنى قىزغىن سۆيەتتۇق، چوڭ بولغاندىن كېيىن كىچىككىنە ھۇجرىغىلا مەپتۇن بولىدىغان بولدۇق؛ كىچىك چاغلىرىمىزدا تۇرمۇشقا تەلپۈنەتتۇق، چوڭ بولغاندىن كېيىن جان بېقىپ ئۆتۈشنىڭلا كويىدا بولىدىغان بولدۇق؛ كىچىك چاغلىرىمىزدا غايە ھەم كۈرەش نىشانىمىز بار ئىدى، چوڭ بولغاندىن كېيىن بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز بۇيۇملىشىپ كەتتى، ھەتتا ھەقىقىتىمىزمۇ «بىرگە بىرنى قوشسا ئۈچ بولىدۇ» دەيدىغان خاتا يەكۈنگە ئۆزگىرىپلا كەتتى.
قانچە ئېگىز ئۇچقانسېرى، بىز كۆرۈۋاتقان شەيئىلەر شۇنچە زورىيىپ غۇۋالىشىپ كەتتى؛ ماڭغان-تۇرغان يېرىمىز كۆپ بولغانسېرى، قەلبىمىزدىكى تورلار شۇنچە زىچلىشىپ كەتتى ۋە شۇنچە ئۇششاقلاپ كەتتى؛ بىلىمىمىز قانچە كەسىپلەشكەنسېرى، تەدبىرلىرىمىز شۇنچە قېلىپلىشىپ كەتتى ۋە شۇنچە مېخانىكىلىشىپ كەتتى؛ كەچمىشلىرىمىز مول بولغانسېرى، ئىدىيىمىز شۇنچە سىرلىقلىشىپ، بارغانسېرى ئۆزىمىزنىڭ گېپىنىمۇ دېيەلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق.
چى لىنىڭ بىر پارچە ماقالىسىنى ئوقۇغانىدىم. ئۇنىڭدا:«كىشىلىك ھاياتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئەمما ئادەم ياشىغانىكەن، چوقۇم كىشىلىك ھاياتقا مەنە ئاتا قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن. بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك سۆز بولغان. كىشىلىك ھاياتنى چاكىنىلاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز ئۈچۈن، تۇرمۇشىمىزغا نىشان، ھاياتىمىزغا غايە ئاتا قىلىشىمىز لازىم.
تۇرمۇشىمىزنى شېئىرىي تۈسكە ئىگە بولسۇن دېسەك، تۇرمۇشىمىزنى قىزىقارلىقراق قىلايلى؛ تۇرمۇشىمىزنى تەملىكرەك، تەسەۋۋۇرغا بايراق، ئۆزگىرىشچانراق، ئىنتىلىشچانراق قىلايلى. نۇرغۇنلىغان چاكىنا ۋە تېتىقسىز ئىشلار بىزنى بارغانسېرى چاكىنىلاشتۇرۇپ ۋە تېتىقسىزلاشتۇرۇپ قويماقتا. بىزدىكى چاكىنىلىق ۋە تېتىقسىزلىقلارنىڭ دەستىدىن مول مەزمۇنلۇق ۋە جانلىق بولغان نى-نى ئىشلىرىمىزمۇ چاكىنىلىشىپ كەتتى ۋە تېتىقسىزلىشىپ كەتتى.
نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇپ كېتىدۇ؟ مېنىڭچە، بۇنىڭ سەۋەبلىرى بەلكىم قەلبىمىزنىڭ نۇرسىزلىقى، ۋۇجۇدىمىزدا مۇھەببەت بولمىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
بىز قەلبىمىزدىكى ياخشىلىقنى ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ قانداق قارىشىنى ئۆلچەم قىلىۋاتىمىز؛
چىن قەلبىمىزدىكى تەسىراتىمىزنى ئەمەس، بەلكى ساپ ماددىي نەرسىلەرنى ئۆلچىگۈچ قىلىۋاتىمىز؛
بىز ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنىڭ جەريانىنى ئەسلەشنى ئەمەس، بەلكى مەقسەتكە تېزلىكتە يېتىۋېلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىۋاتىمىز.
بىز چاكىنىلىقنى رەت قىلىشىمىز كېرەك. ياشاشنىڭ ئۆزى سەۋەبتۇر، ئەمما بىز قانداق ياشاشنى جەزمەن ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. تاشلىۋېتىشنىڭ ئۆزى خۇشاللىق. ۋەھالەنكى، بىز قانداق چاغدا ھېرىسمەن بولۇشنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك. ياشلىق ئادەمگە باقىمەندە ئەمەس، قېرىغاندا قەيسەر بولۇشمۇ ئاسان ئەمەس، چېكىنىپ پۇچەكلىشىپ كېتىشتىن، چاكىنىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئادەمنىڭ قەلبىدە نۇر چاقناپ تۇرۇشى، ۋۇجۇدىدا مۇھەببەت بولۇشى كېرەك. ئادەمنىڭ قەلبىدە نۇر چاقناپ تۇرسا، ئېتىقاد ئاسمىنى پارلاق بولىدۇ، كىشىلىك ھايات تۈنلىرىمۇ پاك ۋە سۈزۈك بولىدۇ؛ ۋۇجۇدىدا سۆيگۈ بولسا، ئۆلۈپ كەتكەن جانلارمۇ ئويناقشىپ بىز بىلەن ئورتاق شادلىنىدۇ. بىز ۋاقىت بىلەن مۇھەببەتلىشىمىز، ھالبۇكى قوغلىشىش مەڭگۈ خورىماستۇر.

(«تاللانغان فېليەتونلار ژۇرنىلى»دىن ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر تەرجىمە قىلدى)
ژۇرنىلىمىز 2004.2 - سانىدىن

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 نېمە ئۈچۈن؟
 دېھقانلار قاچان باي...
 فېليەتونلاردىن تەر...
 جۇڭگولۇق ، ئامېرىكى...
 «نان قېپى»
 ئۈچ چوڭ تاغ
 ئۈستەلگە مۇشتلاش كې...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号