بۇ بىر كونا ھېكايە. سېسىق پىندەك دەيدىغان بىر مايمۇن بار ئىكەن، ئۇ يولدىن ئېزىپ قېلىپ، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن باشقا بىر ئورمانلىققا بېرىپ قاپتۇ. بىر كۆرۈپلا ئاجايىپ ھەيران بوپتۇ، قارىسا بۇ ئورمانلىقتىكى مايمۇنلارنىڭ تەقى-تۇرقى ئۆزىگە زادىلا ئوخشىمايدىكەن. ئۇلارنىڭ بىرلا كۆزى بار ئىكەن. بۇ غەلىتە ئىشقۇ، جاھاندا بىر كۆزلۈك مايۇنمۇ بار ئىكەن-دە! بۇ سېسىق پىندەك مايمۇن يارىلىشىدىنلا پۇل دېسە جېنىنى بېرىدىغان ھەم زېرەك ئىكەن، پۈتۈن ئوي-خىيالى بازار ئىگىلىكىدە ئىكەن. ئۇ شۇنداق ئويلاپتۇ: بىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ كۆزىمىز ئىككى، بۇ يەردىكى مايمۇنلارنىڭ بىرلا كۆزى بار ئىكەن. ئەگەر مۇشۇ بىر كۆزلۈك - يەكچەشمە مايمۇندىن بىرەرسىنى تۇتۇۋېلىپ، قەپەزگە سولاپ كۆرگەزمە قىلسا چوقۇم جىقلا پۇل تاپقىلى بولغۇدەك! سېسىق پىندەك شۇ خۇشاللىقىدا، بىرەر يەكچەشمە مايمۇننى تۇتۇپ كېتىپ پۇل قىلىدىغان بولدۇم، دېگەن ئارزۇ بىلەن ئورەك كولاشقا كىرىشىپتۇ. راست، بۇمۇ تىر تىجارەت، ھېچبولمىغاندا خېلىلا كۆز يېتىدىغان خىيال-دە! سېسىق پىندەكنىڭ خىيالىغا نەدىن كەچسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان مايمۇنلارمۇ بۇ ئىككى كۆزلۈك مايمۇننى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران بوپتۇ: جاھاندا ئىككى كۆزلۈك مايمۇنمۇ بار ئىكەن ئەمەسمۇ، ئەگەر ئۇنى تۇتۇپ قەپەزگە سولاپ كۆرگەزمە قىلساق، چوقۇم بىر يېڭىلىق بولىدىكەن، يەنە تېخى نۇرغۇن پۇل تېپىشقىمۇ مۇمكىن بولغۇدەك. شۇنداق قىلىپ، سېسىق پىندەك باشقىلارنىڭ ئورىسىنى كولاۋاتقاندا، ئاسماندىن يوغان بىر قەپەز ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ. سېسىق پىندەكنىڭ ئارزۇسى باشقىلارنىڭ ئارزۇسىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئەسلىدە ئۇ يەكچەشمە مايمۇنلاردىن بىرنى تۇتۇپ كېتىپ، شۇنىڭ بىلەن بېيىماقچى بولغانىكەن، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ قەپىزىگە سولۇنۇپ قېلىشىنى، كۆرگەزمىگە قويۇلۇشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىكەن. يەكچەشمە مايمۇنلار بۇ ئىككى كۆزلۈك مايمۇننى كۆرىمىز دەپ قاتار تىزىلىپ، بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ كۆرگەزمە بېلىتى سېتىۋاپتۇ. قەپەزگە سولۇنۇپ قالغان سېسىق پىندەك بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ناھايىتى پۇشايمان يەپتۇ. ئۆزۈم تاپقان بۇ ئامالدىن قانداق بولۇپ باشقىلار پايدىلىنىپ كەتتى؟ دەپ ئويلاپتۇ. ھازىرقى كۈندە ئەنە شۇنداق ئالدىنىپ قالىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى يوق. بۇلارنىڭ تولىسى سېسىق پىندەك مايمۇنغا ئوخشاش ئۆزىگە ئۆزى زامىن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمايدۇ. بۇلارنىڭ ھېكمىتى ئوخشاش بىر: دەسلەپتە نەپسانىيەتلىك قىلىدۇ، ئاقىۋەتتە زىيان تارتىدۇ. خۇددى بۇ يەكچەشمە مايمۇنغا ئوخشاش، دۇنيادا غەلىتە-غەلىتە ئىشلار ھەقىقەتەن كۆپ. لېكىن غەلىتە، غەيرىي ئىشلاردا باشقىلارغا باھانە بولۇپ قېلىش، باشقىلارغا ئالدىنىپ قېلىش ئېھتىمالى ۋە شۇنداق قىممەت يوق ئەمەس. لېكىن مەيلى ھەرقانداق غەلىتە، غەيرىي ئىش بولسۇن، ئۇلارنىڭ بىر ئورتاق خۇسۇسىيىتى بار. باشقىلارنى ئالدايمەن، باشقىلاردىن بۇردا چىقىرىۋالىمەن دەيدىغان خىيالغا كەلگەن ئادەملەر باشقىلارغىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەن بولىدۇ، ئۇنداق ئادەملەر ھامان ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشمەي قالمايدۇ. بۇ ھەرقاچان، ھەرجايدا ئوخشاش بىر قانۇنىيەت. بۇ ئوخشاشلىق خۇددى «ھەق بىلەن ناھەق»نىڭ پەۋقۇلئاددە بىرلىك مۇناسىۋتىگە ئوخشايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ھەق بولمىسا ناھەقمۇ بولمايدۇ، ناھەق بولمىسا ھەقمۇ بولمايدۇ. بىزنىڭ ئالدىنىپ قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى، بەزىدە ھېلىقى مايمۇنغا ئوخشاش ئوي-خىياللاردا بولۇپ قالىمىز. بەزى ئادەملەر بۇ ئىقتىساد جەمئىيىتىدە ھېلىقى يەكچەشمە مايمۇننى ئۇچراتقاندەك غەلىتە ئىشلارنى كۆپرەك ئارزۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇنداق ئىشلار ھەقىقەتەن نەپ كەلتۈرىدىغان ئىشتۇر. شۇڭا ئۆزىگە ئۆزى زامىن بولۇپ، ئاۋۋال ئۆزى قىلتاققا چۈشۈپ قالىدۇ. قارىماققا بەزى ئىشلار ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن باشقىلارغا ئالدىنىپ قالىدىغان، باشقىلار پايدىلىنىپ كېتىدىغان شۇنداق بىر ئوي-خىيال ئاۋۋال ئۆز كۆڭلىڭىزنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىدە پىشىپ بولغان بولىدۇ. ئاقىۋەتتە كۆڭلىڭىزدىكى ئەنە شۇ ئورا تولا چاغلاردا ھەممىدىن يامان ئورا بولۇپ قالىدۇ.
(خەنزۇچە »تاللانغان فېليەتونلار« ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 3-سانىدىن توختى باقى ئارتىشى تەرجىمە قىلدى) ژۇرنىلىمىز 2004.1 - سانىدىن
|