لۇشۈننىڭ «يازنىڭ ئۈچ ھاشارىتى» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. لۇشۈن ئەپەندى: «ياز يېقىنلىشىپ قالدى، ئەتە-ئۆگۈن ئۈچ ھاشارات پەيدا بولىدۇ، بۈرگە، پاشا، چىۋىن. مۇبادا بىرەر ئادەم ماڭا مۇشۇ ئۈچ ھاشاراتنىڭ قايسىسىنى ھەممىدىن ياخشى كۆرىسەن؟ دەپ سوئال قويسا، بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈشۈڭ شەرت دېسە ۋە بۇ سوئالنى (ياشلارنىڭ ئوقۇشى زۆرۈر بولغان كىتابلار) توغرىسىدىكى سوئالنى جاۋابسىز قالدۇرغاندەك جاۋابسىز قالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلمىسا، مەن بۈرگىنى ياخشى كۆرىمەن، دەپلا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇرمەن» دەپ يېزىپتۇ. چېگىش خىياللار ئىچىدە تۇيۇقسىز شۇنى ئويلاپ قالدىم: ھازىرقى خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى قېرى خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ «قېرىغانسېرى جۇشقۇنلىشىپ»، »قانچە قېرىغانسېرى شۇنچە پارىخور بولۇپ كېتىشى»؛ ياش خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ «جاسارەت بىلەن» پەلەككە يېتىدىغان «شىجائىتى» ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چۆچۈتىدۇ. مۇبادا بىرەرسى ماڭا «مۇشۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى ياخشى كۆرىسەن؟» دەپ سوئال قويۇپ قالسا، چوقۇم بىرەرسىنى «ياخشى كۆرۈشۈڭ» شەرت دېسە، يەنە كېلىپ جاۋاب بېرىش ھوقۇقۇمدىن ۋاز كېچىشىمگە يول قويمىسا، ئۇ ھالدا مەن قېرى (ياشتا چوڭ) خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى ياخشى كۆرىمەن، دەپلا جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولىمەن. بۇ «ئىككى ئاپەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ يېنىكرەكىنى تاللاش» دېگەنلىك بولۇپ، ئەمەلىيەتتە مەن ھەر ئىككىسىنى ياقتۇرماقتا يوق، تېخى ئۇلارنى ئويلىسام غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كېتىمەن. سالماقلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلغاندا، مەيلى قېرى خىيانەتچى ئەمەلدار بولسۇن ياكى ياش خىيانەتچى ئەمەلدار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا رەزىل نەرسىلەر بولۇپ، بىرىنىمۇ ئەپۇ قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما ئۇلارنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ياش خىيانەتچى ئەمەلدار تېخىمۇ قەبىھ، تېخىمۇ نەپسانىيەتچى، تېخىمۇ «شىجائەتلىك» بولۇپ زىيىنى تېخىمۇ چوڭ. قېرى خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك شەرەپلىك ئۆتمۈشى بار. ئۇلار يا ئەمگەك نەمۇنىچىسى، يا تېخنىكا ئۈلگىسى، يا مۇنەۋۋەر كادىر بولۇپ باققان. ئۇلار ھايات مۇساپىسىدە نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، تالاي جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىپ تۈرلۈك تۆھپە-ئەجىرلەرنى ياراتقان بولسىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى ئەڭ ئاخىرقى بىرنەچچە يىلدا نىشانىدىن ئادىشىپ، يۈرىكى قارىداپ، پاكلىقىنى ئاخىرىغىچە ساقلاپ قالالماي، چىرىك ئۇنسۇرغا ئايلىنىپ، شەنىگە داغ تەگكۈزۈۋېلىشىدۇ. ۋەھالەنكى، ياش خىيانەتچى ئەمەلدالارنىڭ ھېچقانچە تۆھپىسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ياش، مەلۇماتى يۇقىرى، كەسىپكە پۇختا، ئارقا تىرەككە ئىگە بولغاچقا، ھوقۇقنى بۇرۇنلا قولىغا ئېلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دەۋران سۈرۈپ، خۇددى «بالدۇر چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ چۈشكەندەك» خىيانەتچىلىكتە ئۇچىغا چىقىدۇ. قېرى خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئىلگىرى«غورىگىل تۇرمۇش»قا ئادەتلىنىپ قالغاچقا پارىخورلۇق قىلىپ تاپقان مىليونلاپ، ئون مىليونلاپ ھارام پۇلنى خەجلەشكە كۆزى قىيماي، ئۇيەر-بۇيەرلەرگە تىقىپ، يوشۇرۇپ قويۇشىدۇ. شۇڭا، دېلو پاش بولغان ھامان پاكىتلار ئاسانلا قولغا چۈشىدۇ. دۆۋە-دۆۋە پۇل، تۇتام-تۇتام چەك ئالدىدا ئۇلار قانداقمۇ مۇتتەھەملىك قىلالىسۇن! يەنە كېلىپ شۇنچە كۆپ ھارام پۇللارنى ۋاقتىدا قايتۇرۇۋېلىپ دۆلەتكە كېلىدىغان زىياننى ئازايتقىلى بولىدۇ. ياش خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئۇنىڭ ئەكسىچە بۆشۈكىدىلا قاقۋاشلىشىپ كەتكەچكە، قانچىلىك خىيانەت قىلسا شۇنچىلىك خەجلەپ، يەپ-ئىچىپ، دوغا تىكىپ، يۇقىرى ئىستېمال قوغلىشىپ، بۇزۇپ-چېچىپ، «ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا» دېگەندەك ئەتىسى بىلەن كارى يوق، ۋاقتىدا پەيزىنى سۈرۈشىدۇ. شۇڭا، ياش خىيانەتچى ئەمەلدارلار قانۇن تورىغا چۈشكەندە خىيانەت قىلغان پۇل شۇنچە كۆپ بولغىنىغا قارىماي، سۇدەك خەجلەپ تۈگىتىۋېتىلگەچكە، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئامال بولمايدۇ. بىر تەرەپتىن، پاكىتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قىيىنغا توختىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتكە تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. قېرى خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بىر-ئىككى يىل بۇرۇن خۇددى كەچ كۈزدىكى چېكەتكىدەك ئۆز كۈنىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى بىلىپ بىر خىل ئەڭ ئاخىرقى ئەسەبىي ھالەتكە ئۆتكەن تەقدىردىمۇ يەنىلا خىيالىغا كەلگەنچە ئىش قىلالمايدۇ. ۋەھالەنكى، ياش خىيانەتچى ئەمەلدارلار ياش، كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان، كۈنسېرى يېتىلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇلار نىقابلىنىشقا ماھىر بولسىلا يەنە نەچچە ئون يىل خىيانەت قىلالايدۇ. ئەمەل-مەنسىپى داۋاملىق ئۆسۈپ، ھوقۇقى تېخىمۇ چوڭىيىدۇ. پۇل تېپىش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ-دە، خەلققە كەلتۈرىدىغان زىيىنىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. قېرى خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ نەزەر دائىرىسى تار، ئىدىيىسى مۇتەئەسسىپ، پەلەكنىڭ گەردىشى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى چولتا بولغانلىقتىن چاتاق چىقسىلا قېچىپ كېتەلمەي، ئېلاجىسىز قولغا چۈشىدۇ. ياش خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ كۆرگەن-بىلگىنى كۆپ، چەت ئەل تىلىغا پۇختا، تورغا چىقالايدۇ، بىرنەچچە دۆلەتنىڭ پاسپورتىنى ئالدىن بېجىرىپ قويغان بولىدۇ، شۋېتسارىيە بانكىسىغا ئەنگلىيە فوند ستېرلىڭى، ئامېرىكا دوللىرىنى پىچىتى بىلەن ئامانەت قويۇشىدۇ. شامالنىڭ شەپىسىنى ئازراقلا سەزگەن ھامان قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ چەت ئەللەرگە تىكىۋېتىدۇ-دە، «قامچا قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ئاتقا يەتمەپتۇ» دېگەندەك، شۇ دۆلەتتە بىخارامان ياشاۋېرىدۇ. ئەلۋەتتە، خىيانەتچى ئەمەلدار دېگەن بەرىبىر خىيانەتچى ئەمەلدار. مەيلى ئۇ قېرى-ياش، ئەر-ئايال بولسۇن، ھەممىسىلا بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى بولۇپ، خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنىدۇر. شۇڭا، ئۇلارغا قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك. ئەمما، نۆۋەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بىر تۈركۈم نەپسانىيەتچى، پەۋقۇلئاددە ئەسەبىي ياش خىيانەتچى ئەمەلدارلار سۇ يۈزىدىكى كۆپۈكتەك لەيلەپ چىقىپ قانۇن تورىغا چۈشمەكتە. بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق جايلارنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شۇ جايلاردا قانۇن تورىغا چۈشكەن خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئاران 26 ياش ئىكەن. بۇ دېلولار يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە يۈز بەرگەن خىيانەتچىلىك دېلولىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «26 ياش ھادىسىسى» دەپ ئاتىماقتا. قېرى خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى تۈركۈملەپ مەيدانغا چىقىۋاتقان «59 ياش ھادىسىسى» كىشىنى خېلىلا چۆچۈتىدۇ دېسەك، ئۇنداقتا ياش خىيانەتچى ئەمەلدارلاردىكى «26 ياش ھادىسىسى» كىشىنى تېخىمۇ قاتتىق ۋەھىمىگە سالىدۇ، دېمەي بولمايدۇ. ئويلاپ باقايلى، 26 يېشىدىن باشلاپلا خىيانەت قىلغىلى تۇرسا نېمە دېگۈلۈك بۇنىڭغا ئەمدى، توۋا دەپ ياقا چىشلىمەكتىن باشقا نە چارە! مۇبادا ئۇلارغا شاماللا تەگمىسە، ئۆمرىنىڭ تەڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى خىيانەتچىلىك بىلەن ئۆتىدۇ، دېگەن گەپ. بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق ھە! مەن بارلىق خىيانەتچى ئەمەلدار-پارازىتلارغا چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچ. شۇڭا، ياماننى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىش كېرەك. بولۇپمۇ لەنەتگەردى خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى ياش خىيانەتچى ئەمەلدارلارغا قىلچە رەھىم قىلماسلىق كېرەك! «يازنىڭ ئۈچ ھاشارىتى»نى قايتا ئوقۇپ چىققان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمنىڭ لۇشۈنگە ئوخشاش جاۋاب بەرمىسە بولمايدىغان مەسىلىگە يولۇقۇپ قالماسلىقىمنى ئۈمىد قىلىمەن.
(خەنزۇچە »فېليەتون ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ 3002-يىللىق 01-سانىدىن ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر تەرجىمە قىلدى)
|