www.seltenet.com中国民族杂志维文版官方网站www.seltenet.com |维文杂志|电子杂志|激情图片|QQ表情图片|维吾尔族文化|维文文学|ھېكايە|چۆچەك|ئۇيغۇر قىزلىرى|قىز، ئىپپەت، نومۇس، |سەلتەنەت، جۇڭگو مىللەتلىرى، دۇنيا مىللەتلىرى، خەۋەر، بىلىم،ئۇيغۇرچە ژۇرنال،ژۇرنال مۇشتەرى بولۇش، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، شىنجاڭ ئاياللىرى،ئۆرپ ئادەت، مۇسۇلمانلار،مىللەتلەر،ھېكايە،ھۆچەك،نەسر،نەسىر،تەرمىلەر،مىكرو ھېكايە،قىزىقارلىق،رەسىم،دىلشات ئىدرىس،ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 
        
ئوقۇرمەنلەر ساداسى مىللەت ۋە ئۆرپ - ئادەت ئىناقلىق مېلودىــيىسى باش بەت
دۇنــيا مىـــللەتـلىرى مىللــەت ۋە ئەنئەنە مىللــەت خــەزىنىـــــسى ئەسەر يوللاش
مىللەتلــەر باغچىــسى مىللــــەت ۋە مائارىــپ مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ نەزمىي ئەسەرلەر
ھەزىل سوئال - جاۋابلار ھاياتلىق ھېكمەتــلىرى ســاپا ھەققىــــدە پاراڭ مەركەزدىن كەلگەن سادا
مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر فېليەتون بۇلۇڭى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات گۈلدەســتە سەھىپىــسى
جەمئىيەتتىن سادا كۈلكە خۇرۇچلىرى مىللەت ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلەردىن تەرمىلەر
 
 
   
   
بىر يېڭى بىمەنە «ئەپسانە»
ئاپتور:تەرجىمە ئەسەر    چېكىلىش سانى:2025    ۋاقتى:2007-4-1    . www.seltenet.com .

ئىككى كۈن ئىچىدىلا دۆلەت ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئەنگلىيىدىن كەلگەن مۇنداق بىر خەۋەرنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى: «شىمالىي ئېرلاندىيىنىڭ ئۇلىستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر پسىخولوگىيە پروفېسسورى بىلەن فىنلاندىيىنىڭ تېمپېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر سىياسىي پەنلەر پروفېسسورىنىڭ يەر شارىدىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، جۇڭگو، سىنگاپور، كورىيە ۋە ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 105 كە يېتىدىكەن».
ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغاندا، خەۋەرنىڭ تېمىسىنى توختىماي ئۆزگەرتىپ تۇردى. 2003-يىل 11-ئاينىڭ 18-كۈنىگە كەلگەندە بىر مەشھۇر تور پونكىتى تېمىنى: «ئەنگلىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى يەرشارى بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئىكەن» دەپ ئۆزگەرتتى.
ئىلگىرىمۇ بىز بىلىپ-بىلمەي نۇرغۇن «ئەپسانە»لەرنى توقۇپ چىققانىدۇق. مەسىلەن، «جۇڭگونىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ پارلاق»، «ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفېتسىرلار مەكتىپى لېي فېڭدىن ئۆگەنمەكتە»، «جۇڭگو ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش ۋە ئانالىز سەۋىيىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ»، «ھاۋا بوشلۇقىدا جۇڭگونىڭ سەددىچىن سېپىلىنى كۆرگىلى بولىدۇ» دېگەندەك. مانا بۇ «ئەپسانىلەر» بارا-بارا بىر مىلياردتىن ئارتۇق خەلقنىڭ «ئومۇمىي ساۋاتى»غا ئايلىنىپ، ئۇلار مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەبكە ئايلىنىپ قالدى.
تارىخشۇناسلارنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىرنەچچە دەۋر باسقۇچىدىلا دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يېتەلىگەن. بىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىز مىسىر قاتارلىق جايلارنىڭكىدىن مىڭ يىلدىن ئۈچ مىڭ يىلغىچە قىسقا ئىكەن. بىر قىسىم »خېلىلا سالماق» مۇخبىرلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىچە، »ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفېتسىرلار مەكتىپى لېي فېڭدىن ئۆگەنمەكتە»، »جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش ۋە ئانالىز سەۋىيىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت جۇڭگولۇقلارنىڭ »ئارزۇسىلا» ئىكەن، خالاس. »ھاۋا بوشلۇقىدا سەددىچىننى كۆرگىلى بولىدۇ» دېگەن گەپكە كەلسەك، ياڭ لىۋېي بۇ گەپنىڭ ساختىلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەمما بۇ ئىش ئۆز دۆلىتى ۋە مىللىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ ھېسسىياتىغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمىدى.
چەت ئەللىك پروفېسسورلارنىڭ «ئەقىل بۆلۈنمىسى نەزەرىيىسى»نىڭ ئۆزىدىلا مانا مەن دەپ چېنىپ قالىدىغان يەرلەر ناھايىتى كۆپ: جۇڭگونىڭ نوپۇسى ئامېرىكىنىڭكىدىن بەش ھەسسە كۆپ. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭكىدىن %5 ئەتراپىدا كۆپ بولىدۇ، دېگەن گەپ. ئەمما جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى نېمە ئۈچۈن ئاران ئامېرىكىنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ؟ ئەجىبا شەرقىي ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى شۇنچە يۇقىرى بولسا يەنە نېمە ئۈچۈن 100 يىلدىن بۇيان تەسىرى ئەڭ زور بولغان كەشپىياتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى غەربتىن كېلىدۇ؟ شۇڭا يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەقىل بۆلۈنمىسى تەتقىقاتىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىگە قارىتا بىز گۇمانىي پوزىتسىيىدە بولماي تۇرالمايمىز.
ۋۇ جېڭليەننىڭ «تۈزۈم تېخنىكىدىنمۇ مۇھىم» دەيدىغان بىر مەشھۇر سۆزى بار. بۇ يەكۈننى ئوخشاشلا ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەھەتكىمۇ تەتبىقلىغىلى بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىرەر دۆلەت ۋە مىللەتكە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم يادرولۇق رىقابەت كۈچى تۈزۈمدىكى رىقابەت كۈچىدۇر، ئۇنىڭدىن قالسىلا مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساس ئىگىلىرى قاتارلىق ئامىللار تۇرىدۇ. خەلقنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ئامىلىغا كەلسەك، ئۇ كۆپ ھاللاردا ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنىپ كەتمەيدۇ.
تۈرلۈك «ئەپسانىلەر» ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكىنى قىسمەن كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ بىر كېچىدىلا روناق تېپىپ قەد كۆتۈرۈپ، پۈتكۈل يەر شارىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق ئۇلار شۇ گۈزەل ئارزۇلارنى قىلغاندا، تەڭرىنىڭ قانداقتۇر بىر مىللەتكە ئالاھىدە ئىلتىپات ئاتا قىلمايدىغانلىقىنى؛ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئۆزىمىزنىڭ جاپاغا چىداپ قىلچە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
(خەنزۇچە »شېنجېن سودا گېزىتى»نىڭ 3002-يىل 11-ئاينىڭ 91-كۈنىدىكى سانىدىن ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر تەرجىمە قىلدى)

بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، قوش چەكسىڭىز ئادرېس كۆچۈرىلىدۇ
      
ژۇرنىلىمىز باھاسى 7 يۈەن، قوش ئايلىق ژۇرنال، بىر يىللىق مۇشتەرى بولۇش باھاسى 42 يۈەن. ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋالماقچى ياكى ھەر ۋاقىت مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، 24 سائەت ھەقسىز، ئالاھىدە قىزغىن مۇلازىمەت تېلېفونى: 13579800944 ، تېلېفون ئارقىلىق ژۇرنال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچى ھەقسىز ژۇرنال يەتكۈزۈش تېلېفونى: 13579800944 ژۇرنىلىمىز، توربەت توغرىسىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ئۈستىدە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13579800944، ژۇرنىلىمىز باھاسى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئەرزان، ئەگەر سېتىۋېلىپ رازى بولمىسىڭىز پۇلىڭىز قايتۇرۇلىدۇ.
تەۋسىيە ئەسەرلەر يېڭىلانغان مەزمۇنلار ئالاقىدار ئەسەرلەر
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 2-سانى مۇندەرىج...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھەققىنى بانكا كار...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللىق 1-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 6-سانى نەشردىن ...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 5-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللىق 4-سانى نەشردىن ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز  قەلەم ھ...
 ژۇرنىلىمىز 2013-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 تۇرغۇن يىلتىزنىڭ قى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 ژۇرنىلىمىز 2012-يىللى...
 نېمە ئۈچۈن؟
 دېھقانلار قاچان باي...
 فېليەتونلاردىن تەر...
 جۇڭگولۇق ، ئامېرىكى...
 «نان قېپى»
 ئۈچ چوڭ تاغ
 ئۈستەلگە مۇشتلاش كې...

تۇرۇپ باراتنىڭ تەرجىمىھ...

ھەسەنجان ئابدۇلئەھەد قى...

ئەركىن ئەبەيدۇللانىڭ تەر...

خەمىت نېغمەتنىڭ تەرجىمىھ...

يېڭى يىللىق سان نەشردىن...

2008-يىللىق 6-سان نەشردىن ...

ھەقسىز دەرسلىك، ھەقلىق «...

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمى...

قازاق مىللىتى ۋە ئاق قۇ...

ژۇرنىلىمىز 6-سانى نەشردى...

ژۇرنىلىمىز 5-سانى نەشردىن...

ژۇرنىلىمىز 4-سانى مۇددەتت...
 تورداشلارنىڭ مۇنازىرىلىرى:
ئەسەرلەرگە قارىتا باھا، پىكىرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە قالدۇرۇڭ
ئەسەر، ئۇچۇر ئىزدىگۈچ
ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تور بېكىتىمىز ئىچىدىن لازىم بولغان مەزمۇننى تاپالايسىز
   
دوستانە ئەسكەرتىش نەشر ھوقۇقى تور بەتكە ئەجىر قىلغانلار تور بەت نەشر ھوقۇقى

国家级期刊 《中国民族》杂志,主管:

  国家民族事务委员会 主办:民族团结

  杂志社, 咨询电话:13579800944

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش
باش نازارەتچى:
مۇھەممەدسالىھ مەتروزى

تېخنىك، بەت ياسىغۇچى:
«جۇڭگو مىللەتلىرى»
ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسى

Copyright © 1996 - 2013
www.Seltenet.com
All Rights Reserved
新ICP备05001492号