-
2010-01-17
سورىقى بار جاھان بۇ - [ئىجادىي ئەسەرلىرىم ]
سورىقى بار جاھان بۇ
(شېئىر)
ئەگرى دەسسەپ تۈز ماڭماي، ئەلەڭلىشىپ يۈرگەنلەر،
ئويلاپ قويۇڭ، سورىقى بولۇر قىلغان-ئەتكەننىڭ.
ياخشىغا ھۆر، يامانغا دوزاخ بولۇر تەقدىرمۇ،
يېگەن تۇزدا ھەققى يوق قارغىش ئېلىپ كەتكەننىڭ.
ئەخلاق-ئادەم زىننىتى، كىشى كۆركى-قىممىتى،
يولى ئوچۇق بولغۇسى ئەلنى دىلغا چەككەننىڭ.
ۋىجدان، ئىمان ساپلىقى ھايات ئەڭ زور بايلىقى،
پەرقى يوقتۇر مۇردىدىن ئەل بەختىنى كەسكەننىڭ.
سورىقى بار جاھان بۇ، ئاۋام ئادىل ھۆكۈمدار،
ئەجرى كەتمەس بىكارغا، گۈللەرگە سۇ سەپكەننىڭ.
ئەل-يۇرت قەلبى ئۆلچەيدۇ كىملەر ئېسىل، كىملەر پەس،
نام-شەرىپى يادلىنار ئەل دەردىگە يەتكەننىڭ.
چېلىشىپ ساز-دېپىنى، كۆز-كۆز قىلىپ گېپىنى،
دۇنيا ئەمەس مۇغەمبەر، ئادالەتنى تەپكەننىڭ.
كۈنلەر ئەمەس باقىۋەن بەزمە-ئىشرەت تۈزگەنگە،
سورىقى بار جاھان بۇ، ھېساپسىز يەپ-ئىچكەننىڭ.
دىيانەتنىڭ گىر تېشى تۇرىدۇ بىر نۇقتىدا،
ياشاشقىمۇ ھەققى يوق ئىنسابىدىن كەچكەننىڭ.
بېرىلمىگىن پۇل-مالغا، ئەقىدىسىز شەيتان ئۇ،
ئۇزۇن بولماس زامانى قۇرۇق ئابروي-شەۋكەتنىڭ.
راھەتلىكتە بۇ دۇنيا قالغان نى-نى دىن ئېشىپ،
سورىقى بار جاھان بۇ ھەربىر قىلغان-ئەتكەننىڭ.
2010-يىلى 7-يانۋار بېيجىڭ
-
2010-01-03
قەلبىمدىكى قۇرلار - [ئىجادىي ئەسەرلىرىم ]
دەيمەن ...
ئاتىلار نامىغا پۈتكۈن نەزمىلەر،
بىر مەھەل ياڭراپلا ئۆچمىسە دەيمەن.
مېھرىبان ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەم،
ھەر زامان دىللاردىن كۆچمىسە دەيمەن.
پەرزەنتلەر ئەخلاقلىق، كۆيۈمچان بولسا،
ئانىلار قەلبىنى تىلمىسا دەيمەن.
يەر-زېمىن يايرىسا، تەڭرىمۇ كۈلسە،
كۆڭۈللەر باھارنى چىللىسا دەيمەن.
مەردانە يىگىتلەر، غۇنچە بوي قىزلار،
ھۇرۇنلۇق، كەيپتە بولمىسا دەيمەن.
ئانىلار بىچارە، ئاتىلار غېرىپ،
ئەلەملىك كۆز ياشقا تولمىسا دەيمەن.
بالام دەپ جان بەرگەن ئاتا-ئانىلار،
راھەتمۇ كۆرسىكەن، كۈلسىكەن دەيمەن.
ئانىلار ئايىغى جەننەت ئىشىكى،
بالىلار ھۆرمەتنى بىلسىكەن دەيمەن.
ئۇستازىمغا
سانچىلدى چېچىڭغا چېچەكلەر ئاپئاق ،
ئەجرىڭنىڭ مەردانە يارقىن سىيماسى.
قامۇسى پۈتۈلدى سۈزۈك چېھرىڭگە،
ئەمگىكىڭ، مېھنەتنىڭ روشەن ئىزناسى.
بىخ سۈرۈپ كۆكەردى يۇمران نوتىلار،
بولغاچقا سېنىڭدەك تۆھپىكار باغۋەن.
ئەي ئۇستاز، تۆھپەڭ كۆپ، قان-تەرىڭ تولا،
تەرىپلەپ، كۈيلەشكە پېقىر ئاجىزمەن.
ھاياتىڭ يەم بولدى جاپا-مېھنەتكە،
ئۆزۈڭنى بېغىشلاپ ئەۋلاد يولىغا.
راھىتى كۆرمىدىڭ ئەپسۇس ئەجىرنىڭ،
كۆز سالماي تەمادا بىراۋ قولىغا.
يۇرت سۆيگۈسى
ئانا يۇرتۇم سۆيۈملۈك چىرا،
كۈچكە تولدۇم ئوغۇز سۈتۈڭدە.
چىن دىلىمدىن سۆيىمەن سېنى،
تەرىپىڭ بار ھەربىر كۈيۈمدە.
باغلىرىڭدا ئالما ۋە ئانار،
يۇلتۇزلاردەك تۇرار نۇر چېچىپ.
ئانار يۈزلۈك ئىشچان قىزلىرىڭ،
كېلەر دىلنى دىللارغا چېتىپ.
خەلقىڭ ئىشچان، ئېتىكىڭ مۇنبەت،
ئۇتۇقۇڭ بار پەخىرلەنگۈدەك.
يۈكسەل يۇرتۇم زامانغا لايىق،
يۈز ئاچماقتا سەندە كېلەچەك.
2009-يىلى 2-يانۋار بېيجىڭ
-
2010-01-01
بىر سۆز بار يۈرەكتە - [ئىجادىي ئەسەرلىرىم ]
بىر سۆز بار يۈرەكتە
شېئىر
بىر سۆز بار يۈرەكتە بەكمۇ خىجىلچان،
يالقۇنلۇق ئوتلاردا كۆيۈپ تۈگىمەس.
باغرىمنى تاتىلاپ بەرمەيدۇ ئارام،
ئەمەستۇر ھەرگىزمۇ ئۆتكۈنچى ھەۋەس.
پىچىرلاپ يۈرىكىم تولىمۇ تاتلىق،
چىرمايدۇ ۋۇجۇدۇم مەستخۇش پۇرىقى.
قايسى گۈل ئىشقىدا شەيدا بۇلبۇلمەن،
شۇ سېزىم بولدىغۇ جاننىڭ ئۇزۇقى.
بىر سۆز بار يۈرەكتە جۈرئەتسىز لېكىن،
كېپىنەك بولىمەن ئايلىنىپ چىمەن.
مەجنۇنتال، چېچەكلەر شادىمان، قەيسەر،
ۋە بەلكى شۇلاردىن ئىلھام تېرىمەن.
ئىچ ئاغرىتىپ ياش تۆكەر غۇنچە-ياپراقلار،
ھەسرەتكە مۇپتۇلا ئاجىز تېنىمغا.
نۇر چېچىپ ھارمايدۇ تىلەكچان قۇياش،
ئۈندۈرمەك بولغاندەك گۈلنى يېنىمغا.
بىر سۆز بار يۈرەكتە ئارمىنى بىرلا،
گۈلىنىڭ ۋەسلىگە يېتىش كويىدا.
كۆكسۈمدە يانغان ئوت ئۈندەيدۇ ئالغا،
بىر سۆز بار يۈرەكتە پىغان ئوتىدا.
2009-يىلى 23-دېكابىر بېيجىڭ
-
2010-01-01
قېنى سىز دوستۇم - [ئىجادىي ئەسەرلىرىم ]
قېنى سىز دوستۇم
(ھەجۋى شېئىر)
ۋاي دوستۇم، ئەجەپلا يۇقاپ كەتتىڭىز،
قەيەردە كىملەرنى سايە ئەتتىڭىز.
جان-جىگەر، قېرىنداش مەڭگۈ دەپتىڭىز،
زاغرىنى مەن بىلەن بىللە يەپتىڭىز،
باشقا كۈن چۈشكەندە نەدە سىز دوستۇم.
سىز يۈتۈپ يالغۇزلۇق ئەجەپ بىلىندى،
بۇ يۈرەك ئېچىشىپ چاك-چاك تىلىندى.
كىرپىكلەر نەملىشىپ مۇنچاق ئىلىندى،
مۇڭلۇق قەلب قىيسىق كەپىگە قىلىندى،
سېغىنغاندا كېلىپ قويۇڭ، ھاي دوستۇم.
ئۆزىڭىز يوق ۋە يا سالىمىڭىز يوق،
«ۋەي-ۋەي»دىنمۇ بۇلار ئىدى كۆڭلۈم توق.
دەيتتۇققۇ بىز بىر يىپتىكى ئوق،
باشقىلار قىلغانتتى ئىككىمىزگە زوق،
مۇشۇنداق تاشلامسىز جانىجان دوستۇم.
جاپادا بىرگە دەپ ئېيتقان ئىدىڭىز،
قېنى شۇ ناۋاتتەك تاتلىق سۆزىڭىز.
تۇتۇلۇپ قالدىمۇ ئەقىل كۆزىڭىز،
قىزارماي يەنىلا قارا يۈزىڭىز،
ئەھدىنى بۇزامسىز ۋىجدانسىز دوستۇم.
ۋەدىڭىز قاي دەريا ئاقتى سەل بولۇپ،
مۇشتلىغان مەيدىمۇ كۆپتى دەرد تولۇپ.
مەن سىزگە ئىشەنگەن ھەردەم ئەل بولۇپ،
تەس كۈنگە قالساممەن يوق سىز تەل بولۇپ،
ھەي توۋا، نېمانداق نادان سىز دوستۇم.
ئۆزگىلەر خار قىلدى، مېنى چەيلىدى،
غەزەپلىك مۇشتىنى كۆزگە تەڭلىدى.
غەشلىكتە يۈرەكنى ھەسرەت ئەيلىدى،
ھال سوراپ قويسىڭىز شۇمۇ مەيلىدى،
مەن ئىڭراپ ياتقاندا، قېنى سىز دوستۇم.
بىلگەنلەر سورىدى سىزنى قېنى دەپ،
دۈشمەنلەر كۈلۈشتى، غەيۋەت، تولا گەپ.
قۇنالغۇ، ئاش-تاماق ئىدۇققۇ بىر سەپ،
تىت-تىت مەن كۆپ ئويلاپ غېمىڭىزنى يەپ،
لېكىن سىز بىپەرۋا ئەقىلسىز دوستۇم.
يۈرەمسىز يا دوستۇم قەھۋە-قاۋاقتا،
يېڭىچە دوست بىلەن بىكار تاماقتا.
تۇز بەرگەنغۇ مەن سىزگە نى-نى تاۋاقتا،
ئۆيدىكى ئەڭ ئېسىل تەڭنە-ئاياقتا،
بۇنداق يۈرۈپ بەك ئۇيات بولماسمۇ دوستۇم.
مەن سىزگە بىۋاپا بولۇپ باققانمۇ،
دوستلۇققا نامەردلىك ئوتى ياققانمۇ.
كۆرسەتمەي يا سىزگە مېغىز چاققانمۇ،
بىراۋلار كەينىدىن سۇدەك ئاققانمۇ،
ئويلىنىڭ، مەن شۇنداق قىلغانمۇ دوستۇم.
ھەي ئەپسۇس، كېچىكىپ چۈشەندىم سىزنى،
سۈپۈرمەك بولۇپسىز بىز سالغان ئىزنى.
پۇل-مال دەپ سۆيۈپسىز چىرايلىق قىزنى،
شەرتمىكەن ئۇنىڭغا ئۇنۇتماق بىزنى،
ۋىجداننى ئۇنۇتماڭ، كالامپاي دوستۇم.
بەك ساددا، ھاماقەت ئىكەنمەن ئەسلى،
ئالدىنىپ ئۆتۈپتۇ ياشلىقىم پەسلى.
ئىستىسەم زارىقىپ دوستلۇقنىڭ ۋەسلى،
ئىكەنسىز ساختىپەز، مەككارنىڭ نەسلى،
دەردىمگە دەرمان يوق، كۈلەمسىز دوستۇم.
ھە بوپتۇ، ئىزدىمەڭ ئۇمۇ مەيلىغۇ،
بۇ سىزدەك كىشىنىڭ خۇيى-پەيلىغۇ.
بىلدىڭىز دوستلۇقنى ئويۇن-سەيلىغۇ،
سىزنىڭچە ساداقەت ئاتاق-سەللىغۇ،
بىر ئەركەك ئوغۇلغا خاسمۇ شۇ دوستۇم.
ئاڭلاڭ دوستۇم سۆزلەي بىر-ئىككى ئېغىز،
بولساممۇ سىز ئۈچۈن سېسىغان ئېڭىز.
بىلىڭكى، ئىشەنچتىن دولقۇنلۇق دېڭىز،
دوست-ئاداش ئەمەستۇر يولدىكى سېغىز،
يىگىتلىك غۇرۇرى گۆھەردۇر دوستۇم.
جاھاندا تۇرمىغان ھېچكىممۇ چەكسىز،
دەرەختىن باغ بولماس ئانار تال-تەكسىز.
ۋىجدانسىز كىشى ئۇ قەدىرسىز، ئەتسىز،
بىر سىقىم تۇپراق بىز ھامىنى شەكسىز،
ئىنساندەك ئىمانلىق ياشاڭ، ئەي دوستۇم.
2009-يىل دېكابىر بېيجىڭ
-
2009-12-18
سەن بارمۇ - [ئىجادىي ئەسەرلىرىم ]
سەن بارمۇ
(شېئىر)
يۈرەككە ئوت يېقىپ ئايدەك جامالىڭ،
ھۇشۇمدىن ئايرىلدىم، ھايات مەن بارمۇ.
گىرىمسەن كۆرۈنەر چېچەكلەر كۈلۈپ،
گۈللەرنىڭ بەرگىدە گۈلۈم سەن بارمۇ.
سايەڭدىن نۇر يېغىپ، سۈزۈلدى گۇگۇم،
يا سەندە ئاجايىپ خىسلەت، پەم بارمۇ.
يۇلتۇزلار كۆز قىسىپ نازلىق بېقىشتى،
شۇلارنىڭ كەينىدە پەرى سەن بارمۇ.
قارلاردىن شۇررىدە ئېرىپ كېتىمەن،
ھەيرانمەن سوغۇقتىن كۆيەر تەن بارمۇ.
ئىزلىرىم مۇڭداشتى ئاق زېمىن بىلەن،
توپىلىق يوللاردا ئېيتچۇ سەن بارمۇ.
2009-يىلى 18-دېكابىر بېيجىڭ
-
2009-12-18
بالىلىقنى سېغىنىش - [ئىجادىي ئەسەرلىرىم ]
بالىلىقنى سېغىنىش
(شېئىر)
ئانامنىڭ باغرىدا ئەركىلەپ ياتقان،
غۇبارسىز كۈلكەمدە چېچەكلەر ئاچقان.
قايتقۇم بار پاك، سەبىي ساددىلىقىمغا،
قايتقۇم بار غەمسىز شۇ بالىلىقىمغا.
دوستلار بىلەن ئوينايتتىم چالما جېڭىنى،
بىلمەيتتىم ھىيلىنى، ئازغۇن چېڭىنى.
كۆڭۈل غەش بەزى دىل ئالىلىقىمغا،
قايتقۇم بار سۈتتەك ئاق بالىلىقىمغا.
يۈرىكىم جان قىينار ئازاپ ئىچىدە،
ئۇيقۇسىز بىتاپمەن ئۇزۇن كېچىدە.
كۆپ كۆڭۈل رەنجىدى زالىملىقىمغا،
قايتقۇم بار تىنچ، ئەمىن بالىلىقىمغا.
ھاياتنىڭ جاپالىق داۋانلىرىدا،
رەھىمسىز كۈنلەر سوغ، يامانلىرىدا.
قايتقۇم بار ھەسرەتتىن خالىيلىقىمغا،
ھەممىدىن بىخەۋەر بالىلىقىمغا.
چۈشەنچە، بىلىشلەر ئۈندەيدۇ تەسكە،
ماڭغانچە سېزىلەر چۈشكەندەك پەسكە.
كۆيىمەن سۈت ئۇيقۇ، چالىلىقىمغا،
قايتقۇم بار گۆدەكلىك، بالىلىقىمغا.
كەيىپكە ئۆگەندىم خالىمىساممۇ،
دەردىم كۆپ ئاشكارا زارلىمىساممۇ.
باقمايدۇ شۇم پەلەك رازىلىقىمغا،
قايتقۇم بار شاد-خۇرام بالىلىقىمغا.
كېتىشنى ئويلىسام تېخى قورقىمەن،
ئاچچىق دەرد-ئەلەمدە مۇشۇ تۇرقى ھەم.
قايتقۇم بار تاتلىق شۇ بالىلىقىمغا،
ئەبەدىي تۇرغۇم بار بالىلىقىمدا.
2009-يىلى 18-دېكابىر بېيجىڭ
-
2009-12-14
كۆردۈم - [ئىجادىي ئەسەرلىرىم ]
كۆردۈم
(شېئىر)
بۈيۈكلۈك تەختىنىڭ تۆرىدە كۆردۈم،
شاھانە ئالتۇن تاج نۇرىدا كۆردۈم.
ئۇلۇغلۇق مەنسۇپتۇر ئانىلارغا دەپ،
كۆك ئاسمان زېمىننىڭ يۈزىدە كۆردۈم.
تىلىنغان پارە پار يۈرەكلەر يىغلاپ،
ئانا دەپ زارلانغان دىللارنى كۆردۈم.
تۇلۇنئاي نۇرىدىن پارلاق يۇلتۇزدىن،
ئانىنى قىچقارغان تىللارنى كۆردۈم.
مېھرىبان ئانىلار تەرىپىن قىلىپ،
داستانلار پۈتۈلگەن سورۇننى كۆردۈم.
ھەريەردىن جەم بولۇپ دەستۇرخانلارغا،
جان ئانام دەپ يىغىلغان قوۋمنى كۆردۈم.
ئۆكۈنۈش ئەسرارى خۇنۈك چىراينى،
قاشتاشتەك ئاقارتقان ئانىنى كۆردۈم.
زەيكەشتە قىينالغان زەئىپ تەنلەرنى،
داۋالاپ ساقايتقان ئانىنى كۆردۈم.
گۆدەكلەر قەلبىنى ھەردەم ئىللىتىپ،
ھارارەت يەتكۈزگەن ئانىنى كۆردۈم.
پەرۋىشلەپ غۇنچىنى قاتارغا قوشقان،
جۇدۇننى كەتكۈزگەن ئانىنى كۆردۈم.
تەبەسسۇم ئەيلىگەن شادىمانلاردىن،
كۆيۈمچان ئانىنىڭ مېھرىنى كۆردۈم.
نەۋقىران ياشلاردىن، بوستان چاچلاردىن،
ئۇلۇغۋار ئانىنىڭ چېھرىنى كۆردۈم.
ئالەمگە مۇھەببەت ئۇرۇقى چاچقان،
تەبىئەت باغرىدا چىمەنلەر ئاچقان.
ئىقلىمنى باھارنىڭ تونىغا ياپقان،
قەلبى پاك ئوت يۈرەك ئانىنى كۆردۈم.
2009-يىل 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭ
-
2009-12-10
رومكىدىكى مەن - [ئىجادىي ئەسەرلىرىم ]
رومكىدىكى مەن
(نەسىر )
رومكىلار ئايلىنىدۇ ساقىنىڭ بۇيرۇقى بار، بېشىم پىرقىرايدۇ ئايلىنىشلاردىن سېنى ئىزلەيمەن يار. مەن مۇھەببەت ئالىمىدىكى مەن شۇ. مەن ئۆزلۈكىمدىكى مەن شۇ، ئەپسۇس، رومكىلارنىڭ ئايلىنىشىدىن تاپالمايمەن ئۆزۈمنى، ئۆز يۈرىكىمدىن باشقا كىممۇ تىڭشار، چۈشىنەر سۆزۈمنى. ئىچىش ماڭا ئۇدۇم ئەمەس ۋە ئەنئەنىمۇ ئەمەس. ئىچكۈم كېلىدۇ رومكىلار بىلەن مۇڭدىشىپ، چۈنكى دەردىمنى بىلمەس، چۈشەنمەس ئولتۇرغانلار ياندىشىپ. رومكىلار قەلبىمنى ئېلىپ ئايلىنار، شارابنىڭ كۈچىدە يۈرەك، قەلبتە بىرى سايلىنار. مۇھەببەت ئالىمىدە ياشىغۇم كېلىدۇ رومكىلاردىن يىراق تۇتۇپ ئۆزەمنى، رومكىلارنىڭ ئايلىنىشى ساراڭ تەقدىردەك باقمايدۇ كۆڭلۈمگە ئازاپلار ئۆزلۈكتىكى ئۆزەمنى. يۈرىكىمنىڭ ئىچكۈسى يوق شاراپنى، ئىنتىلىدۇ سۆيگۈ گۈلىگە، شەيتان ئازدۇرسا ئامالسىز يىغلايدۇ قەلبىم ماتەم تۇتۇپ مۇھەببەتنىڭ قەبرىسىگە، ھىجران كۈلىگە.
ھەييام جان ئۈزگەنىكەن جام ئالدىدا يۇتماي شاراپنى، دورىغۇم بار ھەييامنى يىراق تۇتۇپ شاراپنى؛ دەرت بار يۈرەكتە، قەلبتە، كىم ئويلايدۇ، مەن كۆڭۈل بەرگەن دىلبەر سېزەمدۇ بۇنى، نىدالىق بىر ناخشام بار «تۈگىمەس ناخشا» دەك مۇھەببەتلىك ئالەم سەزدىمۇ شۇنى. تۇرمۇشنىڭ چاقى چۆرگىلەيدۇ مۇشۇنداق قانلارنى سىرغىتىپ، كۆزلىرىم تىكىلپ ياش تۆكەر يۈرەكنىڭ بېغىشىدا، يۈرەك تۇشتىدا؛ ئازاپلارغا بولغۇم يوق ئەسىر، كۆڭلۈم چىللايدۇ توختاۋسىز شېرىن ۋىسالدىن ئىزلەپ گۈزەل قەسىر. يىغلىغۇسى كېلىدۇ تەنھا يۈرىكىمنىڭ، كۆرسەتكۈم يوق ياۋلارغا-ياتقا، سېخىي قۇياشنىڭ تەپتىدىكى زېمىن يۈزىدە قالغۇم يوق ئىرادىسىز، چىدامسىز دېگەن ئاتقا. مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى راستتىنلا سەل چاغلاپتىمەن، جاھانغا باققاندەك بېقىشىم كېرەك ئىكەن ئەسلى. تەبىئەتنى سۆيىمەن، چۈنكى ئۇ گۈزەل؛ كائىناتقا كۆيىمەن، سەۋەبى ئۇ مۇھەببەتلىك، ماڭا سۆيگۈ بېرەلەيدۇ.
رومكىدا ئايلىنمەن، پىرقىرايدۇ بېشىم، تاپالماي جىسمىمنى؛ شۇ دەقىقىدە ۋە بەلكىم ئۇنتۇدۇم تامامەن ئىسمىمنى. ئاچچىق كۈلگۈم بار رومكىلارنى سۈرگۈن قىلغۇم كېلىدۇ، يۈرەكنىڭ ھەسرىتىنى مەندىن ئۆزگە قېنى كىم بىلىدۇ. شاراپلارغا ئېغىز تەگكۈم يوق ئەسلى، سورايمەن ئۆزۈمدىن : «ئېيتقىنا سەن كىملەرنىڭ نەسلى؟». رومكىلاردا ئايلىنىدۇ مېڭەم خىزمەتتىن، تەپەككۇردىن توختاپ، كوچىدا قالغۇم يوق پەقەتلا سەرگەردان، مەلئۇنلارغا ئوخشاپ؛ جاھاننىڭ قوينى كەڭرى ياشاپ باققىن دېگۈم كېلىدۇ، رومكىلارغا سىرىمنى تۆككۈم كېلىدۇ، ئېيتقىنا پەرقى بارمۇ، مۇساپىردەك ياشىغاندىن، ياشىماي ئۆلگەندىن. مۇھەببەتلىك ئالەمدە كۆرگىنىم گۇناھمۇ سېنى، يۈرىكىمدىن كۈيلىشىم خاتامۇ گۈلۈم سېنى، بولدى بەس، قىيناپلا ئۆتمىگىن مېنى. مېنىڭمۇ ياشىغۇم بار رومكىلاردىن خالىي، كەيپتىن خالىي، بولغۇم بار مۇھەببەت ئالىمىدە يۈكسەكتە ئالىي.
رومكىلار ئايلىنىۋېرىدۇ، يۈرىكىم پىچىرلاپ تىللايدۇ مېنى، قىلغان قىلىقلىرىمنى. رومكىلاردىن تاپالماسمەن زادى ئۆزلۈكىمدىكى ئۆزەمنى. بىلىمەن، مۇشۇ رومكىلارنىڭ سوقۇشتۇرۇلىشىدىن چىققان ئاۋازلار مەن تىڭشايدىغان مۇزىكا ئەمەس، بۇ خىل رېتىملارغا ئەگىشىپ سۆزلىشىم پەقەتلا ھەۋەس؛ ئۆزەمنى تىللايمەن، ئۆزەمدىن ئاغرىنىمەن، باشقىلاردىن رەنجىشكە ھەققىم يوق، چۈنكى ئىرادىسىزلىك قىلدىم شەيتانلارغا ئەگىشىپ. مەن ئىزلەيمەن ئۆزلۈك ئالىمىمدىكى ھەقىقىي ئۆزەمنى، شاراپلار تەسىرىدە شەيتان ئۇسسۇللىرىغا ئوڭ-تەتۈر دەسسەۋاتقان تەپەككۇر خىياللىرىم ئارامىمدا قويمايدۇ؛ مەندىن رەنجىپ قاندەك قىزىرىپ كەتكەن جۈپ كۆزۈم مۇھەببەت ئالىمىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن كىملەرنىدۇر، نېمىلەرنىدۇر ئىزدەيدۇ؛ پۈتكۈل ئەزالىرىم ئۆز ئالدىغا، ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەيدۇ، ئۆزەمنى ھەممە نەرسەمدىن، بارلىقىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك سېزىمەن؛ مۇشۇ تەشۋىشلەرگە مەھكۇم قىلغان بوتۇلكا-رومكىلارنى تىللايمەن، ئۆزەمنى ھەم تىللايمەن. رومكىدىكى مەن ئۆزۈم ئەمەس، ھەي رومكىلار ئىزدەشمەيلى بىز بولدى ئەمدى بەس. مەن سۆيگۈ ئالىمىدىكى ئۆزەمنى ئىزلەيمەن...
2009-يىلى 10-دېكابىر بېيجىڭ
-
2009-12-05
دېكابىردىكى چۈش - [ئىجادىي ئەسەرلىرىم ]
دېكابىردىكى چۈش
(شېئىر)
ئېسىلدى ئاق يىپەك زېمىن بوينىغا،
تەبىئەت ئاقكۆڭۈل، ئاق تىلەك يېغىپ.
ئۈزىدۇ ئاق بۇلۇت ئاق سىزىق سىزىپ،
نىگارنى كۈتىمەن ئاپئاق گۈل تىزىپ.
سېغىنغان مەن ئۇشبۇ ئاق رەڭ كۈنلەرنى،
ئاق يۈزلۈك يار بىلەن يۈرۈشنى ئويلاپ،
ئاق نۇرنىڭ نازلىشى ياردى كۆكسۈمنى،
جۈپ يۈرەك قانمىدى ئاق قارنى ئويناپ.
ئاق كېچە ئېيتىمەن تۈگىمەس ناخشا،
ئاق تاملىق ئۆيىدە تىڭشايدۇ جانان.
لەپىلدەپ ئاق قارلار توي چاچقۇسىدەك،
تىلەيدۇ بەختىمنى زېرىكمەي ھامان.
چۈشلىرىم تارايدۇ ئاق تۇمان بىلەن،
چىللايدۇ دىلبەرنى ئاق ئۆستەڭ تامان.
ئاق يوللۇق تۇتتۇممەن چۈش سەپىرىمگە،
ئاق دالا ئۈستىدە ئۇچسۇن دەپ ئامان.
ئاق كەپتەر سالامنى يوللاپ گۈلۈمگە،
تولدى ئاق چېچەككە سۆيگۈ باغلىرى.
يار بىلەن قوغلىشىپ تۇرنىلار كەبى،
قاشتاشتەك ئاقاردى ئىشەنچ تاغلىرى.
ئاق سۆگەت كەينىدە جۈپلەشتى لەۋلەر،
ئاق بۇلۇت، ئاق كەپتەر كۆردى ھەممىنى.
ئاق پەسىل زوقلاندى گۈزەل ياشلىقتىن،
قانغۇچە سۈردۈممەن ۋىسال تەمىنى.
ئويغاتتى ئاق چاچلىق ئانامنىڭ ئۈنى،
ئاق زېمىن كۆك سۇدا يۇدى يۈزىنى.
ئاق يەرگە قىيالماي ياش تۆكتى چۈشۈم،
ئاق قارلار مۆكۈندى قىلماي سۆزىنى.
2009-يىلى 2-دېكابىر بېيجىڭ
-
2009-12-03
رۇبائىيلار - [ئىجادىي ئەسەرلىرىم ]
رۇبائىيلار
1
جان دوستۇم ۋاي دېسە خۇشامەتچىلەر،
كۈلدۈرسە تىل شېكەر قېرى تۈلكىلەر.
سۆزىگە ئىشىنىپ بەرمە سىرىڭنى،
چىن دوستقا ھاجەتسىز ساختا كۈلكىلەر.
2
تىكەنگە، گۈلگىمۇ قۇنار ھاشارەت،
تاپانغا، يۈزگىمۇ چىقار جاراھەت.
مۆمىنگە كۈن بەرمەس زالىم قانخورلار،
ئويلىماس بۇلارىن ئاخىر قىيامەت.
3
بۈگۈن نەغمە، ئەتە ماتەم تەڭكەش جاھان بۇ،
بۈگۈن كۈلسەڭ، ئەتە قايغۇ سەركەش جاھان بۇ.
كۈلمە دوستۇم ئۇشبۇ ئەسكى، خاراپ ھالىمغا،
خاس ئەمەستۇر ئازاپ ماڭا دىلكەش جاھان بۇ.
4
يۈرەكتە كۆيگەنلا چىن سۆيگۈ ئەمەس،
سېغىندىم ھىجراندا دېمە بولدى بەس.
كېرەكسىز باشقىسى ساپ كۆڭۈل كېرەك،
ھەقىقى مۇھەببەت ئىزدىمەس ھەۋەس.
5
بۇ ئالەم قۇچىقى ئەجەپ گۈزەل كەڭ،
ۋە بولۇر ھەق-ناھەق ئۈستىدە كۆپ جەڭ.
ئىنساندەك ياشايدۇ ۋىجدانلىق ئادەم،
نامەرتلىك قۇللىرى يىرتار ياقا-يەڭ.
6
بەزىلەر بەك يوغان سۆزلەيدۇ گەپنى،
دائىما پەسلەرچە كۆزلەيدۇ نەپنى.
ساپ نىيەت، ۋىجداننى تونۇماس ئەسلا،
قارىنى ئاق قىلىپ تۈپلەيدۇ بەتنى.
7
كەلدىڭمۇ دۇنياغا كېتىشىڭ ئېنىق،
ھاياتنى بېزەيسەن سۇس ياكى قېنىق.
كۈلۈپ باق تەقدىرگە زارلاپ باش ئەگمەي،
ئەلەمدە قالمىسۇن ئاخىرقى تىنىق.
8
دوست ئىدۇق قەدەھتە شاراپ تۇتقاندا،
خوشلۇقتا يايرىشىپ زەپەر قۇچقاندا.
چېچىلدۇق كۈزدىكى سېرىق غازاڭدەك،
بەخت قۇشى مەسلىكتە سەرسان ئۇچقاندا.
9
ھەر تاڭدا چىللايدۇ خوراز نېمە دەپ،
غەپلەتتە ياتمىغىن، ئىشلە، قوپۇپ كەت.
خوراتقان پەسىللەر ئاچماس گۈل-چېچەك،
ئىنساندەك ياشىغىن ھاياتنى بېزەپ.
10
ئىدۇق بىز ئوقداندا زىچ تىزىلغان ئوق،
ئىتتىپاق بولغاچقا كۆڭۈل ئىدى توق.
چېچىلدۇق ھەر يەرگە سەن، مەن دېيىشىپ،
ئۇيۇشۇش، بىرلىكنىڭ ئىزنالىرى يوق.
11
ئانىنىڭ سۈتىدەك ئۇلۇغ نېمە بار،
ئانىنى قەدىرلە، بولغىن ۋاپادار.
رازى قىل، سۆيۈندۈر شۇ مېھرىباننى،
ھەر يەردە بوپقالماي دېسەڭ خارۇ-زار.
12
ياخشىمۇ، يامانمۇ كارۋان بۇ يولدا،
ئەجەلنىڭ تىزگىنى تۇرمايدۇ قولدا.
دەڭسەپ كۆر، ھەي ئىنسان ئۆزەڭنى قېنى،
تىزىلدىڭ سەن ئاخىر ئوڭدىمۇ-سولدا.
13
بەزىلەر ۋىجدان دەپ مەيدىگە ئۇرۇپ،
سۆزلەيتتى ئەجەپ چوڭ، كېرىلىپ تۇرۇپ.
ئەمەلدە كۆرمىدۇق سايىسىنىمۇ،
ئەركەكلىك تۈكلىرى كەتتىمۇ قۇرۇپ.
14
ئاتىنىڭ دەردىنى ئەل غېمى دەپ بىل،
رەنجىتمە كۆڭلىنى كەلمەس كەتكەن يىل.
نۇر ئۆچكەن كۆزلىرى كۈتەر نېمىنى،
ئاتىنىڭ سۆزىگە ئۇبدان دىققەت قىل.
15
بۇ ھايات دېڭىزدۇر ئۆركەشلەپ ئاققان،
بىرىگە خوپ كەلمەس، بىرىگە ياققان.
خام خىيال، ۋايساشنى قويۇپ ھەي ئىنسان،
ئادەمدەك ياشاشقا تۇتۇنۇڭ چاققان.
16
ياشاشنىڭ ئۆلچىمى پۇل بىلەن ئەمەس،
روھىڭنى قۇرۇتار ناتوغرا ھەۋەس.
مال-دۇنيا ئوتىدا كۆيۈپلا يۇرمە،
ھامىنى بىر چەكتە ئۈزۈلەر نەپەس.
2008-2009-يىللار بېيجىڭ. خوتەن