Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قائىدە – يوسۇنلىرى بار؟ - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار
 
 
 

ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قائىدە – يوسۇنلىرى بار؟

قائىدە – يوسۇن بىر مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، شۇ مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئەندىزىسى، دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت – سەنئىتى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، شۇ مىللەت ئەزالىرى بىردەك ئېتىراپ قىلغان، بىر پۈتۈن مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئايرىلماس قىسمىغا ئايلانغان ھەرىكەت – يوسۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى.

 

 ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىگە خاس مىللىي ئۆرپ – ئادەت ۋە مول قائىدە – يوسۇن مەدەنىيىتىگە ئىگە.

 

ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قائىدە – يوسۇنلىرى بار؟

ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە مېھماندارچىلىق يوسۇنلىرى، سودا يوسۇنلىرى، كىيىنىش يوسۇنلىرى، ئائىلە يوسۇنلىرى، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە پەزىلەت يوسۇنلىرى، جەمەت يوسۇنلىرى، ئوزۇقلىنىش يوسۇنلىرى، سالاملىشىش يوسۇنلىرى، توي – تۆكۈن ۋە نەزىر – چىراغ يوسۇنلىرى، ھۆرمەت يوسۇنلىرى، ئالاقىلىشىش يوسۇنلىرى قاتارلىق قائىدە – يوسۇنلىرى بار بولۇپ، بۇ قائىدە – يوسۇنلار ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن مەدەنىيىتىمىزنى جۇلالاندۇرماقتا.ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا بىر قىسىم قائىدە – يوسۇنلىرىمىز ئۈزۈلۈپ قالماي، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلدى.

 

قائىدە – يوسۇن بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلى، مىللىي ئالاھىدىلىكىنىڭ ناماياندىسى ۋە مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم. چۈنكى ئۇ مىللەتنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە تەدرىجىي شەكىللىنىپ، بېيىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، شۇ مىللەت ھاياتىنىڭ ئايرىلماس قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر سالساق، تارىختىن بۇيان ئەمەل قىلىپ كەلگەن قائىدە – يوسۇنلىرىمىز مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.زىددىيەت – توقۇنۇشلار قائىدە – يوسۇن ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا قائىدە – يوسۇنغا بوي سۇنۇش تۇرمۇشنىڭ مۇھىم شەرتى دەپ قارالغاچقا، ھەرقانداق ئىشنىڭ قائىدىدىن چەتنەپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. شۇڭا ئەجدادلار ‹‹ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە›› دەپ، ھەر قانداق يەرگە بارغاندا شۇ يەرنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرىغا بوي سۇنۇشنى تەكىتلەپ كەلگەن. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەر تۇغۇلغاندىن تارتىپلا، قىز بولسا قىزلارغا خاس، ئوغۇل بولسا ئوغۇللارغا خاس قائىدە – يوسۇن ئۆگىتىدۇ.ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ناھايىتى مۇكەممەل، كۆپ قاتلاملىق، رەڭگارەڭ قائىدە – يوسۇنلار ئۈستىگە قۇرۇلغان. شۇڭا قائىدە – يوسۇنغا ئەمەل قىلىش ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بولسۇن، كىشىلىك مۇناسىۋەت ياكى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتتە بولسۇن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

 ئۇنداقتا ھازىر كىشىلەرنىڭ قائىدە – يوسۇنلارغا ئەھمىيەت بېرىشى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ ئۇلارغا قانداق قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى بېرىش كېرەك؟

تەرەققىي قىلىش، مەدەنىيلىشىش، زامانىۋىلىشىش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى. جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ، كىشىلەر مەدەنىيلەشكەنسېرى قائىدە – يوسۇنلار شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا تېخىمۇ بېيىپ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇھىم ئومۇرتقىسىغا ئايلىنىشى كېرەك ئىدى. ۋاھالەنكى، بۈگۈنكى كۈندە بەزى قائىدە – يوسۇنلىرىمىز سۇسلىشىپ، ئۆز ھاياتىي كۈچىنى يوقاتماقتا. بۇ، ئەمەلىيەتتە مىللىي روھنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى. ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، نۇرغۇن قائىدە – يوسۇنلىرىمىز ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلەرگە ئەدەپ – ئەخلاق ئۆگىتىدۇ ۋە مەدەنىي بولۇشقا يېتەكلەيدۇ.

 

ئۇلۇغ ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ قائىدە – يوسۇن ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: ‹‹خىزمەتكە ياراپ يول ئاچاي دېگەن كىشى ئىشنى كىچىكىدىن باشلىشى، كىرىش – چىقىش، ئولتۇرۇش – قوپۇش بولسۇن، قائىدە – يوسۇنلارنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەرىكىتىنى تۈزىتىشى لازىم››. بۇ باياندىن ئەۋلادلارغا كىچىكىدىن باشلاپ قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ زۆرۈر. چۈنكى ئائىلە بىر مىللەت قائىدە – يوسۇنلىرىنىڭ بۇلىقى ھېسابلىنىدۇ.

 

 ئۇلۇغ ئالىم دارۋىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان ‹‹پۇشايمان خاتىرىسى››دە: ‹‹مەن بىر ئۆمۈر ئىزدىنىپ ئىنسانىيەتكە نۇرغۇن كەشپىياتلارنى يارىتىپ بەرگەن بولساممۇ، بىراق يەر شارىغا ئالتە ئەخماقنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىمدىن تولىمۇ ئۆكۈنىمەن›› دەپ يازغان. دارۋىن نېمە ئۇچۇن بۇ‹‹پۇشايمان خاتىرىسى ››نى يازدى؟ چۈنكى ئۇ بىر ئۆمۈر ئۆز كەسپى ۋە ئىجادىيىتى بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئائىلە تەربىيەسىگە سەل قارىغان. نەتىجىدە ئالتە بالىسى يارامسىز بولۇپ يېتىلگەن. ئازادە ئۆي، يېتەرلىك ماددىي شارائىت ھەرگىزمۇ بىر بالا ئۇچۇن ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ تولۇق شەرت – شارائىتى ھېسابلانمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ۋۇجۇدىمىزدا ئائىلە مائارىپى ئۈچۈن زادى قانچىلىك ‹‹خېمىرتۇرۇچ ››نىڭ بار – يوقلۇق مەسىلىسى. ياخشى ئائىلە تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 150 ئۆسمۈر جىنايەتچىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ %40 ىنىڭ ناچار ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغانلىقى بايقالغان. شۇڭا بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى بولغان ئائىلە تەربىيەسى بېرىش كېرەك.

 

ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى بېرىش كېرەك. قائىدە – يوسۇنلىرىمىزدا تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغ تۆھپىكارلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلايدىغان ئەنئەنىۋى پائالىيەت بار. بۇ، كىشىلەرگە ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە جاسارەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېسىل خىسلەتلىرى بىلەن سۇغىرىشتا مۇھىم رول ئوينايتتى. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر تارىختا خەلق ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلغان قەھرىمانلىرىمىزنى، ئىلىم بابىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ياراتقان ئالىملىرىمىزنى ئانچە بىلمەيدۇ. ئەگەر ئەۋلادلار ئەجدادلىرىغا قەلب تۆرىدىن ئورۇن بەرسە، قەلبىدە ئۇلارنىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇش ئىستىكى ئويغانسا، ۋۇجۇدى ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.

 

دېمەك ئاشۇنداق پائالىيەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىدىغان نۇرغۇن پىداكارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.ياشلار ۋە قىز – ئاياللارغا بېرىلىدىغان قائىدە – يوسۇن تەربىيەسىگە سەل قارىماسلىق كېرەك. بارلىق قائىدە – يوسۇنلىرىمىز ئىنسانىي ئەخلاق – پەزىلەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، پەزىلەت غۇنچىلىرىمىز مانا مۇشۇ قائىدە – يوسۇن باغچىسىدا ئېچىلغان. قائىدە – يوسۇنلىرىمىزنىڭ يادروسىنى ئۆز ئارا ھۆرمەت ۋە ئۆملۈك، شەرمىي ھايا، نومۇس، ئەدەپ – ئەخلاق،دوستلۇق، ۋاپادارلىق، مېھرىبانلىق قاتارلىق خىسلەتلەر تەشكىل قىلىدۇ.

 

 بىزدە ‹‹ھايا كۆتۈرۈلۈپ كەتسە، ئارقىدىن بالا كېلۇر›› دېگەن ئەقىدە بار. بۇ يەردىكى ھايا بالىلارغا ئىنسانىي خىسلەت ئاتا قىلىدىغان، ئۇلارنى يامانلىقتىن يىراق تۇرۇشقا ۋە ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان، قەلبىگە پاكلىق ئۇرۇقىنى چاچىدىغان قائىدە – يوسۇننى كۆرسىتىدۇ. ئادەم ھاياسىز بولسا، ئۇنىڭ قەدىر – قىممىتى بولمايدۇ، قايسى ئائىلىدىن ھايا كۆتۈرۈلۈپ كەتسە، شۇ ئائىلە بەختسىزلىككە يۈزلىنىدۇ.ھازىرقى توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ پائالىيەتلىرىدىكى قائىدە – يوسۇنلاردا ئۆزگىرىش بولماقتا. مەسىلەن: شەھەرلەردە تويلاشماقچى بولغان قىز – يىگىتكە نىكاھ ئوقۇلغاندىن كېيىن، قىز ئالدى بىلەن پەردازخانىغا بېرىپ گىرىم قىلىدۇ، ئوچۇق توي كىيىمى كىيىدۇ، ئاندىن رېستورانغا يۆتكەپ كېلىنىپ، توي باشلىنىشتىن بۇرۇن يۈزى ئېچىۋېتىلىدۇ. ئەسلىي قىزلىرىمىز تويدا ئەنئەنىۋى كىيىملىرىمىزنى كىيىپ، كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىپ، قېشىغا ئوسما قويۇپ ياسىناتتى، بۇ، ھازىر تۈپتىن ئۆزگىرىپ كەتتى... ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرىغا كەلسەك، ھازىدارنى رېستورانغا چاقىرىپ، مەي – شارابلار بىلەن ‹‹قارىسى››نى ئوشتۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار پەيدا بولدى.

 

 پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، بىمەنە قائىدە – يوسۇنلارنى ئۆزگەرتىپ، ئەنئەنىمىزگە ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك. ھازىرقى توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغلىرىمىزدىكى قائىدە – يوسۇنلىرىمىزغا خىلاپ يۇقارقى ئەھۋاللار پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇڭا بۇنداق غەيرىي مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە سەل قاراشقا، كەلگۈسىنىڭ ۋارىسى بولغان بالىلارغا بولغان بۇ جەھەتىكى قائىدە – يوسۇن تەربىيەسى بېرىشكە سەل قاراشقا بولمايدۇ.بۇ دۇنيا قائىدە – يوسۇن بىلەن شۇنداق گۈزەل ۋە جەلپكار. شۇڭا كىشىلىك تۇرمۇشقا قىممەت ۋە مەنە بەخش ئەتكۈچى، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە يۇكسەك ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىمىزنىڭ مەھسۇلى بولغان قائىدە – يوسۇنلارنى ئۇلۇغلىساق، ئەۋلادلار قەلبىگە قائىدە – يوسۇندىن ئىبارەت خىسلەتلىك ئۇرۇق چاچساق، ياش ئەۋلادلار قەلبىدە يۈكسەك دەرىجىدىكى مىللىي روھ ۋە مىللىي غۇرۇرنى ئۇرغىتىپ، ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق ئۆرپ – ئادەت، قائىدە – يوسۇنلىرىمىزنى ئۇزىمىزگە كومپاس، ماياك قىلالىساق، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، ئىنساپ – دىيانەتلىك، غۇرۇر – ۋىجدانلىق، شەرمىي – ھايالىق ھەقىقىي جۇڭخۇا ئوغلانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايمىز.

  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2016/1/4 15:49:19        كۆرۈلىشى: 153 قېتىم
شىركىتىمىزگە photoshop تېخنىكىسىن لاھېلىگۈچى قوبۇل قىلىمىز..
ئاتايار ئېلېكترونلۇق تورسودا شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ..
كىچىك دوكتۇر تېز ھىساپلاش ئۇسۇلى دەرىسلىگى بازارغا سېلىندى..
ئاۋۇستىرالىيەدىن بىۋاستە كەلتۇرۇلگەن بوۋاقلار سۇت تالق..
پويىز ئىستانسىسى ئائىللىكلەر قورۇسىدىن ئۆي سېتىلىدۇ..
شىنجاڭ سۇيۇنەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىم ق..
رايۇنىمىز ھەرقايسى جايلىرىدىن تەشۋىقات دېرىكتورى قوبۇل قىلىم..
خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن خوشخەۋەر..
ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىش سېستىمىسىغا جايلاردىن ۋاكالەتچى چاقى..
ئسىل نۇمۇرلار سېتلدۇ،..
ئايروپىلان بېلەت سېتىش سېستىمىسىغا ۋاكالەتچى چاقىرىمىز..
قۇربانجان نەقشلك تۈمۈربېزەكچىلك ئورنىمزغا شاگىرىت قىلدۇ!..
نەنمندىن قىزلارغا جىددى ئۆي ئجارە بېرلدۇ،..
بۇ كەسىپنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ قىزىقسىڭىز ئەجەپ ئەمەس..
تاتلىق-تۈرمەل زاۋۇتىمىزغا جىددى خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز..
خىزمەت ئىزدەيمەن..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
رىناتقاننىڭ ئەڭ يېڭى كومى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئوباما ئەسلى داڭلىق HIP-H
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
پالاكەت بولسا مۇشۇنداق بو
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
مىنرال سۇ ئېلانى <چەتئەل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
<كۆڭۈلدىكى سۆز> يېڭى يىلل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئالاھىدە پۇرچاق ساقچى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
سەھرادىكى مودا ئايال
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ھاياتنى قەدىرلەڭ

    يېڭى مەزمۇنلار

بىر ئىستاكان لىمون س..
قەدىمكى زامان مەدەنى..
قەدىمكى بىناكارلىقنى..
قۇلاق ئاسىراش ھەركەت..
ئالداپ سېتىلغان تۇتۇ..
جىنسىي تۇرمۇشتىكى پە..
ئاياللار تۆۋەن بەللى..
دائىم تىرنىقىنى بويا..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
نىكاھ تۇرمۇش بىلىملىرىدىن قىسقىچە چۈشەنچە

    ئاۋات مەزمۇنلار

ئاياللاردىكى بەل ئاغ..
​چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋە يۈر..
بالا چۈشۈرگەنلەر قان..
قان بېسىم كېسەللىكى ..
سامساق بىلەن غولپىيا..
پۇت-قول ئاغرىقىنىڭ ھ..
بالىلارنىڭ ھەددىدىن ..
بالىلارنىڭ سۆڭىكى سۇ..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com