Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
نىكاھ تۇرمۇش بىلىملىرىدىن قىسقىچە چۈشەنچە - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
 
 
 
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار

نىكاھ تۇرمۇش بىلىملىرىدىن قىسقىچە چۈشەنچە
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2007/1/1 5:41:41        كۆرۈلىشى: 1886 قېتىم

خەلق سوت مەھكىمىلىرى نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلارنىڭ دىلولىرىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش كىرەك؟


بۇ ھەقتە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىملىرى نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلارنىڭ دىلولىرىنى سوت قىلىشقا دائىر بىر قانچە پىكىردە مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن.
1. 1986-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى « نىكاھلىنىشنى تىزىملاش چارىسى» يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا، ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئاممىمۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى دەپ قارىغانلاردىن بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە «نىكاھتىن ئاجرىشىش» نى دەۋا قىلغاندا ئىككى تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش شەرتىگە توشىدىغان بولسا، ئۇ پاكىتقا ئايلانغان نىكاھ مۇناسىۋىتى دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ؛ دەۋا قىلغاندا بىر تەرەپ ياكى ئىككىلا تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش شەرتىگە توشمىسا، ئۇنى قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش مۇناسىۋىتى دەپ بېكىتىش كېرەك.
2. 1986-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى « نىكاھلىنىشنى تىزىملاش چارىسى» يولغا قويۇلۇشتىن كېيىن، نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا، ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئاممىمۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى دەپ قارىغانلاردىن بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە «نىكاھتىن ئاجرىشىش» نى دەۋا قىلغاندا ئىككى تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش شەرتىگە توشسا ۋاقئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى بار دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ؛بىر ئۆيگە كىرىۋالغان بىر تەرەپ ياكى ئىككىلا تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش شەرتىگە توشمىسا، ئۇنى قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش مۇناسىۋىتى دەپ بېكىتىش كېرەك.
3. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېڭىدىن ئېلان قىلغان نىكاھلىنىشنى تىزىملاش ۋە باشقۇرۇش نىزامى يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ، نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلەرگە قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش مۇناسىۋىتى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
4. نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن قايتا نىكاھلانماي يارىشىۋېلىش رەسمىيتى ئۆتىمەيلا يەنە ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرگەنلەردىن بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلسا، ئۇلارنىڭ قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىش قىلمىشىنى بىكار قىلىۋېتىش كېرەك.
5. نىكاھلىنىشنى تىزىملاتقان بىر تەرەپ يەنە 3-كىشى بىلەن ۋاقىئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرسە ياكى ۋاقىئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى بولغان بىر تەرەپ يەنە 3- كىشى بىلەن نىكاھلىنىشنى تىزىملاتسا ۋە ياكى ۋاقىئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى بولغان بىر تەرەپ بىر كىشى بىلەن يېڭىدىن نىكاھ مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرسە ئالدىنقى نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى بىر تەرەپ قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇنىڭ قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىگە توشقان-توشمىغانلىقىدىن قەتئىنەزەر، كېيىنكى نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش كېرەك، نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا، نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ كونكېرت ئەھۋالىغا قاراپ، مۇرەسسە قىلىش ياكى ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك.
6. ۋاقىئىي نىكاھ مۇناسىۋىتى بولغانلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىنى سوت قىلغاندا، ئالدى بىلەن مۇرەسسە قىلىش كېرەك. مۇرەسسە ئارقىلىق كېلىشىپ قالغانلار ياكى دەۋادىن كەچكەنلەرنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىنى كۈچكە ئىگە دەپ بېكىتىپ، ئۇلارغا مۇرەسسەنامە ياكى كېسىمنامە بېرىش كېرەك؛ مۇرەسسەدە كېلىشتۈرگىلى بولمىغانلارنى مۇرەسسە ياكى ھۆكۈم ئارقىلىق نىكاھتىن ئاجراشتۇرۋېتىش كېرەك.
7. نىكاھلىنىشنى تىزىملاتمايلا ئەر-خوتۇن دېگەن نامدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئەر-ئاياللاردىن بىر تەرەپ « نىكاھتىن ئاجرىشىش»نى ياكى مۇناسىۋەتنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقەتەن قانۇنسىز ھالدا بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ ئۆتكەنلىكى ئېنىقلانسا ھۆكۈم ئارقىلىق بىردەك بىكار قىلىش كېرەك.

گۇما ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن : نۇرجامال مەمتىمىن



  سالام ئۈرۈمچى ئۇچۇر قانىلى يېڭى ئۇچۇرلىرى
؜قەشقەر ئاتەش ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق مەركىزى بىر..
؜؜رەڭدار تىككۈچىلىك ئورنىمىزغا تىككۈچى قوبۇل ..
توك-ئېلېكتر قۇرۇلۇشى ئائىلىلىكلەر قوروسىدىن 8..
قەغەز ئىستاكان، كىملىك قېپى، ئېلان يەلپۈگۈچ ب..
ئۆي - مۈلۈك ئىشلىرىڭىزدىكى ياخشى ياردەمچىڭىز ..
بازار ئاچمىز، ۋاكالەتچىلىك قىلمىز، بازار ئېچى..
ئۇماق پەرزەنىتڭىزگە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى لازىمم..
مىھمان-ساراي، چاي-تائاملار، شىركەت-كارخانىلار..
ئالتە ئايلىقتىن تۆت ياشقىچە بالىلارغا ئۆيۈمدە..
b2 پىراۋىدن ياردەمچى شوپۇرلۇققا خىزمەت ئىزدەي..
توك ئوڭشاش، رەتلەش، سۇ يوللىرىنى رەتلەش ئىشلى..
بوۋاقلارنى كۈنلۈك، ھەپتىلىك، ئايلىق، كېچە-كۈن..
تەرجىمانلىقتىن خىزمەت ئىزدەيمەن..
خوتەن بوكىس غەرىبچە تاماقخانىمىزغا ھامبۇرگ بو..
داۋەن گېلىن ئولتۇراق رايونىدىن 89 كۋادراتلىق ..
php تور بەت ياساش تېخنىكىسىدىن مەخسۇس تەربىيە..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
‹‹X فاكۇلتېت›› 1-بۆلۈم 1-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانار پىشتى 2-بۆلۈم خاتىم
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
بۇ بالىلارغا ئامال يوق 2-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
چۈمۈلەم بالىلار كارتون فى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
«ئانار پىشتى» 2-بۆلۈم 11-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانار پىشتى 2-بۆلۈم 10-قى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
خوشاللىق تەزىيەسى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانارپىشتى2 -بۆلۈم6-قىسىم

    يېڭى مەزمۇنلار

ئاپتول ئالماشتۇرغاند..
ئەرلەر تەنساغلاملىغى..
ئەرلەردىكى بۆرەك زەئ..
مەۋلۇت ئىبراھىم..
مەرھۇم چاقچاق پېشۋاس..
ئەسقەر رېقىپ..
يىپەك يۇلى ساداسىدىك..
ماخمۇت سۇلايمان..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى قوغداش مىزانى

    ئاۋات مەزمۇنلار

چەتئەلدىكىلەر بالىلى..
ئاماننىساخان ھەققىدە..
مەزى بېزىنى يەرلىك ئ..
يېزا تۇرمۇشىنىڭ بەدى..
ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور..
بەدىنىڭىز سىزگە قايس..
ئەر كىشىلەرنى ئۆمۈرل..
مۇزدەك ئىچىىملىك يۈر..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com