Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل –يېزىقى قانۇنى - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
 
 
 
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل –يېزىقى قانۇنى
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2007/1/1 5:39:14        كۆرۈلىشى: 2143 قېتىم

(2000 –يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا ماقۇللاندى) 

مۇندەرىجە
1-        باپ ئومۇمىي پرىنسىپ
2-باپ ئورتاق تىل-يېزىقىنى قوللىنىش
3-باپ باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش 
4-باپ قوشۇمچە پرىنسىپ

1-باپ ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا  بۇ قانۇن دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەمدە ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، مىللەتلەر، رايونلار ئارا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى. 
2-ماددا  بۇ قانۇندا دېيىلگەن دۆلەت ئورتاق تىل –يېزىقى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ. 
3-ماددا  دۆلەت پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرىدۇ، قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى يولغا قويىدۇ. 
4-ماددا  پۇقرارلار دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۈگىنىش ۋە قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە. 
دۆلەت پۇقرارلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. 
  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇشى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى يولغا قويۇشى كېرەك. 
   5-ماددا  دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قوللىنىشى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىغا، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشى ۋە مەنىۋى مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. 
6-ماددا  دۆلەت دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل –يېزىقىنىڭ جەمئىيەتتە قوللىنىلىشىنى باشقۇرىدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئوقۇتۇشى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتىنى قوللايدۇ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ، بېيىتىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. 
   7-ماددا  دۆلەت دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئىشىدا كۆرىنەرلىك تۆھپە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. 
8-ماددا ھەممە مىللەت ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە  ئىگە. 
  ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قوللىنىشتا ئاساسىي قانۇنا، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە باشقا قانۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ. 
2-باپ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى قوللىنىش

9-ماددا  دۆلەت ئورگانلىرى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ھۆكۈمەت ئىشى تىل-يېزىقى قىلىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 
10-ماددا  مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇشتا پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئاساسىي تىل-يېزىق قىلىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 
  مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى خەنزۇ تىل-يېزىق دەرىسى ئارقىلىق ئۆگىتىدۇ. خەنزۇ تىل-يېزىق دەرسلىكى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قائىدىسىنىڭ ۋە ئۆلچمىگە ئۇيغۇن بۇلۇشى كېرەك. 
  11-ماددا  خەنزۇچە نەشىر بۇيۇملىرى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قائىدىسىگە ۋە ئۆلچمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. 
خەنزۇچە نەشىر بۇيۇملىرىدا چەت ئەل تىل-يېزىقىنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى بىلەن زۆرۈر ئىزاھات بېرىش.
12-ماددا رادىئو ئىستانىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى پۇتۇڭخۇانى ئاساسىي ئاڭلىتىش تىلى قىلىدۇ. 
چەت ئەل تىلىنى ئاڭلىتىش تىلى قىلىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن رادىئو-تېلېۋىزىيە تارمىقىىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت. 
13-ماددا  ئاممىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرى قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئاساسىي مۇلازىمەت يېزىقى قىلىدۇ. ئاممىۋى مۇلازىمەت ئېھتىياجىدىن ۋىۋىسكا، ئېلان، ئۇقتۇرۇش،بەلگە تاختىسى قاتارلىقلاردا چەت ئەل يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى بىللە قوللىنىش توغرا كەلسە، قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزقىنى قوللىنىش كېرەك. 
ئاممىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرىدە پۇتۇڭخۇانى مۇلازىمەت تىلى قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
14-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا، دۆلەت ئورتاق تىل –يېزىقىنى ئاساسىي تىل-يېزىق قىلىش كېرەك. 
(1) رادىئو، كىنو، تېلېۋىزىيەتىل-يېزىقى؛ 
(2) جامائەت سورۇنلىرىدىكى ئەسلىھە يېزىقى؛
(3) ۋىۋىسكا،ئېلان يېزىقى؛ 
(4) كارخانا، كەسىپي تەشكىلات نامى؛
(5) چېگرا ئىچىدە سېتىلىدىغان تاۋارنىڭ ئورىلىشى ۋە چۈشەندۈرمىسى.
15-ماددا  ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇچۇر تېخنىكىسى مەھسۇلاتلىرىدا قوللىنىلغان دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى دۆلەتنىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. 
16-ماددا  بۇ بابنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا تۆۋەندىكى ئەھۋال كۆرۈلسە، دىئالېكتنى قوللىنىشقا بولىدۇ؛ 
(1) دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا قوللىنىش زۆرۈر بولسا؛ 
(2) گوۋۇيۈەننىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك رادىئو-تېلېۋىزيە تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئاڭلىتىش تىلى قىلىش توغرا كەلسە؛ 
(3) تىياتىر، كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرىدە قوللىنىش زۆرۈر بولسا؛ 
(4) نەشىر، ئوقۇتۇش،  تەتقىقات ئىشلىرىدا قوللىنىش زۆرۈر بولسا. 
17- ماددا  بۇ بابنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا  تۆۋەندىكى ئەھۋال كۆرۈلسە، ئاددىيلاشتۇرۇلمىغان خەت، ۋراىيانت خەتنى ساقلاپ قېلىشقا ياكى قوللىنىشقا بولىدۇ؛ 
  (1) مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسار-ئەتىقىلەر؛
  (2) فامىلىدىكى ۋارىيانت خەت؛
  (3) ھۆسنىخەت، ئويما، نەقىش قاتارلىق سەنئەت ئەسەرلىرى؛ 
(4) بېغىشلىما ۋە ۋىۋىسكا قول يازمىلىرى؛ 
(5) نەشىر، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئىشلىرىدا قوللىنىش زۆرۈر بولسا؛
(6) گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەستىقلىغان ئالاھىدە ئەھۋاللار.
  18-ماددا دۆلەت ئورتاق تىل –يېزىقىدا «خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى» يېزىش ۋە ترانسكرىپسىيىلەش قورالى قىلىنىدۇ. 
«خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى» جۇڭگۇ كىشى ئىسىملىرىنى، يەر ناملىرىنى ۋە خەنزۇ ھۆججەت-ماتېرىياللاردىكى رىم ھەرپىنى يېزىشنىڭ بىر تۇتاش قېلىپى. ئۇ خەنزۇچە خەتلەرنى يېزىش قولايسىز بولغان ياكى خەنزۇچە خەتلەرنى قوللىنىشقا بولمايدىغان ساھەلەردە قوللىنىلىدۇ. 
   باشلانغۇچ مائارىپتا خەنزۇ تىلى فونېتىكىلىق ئېلىپبەسىنى ئوقۇتۇش كېرەك. 
  19-ماددا  پۇتۇڭخۇانى خىزمەت تىلى قىلىدىغان ئىش ئورنىدىكى خادىملار پۇتۇڭخۇادا سۆزلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. 
  پۇتۇڭخۇانى خىزمەت تىلى قىلغان دىكتورلار، پرۇگرامما رىياسەتچىلىرى ۋە كىنو-تېلېۋىزىيە، تىياتىر ئارتىسلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ پۇتۇڭخوا سەۋىيىسى دۆلەت بەلگىلىگەن دەرىجە ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك؛ دۆلەت بەلگىلىگەن پۇتۇڭخوا دەرىجە ئۆلچمىگە يەتمىگەنلىرىنى ئەھۋالغا قاراپ تەربىيەلەش كېرەك. 
  20-ماددا سىرتقا قارىتىلغان خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىدا دەرس ئۆتۈش كېرەك. 
3-باپ باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش

21-ماددا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى خىزمىتىنى گوۋۇيۈەنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى تارمىقى پىلانلايدۇ، يېتەكلەيدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ. 
گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز سىستېمىسىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشىنى باشقۇرىدۇ. 
   22-ماددا يەرلىك تىل-يېزىق خىزمىتى تارماقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆز مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشىنى باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ. 
23-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى كارخانا نامى، تاۋار نامى ھەمدە ئېلان قوللىنىلغان تىل-يېزىقنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ. 
24-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى تارمىقى پۇتۇڭخۇا سەۋىيىسىنى سىناش دەرىجە ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىدۇ. 
25-ماددا  چەت ئەل كىشى ئىسىملىرى، يەر ناملىرى قاتارلىق مەخسۇس ئىسىم ۋە پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدىكى تەرجىمىسىنى بېكىتىشنى گوۋۇيۈەننىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى تارمىقى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۇيۇشتۇرىدۇ. 
   26-ماددا  بۇ قانۇننىڭ 2-بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تىل-يېزىقنى قوللىنىشتا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچمىگە ئەمەل قىلمىغانلارغا پۇقرارلار تەنقىد ۋە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.
  بۇ قانۇننىڭ 19-ماددا 2-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن خادىملار تىل ئىشلىتىشتە بۇ قانۇننىڭ 2-بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا، ئالاقىدار ئورۇنلار بىۋاستە جاۋابكارغا تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئالاقىدار ئورۇن بىر تەرەپ قىلىدۇ. 
شەھەر ئاممىۋى سورۇنلىرىدىكى ئەسلىھە، ۋىۋىسكا، ئېلان يېزىقىدا بۇ قانۇننىڭ 2-بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بويرۇيدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. 
27-ماددا  بۇ قاندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشى ۋە قوللىنىشىغا كاشىلا قىلغانلارنى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئاگاھلاندۇرىدۇ.

4-باپ قوشۇمچە پرىنسىپ

28-ماددا  بۇ قانۇن 2001 – يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى نىزامى
1993– يىل 9-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلوق 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002 – يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتى 30-يىغىنىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار» ىغا ئاساسەن تۈزىتىلىدى. 

1-باپ ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا  بۇ نىزام مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى» ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى. 
2-ماددا  تىل-يېزىق خىزمىتىدە مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى باراۋەر بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۆز-ئارا ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، تىل-يېزىقنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرت. 
3-ماددا  مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى، باشقۇرۇلۇشى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتى كۈچەيتىلدۇ، مىللەتلەر تىل-يېزىقىنىڭ قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. 
يېزىقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، تىلىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، شۇ مىللەتتىكى كۆپ سانلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق، سالماقلىق بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەك. 
   4-ماددا  يېزىقى ياكى ئورتاق قوللىنىدىغان يېزىقى يوق مىللەتنىڭ يېزىق مەسىلىسىنى شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولۇش، ئىختىيارىي تاللاش پرىنسىپى بويىچە، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. باشقا مىللەتنىڭ يېزىقىنى قوللانغان مىللەتنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىم. 
   5-ماددا  ئاپتونوم رايوننىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاپتونوم رايوننىڭ تىل-يېزىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست (ۋىلايەت)، شەھەرنىڭ تىل-يېزىق باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تىل-يېزىق باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي  رايوننىڭ تىل-يېزىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 
6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى تىل-يېزىق باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تىل-يېزىق خىزمىتىدە گەۋدلىك نەتىجە ياراتقان ئۇرۇن ۋە شەخىسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ. 

2-باپ تىل-يېزىقنى قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش

7- ماددا  ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنىش ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا تىل –يېزىقى بىلەن خەنزۇ تىل-يېزىقنى تەڭ قوللىنىدۇ؛ باشقا مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ؛ ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ئاپتونوم رايوندا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئويغۇر تىل-يېزىقى بىلەن خەنزۇ تىل –يېزىقىنى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىدۇ، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان باشقا مىللەتنىڭ تىل –يېزىقىنى ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ؛ بىر نەچچە خىل تىل – يېزىقنى تەڭ قوللىنىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل-يېزىقى ئاساس قىلىنسا بولىدۇ. 
   8-ماددا  ئورگان، تەشكىلات ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تامغىسى، ۋىۋىسكىسى، كىنىشكىسىدە ۋە ئورۇن نامى بېسىلغان كونۋېرتتا، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يۇقىرىغا يوللىنىدىغان، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدىغان ھۆججەت-ئالاقىلەردە قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك. تارقىتىلىدىغان ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ۋە تەشۋىقات بويۇملىرىدا شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل يېزىق ياكى بىر قانچە خىل يېزىقنى ئېھتىياجىغا قاراپ قوللىنىش كېرەك. 
   ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشتا، خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ماسلاشقان بولۇشى، قېلىپلاشقان خەت بولۇشى، رەت تەرتىپى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولۇشى كېرەك. 
     9-ماددا جامائەت سورۇنى، جامائەت ئەسلىھەسى ۋە جامائەت مۇلازىمىتىدە يېزىق قوللىنىلدىغانلىكى نام تاختىسى، جامائەت پارۋانلىق ئېلانى، چېگرا تاختىسى، يول بەلگىسى، قاتناش بەلگىسى ۋە ئاپتومۇبىللارغا يېزىلىدىغان ئورۇن نامى، بىخەتەرلىك شۇئارى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەنگەن ھەمدە سېتىلىدىغان مەھسۇلاتنىڭ نامى، چۈشەندۈرمىسى قاتارلىقلاردا قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك. 
   10-ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار يىغىن ئاچقاندا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل – يېزىق قوللىنىلىدۇ. مۇھىم يىغىنلارنىڭ پىلاكاتىدا ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك. 
11- ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئوقۇغۇچى، ئىشچى، كادىر ئېلىش ۋە تېخنىكا ئىمتىھانى ئېلىش، كەسپىي ئۇنۋان باھالاش، دەرىجە ئۆستۈرۈشتە، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقى بىلەن خەنزۇ تىل-يېزىقىنى تەڭ ياكى ئايرىم قوللىنىشى شەرت. ئېمتىھان بەرگۈچىلەر ياكى قانتاشقۇچىلار ئۆزى خالىغان بىر خىل تىل-يېزىقنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 
   12-ماددا ھەر مىللەت پۇقرارلىرى داۋا ئىشلىرىدا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق. 
خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا دېلونى سوت قىلىش ۋە تەپتىش قىلىشتا، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىلنى قوللىنىشى، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل-يېزىقنى بىلمەيدىغان داۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى لازىم. 
قانۇن ھۆججەتلىرىدە شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل يېزىقنى ئېھتىياجىغا قاراپ قوللىنىش كېرەك.
13- ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى ھەر مىللەت پۇقرالىرىدىن كەلگەن خەت- چەكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ياكى ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىشتا، ئەرزىيەتچىلەر پىششىق بىلىدىغان تىل- يېزىقتا جاۋاب بېرىشى ۋە مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشى ياكى تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى لازىم. ئۇلارنىڭ خادىملىرى ئۆزى پىششىق بىلمەيدىغان يېزىقتىكى خەت، ئالاقە، تەستىق ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، بېسىپ قويماسلىقى ياكى كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم.
14- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدىكى مائارىپ، پەن- تېخ, نىكا، مەدەنىيەت، ئاخبارات، نەشىرىيات، رادىئو، كىنو- تېلېۋىزىيە ئىشلىرى، قەدىمىي كىتابلارنى رەتلەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى لازىم. ئوقۇتۇش، رادىئو، سەنئەت نومۇرلىرى، دەرسلىك، گېزىت- ژورنال، كىتاب، كىنو- تېلېۋىزىيىدە قېلىپلاشقان تىل- يېزىقنى قوللىنىش شەرت. 
15- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت پەن- تېخنىكا خادىملىرى، ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات، كەشپىيات- ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىلمىي ماقالە، ئەسەر يېزىش، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئويۇن قويۇشتا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى قوللىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
16- ماددا پوچتا، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى پوچتا يوللانمىلىرىنى قوبۇل قىلىش، يوللاش ۋە كرېدىت، پۇل ئامانىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
3- باپ تىل- يېزىق ئۈگىنىش ۋە تەرجىمە خىزمىتى 
17- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەرگە تىل- يېزىقنى ئۆز ئارا ئۈگىنىش ھەققىدە تەربىيە ۋە ئىلھام بېرىشى كېرەك. خەنزۇ كادىرلار شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۈگىنىشى كېرەك؛ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۈگىنىش ۋە قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىدىغان پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنىمۇ ئۈگىنىشى كېرەك.
18- ماددا ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى ھەققىدىكى ئاساس مائارىپنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىپ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى ئوبدان يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە تەدرىجىي ھالدا ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنىمۇ، خەنزۇ تىلىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان قىلىشى كېرەك. شارائىتى بار جايلار بۇرۇنراق تەسىس قىلسىمۇ بولىدۇ. 
ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملار ئاز سانلىق مىللەت تىلى بىلەن خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، قوش تىلللىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. 
19- ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدىكى دەرس مۇۋاپىق تەسىس قىلىنسا بولىدۇ.
20- ماددا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇسا بولىدۇ. خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇسا بولىدۇ. مەكتەپلەر ئۇلارنى قوللىشى ۋە قوبۇل قىلىشى كېرەك.
21- ماددا سودا، پوچتا- تېلېگراف، قاتناش، سەھىيە، پۇل مۇئامىلە، باج، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى خادىملارغا ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنى ئۈگىتىپ، ئۇلارنى شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىدىغان تىلنى ئىگىلەپ ۋە قوللىنىپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىغا خىزمەت قىلىدىغان قىلىشى كېرەك.
22- ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى تەرجىمە خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى كۈچەيتىشى شەرت.
23- ماددا ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى كىتاپلار ۋە خەنزۇ يېزىقى، چەتئەل يېزىقىدىكى كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
24- ماددا ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى خىزمەت تىلى قىلىدىغان دىكتۇر، رىياسەتچى، كىنو، تېلېۋىزىيە، تىياتىر ئارتىسى، ئوقۇتقۇچى، مۇھەررىر، تەرجىمان قاتارلىق ئالاقىدار خادىملار ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن تىل دەرىجە ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك. ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىرىنى تەربىيلەش كېرەك.
25- ماددا تىل- يېزىق مەسئۇل تارمىقى ۋە مائارىپ تارمىقى ھەر خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى تەرجىمانلىرى، مۇھەررىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، پەن- تەتقىقاتچىلىرىۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈش كېرەك.
26- ماددا ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىقى تەرجىمانلىرى كەسپىي تېخنىكا خادىم ھىساپلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، كەسپىي تېخنىكا ئۈنۋانى بېرىلىدۇ، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدۇ.
4- باپ تىل- يېزىقنى ئىلمىي تەتقىق قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش
27- ماددا ئاپتونوم رايۇننىڭ تىل- يېزىق مەسئول تارمىقى ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقى توغرىسىدىكى ئاساسىي نەزەرىيە، ئەمەلىي نەزەرىيە ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە تىل- يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىلمىي تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشى، ئاز سانلىق مىللەت تىلىنىڭ ئەدەبىي تىل ئۆلچىمى، ئىملا قائىدىسى ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى قاتارلىقلارغا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايۇنلۇق ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش- بېكىتىش كومىتېتى ھەر خىل تىل، پەن- كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، كەسپىي گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى تەتقىق قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
28- ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئاپتونوم رايۇننىڭ تىل- يېزىق مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەم ئېلان قىلغان ئىملا قائىدىسى، تەلەپپۇز قائىدىسى، ئاتالغۇ، ئادەم ئىسمى ۋە يەر نامى قاتارلىقلارنى قوللىنىشى، تىل يېزىققا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشى شەرت.
ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئادەم ئىسمى، يەر نامىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ئاپتونوم رايۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
29- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىدىغان پۇتۇڭخۇانى ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن ئوموملاشتۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ،پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى ئوموملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىشتا، دۆلەت ئېلان قىلغان ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەت، دائىم قوللىنىلىدىغان خەت، ئورتاق قوللىنىلىدىغان خەت جەدىۋىلىنى ۋە رەتلەنگەن باشقىچە خەت، ۋارىيانت سۆز جەدىۋىلىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك. مۇرەككەپ خەتلەرنى كەلسە- كەلمەس قوللىنىشقا ۋە ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەتنى قالايمىقان ياساشقا بولمايدۇ.
5- باپ قانۇن جاۋابكارلىرى
30- ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورگان، تەشكىلات، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تامغىسى، ۋىۋىسكىسى، كىنىشكىسىدە ۋە ئورۇن نامى بېسىلغان كونۋېرتتا قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى، خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللانمىغان ياكى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى، خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشتا خەتنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنى ماسلاشتۇرمىغان، خەتنى قېلىپلاشتۇرمىغان، شۇنىڭدەك رەت تەرتىپىدە ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى، تىل- يېزىق خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ئومومىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
31- ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جامائەت سورۇنى، جامائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ نام تاختىسى، يېزىق قوللىنىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئېلانى، چېگرا تاختىسى، يول بەلگىسى، قاتناش بەلگىلىرىدە قېلىپلاشقان ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بىلەن خەنزۇ يېزىقىنى تەڭ قوللانمىغانلارنى تىل- يېزىق خىزمىتى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاگاھلاندۇرىدۇ ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەريمانە قويسا بولىدۇ. 
32- ماددا ئالاقىدارلاردىن مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي داۋا قىلسا بولىدۇ. 
6- باپ قوشۇمچە پرىنسىپ

33- ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.



  سالام ئۈرۈمچى ئۇچۇر قانىلى يېڭى ئۇچۇرلىرى
؜قەشقەر ئاتەش ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق مەركىزى بىر..
؜؜رەڭدار تىككۈچىلىك ئورنىمىزغا تىككۈچى قوبۇل ..
توك-ئېلېكتر قۇرۇلۇشى ئائىلىلىكلەر قوروسىدىن 8..
قەغەز ئىستاكان، كىملىك قېپى، ئېلان يەلپۈگۈچ ب..
ئۆي - مۈلۈك ئىشلىرىڭىزدىكى ياخشى ياردەمچىڭىز ..
بازار ئاچمىز، ۋاكالەتچىلىك قىلمىز، بازار ئېچى..
ئۇماق پەرزەنىتڭىزگە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى لازىمم..
مىھمان-ساراي، چاي-تائاملار، شىركەت-كارخانىلار..
ئالتە ئايلىقتىن تۆت ياشقىچە بالىلارغا ئۆيۈمدە..
b2 پىراۋىدن ياردەمچى شوپۇرلۇققا خىزمەت ئىزدەي..
توك ئوڭشاش، رەتلەش، سۇ يوللىرىنى رەتلەش ئىشلى..
بوۋاقلارنى كۈنلۈك، ھەپتىلىك، ئايلىق، كېچە-كۈن..
تەرجىمانلىقتىن خىزمەت ئىزدەيمەن..
خوتەن بوكىس غەرىبچە تاماقخانىمىزغا ھامبۇرگ بو..
داۋەن گېلىن ئولتۇراق رايونىدىن 89 كۋادراتلىق ..
php تور بەت ياساش تېخنىكىسىدىن مەخسۇس تەربىيە..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
‹‹X فاكۇلتېت›› 1-بۆلۈم 1-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانار پىشتى 2-بۆلۈم خاتىم
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
بۇ بالىلارغا ئامال يوق 2-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
چۈمۈلەم بالىلار كارتون فى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
«ئانار پىشتى» 2-بۆلۈم 11-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانار پىشتى 2-بۆلۈم 10-قى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
خوشاللىق تەزىيەسى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانارپىشتى2 -بۆلۈم6-قىسىم

    يېڭى مەزمۇنلار

ئاپتول ئالماشتۇرغاند..
ئەرلەر تەنساغلاملىغى..
ئەرلەردىكى بۆرەك زەئ..
مەۋلۇت ئىبراھىم..
مەرھۇم چاقچاق پېشۋاس..
ئەسقەر رېقىپ..
يىپەك يۇلى ساداسىدىك..
ماخمۇت سۇلايمان..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى قوغداش مىزانى

    ئاۋات مەزمۇنلار

چەتئەلدىكىلەر بالىلى..
ئاماننىساخان ھەققىدە..
مەزى بېزىنى يەرلىك ئ..
يېزا تۇرمۇشىنىڭ بەدى..
ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور..
بەدىنىڭىز سىزگە قايس..
ئەر كىشىلەرنى ئۆمۈرل..
مۇزدەك ئىچىىملىك يۈر..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com