Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چىققان؟ - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار
 
 
 

شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چىققان؟
بۇ

 

ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇش،ياكى ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ئاسىيلىقدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم قايسى بىر كىتاپتىن.شۇڭا قېرىنداشلارغا تارىخىمىزدا ئۆتكەن مۇنۇ جاللاتنىڭ ماتېرىيالىنى يوللاپ قويدۇم.پايدىلانغايسىزلەر!

شېڭ شىسەي 1933-يىلدىن 1944-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي كونتروللۇقىنى قولىغا ئېلىۋالغان لياۋنىڭلىق جاللاتتۇر. 

ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىنى جوڭگودىكى جاڭ جېشى ۋە ماۋ زېدوڭ بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان ئۈچ كاتتىۋاش، خەلقئارالىق فاشىزمغا قارشى كۈرەش سېپىدىكى ئالتە رەھبەرنىڭ بىرى، دەپ ئاتىۋالغان .

شېڭ شىسەي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قان-ياشلىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەن، زۇلۇم، قىيناش، دەھشەت ۋە ئۆلۈملەرنىڭ ماكانى بولغان دەھشەتلىك تۈرمىلەرنىڭ خوجايىنىدۇر. ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان نەشر ئەپكارلىرىدا ۋە تور ئىنكاسلىرىدا شېڭ شىسەي دېگەن بۇ نام قانخور، جاللات، ياۋۇز، ۋەھشىي دېگەندەك سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 11 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا يېتىشىپ چىققان مەرىپەت ئىگىلىرىنى، ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلارنى، تەرەققىيپەرۋەر بايلارنى، مىللەتنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان دىنىي ئۆلىمالارنى قولغا ئېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى تاغ ئاستىلىرىغا ياسالغان تۈرمىلەرنىڭ زەي، سوغۇق، قاراڭغۇ كامېرلىرىدا قىيناپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.

«شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 35-سانىدىكى بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، شېڭ شىسەي ھەر خىل ئۇسۇلدا ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 127 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك ئەھۋالدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

1. جاي-جايلاردىن تۇتۇپ ئەكېلىپ، ئۈرۈمچىدە ئۆلتۈرگەن يۇرت كاتتىلىرى، دىنىي ئۆلىمالار، ئىلغار پىكىرلىك، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ سانى 57 مىڭ. 

2. ما خۇسەن قوشۇنلىرىنى قوغلاپ يوقىتىش جەريانىدا ئاق ئۇرۇسلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئابدۇنىياز كامال قوزغىلىڭىغا قاتناشتى دەپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 30 مىڭ.

3. ئالتايغا ئالتۇن كان قېزىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن، ئاچلىق، ئاچارچىلىق ئازابىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 40 مىڭ.
19 !?oeOU
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 127 مىڭ سان ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ تۈرمىلىرىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. ئەسلىدە خەنزۇچە يېزىلغان بۇ پاكىتلىق ماتېرىياللار گومىنداڭنىڭ شېڭ شىسەينى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن ئادەملىرى تەرىپىدىن تەييارلانغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن بولۇپ، بۇ ماتېرىياللار 1957-يىلى ئەينى چاغدىكى رۇس كۇلۇبى بىلەن ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئارىلىقىدىكى لاپاسلىق كارىدورنى تازىلاۋاتقان ئەخمەت زىيائى، ئابدۇكېرىم خوجا، تېيىپجان ئېلىيوف قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدىبلىرى تەرىپىدىن تېپىۋېلىنغان. كېيىن بۇ ماتېرىياللار شائىر ئابدۇكېرىم خوجا تەرىپىدىن ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارلىقىغا تاپشۇرۇلغان.
«كۇچا تارىخ ماتېرىياللىرى» دا بايان قىلىنىشىچە، شېڭ شىسەي 1938-يىلى كۇچا ناھىيىسىدىكى يۇرت كاتتىلىرىنى، قول ئىلىكىدە بار باي سودىگەرلەرنى، ئىلغار پىكىرلىك جامائەت ئەربابلىرى ۋە تەرەققىيپەرۋەر دىنىي ئۆلىمالارنى تۇتقۇن قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇپ، بىر كېچىدىلا 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى بىراقلا تۇتقۇن قىلغان،ھەتتا بەزىلىرىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغان. شۇ قېتىمقى تۇتقۇندا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ سانى 89 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە تاكى ھازىرغىچە ئېنىق بىر ئۇچۇر يوق.

شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمۇ بار بولۇپ، خوجا نىياز ھاجىم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قۇتلۇق ھاجى شەرقىي، ئابدۇللا داموللام، مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىم، ئابدۇراخمان ئەپەندىم، رۇستەم پالۋان قاتارلىقلار بۇلارنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر.

  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2007/1/1 5:39:36        كۆرۈلىشى: 2184 قېتىم
شىركىتىمىزگە photoshop تېخنىكىسىن لاھېلىگۈچى قوبۇل قىلىمىز..
ئاتايار ئېلېكترونلۇق تورسودا شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ..
كىچىك دوكتۇر تېز ھىساپلاش ئۇسۇلى دەرىسلىگى بازارغا سېلىندى..
ئاۋۇستىرالىيەدىن بىۋاستە كەلتۇرۇلگەن بوۋاقلار سۇت تالق..
پويىز ئىستانسىسى ئائىللىكلەر قورۇسىدىن ئۆي سېتىلىدۇ..
شىنجاڭ سۇيۇنەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىم ق..
رايۇنىمىز ھەرقايسى جايلىرىدىن تەشۋىقات دېرىكتورى قوبۇل قىلىم..
خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن خوشخەۋەر..
ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىش سېستىمىسىغا جايلاردىن ۋاكالەتچى چاقى..
ئسىل نۇمۇرلار سېتلدۇ،..
ئايروپىلان بېلەت سېتىش سېستىمىسىغا ۋاكالەتچى چاقىرىمىز..
قۇربانجان نەقشلك تۈمۈربېزەكچىلك ئورنىمزغا شاگىرىت قىلدۇ!..
نەنمندىن قىزلارغا جىددى ئۆي ئجارە بېرلدۇ،..
بۇ كەسىپنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ قىزىقسىڭىز ئەجەپ ئەمەس..
تاتلىق-تۈرمەل زاۋۇتىمىزغا جىددى خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز..
خىزمەت ئىزدەيمەن..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
رىناتقاننىڭ ئەڭ يېڭى كومى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئوباما ئەسلى داڭلىق HIP-H
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
پالاكەت بولسا مۇشۇنداق بو
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
مىنرال سۇ ئېلانى <چەتئەل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
<كۆڭۈلدىكى سۆز> يېڭى يىلل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئالاھىدە پۇرچاق ساقچى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
سەھرادىكى مودا ئايال
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ھاياتنى قەدىرلەڭ

    يېڭى مەزمۇنلار

بىر ئىستاكان لىمون س..
قەدىمكى زامان مەدەنى..
قەدىمكى بىناكارلىقنى..
قۇلاق ئاسىراش ھەركەت..
ئالداپ سېتىلغان تۇتۇ..
جىنسىي تۇرمۇشتىكى پە..
ئاياللار تۆۋەن بەللى..
دائىم تىرنىقىنى بويا..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
نىكاھ تۇرمۇش بىلىملىرىدىن قىسقىچە چۈشەنچە

    ئاۋات مەزمۇنلار

ئاياللاردىكى بەل ئاغ..
​چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋە يۈر..
بالا چۈشۈرگەنلەر قان..
قان بېسىم كېسەللىكى ..
سامساق بىلەن غولپىيا..
پۇت-قول ئاغرىقىنىڭ ھ..
بالىلارنىڭ ھەددىدىن ..
بالىلارنىڭ سۆڭىكى سۇ..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com