Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ؟ - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
 
 
 
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار

قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ؟
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2007/1/1 5:40:59        كۆرۈلىشى: 1960 قېتىم
ھازىر ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، پۇقرالار تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ سودا قىلىش، ئىشلەمچىلىك قىلىش، ئولتۇراقلىشىش، ساياھەت قىلىش، ئوقۇش، تۇغقان يوقلاش ۋە ھەج قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشكە يۈزلەندى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ خىل «قىزغىنلىقى» دىن پايدىلىنىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ساختا پاسپورت، ۋېزا ياساپ ۋە سېتىپ، بىر تەرەپتىن پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورتى ـــ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى دۆلەت چېگرىسىدىن كىرىپ-چىققاندا ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى پائالىيىتى جەريانىدا، شۇ كىشىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم ئىسپات ھېسابلىنىدۇ. بېجىرىلىش تەرتىپى ۋە ئىشلىتىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، پاسپورت ئادەتتىكى پاسپورت، دىپلوماتىيە پاسپورتى (ساياھەت پاسپورتى) ۋە ھۆكۈمەت پاسپورتى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى» نىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادەتتىكى پاسپورتنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدىكى باشقا ئاپپارات بېرىدۇ؛ دىپلوماتىيە پاسپورتىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بېرىدۇ؛ ھۆكۈمەت پاسپورتىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدىكى باشقا ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار تارمىقى بېرىدۇ.

  پۇقرالاردىن چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىش، تۇغقان يوقلاش، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ساياھەت قىلىش، سودا قىلىش قاتارلىق غەيرىي ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىدىغانلىرى نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا كىملىكى، نوپۇس دەپتىرى، يېقىندا يالاڭباش چۈشكەن سۈرىتى ۋە ئىلتىماس قىلىش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ، ئادەتتىكى پاسپورت ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، كونسۇلخانا ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىللە بارىدىغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەلچىلىرى دىپلوماتىيە پاسپورتى ئىشلىتىدۇ.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىسى-كونسۇلخانىسى ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت ئارا باشقا تەشكىلاتلاردا ئىشلەيدىغان جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ بىللە بارىدىغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ھۆكۈمەت پاسپورتى ئىشلىتىدۇ؛ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، كونسۇلخانا ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىللە بارىدىغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەلچىلىرى، شۇنىڭدەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىسى-كونسۇلخانىسى ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت ئارا باشقا تەشكىلاتلاردا ئىشلەيدىغان جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ بىللە بارىدىغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىدىن باشقا پۇقرالاردىن ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىدىغانلىرىنى ئىشلەيدىغان ئورنى دىپلوماتىيە تارمىقىغا ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، دىپلوماتىيە تارمىقى ئېھتىياجغا قاراپ ئۇلارغا دىپلوماتىيە پاسپورتى ياكى ھۆكۈمەت پاسپورتى بېرىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى» نىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا پاسپورت بەرگۈچى ئورگان پاسپورت بەرمەيدۇ:

  1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدە بولمىغانلار؛

  2) سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلەر؛

  3) ئىلتىماس قىلىشتا ساختىپەزلىك قىلغانلار؛

  4) جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا ئۆتەۋاتقانلار؛

  5) ئاخىرلاشمىغان ھەق تەلەپ دېلوسى بولغانلىقتىن، خەلق سوت مەھكىمىسى چېگرىدىن چىقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغانلار؛

  6) جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جاۋابكار ياكى جىنايەت گۇماندارى ھېسابلىنىدىغانلار؛

  7) گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى چېگرىدىن چىققاندىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ياكى دۆلەت مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قارىغانلار.

  ئۇندىن باشقا، پاسپورت بەرگۈچى ئورگان دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇشقا دەخلى قىلىپ، جىنايى جازاغا تارتىلغانلار ياكى چېگرىدىن قانۇنسىز چىققان، قانۇنسىز تۇرغان، قانۇنسىز ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلەرگە ئۇلارنىڭ جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان ياكى ۋەتەنگە قايتۇرۇۋېتىلگەن كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايدىن ئۈچ يىلغىچە پاسپورت بەرمەيدۇ؛ شۇڭا دۆلىتىمىز پۇقرالىرى پاسپورت بېجىرىشتە، چوقۇم قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇندا پاسپورت بېجىرىش ھوقۇقى بەلگىلەنگەن ئاپپاراتقا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى تاپشۇرۇپ، قانۇنلۇق ھالدا پاسپورت بېجىرىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، تېگىشلىك جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى» نىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كۆز بوياپ پاسپورت ئېلىۋالغانلارنىڭ پاسپورتىنى پاسپورت بەرگۈچى ئورگان يىغىۋالىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ئۇنداقلارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ پاسپورت بەرگۈچى ئورۇن خادىملىرىدىن پاسپورت بېجىرىشتە، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قوبۇل قىلمىغان، يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە باشقىلارغا پاسپورت بەرمىگەن، دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئارتۇق ھەق ئالغانلار، پاسپورت ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن پارا سورىغان ياكى ئالغان، پاسپورت ئىشلەش، بېرىشتە بىلىپ قالغان پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  باشقىلارغا ياسىۋالغان، ئۆرگەرتىۋالغان پاسپورت بەرگەنلەرگە ياكى پاسپورت ساتقانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 320-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، جىنايى جازا بېرىشكە توشمىغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 10 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. (نىيە ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىلغار مەتقاسىم تەييارلىغان)

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى


  سالام ئۈرۈمچى ئۇچۇر قانىلى يېڭى ئۇچۇرلىرى
؜قەشقەر ئاتەش ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق مەركىزى بىر..
؜؜رەڭدار تىككۈچىلىك ئورنىمىزغا تىككۈچى قوبۇل ..
توك-ئېلېكتر قۇرۇلۇشى ئائىلىلىكلەر قوروسىدىن 8..
قەغەز ئىستاكان، كىملىك قېپى، ئېلان يەلپۈگۈچ ب..
ئۆي - مۈلۈك ئىشلىرىڭىزدىكى ياخشى ياردەمچىڭىز ..
بازار ئاچمىز، ۋاكالەتچىلىك قىلمىز، بازار ئېچى..
ئۇماق پەرزەنىتڭىزگە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى لازىمم..
مىھمان-ساراي، چاي-تائاملار، شىركەت-كارخانىلار..
ئالتە ئايلىقتىن تۆت ياشقىچە بالىلارغا ئۆيۈمدە..
b2 پىراۋىدن ياردەمچى شوپۇرلۇققا خىزمەت ئىزدەي..
توك ئوڭشاش، رەتلەش، سۇ يوللىرىنى رەتلەش ئىشلى..
بوۋاقلارنى كۈنلۈك، ھەپتىلىك، ئايلىق، كېچە-كۈن..
تەرجىمانلىقتىن خىزمەت ئىزدەيمەن..
خوتەن بوكىس غەرىبچە تاماقخانىمىزغا ھامبۇرگ بو..
داۋەن گېلىن ئولتۇراق رايونىدىن 89 كۋادراتلىق ..
php تور بەت ياساش تېخنىكىسىدىن مەخسۇس تەربىيە..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
‹‹X فاكۇلتېت›› 1-بۆلۈم 1-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانار پىشتى 2-بۆلۈم خاتىم
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
بۇ بالىلارغا ئامال يوق 2-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
چۈمۈلەم بالىلار كارتون فى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
«ئانار پىشتى» 2-بۆلۈم 11-
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانار پىشتى 2-بۆلۈم 10-قى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
خوشاللىق تەزىيەسى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئانارپىشتى2 -بۆلۈم6-قىسىم

    يېڭى مەزمۇنلار

ئاپتول ئالماشتۇرغاند..
ئەرلەر تەنساغلاملىغى..
ئەرلەردىكى بۆرەك زەئ..
مەۋلۇت ئىبراھىم..
مەرھۇم چاقچاق پېشۋاس..
ئەسقەر رېقىپ..
يىپەك يۇلى ساداسىدىك..
ماخمۇت سۇلايمان..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى قوغداش مىزانى

    ئاۋات مەزمۇنلار

چەتئەلدىكىلەر بالىلى..
ئاماننىساخان ھەققىدە..
مەزى بېزىنى يەرلىك ئ..
يېزا تۇرمۇشىنىڭ بەدى..
ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور..
بەدىنىڭىز سىزگە قايس..
ئەر كىشىلەرنى ئۆمۈرل..
مۇزدەك ئىچىىملىك يۈر..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com