Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

ئۇيغۇر ئەدىپ ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار
 
 
 

ئۇيغۇر ئەدىپ ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
بۇ

 

 

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخىتەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىيئىجادىيەت ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم،تالانتلىقئەدىب،تۆھپىكارمائارىپچى ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەد ئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28- كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغئرىقكەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.

 

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىندىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەتئالغاندىن كېيىن، 1950- يىلىغىچە نەزەرباغدىكى قەشقەردارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4يىل ئوقۇغان. 1950-يىلى غەربى شىمالياشلاربىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلاربىرلەشمىسىقۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن شىئەن، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىقشەھەرلەردە ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىقشىنجاڭئىنستىتۇتىنىڭ بىئو- خىميە فاكۇلتپتىغاقوبۇل قىلىنغان.

 1952- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۆزىگەتەقسىم قىلىنغان، شۇ يىلىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى، ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمانئوقۇتقۇچى بولغان،يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا،ماتېماتىكا،بىئولوگىيە، خىمىيەۋەئاگرونومىيە سىنىپلىرىغاماركسىزم ئاساسلىرى پەپەلسەپە دەرسلىرىنى ئۆتىگەن.

 1953- يىلىئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋپرسىتپتىنىڭ ماركسىزم ئاسپىرانتورىيىسىگەئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىريىل بىلىم ئاشۇرغان. ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانامەكتىپىگە قايتىپكەلگەندىن كېيىن ماركسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپبىر نەچچە خىل دەرس ئۆتىگەن ۋە بۇدەرسلەرنىڭ دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئقتىدارلىقياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىيژۇرنىلى (ئۇيغۇرچە نەشرى) نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭتەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىيباشلانغان.

ئۇنىڭ ئىككى تىلدا يازغانئۇيغۇرخەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956-يىلىمەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان.

بۇ شىنجاڭئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا قۇتادغۇبىلىك ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجىئىلمىي تەتقىقات ئىدى. ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن 20 يىل ئوڭچى قالپىقىكىيگەن.1959- يىلى ئۇ پارتىيىدىكى خىزمىتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەشئورنىغا ئەۋەتىلگەن.1961- ئۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن قويۇۋېتىلگەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن 1966 - يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەرتۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگونىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان «ئەلنىئىدارە قىلىشنىڭئۆرنەكلىرىنى، 24تارىخنى، ئەنگلىيە دراماتورگى شپكسپىرنىڭ 36سەھنە ئەسىرىنى، ھىندىستاننىڭ رامانايا، ماخاپىراتاداستانلىرىنى، سوۋېت ئىتتىپا- قىدا نەشر قىلىنغان 15توملۇق(32كىتاب) دۇنياتارىخىنى، ئومۇمىي تاڭ نەزمىلىرىنى، بايرۇننىڭ دون جۇئان داستانىنى، ھومېرنىڭئىللادا ۋە ئودېسسا داستانلىرىنى، يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلىرىنى، قۇرئانكەرىم، ئىنجىل ۋە تەۋرات نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرى، ئەپلاتۇن، ئارستوتىلئەسەرلىرىنى، دانتىنىڭ تەڭرى كومىدىيىسى داستانىنى، گومورو ۋە تيەنخەننىڭ تارىخىدرامىلىرىنى، ماركىس ئىنگىلىس ئەسەرلىرىنى، نەۋائى، بابۇر، مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەن.

ئۇ بۇجەرياندا 30 نەچچە خاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىشخاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان. ئۇ مۇشۇيىللاردا قارلىق تاغ شەجەرىسى ناملىق داستان ۋە سۇمۇرغلار قوشىقى، قەدىمكى يىپەكيولى، خەن ئوردىسىداباھار، مەلىكە خۇارۇڭ، تەڭرىتاغ ناخشىسى، دات باسماس قىلىچ، پىلە مەلىكىسى قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يېزىپ چىققان. جاۋاھىرۇل ھاقايىقدېگەن ماۋزۇدا قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا(بۇ كىتاب1995-يىلىنىڭ بپشىدا4-قېتىم تۈزىتىلگەندەئالىم قەدىمكى تۇران تارىخى دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنىقولدىن چىقارغان. يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەتلىرىكىلىرىنى يېزىپ چىققان.

 

 مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋەئىجاد قىلىش روھى كۈچلۈك بۇ ئالىم ئاق تېررورلۇق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللارداپارچە – پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن. سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى ( بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى) ناملىق لىرىكنەسىرلەرتوپلىمىنى تولۇق تاماملىغان.

 

 1978- يىلى پارتىيە11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇ- ھەممەدئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەم خاتا ئوڭچىقىلىنغان دېگەن خۇلاسە بىلەن ئاقلانغان ۋە 1980-يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتپتىغايۆتكىلىپ ئومۇمىي ئىستىتىكا دەرسىنىتەسىس قىلىپ ئۆ- تۆشكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىنكېيىن ئۇنىڭ كىتاب، ماقالە، رۇبائىي، شىئر- غەزەللىرى ئارقا – ئارقىدىن ئىلان قىلىنىشقاباشلىغان.

 1986- يىلى ئۇ ياپۇنىيىدە ئىلمىيزىيارەتتە بولۇپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنىڭ يىتۈك قامۇسى- (قۇتادغۇبىلىك) دېگەن تېمىدا لىكسىيە سۆزلىگەن.

 1980-يىللاردا ئۇنىڭ 200پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە، شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتى، فارابى ۋە ئۇنىڭپەلسەپە سىستېمىسى، ئومۇمىي ئپستپتىكا، چوغلۇق، رۇبائىيات(1)، رۇبائىيات(2)، قارلىق تاغ شەجەرىسى قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان.

 ئۇنىڭ يەنە 1980- يىللاردىنكېيىن ئېلان قىلىنغان:- روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۆللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى، ھەسەتخورلۇقھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار، ئارىفنامە، يىپەك يولىدىكى توققۇزھېكمەت، يىپەكيولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت قاتارلىق بىر قاتار ئىسىل ماقالىلىرى ۋە سىكتاي- ساك- ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق، ئۇيغۇر ئەجدادلىرى مەيمەدەنىيىتى، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭتارىخىي ئۇچۇرى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى، ئون ئىككى مۇقامۋە نەۋائىخانلىق ئەنئەنىسى، نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا، ھەقىقەتئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىيمۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنىشتە ۋە مەدەنىيەتتارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى يول ئېچىپ بەردى.

 

ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەرئالىمنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغان ۋە تۆزەتكەن ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، غەربىي يۇرتتاشكىمىر سەنئىتى، قوتادغۇبىلىك خەزىنىسى، ئۇيغۇر مۇقامخەزىنىسى، سەۋدالىقتەئەججۇپنامىسى قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنبىر- بىرلەپ نەشرقىلىندى.

 بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە، يىپەك يولىدا قايتائويلىنىش، سوغدىلارۋە ئۇنىڭ ئپتنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا، چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمدائىرىسى قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇرتارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يىپيىڭىتۈسقوشقان ئىدى.

 

 ئەپسۇسكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭمەشھۇر ئالىمى،تالانتلىق ئەدەبىي،تۆھپىكار باغۋىنى، مولمېۋىلىك پروفپسورى ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن ئۆزنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى، گۈزەلئارزۇ- ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ، 1995-يىلى2-ئاينىڭ 27-كۈنى زىققا كېسىلىتۇيۇقسىز قوزغىلىشى سەۋەبى بىلەن62يېشىدا بۇئالەم بىلەن خەيىرلەشتى.

 

مەنبە:شىنجاڭ تارىخىدىكى مەشھۇر كىشىلەر دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى

  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2015/11/13 4:09:29        كۆرۈلىشى: 288 قېتىم
شىركىتىمىزگە photoshop تېخنىكىسىن لاھېلىگۈچى قوبۇل قىلىمىز..
ئاتايار ئېلېكترونلۇق تورسودا شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ..
كىچىك دوكتۇر تېز ھىساپلاش ئۇسۇلى دەرىسلىگى بازارغا سېلىندى..
ئاۋۇستىرالىيەدىن بىۋاستە كەلتۇرۇلگەن بوۋاقلار سۇت تالق..
پويىز ئىستانسىسى ئائىللىكلەر قورۇسىدىن ئۆي سېتىلىدۇ..
شىنجاڭ سۇيۇنەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىم ق..
رايۇنىمىز ھەرقايسى جايلىرىدىن تەشۋىقات دېرىكتورى قوبۇل قىلىم..
خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن خوشخەۋەر..
ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىش سېستىمىسىغا جايلاردىن ۋاكالەتچى چاقى..
ئسىل نۇمۇرلار سېتلدۇ،..
ئايروپىلان بېلەت سېتىش سېستىمىسىغا ۋاكالەتچى چاقىرىمىز..
قۇربانجان نەقشلك تۈمۈربېزەكچىلك ئورنىمزغا شاگىرىت قىلدۇ!..
نەنمندىن قىزلارغا جىددى ئۆي ئجارە بېرلدۇ،..
بۇ كەسىپنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ قىزىقسىڭىز ئەجەپ ئەمەس..
تاتلىق-تۈرمەل زاۋۇتىمىزغا جىددى خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز..
خىزمەت ئىزدەيمەن..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
رىناتقاننىڭ ئەڭ يېڭى كومى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئوباما ئەسلى داڭلىق HIP-H
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
پالاكەت بولسا مۇشۇنداق بو
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
مىنرال سۇ ئېلانى <چەتئەل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
<كۆڭۈلدىكى سۆز> يېڭى يىلل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئالاھىدە پۇرچاق ساقچى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
سەھرادىكى مودا ئايال
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ھاياتنى قەدىرلەڭ

    يېڭى مەزمۇنلار

بىر ئىستاكان لىمون س..
قەدىمكى زامان مەدەنى..
قەدىمكى بىناكارلىقنى..
قۇلاق ئاسىراش ھەركەت..
ئالداپ سېتىلغان تۇتۇ..
جىنسىي تۇرمۇشتىكى پە..
ئاياللار تۆۋەن بەللى..
دائىم تىرنىقىنى بويا..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
نىكاھ تۇرمۇش بىلىملىرىدىن قىسقىچە چۈشەنچە

    ئاۋات مەزمۇنلار

ئاياللاردىكى بەل ئاغ..
​چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋە يۈر..
بالا چۈشۈرگەنلەر قان..
قان بېسىم كېسەللىكى ..
سامساق بىلەن غولپىيا..
پۇت-قول ئاغرىقىنىڭ ھ..
بالىلارنىڭ ھەددىدىن ..
بالىلارنىڭ سۆڭىكى سۇ..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com