Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، زەھەر چەكلەش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار
 
 
 

كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، زەھەر چەكلەش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك

 

زەھەر جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك

   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ساقچى دائىرىلىرى 23 – ئىيۇن 1184 دېلودا قولغا چۈشۈرگەن 550 كىلوگىرامدىن ئارتۇق تۈرلۈك زەھەرنى كۆيدۈرۈپ، بۇ يىللىق زەھەر چەكلەش تەشۋىقات ئېيىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

   ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا زەھەر ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، زەھەر جىنايىتى ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش ج خ ئورگانلىرىنىڭ زەھەردىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي زىيانداشقا قوللانغان كەسكىن تەدبىرى ئىكەن.

   ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ سۇچۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ چېگرا سىرتىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشتىكى مۇھىم ئۆتىڭى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خەلقئارادىكى زەھەر ئەھۋالىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ‹‹ئالتۇن ھىلالئاي›› ۋە ‹‹ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك››تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ زەھەر مەنبەسىنىڭ شەرق ۋە غەربتىن سىڭىپ كىرىشى، چېگرا سىرتىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى زەھەر تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشى، ئەنئەنىۋى زەھەر بۇيۇملىرىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشى ۋە بىرىكمە زەھەر بۇيۇملىرىنىڭ تېز يامرىشى قاتارلىق كۆپ خىل بېسىمغا دۇچ كەلدى.

   بىر ئائىلىدە بىر زەھەر چەككۈچى بولسىلا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئائىلىنى سورۇۋېتىدۇ. زەھەر چەككۈچىلەر ئائىلىنىڭ بىساتىنى چېكىپ تۈگەتكەندىن كېيىن، زەھەرگە پۇل تەييارلاش ئۈچۈن ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق قىلىش ھەتتا قاتىللىق قىلىشتەك جىنايەت يولىغا ماڭىدۇ. سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، شىنجاڭدا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئىچىدە ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ %90.3ىنى ئىگىلەيدىكەن.

   چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرى ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ئادەم بىلەن مالنى، پۇل بىلەن مالنى ئايرىۋېتىش، ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق ھېسابات يۆتكەش، توردا سودىلىشىشتەك يېڭى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، زەھەرنى ئادەم بەدىنىدە، ئىچىملىك قۇتىسىدا، پوچتا يوللانمىسىدا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئۇسۇللاردا توشۇپ، تەكشۈرۈشنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى.

   ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ج خ ئورگانلىرى زەھەر جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىشتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2014 – يىل 21 – دېكابىردىن 2015 – يىل 15 – ئىيۇنغىچە پاش قىلغان زەھەر جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24 ئاشتى. تۇتقان جىنايەت گۇماندارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.49 ئاشتى.

   ياڭ سۇچۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ج خ ئورگانلىرى زەھەرنى چەكلەش بىلەن بىللە، تاموژنا، چېگرا مۇداپىئەسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن زىچ ماسلىشىپ، زەھەرنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى مەنبەدىن توسۇشتا پولات ئىستىھكام قۇردى. يەنە 2 –، 3 – سەپتىكى ج خ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ئالتۇن ھىلالئاي››دىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ زەھەر ئېلىپ كىرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، زەھەرنى چېگرا سىرتىدا توسۇپ قېلىشقا، چېگرادا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈشكە تىرىشتى.

   تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە زەھەردىن يىراق تۇرۇش تەربىيەسى بېرىش كېرەك

   سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ج خ ئورگانلىرى ھەر يىلى قولغا چۈشۈرگەن زەھەرنىڭ مىقدارى ئەمەلىيەتتە ئەتكەسچىلىك بىلەن چېگرادىن كىرگەن تۈرلۈك زەھەرنىڭ بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، زەھەر جىنايىتى ھەرىكىتى تېخى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەنمەپتۇ. ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە زەھەر چەكلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ج خ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ياڭ گۇاڭچيۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يېڭى زەھەر چەككۈچىلەرنى ئازايتقاندىلا، زەھەرنىڭ ئىستېمال بازىرىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلەتكىلى، ئاخىرىدا زەھەر مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

   ئاق رەڭلىك ۋابانىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئالدى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئايلاندى. دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى زەھەر چەككۈچىلەر ئىچىدە 30 ياشتىن تۆۋەنلەر زەھەر چەككۈچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %85.1ىنى ئىگىلەيدىكەن. شىنجاڭدا ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەر چېكىش مەسىلىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك ئىكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، ھازىر زەھەر چەككۈچىلەر ئىچىدە گىلدىڭباش كۇمىلىچى، مۇزسىمان زەھەر قاتارلىق يېڭى تىپتىكى زەھەرنى چەككۈچىلەر داۋاملىق كۆپەيگەن. يېڭى زەھەرنى ئاسانلا يۇقتۇرۇۋالىدىغانلار ئىچىدە ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. شۇنىڭدەك زەھەر چەككۈچىلەر ئىچىدە ئىلگىرى ئىشسىز ياشلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن بولسا، ھازىر سودىگەرلەر، شىركەتنىڭ ‹‹ئاق ياقىلىقلىرى››، سەنئەت ساھەسىدىكىلەر، ئىستۇدېنتلار ۋە مەمۇرلار قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ باشقا قاتلاملىرىغا كېڭەيگەن.

   ياڭ گۇاڭچيۇ مۇنداق دېدى: ياشلار، ئۆسمۈرلەر زەھەرنىڭ خەۋپ – خەتىرىنى بىلمەيدۇ، مودا قوغلىشىش، قېيداش ياكى ئۆچەكىشىش، راھەتكە بېرىلىش، غىدىقلىنىشتىن ھۇزۇرلىنىش قاتارلىق پىسخىك ھالەتلەر، شۇنىڭدەك دوست تۇتۇشتا ئېھتىياتچان بولماسلىق تۈپەيلى، ئاسانلىقچە زەھەر ساتقۇچىلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قالىدۇ.

   زەھەر تاشلاتقۇزۇپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، زەھەر تاشلىغۇچىلارنى جەمئىيەتكە قايتۇرۇش

   ‹‹زەھەر ئالۋاستىغا ئوخشاش، ئائىلەڭنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، مەن جەزمەن زەھەرنى تاشلاپ، يېڭى تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن باشلايمەن››. بۇ تۇرپان زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكى زەھەر تاشلاۋاتقان كۇرسانتلارنىڭ ‹‹ئاق ئالۋاستىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن يىراق تۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەيلى›› تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىدە ئېيتقان يۈرەك سۆزى.

   زەھەر تاشلاپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى قانداق قىلىپ جەمئىيەتكە قايتۇرۇپ، قايتا چېكىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم قىسمى.

   ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە زەھەر تاشلاتقۇزۇپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سىناق قىلىش خىزمىتىنى باشلامچى بولۇپ قانات يايدۇردى، بىر قىسىم شەھەرلەردىكى مەھەللىلەردە ‹‹قۇياش نۇرى ئائىلىسى›› قۇرۇلۇپ، زەھەر تاشلاپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن خادىملارنى داۋاملىق باشقۇرۇش – تىزگىنلەش، كەسىپكە تونۇشتۇرۇش، ياردەم قىلىپ تەربىيەلەش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ياخشى ئىشلىنىپ، زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى بىلەن جەمئىيەتنى يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىز ھازىرغا قەدەر 44 ‹‹قۇياش نۇرى ئائىلىسى›› قۇردى. بۇ 313 مەھەللىنى قاپلاپ، 6600دىن كۆپرەك ئەزانى قوبۇل قىلدى.

   ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زەھەر تاشلاشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاجراتقان 1 مىليون 400 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹قۇياش نۇرى ئائىلىسى››نى باشقۇرۇش، مەھەللىلەرنىڭ تەربىيەلەشتە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈر پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، قايتا چېكىش نىسبىتى ۋە قايتىدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتتى. 2014 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 1000غا يېقىن زەھەر تاشلىغۇچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2015/11/4 0:23:55        كۆرۈلىشى: 249 قېتىم
شىركىتىمىزگە photoshop تېخنىكىسىن لاھېلىگۈچى قوبۇل قىلىمىز..
ئاتايار ئېلېكترونلۇق تورسودا شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ..
كىچىك دوكتۇر تېز ھىساپلاش ئۇسۇلى دەرىسلىگى بازارغا سېلىندى..
ئاۋۇستىرالىيەدىن بىۋاستە كەلتۇرۇلگەن بوۋاقلار سۇت تالق..
پويىز ئىستانسىسى ئائىللىكلەر قورۇسىدىن ئۆي سېتىلىدۇ..
شىنجاڭ سۇيۇنەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىم ق..
رايۇنىمىز ھەرقايسى جايلىرىدىن تەشۋىقات دېرىكتورى قوبۇل قىلىم..
خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن خوشخەۋەر..
ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىش سېستىمىسىغا جايلاردىن ۋاكالەتچى چاقى..
ئسىل نۇمۇرلار سېتلدۇ،..
ئايروپىلان بېلەت سېتىش سېستىمىسىغا ۋاكالەتچى چاقىرىمىز..
قۇربانجان نەقشلك تۈمۈربېزەكچىلك ئورنىمزغا شاگىرىت قىلدۇ!..
نەنمندىن قىزلارغا جىددى ئۆي ئجارە بېرلدۇ،..
بۇ كەسىپنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ قىزىقسىڭىز ئەجەپ ئەمەس..
تاتلىق-تۈرمەل زاۋۇتىمىزغا جىددى خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز..
خىزمەت ئىزدەيمەن..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
رىناتقاننىڭ ئەڭ يېڭى كومى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئوباما ئەسلى داڭلىق HIP-H
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
پالاكەت بولسا مۇشۇنداق بو
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
مىنرال سۇ ئېلانى <چەتئەل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
<كۆڭۈلدىكى سۆز> يېڭى يىلل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئالاھىدە پۇرچاق ساقچى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
سەھرادىكى مودا ئايال
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ھاياتنى قەدىرلەڭ

    يېڭى مەزمۇنلار

بىر ئىستاكان لىمون س..
قەدىمكى زامان مەدەنى..
قەدىمكى بىناكارلىقنى..
قۇلاق ئاسىراش ھەركەت..
ئالداپ سېتىلغان تۇتۇ..
جىنسىي تۇرمۇشتىكى پە..
ئاياللار تۆۋەن بەللى..
دائىم تىرنىقىنى بويا..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
نىكاھ تۇرمۇش بىلىملىرىدىن قىسقىچە چۈشەنچە

    ئاۋات مەزمۇنلار

ئاياللاردىكى بەل ئاغ..
​چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋە يۈر..
بالا چۈشۈرگەنلەر قان..
قان بېسىم كېسەللىكى ..
سامساق بىلەن غولپىيا..
پۇت-قول ئاغرىقىنىڭ ھ..
بالىلارنىڭ ھەددىدىن ..
بالىلارنىڭ سۆڭىكى سۇ..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com