Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار
 
 
 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى

(1989 – يىل 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2014 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

(9 – نومۇرلۇق)

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى›› 2014 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى›› ھازىر ئېلان قىلىندى، 2015 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2014 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى

مۇندەرىجە

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 – باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

3 – باب مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش

4 – باب مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

5 – باب ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش ۋە جامائەت قاتنىشىش

6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش، جامائەتنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مۇھىت ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك تەبىئىي ئامىل ۋە كىشىلەر ئۆزگەرتكەن تەبىئىي ئامىللار يىغىندىسىنى، جۈملىدىن ئاتموسفېرا، سۇ، دېڭىز– ئوكيان، تۇپراق، قىزىلما، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، ياۋا جانلىق، تەبىئەت ئىزناسى، ئادىمىيەت ئىزناسى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرىلىك رايون، شەھەر ۋە يېزا قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

3 – ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىگە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق باشقا دېڭىز تەۋەسىگە تەتبىقلىنىدۇ.

4 – ماددا مۇھىت ئاسراش دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى.

دۆلەت بايلىقنى تېجەش ۋە ئۇنىڭدىن ئايلانما پايدىلىنىشقا، مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاشقا، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ئىقتىساد، تېخنىكا سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئاسراشنى ماسلاشتۇرىدۇ.

5 – ماددا مۇھىت ئاسراشتا ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جامائەت قاتنىشىش، زىيان يەتكۈزگەنلەر جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

6 – ماددا ھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇھىت ئاسراش مەجبۇرىيىتى بار.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇھىت سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇھىت سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچىلار مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيەنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى، كېلىپ چىققان زىياننىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

پۇقرالار مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىشى، تۆۋەن كاربونلۇق، تېجەشلىك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مۇھىت ئاسراش مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشى كېرەك.

7 – ماددا دۆلەت مۇھىت ئاسراشقا دائىر پەن – تېخنىكا تەتقىقاتى، تەرەققىياتىغا ۋە ئۇنى تەتبىقلاشقا مەدەت بېرىدۇ، مۇھىت ئاسرايدىغان كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، مۇھىت ئاسراش بويىچە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، مۇھىت ئاسراش پەن – تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

8 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشكە كېتىدىغان مالىيە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

9 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت ئاسراشنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئاپتونوم تەشكىلاتى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، مۇھىت ئاسراش پىدائىيلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇن – نىزام ۋە مۇھىت ئاسراش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، مۇھىت ئاسرايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر مۇھىت ئاسراش بىلىملىرىنى مەكتەپ تەربىيەسى مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلاردا مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇن – نىزاملار ۋە مۇھىت ئاسراش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىتقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جامائەت پىكرى ئارقىلىق نازارەت قىلىشى كېرەك.

10 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى بايلىقنى قوغداش ۋە مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

11 – ماددا مۇھىت ئاسراش ۋە ياخشىلاشتا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسنى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇكاپاتلايدۇ.

12 – ماددا ھەر يىلى 6 – ئاينىڭ 5 – كۈنى مۇھىت كۈنى بولىدۇ.

2 – باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

13 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپ بويىچە ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.

مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىنىڭ مەزمۇنىدا ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش نىشانى، ۋەزىپىسى، كاپالەت تەدبىرى قاتارلىقلار بولۇشى ھەمدە ئۇ ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايوننىڭ يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە شەھەر– يېزا يىرىك پىلانى قاتارلىقلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

14 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىساد ۋە تېخنىكا سىياسەتلىرىنى چىقارغاندا، مۇھىت تەسىرىنى تولۇق ئويلىشىشى، ئالاقىدار تەرەپ ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

15 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مۇھىت سۈپىتىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت سۈپىتىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن تۈرلەردە مۇھىت سۈپىتىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدۇ؛ مۇھىت سۈپىتىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن تۈرلەردە مۇھىت سۈپىتىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدىكىدىنمۇ قاتتىق بولغان مۇھىت سۈپىتى يەرلىك ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدۇ. مۇھىت سۈپىتىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

دۆلەت مۇھىت ئۆلچىمى تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىدۇ.

16 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مۇھىت سۈپىتىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا شارائىتىغا قاراپ، بۇلغىما چىقىرىشنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇلغىما چىقىرىشنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن تۈرلەردە بۇلغىما چىقىرىشنىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدۇ؛ بۇلغىما چىقىرىشنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن تۈرلەردە بۇلغىما چىقىرىشنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدىكىدىنمۇ قاتتىق بولغان بۇلغىما چىقىرىش يەرلىك ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدۇ. بۇلغىما چىقىرىشنىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

17 – ماددا دۆلەت مۇھىت كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى كۆزىتىش قائىدىسىنى چىقىرىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە كۆزىتىش تورلىرىنى تەشكىللەپ، دۆلەتنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى كۆزىتىش پونكىتى (نۇقتىسى) قۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ، كۆزەتكەن سانلىق مەلۇماتلاردىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ، مۇھىت كۆزىتىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.

ئالاقىدار ساھە، كەسىپلەردە مۇھىت سۈپىتىنى كۆزىتىش پونكىتى (نۇقتىسى)نى قۇرۇشتا، قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ۋە كۆزىتىش قائىدىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشى، كۆزىتىش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇللىرى كۆزىتىش مەلۇماتلىرىنىڭ چىنلىقى ۋە توغرىلىقىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

18 – ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ ياكى كەسپىي ئاپپاراتلارغا ھاۋالە قىلىپ، مۇھىت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى، باھالىشى، مۇھىت بايلىقىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۆزىتىش بويىچە سىگنال مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

19 – ماددا ئالاقىدار ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلەرگە تۇتۇش قىلغاندا، مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالاش كېرەك.

مۇھىت تەسىرى قانۇن بويىچە باھالانمىغان ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ، مۇھىت تەسىرى قانۇن بويىچە باھالانمىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلاشقا بولمايدۇ.

20 – ماددا دۆلەت مەمۇرىي رايون ھالقىغان نۇقتىلىق رايون، ۋادىلاردا مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيە بۇزۇلۇشىنىڭ بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر تۇتاش كۆزىتىش، بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرىنى يولغا قويىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا مەمۇرىي رايون ھالقىپ مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيەنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەشنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ ياكى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ.

21 – ماددا دۆلەت مالىيە، باج، باھا، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇھىت ئاسراش تېخنىكا جابدۇقى، بايلىقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش ۋە مۇھىت مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇھىت ئاسراش كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

22 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەردىن بۇلغىمىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەلەپ بويىچە چىقىرىش ئاساسىدا، يەنىمۇ ئاز چىقارغانلىرىغا خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە مالىيە، باج، باھا، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

23 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەردىن مۇھىتنى ياخشىلاش مەقسىتىدە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە كەسىپ ئۆزگەرتكەن، كۆچۈرگەن ۋە تاقىغانلىرىغا خەلق ھۆكۈمىتى مەدەت بېرىشى كېرەك.

24 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى شۇنىڭدەك ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇھىتنى كۆزىتىش ئاپپاراتى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى, بار تارماق بۇلغىما چىقارغۇچى كارخانا، كەسپىي ئورۇننى ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى، تىجارەتچىلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈلگۈچى ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك. نەق مەيداننى تەكشۈرگۈچى ئورۇن، ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

25 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەردىن قانۇن ۋە نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا بۇلغىما چىقىرىپ، ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلغان ياكى ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغانلىرىنىڭ بۇلغىما چىقارغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماق پېچەتلىسە، تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.

26 – ماددا دۆلەت مۇھىت ئاسراش نىشانى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارمىقى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ مەسئۇلى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەم ئۇنىڭ مەسئۇلىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

27 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر يىلى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مۇھىت ئەھۋالىنى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى، يۈز بەرگەن زور مۇھىت ۋەقەلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، نازارەتچىلىكنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

3 – باب مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش

28 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت ئاسراش نىشانى ۋە تىزگىنلەش ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.

مۇھىت سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمىگە يەتمىگەن نۇقتىلىق رايون، ۋادىلاردىكى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش يىرىك پىلانى تۈزۈشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ ئۆلچەمگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈشى كېرەك.

29 – ماددا دۆلەت نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى نازۇك رايون ۋە ئاجىز رايون قاتارلىق رايونلاردا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قىزىل سىزىقى سىزىپ، بۇ جايلارنى قاتتىق ئاسرايدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى رايونى، قىممەتلىك، ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەر تەبىئىي تارقىلىش رايونى، مۇھىم سۇ مەنبەسى ساقلانغان رايون، زور پەن – مەدەنىيەت قىممىتى بار گېئولوگىيەلىك قۇرۇلما، داڭلىق غار ۋە تاشقاتما جايلاشقان رايون، مۇزلۇق، يانار تاغ، ئارىشاڭ قاتارلىق تەبىئەت ئىزناسى شۇنىڭدەك ئادىمىيەت ئىزناسى، قەدىمىي ۋە داڭلىق دەرەخلەرنى تەدبىر قوللىنىپ قوغدىشى، ئۇلارنى بۇزۇۋېتىشنى قەتئىي مەنئى قىلىشى كېرەك.

30 – ماددا تەبىئىي بايلىقتىن ئېچىپ پايدىلىنىشتا، مۇۋاپىق ئېچىش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تىزگىنلەشكە ئائىت لايىھەلەرنى قانۇن بويىچە تۈزۈش ھەمدە يولغا قويۇش كېرەك.

جانلىقلار تۈرلىرىنى سىرتتىن كىرگۈزۈش ۋە بىيوتېخنىكىنى تەتقىق قىلىش، يارىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا تەدبىر قوللىنىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

31 – ماددا دۆلەت ئېكولوگىيەنى ئاسراش تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

دۆلەت ئېكولوگىيەنى ئاسراش رايونىغا مالىيەدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېكولوگىيەنى ئاسراش تولۇقلىما مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئۇنى ئېكولوگىيەنى ئاسراش تولۇقلىمىسىغا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەنپەئەت ئالغان رايون بىلەن ئېكولوگىيەنى ئاسراش رايونىدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كېڭىشىش ئارقىلىق ياكى بازار قائىدىسى بويىچە ئېكولوگىيەنى ئاسراش تولۇقلىمىسى بېرىشىگە دۆلەت يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

32 – ماددا دۆلەت ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراقنى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ، مۇناسىپ تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، باھالاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

33 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك مۇھىتىنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مۇھىتىنى ئاسراش يېڭى تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى بۇلغايدىغان مەنبەنى كۆزىتىپ سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى تەدبىر قوللىنىشقا بىر تۇتاش تەشكىللەپ، تۇپراق بۇلغىنىش، قۇملىشىش، شورلىشىش، ئۈنۈمسىزلىشىش، چۆللىشىش، يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش، سۇ– تۇپراق ئېقىپ كېتىش، سۇ ئوزۇقلۇقى زىيادە كۆپىيىش، سۇ مەنبەسى قۇرۇپ كېتىش، جانلىقلار نەسلى قۇرۇپ كېتىشتەك ئېكولوگىيە تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش ئەھۋاللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى، ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەل ۋە زىيانداش ھاشارات ئاپىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىك، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

34 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە دېڭىز ياقىسىدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېڭىز– ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراشنى كۈچەيتىشى كېرەك. دېڭىز– ئوكيانغا بۇلغىما چىقىرىش، تاشلاندۇق تۆكۈش، دېڭىز قىرغىقىدا قۇرۇلۇش قىلىش ۋە دېڭىز– ئوكياندا قۇرۇلۇش قىلىشتا، قانۇن– نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر ۋە ئالاقىدار ئۆلچەمگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، دېڭىز– ئوكيان مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىپ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش كېرەك.

35 – ماددا شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشىدا شۇ جاينىڭ تەبىئىي مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈك، سۇ دائىرىسى ۋە تەبىئىي مەنزىرىلەرنى ئاسراش، شەھەرنى باغۋارانلاشتۇرۇش، كۆكەرتىش ۋە داڭلىق مەنزىرىلىك رايون بەرپا قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

36 – ماددا دۆلەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىتنى ئاسراشقا پايدىلىق مەھسۇلات ۋە ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشىنى قوللاپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، تاشلاندۇقلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ.

دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مالىيە مەبلىغى ئىشلىتىدىغان باشقا تەشكىلاتلار ئېنېرگىيە، سۇ، ماتېرىيال تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق مەھسۇلات، ئۈسكۈنە ۋە ئەسلىھەلەرنى ئاۋۋال سېتىۋېلىشى ۋە ئىشلىتىشى كېرەك.

37 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، تۇرمۇش تاشلاندۇقلىرىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش، يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىشى كېرەك.

38 – ماددا پۇقرالار مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا ماسلىشىپ، تۇرمۇش تاشلاندۇقلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە تۈرگە ئايرىپ تاشلاپ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇھىتقا بولغان زىيىنىنى ئازايتىشى كېرەك.

39 – ماددا دۆلەت مۇھىت ۋە ساغلاملىقنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ۋە خەۋپ – خەتەرنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ؛ مۇھىت سۈپىتىنىڭ جامائەت ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ، تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىتنى بۇلغاشقا ئالاقىدار كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدۇ.

4 – باب مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

40 – ماددا دۆلەت پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ۋە بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كېڭەيتىشى كېرەك.

كارخانىلار پاكىز ئېنېرگىيەدىن ئاۋۋال پايدىلىنىشى، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى، بۇلغانمىنى ئاز چىقىرىدىغان ھۈنەر، ئۈسكۈنە ۋە تاشلاندۇقلاردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش تېخنىكىسى ۋە بۇلغانمىلارنى زىيانسىزلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، بۇلغانمىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىشى كېرەك.

41 – ماددا قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ ئىشقا سېلىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسى تەستىقلانغان مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىدىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك، ئۇنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇۋېتىشكە ياكى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.

42 – ماددا بۇلغىما چىقارغۇچى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەر تەدبىر قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش ياكى باشقا پائالىيەتلەردە چىققان كېرەكسىز گاز، كېرەكسىز سۇ، داشقال، داۋالاش تاشلاندۇقى، چاڭ – توزان، سېسىق گاز، رادىيوئاكتىپ ماددا، شۇنىڭدەك شاۋقۇن، تەۋرىنىش، نۇر رادىياتسىيەسى، ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى ۋە زىيانغا ئۇچرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك.

بۇلغىما چىقارغۇچى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئورۇن مەسئۇلىنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

بۇلغىما چىقارغۇچى نۇقتىلىق ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ۋە كۆزىتىش قائىدىسى بويىچە كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنى ئورنىتىپ ۋە ئىشلىتىپ، كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئەسلىدىكى كۆزىتىش خاتىرىسىنى ساقلاپ قويۇشى كېرەك.

يوشۇرۇن تۇرۇبا، ئەۋرەز قۇدۇقى، ئەۋرەز كۆلچىكى ئارقىلىق قويۇۋېتىش ياكى كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىۋېلىش ياكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى نورمال ئىشلەتمەسلىكتەك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن قېچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپ ھالدا بۇلغىما چىقىرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

43 – ماددا بۇلغىما چىقارغۇچى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇلغىما چىقىرىش ھەققىنىڭ ھەممىسىنى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىش كېرەك، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۇنى قىسىپ قېلىشى، ئىگىلىۋېلىشى ياكى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىنغانلاردىن بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ئېلىنمايدۇ.

44 – ماددا دۆلەت نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىنى گوۋۇيۈەن چۈشۈرىدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ ئورۇنغا چۈشۈرۈلگەن نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ياكى دۆلەت بېكىتكەن مۇھىت سۈپىتى نىشانىنى ئورۇنلىمىغان جايلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىدىغان نۇقتىلىق بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىغا ئائىت قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلاشنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى توختىتىپ تۇرۇشى كېرەك.

45 – ماددا دۆلەت بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يولغا قويىدۇ.

بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەر بۇلغىمىنى بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتىدىكى تەلەپ بويىچە چىقىرىشى كېرەك؛ بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالمىغانلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

46 – ماددا دۆلەت مۇھىتنى ئېغىر بۇلغىغان ھۈنەر، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتنى شاللىۋېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇھىتنى ئېغىر بۇلغايدىغان ھۈنەر، ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشى، سېتىشى ياكى يۆتكىشى، ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تېخنىكا، ئۈسكۈنە، ماتېرىيال ۋە مەھسۇلاتنى كىرگۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

47 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۇھىتقا ئائىت تاسادىپىي ۋەقەنىڭ خەۋپ – خەتىرىنى كونترول قىلىش، جىددىي تەييارلىق كۆرۈش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئوبدان ئىشلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت بۇلغىنىشنى جامائەت كۆزىتىش، سىنگنال بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، سىگنال لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشى، مۇھىت بۇلغىنىپ، ئاھالىنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە مۇھىت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا، سىگنال ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جىددىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماققا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ياكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغاندا، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دەرھال تەدبىر قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىشى، زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ئورۇن ۋە ئاھالىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى ھەمدە مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ مۇھىتقا يەتكۈزگەن تەسىرى ۋە زىيىنىنى دەرھال باھالىشى ھەمدە باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى كېرەك.

48 – ماددا خىمىيەلىك بۇيۇملار ۋە تەركىبىدە رادىيوئاكتىپ ماددىلار بار بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش، سېتىش، ئىشلىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

49 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىك تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق قىلىشىغا، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىشىگە، دېھقانچىلىق يوپۇقى، زىرائەت شاخ – شۇمبىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك تاشلاندۇقلىرىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىش ئۆلچىمى ۋە مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قاتتىق تاشلاندۇق، كېرەكسىز سۇنى ئېتىزغا قويۇپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندە ۋە سۇغارغاندا، تەدبىر قوللىنىپ، ئېغىر مېتاللار ۋە زەھەرلىك، زىيانلىق باشقا ماددىلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

چارۋا، قۇش باقمىچىلىق فېرمىسى، باقمىچىلىق رايونى، بېكىتىلگەن قۇشخانىلارغا ئورۇن تاللاش، ئۇنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشتا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك. چارۋا، قۇش باقىدىغان، سويىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر تەدبىر قوللىنىپ، چارۋا، قۇش گەندىسى، تاپى ۋە پاسكىنا سۇ قاتارلىق تاشلاندۇقلارنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى تۇرمۇش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

50 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە خامچوتىدىن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداش، يۇندى ۋە باشقا تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش، چارۋا، قۇش باقمىچىلىقى ۋە ئۇنى سويۇشتا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، يېزىلاردىكى زاۋۇت – كانلاردا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق مۇھىت ئاسراش خىزمەتلىرىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.

51 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشىدا پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ۋە يۈرۈشلەشكەن تۇرۇبا تورى، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى يىغىش، توشۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق مۇھىت تازىلىقى ئەسلىھەسى، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى، سورۇنى شۇنىڭدەك مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار باشقا جامائەت ئەسلىھەلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلىشى ھەمدە ئۇنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

52 – ماددا دۆلەت مۇھىت بۇلغىنىش جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

5 – باب ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش ۋە جامائەت قاتنىشىش

53 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن بويىچە مۇھىت ئۇچۇرىغا ئېرىشىش، مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار مۇھىت ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاپ، جامائەت قاتنىشىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىغا قاتنىشىشى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

54 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ مۇھىت سۈپىتى، نۇقتىلىق بۇلغىما مەنبەسىنى كۆزىتىش ئۇچۇرى ۋە باشقا مۇھىم مۇھىت ئۇچۇرىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مۇھىت ئەھۋالى ئاخباراتىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار مۇھىت سۈپىتى، مۇھىتنى كۆزىتىش، تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەسى شۇنىڭدەك مۇھىت مەمۇرىي ئىجازىتى، مەمۇرىي جازا، بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ئېلىش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلار كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەرنىڭ مۇھىت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق ئۇچۇرىنى ئىجتىمائىي ئىناۋەت ئارخىپىغا سېلىشى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئىسىملىكىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى كېرەك.

55 – ماددا بۇلغىما چىقىرىدىغان نۇقتىلىق ئورۇنلار ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ نامىنى، بۇلغىما چىقىرىش شەكلى، بۇلغىمىنىڭ قويۇقلۇقى ۋە ئومۇمىي مىقدارى، بۇلغىمىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ چىقىرىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىشلەش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئەينەن ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

56 – ماددا قانۇن بويىچە مۇھىت تەسىرى دوكلاتى تەييارلىنىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دوكلات تەييارلىغاندا تەسىرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان جامائەتكە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلاردىن تولۇق پىكىر ئېلىشى كېرەك.

قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلاشقا مەسئۇل تارماق قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دۆلەت مەخپىيىتىگە ۋە سودا مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرىدىن باشقىلىرىنى تولۇق ئاشكارىلىشى كېرەك؛ قۇرۇلۇش تۈرى ئۈستىدە جامائەت تولۇق پىكىر ئېلىنمىغانلىقى بايقالسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننى جامائەتتىن پىكىر ئېلىشقا بۇيرۇش كېرەك.

57 – ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش ۋە ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىنى بايقىسا، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ياكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلارغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىقىنى بايقىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانغا ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان پاش قىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىنى مەخپىي تۇتۇشى، پاش قىلغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.

58 – ماددا مۇھىتنى بۇلغاش، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جامائەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى ئۈستىدە تۆۋەندىكى شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ:

(1) رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغانلار؛

(2) مۇھىت ئاسراش بويىچە جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى بىلەن مەخسۇس ئۇدا شۇغۇللانغىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسى بولمىغانلار.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

دەۋا قىلغان ئىجتىمائىي تەشكىلات ئىقتىسادىي پايدا ئېلىش مەقسىتىدە دەۋا قىلسا بولمايدۇ.

6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

59 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا بۇلغىما چىقىرىپ، جەرىمانە قويۇلغان، تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان بولسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى قانۇن بويىچە جازا قارارى چىقارغان مەمۇرىي ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرىغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ، ئەسلىدىكى جەرىمانە سوممىسى بويىچە كۈن ھېسابلاپ داۋاملىق جازالىسا بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن جەرىمانە جازاسى ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارغا ئاساسەن، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسىنىڭ ئىشلىتىلىش تەننەرخى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش پەيدا قىلغان بىۋاسىتە زىيان ياكى قانۇنسىز تاپاۋەت قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ بېكىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە بېرىلىدۇ.

يەرلىك نىزاملاردا مۇھىت ئاسراشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، 1 – تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى كۈن ھېسابلاپ ئۇدا جازالاش تۈرى كۆپەيتىلسە بولىدۇ.

60 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ ياكى نۇقتىلىق بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقارغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇش، ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بۇيرىسا بولىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنى تەستىقلاش ھوقۇقى بار خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئىشنى توختىتىشقا، تاقىۋېتىشكە بۇيرۇشى كېرەك.

61 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن قانۇن بويىچە قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تاپشۇرماي ياكى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ قۇرۇلۇشنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشلىغانلىرىنى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرىسا بولىدۇ.

62 – ماددا بۇلغىما چىقىرىدىغان نۇقتىلىق ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مۇھىت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىمىغان ياكى ئەينەن ئاشكارىلىمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ئاشكارىلاشقا بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

63 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلگەندىن سىرت، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار دېلونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالىتىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلماي، قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇلغان بولسىمۇ توختاتمىغانلار؛

(2) قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ بۇلغىما چىقارغانلىقتىن، بۇلغىما چىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلغان بولسىمۇ توختاتمىغانلار؛

(3) يوشۇرۇن تۇرۇبا، ئەۋرەز قۇدۇقى، ئەۋرەز كۆلچىكى ئارقىلىق قويۇۋېتىش ياكى كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىۋېلىش ياكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى نورمال ئىشلەتمەسلىكتەك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن قېچىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا بۇلغىما چىقارغانلار؛

(4) دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىشنى بۇيرۇق بىلەن مەنئى قىلغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەپچىقارغان، ئىشلەتكەنلىكتىن، تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان بولسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر.

64 – ماددا مۇھىتنى بۇلغاپ ۋە ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ زىيان پەيدا قىلغانلار ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

65 – ماددا مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئاپپاراتى، مۇھىتنى كۆزىتىش ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك مۇھىتنى كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىدىغان، توشۇيدىغان ئاپپاراتلار مۇھىت مۇلازىمىتىدە ساختىپەزلىك قىلىپ مۇھىتنى بۇلغاش ۋە ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلارغا قانۇن – نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلگەندىن سىرت، ئۇلار مۇھىتنى بۇلغىغان ۋە ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان باشقا جاۋابكارلار بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

66 – ماددا مۇھىت بۇلغىنىشتىن بولغان زىيان تۆلەم دەۋاسىنىڭ كۈچكە ئىگە سۈرۈكى ئۈچ يىل بولىدۇ، بۇ سۈرۈك ئالاقىدارلار ئۆزىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

67 – ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىدىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بايقىلىپ، قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدىغانلىرىغا چارە كۆرۈش ھەققىدە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش ئورگىنىغا ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا تەكلىپ بېرىش كېرەك.

قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان بولسىمۇ، ئالاقىدار مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مەمۇرىي جازا بەرمىگەنلەر ھەققىدە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى مەمۇرىي جازا قارارىنى بىۋاسىتە چىقارسا بولىدۇ.

68 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى ۋە مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماقلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش ياكى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن قوغلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ، ئاساسلىق مەسئۇلى سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش تۈپەيلىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك:

(1) مەمۇرىي ئىجازەت شەرتىگە توشمايدىغانلارغا مەمۇرىي ئىجازەت بەرگەنلەر؛

(2) مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشنى قانات ئاستىغا ئالغانلار؛

(3) قانۇن بويىچە ئىش توختىتىش، تاقاش قارارى چىقىرىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ چىقارمىغانلار؛

(4) ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن قېچىپ، بۇلغىما چىقىرىپ، مۇھىت ھادىسىسى پەيدا قىلىش قىلمىشىنى ۋە ئېكولوگىيەنى ئاسراش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي، ئېكولوگىيەنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشقا ئوخشاش قىلمىشلارنى بايقىغان تۇرۇپ ياكى پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان تۇرۇپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(5) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەسلىھە – ئۈسكۈنىلىرىنى پېچەتلىگەن، تۇتۇپ قالغانلار؛

(6) كۆزىتىش مەلۇماتىنى بۇرمىلىغان، ئۆزگەرتىۋالغانلار ياكى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىۋېلىشقا كۈشكۈرتكەنلەر؛

(7) قانۇن بويىچە ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك مۇھىت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىمىغانلار؛

(8) ئېلىنغان بۇلغىما ھەققىنى قىسىپ قالغان، ئىگىلىۋالغان ياكى ئىشلىتىۋالغانلار؛

(9) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

69 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

70 – ماددا بۇ قانۇن 2015 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىسىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2015/11/4 0:00:34        كۆرۈلىشى: 308 قېتىم
شىركىتىمىزگە photoshop تېخنىكىسىن لاھېلىگۈچى قوبۇل قىلىمىز..
ئاتايار ئېلېكترونلۇق تورسودا شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ..
كىچىك دوكتۇر تېز ھىساپلاش ئۇسۇلى دەرىسلىگى بازارغا سېلىندى..
ئاۋۇستىرالىيەدىن بىۋاستە كەلتۇرۇلگەن بوۋاقلار سۇت تالق..
پويىز ئىستانسىسى ئائىللىكلەر قورۇسىدىن ئۆي سېتىلىدۇ..
شىنجاڭ سۇيۇنەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىم ق..
رايۇنىمىز ھەرقايسى جايلىرىدىن تەشۋىقات دېرىكتورى قوبۇل قىلىم..
خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن خوشخەۋەر..
ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىش سېستىمىسىغا جايلاردىن ۋاكالەتچى چاقى..
ئسىل نۇمۇرلار سېتلدۇ،..
ئايروپىلان بېلەت سېتىش سېستىمىسىغا ۋاكالەتچى چاقىرىمىز..
قۇربانجان نەقشلك تۈمۈربېزەكچىلك ئورنىمزغا شاگىرىت قىلدۇ!..
نەنمندىن قىزلارغا جىددى ئۆي ئجارە بېرلدۇ،..
بۇ كەسىپنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ قىزىقسىڭىز ئەجەپ ئەمەس..
تاتلىق-تۈرمەل زاۋۇتىمىزغا جىددى خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز..
خىزمەت ئىزدەيمەن..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
رىناتقاننىڭ ئەڭ يېڭى كومى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئوباما ئەسلى داڭلىق HIP-H
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
پالاكەت بولسا مۇشۇنداق بو
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
مىنرال سۇ ئېلانى <چەتئەل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
<كۆڭۈلدىكى سۆز> يېڭى يىلل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئالاھىدە پۇرچاق ساقچى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
سەھرادىكى مودا ئايال
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ھاياتنى قەدىرلەڭ

    يېڭى مەزمۇنلار

بىر ئىستاكان لىمون س..
قەدىمكى زامان مەدەنى..
قەدىمكى بىناكارلىقنى..
قۇلاق ئاسىراش ھەركەت..
ئالداپ سېتىلغان تۇتۇ..
جىنسىي تۇرمۇشتىكى پە..
ئاياللار تۆۋەن بەللى..
دائىم تىرنىقىنى بويا..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
نىكاھ تۇرمۇش بىلىملىرىدىن قىسقىچە چۈشەنچە

    ئاۋات مەزمۇنلار

ئاياللاردىكى بەل ئاغ..
​چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋە يۈر..
بالا چۈشۈرگەنلەر قان..
قان بېسىم كېسەللىكى ..
سامساق بىلەن غولپىيا..
پۇت-قول ئاغرىقىنىڭ ھ..
بالىلارنىڭ ھەددىدىن ..
بالىلارنىڭ سۆڭىكى سۇ..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com