Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

اختا پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ خەجلەش قانۇنغا خىلاپ - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار
 
 
 

اختا پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ خەجلەش قانۇنغا خىلاپ

 نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازار ئارىلاۋېتىپ، بىر قىزنىڭ سودا – ساراي ئالدىدا يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، يولدىن ئۆتكەن – كەچكەنلەر قىزغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قويۇشاتتى، نېمە بولغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇ قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدىم. ئۇ قىز خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان ھەدىسىنى باققىلى كەلگەن بولۇپ، ھەدىسى دوختۇرخانىدىن چىققاندا، ئۇلار ئاتا – ئانىسىغا نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازار ئارىلاۋاتقاندا، بىر بالا قولىدىكى ئالما تېلېفوننى ئۇلارغا تەڭلەپ، ‹‹بېشىغا كۈن چۈشكەن›› لىكى ئۈچۈن ئەرزانلا سېتىۋەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، قىزلار ئۇ بالا بىلەن دېيىشىپ يان تېلېفوننى 420 يۈەنگە كېلىشىپتۇ، قىزنىڭ ھەدىسى بالىغا بەش يۈز يۈەن بېرىپتۇ، ئۇ بالا 50 يۈنلىك، 20 يۈەنلىك ۋە ئون يۈەنلىك پۇلدىن بىردىن، جەمىئي 80 يۈەننى قىزلارغا قايتۇرۇپ تېزلا غايىپ بوپتۇ، كېيىن قىزلار ئۇ بالا ساتقان يان تېلېفوننىڭ، ھەتتا قايتۇرغان 50 يۈەن بىلەن 20 يۈەننىڭمۇ ساختا ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. شۇڭا بۇ قىز ئۇ بالىنى ئۇچرىتىپ قالارمەنمىكىن دەپ، سودا سارىيىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئىكەن.

   تۇرمۇشىمىزدا راست خەلق پۇلى بىلەن ساختا خەلق پۇلىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان كىشىلەر يوق ئەمەس، بۇنداق كىشىلەر كۆپىنچە سودا – سېتىق ئىنتايىن بېسىق چاغلاردا، كەچلىرى نەرسە – كېرەك سېتىۋالغاندا ساختا پۇل ئېلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارغا ئۇچرايدۇ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاز بىر قىسمى ساختا پۇلنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسىمۇ، يەنە بىر قىسىملىرى ساختا پۇلنى داۋاملىق ئىشلىتىپ، كىشىلەرنىڭ مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ خەلق پۇلىنى باشقۇرۇش نىزامىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ.

   خەلق پۇلى دۆلەتنىڭ قانۇنىي پۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ نورمال بولۇش – بولماسلىقى پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 2009 – يىلى 9 – ئايدا ئېلان قىلىنغان ‹‹جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنى››دا: ‹‹خەلق پۇلىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ساختا خەلق پۇلىنى ساتقان، ساختا خەلق پۇلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلىتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. مۇشۇ قانۇندا يەنە ‹‹خەلق پۇلىنىڭ نۇسخىسىنى تەشۋىقات بۇيۇملىرىدا، نەشر بۇيۇملىرىدا ياكى باشقا تاۋارلاردا قانۇنسىز ئىشلەتكەنلەرنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. يەنە مۇشۇ قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىدە: ‹‹ساختا پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىلكىدە تۇتقان ۋە ئىشلەتكەنلىرىدىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم ھالدا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن.

   شۇڭا باشقىلارغا ئالدىنىپ ساختا پۇلنى ئېلىپ قالغان كىشىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساختا پۇلنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشى، ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ قايتا ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ھەرگىزمۇ مېنى باشقىلار ئالدىغان ئىكەن، مەنمۇ باشقىلارنى ئالدايمەن، دەپ قاراپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ چوڭ زىيان تارتىپ قېلىشتىن، شۇنداقلا جىنايى جازاغا تارتىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2015/11/3 23:52:16        كۆرۈلىشى: 254 قېتىم
شىركىتىمىزگە photoshop تېخنىكىسىن لاھېلىگۈچى قوبۇل قىلىمىز..
ئاتايار ئېلېكترونلۇق تورسودا شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ..
كىچىك دوكتۇر تېز ھىساپلاش ئۇسۇلى دەرىسلىگى بازارغا سېلىندى..
ئاۋۇستىرالىيەدىن بىۋاستە كەلتۇرۇلگەن بوۋاقلار سۇت تالق..
پويىز ئىستانسىسى ئائىللىكلەر قورۇسىدىن ئۆي سېتىلىدۇ..
شىنجاڭ سۇيۇنەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىم ق..
رايۇنىمىز ھەرقايسى جايلىرىدىن تەشۋىقات دېرىكتورى قوبۇل قىلىم..
خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن خوشخەۋەر..
ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىش سېستىمىسىغا جايلاردىن ۋاكالەتچى چاقى..
ئسىل نۇمۇرلار سېتلدۇ،..
ئايروپىلان بېلەت سېتىش سېستىمىسىغا ۋاكالەتچى چاقىرىمىز..
قۇربانجان نەقشلك تۈمۈربېزەكچىلك ئورنىمزغا شاگىرىت قىلدۇ!..
نەنمندىن قىزلارغا جىددى ئۆي ئجارە بېرلدۇ،..
بۇ كەسىپنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ قىزىقسىڭىز ئەجەپ ئەمەس..
تاتلىق-تۈرمەل زاۋۇتىمىزغا جىددى خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز..
خىزمەت ئىزدەيمەن..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
رىناتقاننىڭ ئەڭ يېڭى كومى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئوباما ئەسلى داڭلىق HIP-H
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
پالاكەت بولسا مۇشۇنداق بو
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
مىنرال سۇ ئېلانى <چەتئەل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
<كۆڭۈلدىكى سۆز> يېڭى يىلل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئالاھىدە پۇرچاق ساقچى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
سەھرادىكى مودا ئايال
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ھاياتنى قەدىرلەڭ

    يېڭى مەزمۇنلار

بىر ئىستاكان لىمون س..
قەدىمكى زامان مەدەنى..
قەدىمكى بىناكارلىقنى..
قۇلاق ئاسىراش ھەركەت..
ئالداپ سېتىلغان تۇتۇ..
جىنسىي تۇرمۇشتىكى پە..
ئاياللار تۆۋەن بەللى..
دائىم تىرنىقىنى بويا..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
نىكاھ تۇرمۇش بىلىملىرىدىن قىسقىچە چۈشەنچە

    ئاۋات مەزمۇنلار

ئاياللاردىكى بەل ئاغ..
​چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋە يۈر..
بالا چۈشۈرگەنلەر قان..
قان بېسىم كېسەللىكى ..
سامساق بىلەن غولپىيا..
پۇت-قول ئاغرىقىنىڭ ھ..
بالىلارنىڭ ھەددىدىن ..
بالىلارنىڭ سۆڭىكى سۇ..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com