Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

تۇرپاندا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەر - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار
 
 
 

تۇرپاندا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەر

1ئومۇمىي بايان
تۇرپان — مەملىكىتىمىز بويىچە ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق ھەم ئىسسىق، ھۆل – يېغىن مىقدارى ئاز، يەر ئاستى سۇ قاتلىمى تۆۋەن، جۇغراپىيىلىك يەر تۈزۈلۈشى ئەڭ چوڭقۇر جاي بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تىرەنلىكتە تۇرىدۇ. بۇ يەر تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، دۇنياغا مەشھۇر قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ئاساسىي تۈگۈنىگە جايلاشقان. مەشھۇر ئىدىقۇت تاغ تىزمىسى بۇ رايوننىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ «ئوت يۇرتى» دېگەن نامى بار. تۇرپان ئويمانلىقىدا تارىختىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئىنسانلار پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان. دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۆز ئەۋلادلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ پارلاق تارىخىدىن نۇرغۇن خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.

 2. ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە تارىخلاردا خېلى كۆپ مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن، دۆلىتىمىزدىكى تارىخچىلار غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشىغان مىللەتلەرنى غۇزلار (姑师) دەپ ياكى ئوغۇز دەپ ۋە ياكى قۇسلار (车师) دەپ ئاتاپ كەلگەن. دۆلىتىمىزدە ئەڭ قەدىمكى تارىخلاردىن بىر بولغان «تارىختا» دېگەن كىتابتا قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، غۇز (姑师) دەپ خاتىرىلەنگەنلىكى مەلۇم، بۇ تارىخىي خاتىرىنىڭ ئەسلى تېكىستىدە: «رۇران، غۇزلاردا شەھەر قورغانلىرى بار» دەپ خاتىرىلەنگەن، شۇ خاتىرىدە يەنە «غۇزلار دۆلىتى دېگىنىمىز، ئىككى دۆلەت ئىسمى غۇزلار دۆلىتى بىلەن قۇسلار دۆلىتى» دەپ تەبىر بېرىلگەن. بۇ ئىككى دۆلەت دۆلەت ئىسمى، دەل ئاشۇ قەدىمكى زامانلاردا تۇرپان ئويمانلىقىدا بىر مىللەتنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى ئىدى. گەرچە «تۇرپان» دېگەن بۇ ئىسىمنىڭ يازما تارىخلاردىكى تارىخى 2000 يىلدىن ئاشسىمۇ، ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ۋە قېرىنداشلار مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپان ئويمانلىقىدا كونا تاش قورال دەۋرىگە تەۋە مەدەنىيەت قالدۇقلىرى بارلىقى مەلۇم بولدى، دېمەك بۇ رايوندا ئومۇمەن ئېيتقاندا 10000 – 8000 يىللار ئىلگىرىلا ئىنسانلار ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان شۇنداقلا ھەم قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان قەدىمكى ئانا ماكانلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى. بۇ قەدىمكى ماكاندا ياشاپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىزدىن غۇزلار (姑师) بىلەن، قۇسلار (车师) خەنزۇچە خەت مەنىسى بىلەن ئايرىم – ئايرىم يېشىپ چۈشەنسەك «姑»گۇ خېتى — «قىزچاق» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. «شى» «师» خېتى «ئۇستاز» مەنىسىدە كېلىدۇ، بۇ ئىككى خەتنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشسەك، قىزلار ئۇستىلار يەنە «ئۇستىكار قىزلار» دېگەن مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. بىز يەنە «گۇشى»، «姑师» دېگەن خەتنى ئۇيغۇر تىلى بويىچە تەلەپپۇز قىلسا «غۇز» دېگەن ئاتالغۇ بولۇپ، «گۇشى» «姑师» دېگەن خەت «غۇز» دېگەن ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ ئاھاڭداش تەلەپپۇز قىلىنىشى بولۇپ چىقىدۇ. «چېشى» «车师» دېگەن خەتنىڭ مەنىسىگە كەلسەك، «车» «چى» خېتى ھارۋا دېگەن مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. (师) خېتى بولسا يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇستاز دېگەن مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئەگەر ئىككى خەتنى ئايرىم – ئايرىم مەنىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەلەپپۇز قىلساق (车师) دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدىكى «قۇس» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭداش تەلەپپۇز قىلىنىشى. بۇ ئىككى دانە خەتنى خەنزۇچە مەنىسى بىلەن چۈشەنسەك «ھارۋا ئۇستىكارلىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ چىقىدۇ. بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن «ئۇستىكار قىزلار»، ۋە «ھارۋا ئۇستىكارلىرى» دېگەن ئىككى خىل ئاتالغۇ بۇ ئويمانلىقتىكى مىللەتنىڭ نامى بولۇپ قالغان؟ ھەم ئىككى قەدىمكى دۆلەتنىڭ نامى بولۇپ قالغان؟ دېمەك بىز گەرچە ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا ئۆزىمىزنى «غۇزلار» ياكى «ئوغۇزلار» دەپ ئاتىغان بولساقمۇ، باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىدا «غۇز» دەپ ئەسلىدىكى ئاتالغۇ بويىچە تەلەپپۇز قىلالىشى مۇمكىن بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن «گۇشى» دەپ تەلەپپۇز قىلغان ھەم شۇ تىلغا مۇناسىپ ھالدا مۇۋاپىق خەتلەرنى ئىشلىتىپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كەسپىنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ خاتىرىلەنگەن. «چېشى» «车师» دېگەن خەتمۇ «گۇشى» دېگەن خەتكە ئوخشاشلا «قۇس» دېگەن ئاتالغۇ بولۇپ، باشقا مىللەتلەر تىلىدا بىۋاسىتە تەلەپپۇز قىلىش ياكى بىۋاسىتە يېزىش ئەسلا مۇمكىن بولمىغاچقا «车师» «چېشى» دېگەن خەت بىلەن خاتىرىلەنگەن. بۇ ئىككى خىل نام «姑师» بىلەن «车师» ھەم ئەجدادلىرىمىزنىڭ كەسپى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇنداق دەپ ئاتىلىشىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخىدىكى بەزىبىر ئالەمشۇمۇل كەشپىياتلىرى ئاساسلىق سەۋەب بولغان، بۇ كەشپىياتلار «قۇس»لار تۇنجى قېتىم چوڭ چاقلىق (گۈگۈسۈنلۈك) ھارۋىنى كەسىپ قىلغان. شۇڭا ئۇلار گۇشى (姑师) ھارۋا ئۇستىكارلىرى دەپ ئاتالغان ھەم شۇنداق خاتىرىلەنگەن، غۇزلارمۇ ئۆز رايونىدا «غۇزلار» رايونىدىكى ياۋا پىلە غوزىكىدىن پايدىلىنىپ يىپ ئىشلەپ، يىپەك رەخت توقۇپ، تۇنجى قېتىم يىپەك يىپتىن پايدىلىنىپ رەخت توقۇشنى كەشىپ قىلغان، شۇڭا بۇ ئىككى خىل كەشپىيات بۇ ئىككى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ «قەبىلىنىڭ» ھەم تارىختىكى كەشپىياتى ھەم شۇ مىللەتنىڭ نامى بولۇپ ئاتالغان، چۈنكى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ كەشپىياتى بىلەن ئەينى زامان دۇنياسىدا داڭ چىقارغان ھەم تونۇلغان، شۇڭا مەشھۇر تارىخشۇناس ئەدىب سىماچيەندىن تارتىپ، ئۇلاردىن كېيىنكى سۇلالىلارنىڭ ھەممىسىلا ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدە، قامۇسلىرىدا ئەجدادلىرىمىزنى «قۇس»، «غۇز» دېگەن ناملار بىلەن خاتىرىلىگەن ھەمدە بۇ ناملار مىللەتنىڭ ئىسمىغا مەركەزلىشىپ قالغان. تارىخىي خاتىرىلەردە شۇ ئەجدادلىرىمىزدىن تۇرپاندىن باشقا جايلاردا ياشىغانلىرىنى مىلادىدىن كۆپ ئەسىرلەر ئىلگىرىلا «تېگرىك» (دىڭلىڭ)، «تۇرا» (تېلې)، «قاڭقىللار» (گاۋچې) دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتاپ كەلگەن، بۇ ناملارمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىختىكى پائالىيىتى، ياشاش شارائىتى، ئەينى زامانلاردىكى مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەنمۇ بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ موڭغۇل دالاسىنىڭ شىمالىدا، يەنە ئورخۇن دەرياسى ۋە سېلىنگا دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشىغان تارماقلىرىنى «تېگرىك» «دىڭلىڭ» دەپ ئاتاشقانىدى، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ ئەينى زامانلاردىكى ئاساسلىق پائالىيىتى چارۋىچىلىق بولۇپ، ئېگىز – پەس تەكشى بولمىغان تاغ قاپتاللىرىدا ئولتۇراقلاشقان. «دىڭلىڭ» دېگەن سۆزنىڭ ئەينى زاماندىكى مەنىسى «تۈرك» بولۇپ، بۇ خەنزۇچە تارىخىي خاتىرىلەردە تەلەپپۇز تەرجىمىسى بويىچە «دىڭلىڭ» دەپ خاتىرىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە «تۈرك» دېگەن سۆز خەنزۇچىدا بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىنغان. «تېلې» سۆزى بولسا ئەسلىدىكى «تۇرا» سۆزىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى تەلەپپۇز قىلىنىشى. تۇرا دېگەن بۇ سۆز خەنزۇچە تارىخىي خاتىرىلەردىمۇ «تېلې» دەپ خاتىرىلەنگەن، چۈنكى بۇ سۆزلەرنى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى بىلەن ئەينەن تەلەپپۇز قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. «گاۋچې» دېگەن نامغا كەلسەك، بۇ نام ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى نامى. بۇ نام ھەم ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى زامانلاردىكى تۇرمۇشى، پائالىيىتى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋىتى بار. چۈنكى ئەجدادلىرىمىز دۇنيادا ھەممىدىن بۇرۇن ئېگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىجاد قىلغان، بۇ ئىجادىيىتى بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىگە ناھايىتى ئۇلۇغ تۆھپە قوشقان، ئەجدادلىرىمىز ھەم ئۆزلىرى ياسىغان ئېگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىشلىتىشنى ئادەت قىلغان. ئېگىز چاقلىق ھارۋىلار ئەينى زامان جەمئىيىتىدە ھەم ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆيى بولغان، ھەم قاتناش قورالى بولغان، ھەم پائالىيەت بۇيۇمى بولغان. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدا، ھارۋىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغانلىقى ئۈچۈن «高车» يەنى قاڭقىللار ياكى ئېگىز ھارۋىلىقلار دېگەن نامغا شەرەپ بىلەن ئېرىشكەن. بۇ نام، ئەجدادلىرىمىز ياشىغان ئاشۇ دەۋرلەردە «ئېگىز ھارۋىلىقلار» دېگەن بۇ نام ھەم ئەجدادلىرىمىزنىڭ نامى ھەم كەسپىي ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىللەت نامى بولۇپ مەركەزلەشكەن. يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىزدىن باشقا يەنە بىر ئىسمىمىز «ئۇيغۇر» ئىدى. لېكىن ئۇيغۇر دېگەن بۇ نامىمىزنى خەنزۇ تىلىدا ۋە يېزىقىدا ئەينەن تەلەپپۇز قىلىش ۋە ئەينەن خاتىرىلەش ئەسلا مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، دۆلىتىمىز تارىخىدا ئۆتكەن ھەر قايسى سۇلالىلەر ئۆز تىل تەلەپپۇزى بويىچە ھەرخىل ئاھاڭلاردا تەلەپپۇز قىلىشقان. مەسىلەن، «خۇخې»، «خۇي خېر»، «خۇي خې»، «ۋېي ۋوئىر»، «ۋېي ۋۇ»، «ۋەي ۋۇ»، «ۋېي ۋۇ ئېر»، «ۋېي ۋوئىر»، «ۋېي گۇئېر»، «خۇي گې»، «خۇي خۇ»، «خۇي گۇ»، «خۇي خى»، «خالا خۇي»، «ۋۇيى گۇئىر»، «ۋۇخۇ»، «ۋۇگې»، «ۋۇخې» دېگەنگە ئوخشاش ئاھاڭلاردا تەلەپپۇز قىلىشقان. بۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىشىدىمۇ ھەرخىل سەۋەبلەر بولغان. چۈنكى بىر سۇلالە ئاغدۇرۇلغان ھامان ئۇنىڭ ئورنىغا تىكلەنگەن يېڭى سۇلالە ئۆز ئالدىغا ئىش بېجىرگەنلىكتىن بىر مىللەتنىڭ بىر خىل ئىسمى ھەر خىل تەلەپپۇز قىلىنىپ، ئاھاڭ ۋە مەنە جەھەتتىنمۇ ئەسلى مەنىسى بۇزۇۋېتىلگەن. بۇنداق بۇزۇلۇشتىكى ئاساسىي سەۋەب، تىل ۋە تەلەپپۇزدىكى بۇزۇلۇش ۋە ئوخشىماسلىقتىن كېلىپ چىققان. «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىنىڭ مەزمۇنى نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟ ئەسلى مەنىسى نېمە؟ چۈنكى بۇ نامنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىگە ھېچ بولمىغاندىمۇ 2500 يىلدىن ئېشىپ كەتتى. قەدىمكى زامانلاردا ئۇيغۇر ئەجدادلىرىمىزنى توققۇز ئوغۇز، ئون ئوغۇز ياكى توققۇز ئۇيغۇر، ئون ئۇيغۇر دەپ ئاتاشقان، بۇ يەردە سۆزلىنىۋاتقان «ئوغۇز، ئۇيغۇر» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىسىگە كەلسەك، خەلقئارادىكى ئۇيغۇرشۇناس، تۈركشۇناس، قۇجۇشۇناس ئالىملارنىڭ «ئۇيغۇر دېگەن بۇ سۆز ئۇيۇشقۇچى، ئىتتىپاقلاشقۇچى، بىرلەشكۈچى دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ» دەپ قارايدۇ. چۈنكى، توققۇز ئوغۇز ياكى ئون ئوغۇزلار بىرلىشىپ ئوغۇزلارنىڭ بۈيۈك قەبىلە ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن. توققۇز ئۇيغۇر ياكى ئون ئۇيغۇرلار قەبىلىلىرى ئۆزئارا بىرلىشىپ بىر قەبىلە ئىتتىپاقى «ئۇيغۇرلار قەبىلىسى»نى شەكىللەندۈرگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە، ھىندىستان تارىخلىرىدا، «مىلادىدىن ئىلگىرى تۈركلەر تەڭرىتېغىنى مەركەز قىلغان ھالدا تۈرك خانلىقىنى قۇرغان، خانلىقنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ شىمالى قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان، شەھەر تۇرمۇشى كەچۈرەتتى، تۈرك دېگەن ئاتالغۇ ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەرنىڭ بىرىكتۈرۈلگەن ئومۇمىي ئاتالغۇسى» دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار لۇغىتى» دېگەن شانلىق ئەسىرىدە، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن دەۋرىدە مىلادىدىن 356 يىل ئىلگىرىدىن 323 يىل ئىلگىرىكى يىلغىچە، يەنى تەخمىنەن دۆلىتىمىزنىڭ يېغىلىق دەۋرى بىلەن پاراللېل بولغان قەدىمكى دەۋرلەردە، ئۇيغۇرلار تەڭرىتېغىنى مەركەز قىلىپ خانلىق دۆلىتى قۇرغان. بۇ دۆلەت بەش شەھەردىن تەركىب تاپقان. بۇلار سۇلمى شەھىرى، قۇجۇ شەھىرى، جانبالىق شەھىرى، بېشبالىق شەھىرى، يېڭىبالىق شەھىرى قاتارلىقلار، دەپ خاتىرىلەنگەن. بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يەنە شۇ ئەسىرىدە ئىسكەندەر شەرققە يۈرۈش قىلىپ ئۇيغۇرلار رايونىغا كەلگەندە تۈرك خاقانى 4000 ئادەم تەيىنلەپ ئۇنى كۈتۈۋالغان، «ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتلىق ئىدى، باش كىيىملىرى ئۈستىدىكى قۇش پەيلىرى خۇددى بۈركۈت پەيلىرىگە ئوخشايتتى، ئۇلار ئات ئۈستىدە تۇرۇپ، كەينىگە قارىتىپ ئوقيا ئاتسا، خۇددى ئالدىغا قارىتىپ ئاتقاندەك دەل تېگەتتى. شۇڭلاشقا ئىسكەندەر ئۇلارنى، بۇ كىشىلەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كىشىلەر، باشقا كىشىلەرگە ھاجىتى چۈشمەيدۇ، ھەرقانداق ياۋايى ھايۋان ئۇلارنىڭ ئوقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغاندا ھەر ۋاقىت ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ» دەپ مەدھىيىلەنگەنلىكى خاتىرىلەنگەن. شۇڭا بۇ رايونى «خۇزخۇرەندلەر» رايونى، يەنى «ئۇيغۇرلار» رايونى دەپ ئاتىغان. دېمەك «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ سۆز قەدىمكى تۈركچە سۆز بولۇپ، «ئۇيۇشقۇچى» دېگەن سۆز. بۇلار قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزدىن ئوغۇز قەبىلىسى ياكى ئون ئۇيغۇر قەبىلىسى بىرلىشىپ تەشكىللەنگەن. «ئۇيغۇر» مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن ھازىرقى زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن نامى قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى نامىنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئىبارەت.

3. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مىللىتى ئېلىمىزدىكى ئەڭ قەدىمىي، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ مەدەنىيەتلىك قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئۆزلىرى ياشىغان رايونلاردا يۈكسەك مەدەنىيەتلەرنى يارىتىپلا قالماي، دۇنيا مەدەنىيەت سەھنىسىدىمۇ پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ھەم ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى بىر قانچە تەرەپلەردىن ئىپادىلىنىدۇ. 1) ئىقتىسادىي جەھەتتە: ئۇيغۇرلار قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا، مەشھۇر يىپەك يولى بويىدىكى مەركىزى شەھەر ۋە رايونلاردا تارقاقلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەينى زاماندا ئۇيغۇرلارنىڭ سودا – سېتىق ئىشلىرى ناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. 2) مائارىپ مەدەنىيەت جەھەتتە: ئۇيغۇرلار يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا، مائارىپ ئىشلىرىنى خېلى يۇقىرى سۈپەت ۋە يۇقىرى سەۋىيە بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنىدى. ئۇيغۇرلار قوشنا مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا يېزىق ئىجاد قىلغان ھەم ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىشلىتىپ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرگەنىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يېزىقىنى ئۇرخۇن، يېنسەي ۋادىلىرىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئىجاد قىلغانىدى. ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋامىدا بايقالغان ۋە تېپىلغان بۇ يېزىقنى، زامانىمىزدا ئارخېئولوگىيىلىك تىل بىلەن «ئۇرخۇن – يېنسەي» يېزىقى دەپ نام بېرىپ، شۇ نام بىلەن ئاتاپ كەلمەكتە. ئۇ ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى ياراتقان بۇ يېزىقنى، خېلى ئۇزۇن زامانلارغىچە ئىشلەتكەن ھەم بۇ يېزىقتا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ياراتقان، ئۆزلىرىنىڭ تارىخىدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەرنى مۇشۇ يېزىقتا خاتىرىلىگەن. ئەينى زامان مائارىپىدا دىن پەلسەپىسى نەزەرىيە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئاساسلىق ئۆگىنىدىغان ئىلمى يەنىلا دىنىي ئەقىدىلەر ۋە دىنىي ئەقىدىلەرگە تەۋە قائىدە – يوسۇنلار بولۇپ، بۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، دۆلەت باشقۇرۇشتا ۋە خەلقنى تىزگىنلەشتە دىندىن قانداق پايدىلىنىپ، دىنىي قائىدىلەرنى كىشىلەرنىڭ روھىيىتىگە قانداق سىڭدۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن چەكلىنەتتى. ئەينى زامانلاردا پۈتكۈل دۆلەتنىڭ ھەرخىل قانۇن – مىزانلىرى، دىنىي – پەلسەپىۋى ئىدىيىلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان، پۈتكۈل مائارىپ سىستېمىسى ئاساسەن يەنىلا دىن ئەمرىمەرۇپ ھېكمەتلەرنى ئۆگىنىش بىلەن چەكلەنگەن. شۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئەجدادلىرىمىز ياشىغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەتخانا، ئېتىكاپخانا، ئىستىقامەتخانا، مەسچىت، مەدرىس، مەھەللىۋى ۋە يۇرت تۈسىنى ئالغان جامائەلەر ھەممىلا يەردە قۇرۇلغان، مانا بۇلار ئەينى زامانلاردىكى مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ يالدامىلىرى. دېمەك، قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا ئەجدادلىرىمىز مائارىپ ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن، يۇقىرىقى ئەھۋاللار بۇلارغا دەلىل – پاكىت بۇلالايدۇ ھەم بۇلار ئەينى زاماندىكى مائارىپ مەنبەلىرىدۇر. ئەجدادلىرىمىز ئەنە شۇ يىراق قەدىمكى زامانلاردا ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەم ناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. بۇ يەرگە تاش قىيا سۈرەتلەردىكى دىنىي مەزمۇندا سىزىلغان سۈرەتلەرنى مىسالغا كەلتۈرۈش كېرەك؟ بۇنىڭغا ئاددىي بىر مىسال، تۇرپان رايونىدا ئاشۇ يىراق قەدىمكى زامانلاردىلا، «مايترى سىمىت» (1) تەك سەھنە ئەسەرلىرى يېزىلىپ، سەھنىلەردە ئوينالغان ھەم «ئوغۇزنامە»گە ئوخشاش ئەدەبىي ئەسەرلەر رەتلىنىپ كەڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ئەجدادلىرىمىز ھەقىقەتەن «ئۇيغۇر»، يەنە ئۇيۇشقۇچىلار، بىرلەشكۈچىلەر، ئىتتىپاقلاشقۇچىلار، ھەمكارلاشقۇچىلار دېگەن نامغا مۇناسىپ ھالدا، ئۆزلىرى ياشىغان ھەرقايسى دەۋرلەردە ناھايىتى پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ھەم ئەتراپىدىكى دۆلەت، رايون، يۇرت، جامائەتلەرگە تارقاتقان. ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ھەم مەدەنىيەتلىكلىكى ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئىلگىرى سۈرگەن. جەمئىيەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ قىياپىتىدە يېڭى – يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. دېمەك ئەجدادلىرىمىزنىڭ يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا پەنگە يۈرۈش قىلىپ، مەدەنىيەتلىك تۇنجى قەدىمىنى غەلىبىلىك باسقان. 1991– يىلى كۈز بىلەن 1992– يىلى ئەتىياز ئارىلىقىدا پىچان ناھىيىسىنىڭ تۇيۇق يېزىسى بىلەن، تۇيۇق يېزىسىنىڭ سۇ بېشى مەھەللىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان «قەلىبداشلار» يولىنى ياساش قۇرۇلۇشى مەزگىلىدە، بۇ قۇرۇلۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، 1992– يىلى 3–، 4– ئايلاردا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى بىرلىشىپ، سۇ بېشى 2– نومۇرلۇق قەدىمكى قەبرە رايونىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش داۋامىدا، قەدىمكى زامانلاردا تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى، تۇرمۇش ئۆرپ – ئادىتىنى، تېبابەتچىلىك ئىشلىرىدىكى تەرەققىياتىنى، توقۇمىچىلىق سەۋىيىسىنى، ئەينى زامانلاردىكى خۇرۇم پىششىقلاش سەۋىيىسىنى، ساپالچىلىق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى، مېتال بۇيۇملارنى ئىشلەش سەۋىيىسىنى، رەڭلىك مېتاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلدى ... بۇ قەبرىستانلىقتىن يەنە، بىر ئەر جەسەت قېزىۋېلىنغان بولۇپ، ئەر جەسەتنىڭ ئالدى تەرەپ سول تەرىپى ئاشقازانغا ئۇدۇلراق كېلىدىغان يەردە پىچاق بىلەن ياي شەكىلدە كېسىلگەن ئىزى بار. بۇ قېتىمى قېزىشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئەھۋال ئەينى زاماندىكى تېبابەتچىلىك ئوپېراتسىيىسىدىن قېپقالغان ئىز ئىكەن. (2) دېمەك قەدىمكى زاماندىلا بۇ ئويمانلىقتا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ھەرقايسى ساھەلەردە ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن، بولۇپمۇ تېبابەتچىلىك ساھەسىدە ئاجايىپ زور، ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن ھەم كەشپىياتلارنى ياراتقان، ئەجدادلىرىمىز ئەينى زامانلاردا يەنە چوڭ – كىچىك شەھەر قورغانلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن، مەدەنىيەتنى ئالدى بىلەن شەھەرلەرگە مەركەزلەشتۈرگەن. مەدەنىيەت مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن – مائارىپنى راۋاجلاندۇرغان. ئەجدادلىرىمىز ئالدى بىلەن يېزىقنى مەركەزلەشتۈرگەن ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرغان، بۇ ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىز، ئۆزلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى نۇرغۇن رىۋايەتلەرنى، تارىخلارنى ئالدى بىلەن يېزىققا مەركەزلەشتۈرگەن ھەم يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ھەر خىل مەزمۇندىكى كىتابلارنى پۈتكەن، بۇ نەتىجىلىرى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەت سەھنىسىدە ئاجايىپ كارامەتلەرنى كۆرسەتكەن ھەم دۇنياغا تونۇلغان. ھەر قانداق بىر كىشىگە شۇنداق بىر ئىش ئايانكى، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئەنە شۇ يارىلىۋاتقان ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن تارتىپلا ھەر خىل – ھەر شەكىلدىكى رىۋايەت ئەپسانىلىرى بولىدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ھەرگىز بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئەلۋەتتە. مىللەت ۋە ئۆرپ – ئادەتلەر بىر – بىرىگە ئوخشىمىغاچقا خەلق ئىچىدىكى رىۋايەت ئەسپانىلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇنى ئەينى بويىچە خاتىرىلەپ، يېزىقتا ئىپادىلەش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت يارىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ئەمەلىي پاكىت مىساللىرى. دېمەك ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مائارىپ تەرەققىياتى، مەدەنىيەت تەرەققىياتى بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە ھەم چوڭ ئىش. «ئۇيغۇر» مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدىكى بىر رىۋايەتتە: «تۈركلەر – ھونلارنىڭ بىر ئىرقى، ئۇلار ئاسىنا ئۇرۇقىدىن بولۇپ، باشقا قەبىلىلىرىمۇ بار ئىدى. كېيىن باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئۇرۇقى قۇرۇتىۋېتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئون ياشلىق بىر ئوغۇل بالا بولۇپ، ئەسكەرلەر ئۇنى كىچىك كۆرۈپ، ئۆلتۈرۈشكە كۆڭلى ئۇنىمىغان، ئاخىر ئۇنىڭ بىر پۇتىنى كېسىۋېتىپ تاشلىۋەتكەن، بۇ ئوغۇل بالىنى بىر چىشى بۆرە باققان ... نەتىجىدە بۆرىنىڭ قورسىقىدا قالغان ... بۇ بۆرە قۇجۇ ئىدىقۇتلۇقىنىڭ شىمالىدىكى تاغقا چىقىپ كەتكەن ... كېيىن ئون ئوغۇل تۇغقان، ئون ئوغۇل چوڭ بولۇپ باشقا قەبىلىلەردىن قىز ئاپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسىسى بىردىن ئىرق دەپ شەكىللىنىپتۇ، ئاسىنا شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن» (3) دېيىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر رىۋايەتتە: «تۈركلەرنىڭ ئەجدادلىرى سۇ دۆلىتىدىن ئىدى، ھونلارنىڭ شىمالىدا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ ئىسمى: غارپاڭ بور ئىدى. ئۇلار ئاكا – ئۇكا ئون يەتتەيلەن ئىكەن، يەجگى نەشدۇر ئۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۆرىدىن تۆرەلگەنىكەن ...» (4). يەنە بىر رىۋايەتتە: «قۇجۇ ئىدىقۇتلۇقىنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشتىن مەلۇم بولدىكى «ئۇيغۇرلار يۇرتىدا»، «قۇرۇم» دېگەن بىر تاش بولۇپ، ئۇ يۇرتتىكى ئىككى دەريا ئەنە شۇ تاشنى مەنبە قىلغان، ئۇنىڭ بىرى توخسى دەرياسى، يەنە بىر سۇلۇنغۇر دەرياسى، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەريا بويىدا بىر تۈپ دەرەخ بولغانىكەن، بۇ دەرەخكە ئاسماندىن شولا چۈشۈپتۇ، توققۇز ئاي 10 كۈندىن كېيىن دەرەخنىڭ قورسىقى يېرىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن بەش بالا چىقىپتۇ. ئەڭ كىچىكى ئەردەن بۇقۇ قاغان ئىكەن. ئۇ قەددى – قامەتلىك بولۇپ خەلقنى ئاينىتىپتۇ، يۇرتنى گۈللەندۈرۈپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇرتقا ئاقساقال بولۇپتۇ» (5) دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۇرخۇن دەرياسى ۋادىسىدا ياشايتتى ... قاغانى قۇرغان دۆلىتىنىڭ نامىنى تەڭرىتېغىنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. بىر – بىرىگە ئۇدۇل ئىككى تۈپ دەرەخ بولغانىكەن، ئارىلىقىدا بىر بارخان پەيدا بولغانىكەن، بارخانغا ئاسماندىن نۇر چۈشۈپ تۇرغان، كىشىلەر ئالدىغا بېرىپ قارىغۇدەك بولسا ئىچىدە ئاۋاز چىقىۋاتقان ... بەش ئۆي بولغان ... ھەر بىر ئۆينىڭ ئىچىدە بىردىن بوۋاق بولغان ... ئېغىزىغا نەيچە بىلەن ئوغۇز بېرىلگەن. بۇ بەش بوۋاق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقان، ھەرىكەت قىلغان، ئۇيغۇرلار بۇنى ئوغۇز دېيىشكەن، گەپ قىلالايدىغان بولغاندا، ئۇلار ئاتا – ئانىسىنى قويغان ... بۇ بەش ئوغۇلنىڭ چوڭىنىڭ ئىسمى سۇنغۇر تېكىن، ئىككىنچىسى قوتۇر تېكىن، ئۈچىنچىسى بۇقا تېكىن، تۆتىنچىسى ئورتېگىن، بەشىنچىسى بۇقۇ تېگىن ئىكەن. بۇقۇ قاۋۇل ھەم ئەقىللىق ئىكەن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن ...» (6) ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر رىۋايەت بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا ئۆتكەن بىر شەخس ئاپراسىياپ ھەققىدىمۇ خېلى نۇرغۇن رىۋايەتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، ئاپراسىياپ ئەسلىدە ئاتاقلىق تۈرك پادىشاھلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىردىنبىر ئەجدادى، تارىخشۇناس ئالىملار ئاپراسىياپنى پىردەۋسى پادىشاھ بولغان زامانلارغا باغلايدۇ ... دېمەك ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يارىلىشىدىكى رىۋايەتلەرنى ئەنە شۇنداق يۇقىرى ماھارەت بىلەن خاتىرىلىگەن دېمەك يېزىق بىلەن ئىپادىلىگەن، دېمەك ئەجدادلىرىمىز مەدەنىيەتنى شۇنداق يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلاندۇرغان، بىز تارىخىي رېئاللىققا ئېرىشىش يولىدا تىرىشىدىكەنمىز، تارىخىي رىۋايەتلەردىنمۇ خېلى كۆپ پايدىلىنىمىز ھەم ئېھتىياجلىقمىز، تارىخىي رېئاللىققا ئاساسلانساق، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قەدىمكى قەبرە، ئىپتىدائىي ئەجدادلىرىمىزنىڭ پائالىيەت ئىزلىرى، ھەر قايسى دەۋرلەردىن قېپقالغان ھەر خىل – ھەر شەكىلدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بارلىقى بايقالدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئاستانە تاش قورال مەدەنىيەت ئىزىنىڭ تارىخىلا ئالتە مىڭ يىلدىن يەتتە مىڭ يىلغىچە يېتىپ بارىدۇ. ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش داۋامىدا قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان بەزى بۇيۇملارنى «كاربون 14 ئانالىزى» بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە 3300 يىلدىن ئاشىدىكەن. مانا بۇ ھەقىقىي رېئال تارىخ. ئەجدادلىرىمىزنى مۇشۇ نۇقتىلاردىن كۆزەتكەندە، دەرەخ تۇغقانمۇ ئەمەس، دۆڭلۈككە شولا چۈشۈپ تۆرەلگەنمۇ ئەمەس، موڭغۇل دالاسىدىن كۆچۈپ كەلگەنمۇ ئەمەس، ئەزەلدىنلا تۇرپان ئويمانلىقىدىن ئىبارەت مۇشۇ ماكاندا تۆرەلگەن، ياشىغان، ئاۋۇغان، داۋاملىق مۇشۇ ئويمانلىقنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇش يولىدا ھارماي – تالماي ئىزدەنگەن، ھارماي – تالماي كۈرەش قىلغان. مانا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بۇ ئۇلۇش مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ھەم ۋارىسلىرى. مانا بۇ ئەمەلىي پاكىتلارغا، رېئاللىققا ھۆرمەت قىلىش ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە.

4. قەدىمكى زاماندا تۇرپاندا ياشىغان باشقا مىللەتلەر ئىدىقۇت رايونىدا ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرمۇ، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا تۇرپاننى گۈللەندۈرۈش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى ھەم ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىختا خاتىرىلەنگەن. تارىختا يۈز بەرگەن بىر مۇنچە قاتتىق داۋالغۇش ۋە سىياسى ۋەقەلەردىن كېيىن، 5– ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۇرپان ئويمانلىقىدىكى سىياسى ۋەزىيەتتە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ ئۆتتى. شۇ ۋەقەلەر ئۆتۈپ، ۋەزىيەت تىنچلانغاندىن كېيىن «قۇجۇ دۆلىتى» ناملىق بىر ھاكىمىيەت قۇرۇلدى. بۇ ھاكىمىيەتنى شۇ زامانلاردا تۇرپان ۋادىسىدا ياشاۋاتقان «كەن شۇاڭ» ئىسىملىك بىر زات قۇرغانىدى. ئۇ كىشى كېيىنچە ئۆزىنى «تەيشۇ» (ۋالىي) دەپ ئاتىۋالغانىدى. قۇجۇغا دائىر تارىخىي خاتىرىلەردىن بىر بولغان «ۋېينامە»دە مۇنداق بىر ئابزاس خاتىرە بار بولۇپ، بۇ خاتىرىدە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «گاۋچاڭ بۇرۇنقى جەنۇبىي چۆرىبېگىنىڭ زېمىنى ئىدى. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جەنۇبىي جۈشى قەبىلىلىرى بۇ يەردە ياشايتتى. بۇ زېمىن شەرقتىن غەربكە 2000 چاقىرىم، جەنۇبتىن شىمالغا 500 چاقىرىم چوڭلۇقتا بولۇپ، ئەتراپىنى تاغلار قورشاپ تۇراتتى، ئېيتىشلارچە، خەن سۇلالىسى پادىشاھلىرىدىن خەن ۋۇدى غەربكە يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتكەن قوشۇنلار بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىپ، قورشاۋدا قالغان. بۇ يەرنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز، ئاھالىلىرى باياشات بولغانلىقى ئۈچۈن ‹مەئىشەت مول زېمىن› دەپ ئاتالغان. يەنە بەزىلەر، بۇ يەردە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان گاۋچاڭ قورغىنى بولغان، كېيىن بۇ قورغاننىڭ نامى دۆلەت نامى قىلىنغان دەپ رىۋايەت قىلىدۇ، ئۇ چاڭئەنگە (ھازىرقى شىئەن)گە 4990 چاقىرىم كېلىدىكەن. خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي دىيار دورغاپى ۋە تىركەكچى چېرىكى ئەمەلدارلىرى بىرلا ۋاقىتتا بۇ يەردە تۇرغۇزۇلغان، جىن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، بۇ يەردە قۇجۇ (گاۋچاڭ) ئايمىقىنى تەسىس قىلغان. جاڭ گۇي، لۈگۇاڭ، جۈچۈ، مېڭ شۈن قاتارلىق كىشىلەر خېشى رايونلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغاندا، ۋالىيلارنى ئەۋەتىپ، بۇ يەرنى باشقۇرغان». يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ بىر ئابزاس خاتىرىدىن، ئەينى زاماندا تۇرپاندا ياشىغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەينى زاماندىكى يەرلىك ھاكىمىيەت «قۇجۇ دۆلىتى»نى قۇرۇپلا قالماستىن، «قۇجۇ دۆلىتى»نىڭ ھاكىمىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئويناپ، قەدىمكى قۇجۇ دۆلىتىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەم قۇرۇپ، ۋەزىيەتنى تىنچ ساقلاش بىر دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ۋەزىيەت تىنچ بولمىسا دۆلەت روناق تاپالمايدۇ، ئاۋام بەختلىك بولمايدۇ، ھاكىمىيەت قۇدرەت تاپالمايدۇ، بىر ھاكىمىيەت قۇرۇلغانىكەن، ئۇنى مۇستەھكەملەپ، قۇدرەت تاپقۇزۇش شۇ دۆلەتنىڭ ئاۋاملىرى بىلەنلا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. يەنە بىر تەرەپتىن، قەدىمكى قۇجۇ دۆلىتى ئۆز زېمىنىدىن ئۆتكەن يىپەك يولىنىڭ بىخەتەر، تىنچ – ئامان يۈرۈشى ئۈچۈن ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقان. دېمەك قەدىمكى زاماندا بۇ ماكاندا ياشىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر تۇرپاننى گۈللەندۈرۈش، قۇرۇش يولىدا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.

  مەنبە: «تۇرپان يادىكارلىقلىرى»، ئابلىم قېييۇم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2013/4/8 23:11:17        كۆرۈلىشى: 1117 قېتىم
شىركىتىمىزگە photoshop تېخنىكىسىن لاھېلىگۈچى قوبۇل قىلىمىز..
ئاتايار ئېلېكترونلۇق تورسودا شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ..
كىچىك دوكتۇر تېز ھىساپلاش ئۇسۇلى دەرىسلىگى بازارغا سېلىندى..
ئاۋۇستىرالىيەدىن بىۋاستە كەلتۇرۇلگەن بوۋاقلار سۇت تالق..
پويىز ئىستانسىسى ئائىللىكلەر قورۇسىدىن ئۆي سېتىلىدۇ..
شىنجاڭ سۇيۇنەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىم ق..
رايۇنىمىز ھەرقايسى جايلىرىدىن تەشۋىقات دېرىكتورى قوبۇل قىلىم..
خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن خوشخەۋەر..
ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىش سېستىمىسىغا جايلاردىن ۋاكالەتچى چاقى..
ئسىل نۇمۇرلار سېتلدۇ،..
ئايروپىلان بېلەت سېتىش سېستىمىسىغا ۋاكالەتچى چاقىرىمىز..
قۇربانجان نەقشلك تۈمۈربېزەكچىلك ئورنىمزغا شاگىرىت قىلدۇ!..
نەنمندىن قىزلارغا جىددى ئۆي ئجارە بېرلدۇ،..
بۇ كەسىپنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ قىزىقسىڭىز ئەجەپ ئەمەس..
تاتلىق-تۈرمەل زاۋۇتىمىزغا جىددى خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز..
خىزمەت ئىزدەيمەن..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
رىناتقاننىڭ ئەڭ يېڭى كومى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئوباما ئەسلى داڭلىق HIP-H
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
پالاكەت بولسا مۇشۇنداق بو
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
مىنرال سۇ ئېلانى <چەتئەل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
<كۆڭۈلدىكى سۆز> يېڭى يىلل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئالاھىدە پۇرچاق ساقچى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
سەھرادىكى مودا ئايال
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ھاياتنى قەدىرلەڭ

    يېڭى مەزمۇنلار

بىر ئىستاكان لىمون س..
قەدىمكى زامان مەدەنى..
قەدىمكى بىناكارلىقنى..
قۇلاق ئاسىراش ھەركەت..
ئالداپ سېتىلغان تۇتۇ..
جىنسىي تۇرمۇشتىكى پە..
ئاياللار تۆۋەن بەللى..
دائىم تىرنىقىنى بويا..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
نىكاھ تۇرمۇش بىلىملىرىدىن قىسقىچە چۈشەنچە

    ئاۋات مەزمۇنلار

ئاياللاردىكى بەل ئاغ..
​چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋە يۈر..
بالا چۈشۈرگەنلەر قان..
قان بېسىم كېسەللىكى ..
سامساق بىلەن غولپىيا..
پۇت-قول ئاغرىقىنىڭ ھ..
بالىلارنىڭ ھەددىدىن ..
بالىلارنىڭ سۆڭىكى سۇ..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com