Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

كومپىيۇتېر مۇتەخەسسىسى-ھوشۇر ئىسلام - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار
 
 
 

كومپىيۇتېر مۇتەخەسسىسى-ھوشۇر ئىسلام
بۇ

 

كومپىيۇتېر مۇتەخەسسىسى ، دوكتۇر ئاسپىرانىت يېتەكچىسى ھوشۇر ئىسلام  1942-يىلى 20-ئاۋغۇسىت غۇلجا شەھىرى چاپچال ناھىيىسى جاغىستاي يېزىسىدا تۇغۇلغان . بۇ قەدىمى يۇرت چاپچال ناھىيىسى ئىلى دەرياسى بىلەن تەڭرىتاغ تىزمىلىرى ئارىلىقىدىكى 40~50 كىلومېتىرچە يانتۇ تەكشىلىككە ، تاغ باغرى ئېتىكىدىكى يېشىل ۋادىغا جايلاشقان بولۇپ ، يىراقتىن تارىختىن قالغان ، سۈكۈتتە تۇرغان يادنامىدەك تەسىر بېرەتتى. ھەيران قالغىنىم ئاز ئۇچرايدىغان ئۈچ خىل يايلاق ئېكولوگىيىسى ، تەبىئى ئەۋزەللىك شۇ ئارىلىقتا تېپىلىدىكەن .

  ئۇ ئەنە شۇ گۈزەل ۋادىنىڭ ئەركىن قۇشىدەك ئارزۇ-ئارماننى بويلاپ ، « پەلەك چاقى» دېگەندەك بىراقلا يىراقلارغا پەرۋاز قىلىپ ، ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدا فىزىكا كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، 22 يېشىدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ نەق 17 يىل ئىشلەپ ، ياشلىقتىن قىرانلىققا دەۋرىگە قەدەم باسقان تەقدىرىي قىسمەتنى تۇيمايلا قالدى .

  ئۇ 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كېلىپلا يېڭى شارائىتقا غەرق بولۇپ ، بىر قاتار كەسپىي ، مەمۇرىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلەشكە باشلىدى . بولۇپمۇ تەتقىقات ، ئوقۇتۇش مەسئۇلىيەت جاۋابكارلىقى ئېغىر خىزمەت بولغاچقا ، باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك بېسىم ، ئەندىشە ، تەقەززالىق ئىچىدە ياشىدى . ئەلۋەتتە نەتىجىلەردىن ئۇلا ئەمەس ، خەلقىمىز خۇش بولدى .ئۇ خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ، نەتىجىلىك راۋاجى ئۈچۈن ، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ، ئىلمىي پوزىتسىيىدە بىر قانچە مۇلازىمەت ئامىلىنى توغرا ھەل قىلىپ ماڭالىدى .

  ۋاقىت ، ئومۇمىي پائالىيەت ، ئىش ئۈنۈمدارلىقى ؛ يەككە ، كۆپ قاتلاملىق ھەم بىرلەشمە تېما ؛ كەسپىي ، مەمۇرىي ھەم ئىجتىمائىي خىزمەت ؛ شەخسىي ياكى ئائىلە ھەم كوللىكتىپ ئىشلار قاتارلىق تۆت قاتلامدىكى ئۈچ خىل مۇناسىۋەت باغلىنىشىنى توغرا ماسلاشتۇرۇپ ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ، جاسارەتتە ، تۈنلەرنى تاڭلارغا ، خىياللارنى نىشانلارغا ، تەسەۋۋۇرنى تەپەككۇرغا ئۇلاپ ، پىلانلىق ، سىتېمىلىق ئىشلەپ ماڭدى .

  تەتقىقات مەزمۇنى تېمىدىن تېمىغا ، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە ، رايون سەۋىيىسىدن دۆلەت ، خەلقئاراغا يۆتكەلگەندە ئەلۋەتتە مۇناسىپ ئىزدىنىش ، ئۇسۇل ، سەۋىيە ، تەپەككۇر ئالدىن يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىدى . بەزى زىددىيەت-خىرىسلىق ئىشلارنى ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىنى باشقىلارنى ئاياپ پىنھان تۇتۇپ ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىدى .

  ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى . مەركىزىي كومپارتىيە تەشكىلات بۆلۈمى باشقۇرۇشىدىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس ۋە ش ئۇ ئا ر رايونلۇق ئالاھىدە دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ( 500 مىڭ يۈەن ) ئېرىشكەن بىردىنبىر ئازسانلىق مىللەت ئالىمى .ئۈچ قېتىم جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېميىسىنىڭ ئاكادېمىلىكىگە كۆرسىتىلگەن نامزات . دۆلەتلىك ئالاھىدە تۆھپىكار مۇتەخەسىس ، دۆلەتلىك ئىلغار خىزمەتچى ، ئاپتونۇم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس ( ئۈچ نۆۋەت ) ، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋۋەر مۇھاجىر خادىمىنىڭ بىرى . ئاپتونۇم رايونلۇق مۇتەخەسىسلەر مەسلىھەتچىلەر كومىتىتى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ،ئاپتونۇم رايونلۇق ئىلمىي ئۈنۋان كومىتىتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق كومپىيۇتېر ، ئۇچۇر جەمىيئەتلىرىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرى ، دۆلەتلىك «211 قۇرۇلۇشى » « شىنجاڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ھەم ئالاقە ئىلمى » نۇقتىلىق پەن قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىسى ، دوكتۇر ۋە دوكتۇر ئاشتى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ، 4 خىل كومپىيۇتېر ئۇچۇر ماگىستىرلىق تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ھەم كۆپ خىل تىل –يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى . ئۇ 50 تىن ئارتۇق ئاسپىرانت ۋە ياش تايانىچنى تەربىيىلىگەن . خەلقئارالىق ، مەملىكەتلىك ژۇرناللاردا 70 تىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلغان . ئىككى قېتىم خەلقئارالىق ، مەملىكەتلىك يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان ، 15 قېتىمدىن كۆپرەك خەلقئارالىق يىغىنلاردا ماقالە ئوقۇغان . 10 پارچە ئالىي مەكتەپ دەرىسلىكى يازغان . 10 مىڭدىن ئارتۇق كومپىيۇتېر –ئېلىكترون سۆزلۈكلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئاتالغۇسىنى بېكىتىپ چىققان . بۇلار ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ .

  پەن-تېخنىكا جەھەتتە :

  ھازىرغىچە دۆلەت «863 » يۇقىرى تېخنىكىلىق تەتقىقات پىلانىدىكى ئىقتىدارلىق ماشىنا تەتقىقات تۈرىدىن يەتتىگە ، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى تەتقىقات تۈرىدىن ئۈچكە ، يەنە مەملىكەت ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرى بولۇپ جەمئى 20 تۈرگە يېتەكچىلىك قىلغان . 20 دىن ئارتۇق كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش يېڭى سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ، يېڭى ئۇسۇل ، يېڭى تېخنىكىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . ئۈچ تۈردە ئاپتونۇم رايونلۇق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . ئالتە تۈر « مەملىكەتلىك تۇنجى ئىجادىيەت » ۋە « خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيە » دەپ بېكىتىلگەن . بەش تۈردە مەملىكەتلىك ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتكەن . سەككىز تۈردە مەملىكەتلىك پاتېنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن . نۆۋەتتە دۆلەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق تەتقىقات تۈرىدىن سەككىزگە يېتەكچىلىك قىلماقتا .

  ئۇ ئازسانلىق مىللەتلەر ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ساھەسىنى ئاچقان . ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى كۆپ خىل يېزىقلىق dos2.0 دىن dos6.0 گىچە ، windows3.1/95/98/2000/xp تۈرىدىكى ھەرخىل مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ چىققان . ئوخشىمىغان يۆنىلىشتىكى ، ئوخشاشمىغان كەڭلىكتىكى كۆپ خىل يېزىقلارنى قوش يۆنىلىشتە ئارىلاشما بىر تەرەپ قىلىشنى ھەل قىلغان .

  ئۇ تۇنجى بولۇپ تەتقىق قىلىپ چىققان ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ئىنگلىزچە چاقىرغۇ ۋە يانفونلار شىنجاڭدا تورلاشتى . ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆلچەملىك توچكىلىق ھەرپ ئامبىرىنى قۇرۇپ ، ۋېكتورلۇق ھەرپ ، ئۈچ ئۆلچەملىك ئەگرى سىزىقلىق ھەرپ دەرىجىسىگە كۆتۈردى . مېخانىك خەت بېسىش ، مىخ مەتبەئە ساھەسىنىڭ ئېلىكترونلۇق ماشىنا ، ئاپتوماتلىشىش دەۋرىگە كىرىشىگە زور تۆھپە قوشتى .

  دۆلەت ئىچى-سىرتىدا altay تىل سىستېمىسىدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇش سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىقتى . ئۇنىڭ 40 مىڭغا يېقىن سۆزلۈكنى تونۇش ئىقتىدارى %95 كە يەتتى . مۇئاۋىن زۇڭلى بۇ سىستېمىنى كۆرۈپ يۇقىرى باھا بەردى . ھوشۇر ئىسلام 10 نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، قىرغىزچە يېزىق ئۇچۇرلىرىنىڭ خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلىك ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە ئۇنى unicode غا كىرگۈزۈپ ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، قىرغىزچە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپە ياراتتى . ھازىر يېڭى يېزىقنى ۋە كونا ئۇيغۇر يېزىقى (orkhun) نى خەلقئارالىق ئۆلچەمگە كىرگۈزۈشكە كۈچەۋاتىدۇ . ئۇ تورلاشتۇرۇشتىكى « كۆرۈش ، مۇلازىمەتچى ، مەلۇمات ئامبىرى » دىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتلىك سىستېما قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى .

  ھوشۇر ئىسلام ۋە ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى ، خىزمەتداشلىرى 20 نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى نەتىجسىدە ،شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەر ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى كۆپ مۇھىتلاشتۇرۇش ، تورلاشتۇرۇشنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈردى .

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلار شىنجاڭ ھەم چەتئەللەرگە تارقالدى .

  ئەمەلىي قوللنىلىدىغان سىستېمىلار :

  كۆپ خىل يېزىق « شىڭ خەن » ۋە «بوغدا » مەتبەئە سىستېمىسى ، ئازسانلىق مىللەت ئۇچۇر ئامبىرىنى ئاپتوماتىك شەكىللەندۈرۈش سىستېمىسى ، ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇش-سىتېزلاش سىستېمىسى ، « ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېرلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى » ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە چاقىرغۇ ، ئىنگىلىزچە-خەنزۇچە –ئۇيغۇرچە ئىلىكترونلۇق لۇغەت ،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى «863» ۋە «سەردار » تور بېكەتلىرى ،« دەن چىن » ماركىلىق ئۇيغۇرچە –خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە ئېلىكترونلۇق كۇتۇپخانا ، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە يانفۇن (ئۈچ خىل ) ،رادىئو ئىستانسىسى ھۆججەت تور سىستېمىسى ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئېلىكترونلۇق ھۆججەتلىرىنى يوللاش ، قوبۇللاش سىستېمىسى ، ئۇيغۇرچە ئىشخانا ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئىمتىھان ئېلىش سىستېمىسى ، ئۇيغۇرچە ، ئەرەبچە ، روسچە linux مەشغۇلات سىستېمىسى قاتارلىقلار .

  ھازىر كومپىيۇتېر كۆپ خىل يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى ھەم نەزەرىيىسى ساھەسىدە مەملىكەتلىك ھەم ئاپتونۇم رايونلۇق سەككىز نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىسىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەندۈرۈش تەتقىقاتىدىن ئىككىنى ئىشلىمەكتە . ئۇ يېتەكلىگەن ستۇدېنىتلارنىڭ كەشپىياتلىرىمۇ ئالاھىدە نەتىجىلىك بولماقتا . 6-نۆۋەتلىك « غالىبلار لوڭقىسى » مەملىكەتلىك سىتۇدېنىتلار ئىلىم-پەن ، تېخنىكا ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىگە 322 ئالىي مەكتەپتىن 1049 ئەسەر ( شىنجاڭدىن 11 ) قاتناشتۇرۇلغانىدى . شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى 7-لىككە ( مەملىكەت ئىچىدە چىڭخۇادىن قالسىلا 2-لىككە ) ئېرىشكەن . ھوشۇر ئىسلام « مۇنەۋۋەر باغۋەن » مۇكاپاتىغا ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى « رىغبەتلەندۈرۈش » ، « تەشكىللەش » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .

  بۇ مۇسابىقە دەرىستىن سىرتقى پائالىيەت بولغاچقا بەزى چەكىلىمىلەرگە ئۇچرىسىمۇ ، ئەمما ئەركىن ئىشلەش ھەم بازار ئىگىلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەقىقى قەھرىماننى ، ئىقتىدارلىقلارنى سىنايدىغان جەڭگاھتەك رول ئوينايدۇ . بۇ مەنىدىن قارىساق نەتىجىنىڭ قىممىتى يەنىمۇ ئاشىدۇ . مانا بۇ نەتىجىلەرنىمۇ پروفېسسورنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ۋە ئەجرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .

  ھوشۇر ئىسلامنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ شۇنداق يۇقىرى باھالارغا ئېرىشىپ ، دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئىلىم-پەن مۇنبىرى ۋە ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلۇشى ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ، تېخنىكىلىق قىممىتى ۋە نەزەرىيىۋى سەۋىيىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئۇ مەملىكەتلىك ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان مۇتەخەسسىس ، غەربىي شىمالنى ئېچىشتا تۆھپىسى ئالاھىدە مۇتەخەسسىس ، پارتىيە مەركىزىي كومىتىتى تەشكىلات بۆلۈمى ئالاقىلىشىدىغان ، يەنە ئاپتونۇم رايونىمىزدا « پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئالاھىدە مۇكاپاتى » غا ئېرىشكەن بىردىنبىر ئازسانلىق مىللەت مۇتەخەسسىس .گوۋۇيۈەن فوندىدىن بەھرىمەن بولغۇچى مۇتەخەسسىس ، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس قاتارلىق ھەرخىل كەسپىي مۇكاپات ، يۇقىرى شەرەپ ، ئىنئام ۋە مەمۇرىي خىزمەت ئورۇنلىرىغا مۇيەسسەر بۇلالىغان . فاكۇلتىت مۇدىرى ۋە باشقا بىر قاتار مەمۇرىي ، ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىمۇ بىللە ئىشلىگەن .

  يۇقىرىقى نەتىجىلەرنىڭ سان-سۈپىتىدىن ھەم سېلىنما مەھسۇلات نىسبەت قائىدىسىدىن قارىساق ، بىر كىشىنىڭ ئەمەس ، خۇددى نەچچە ئون كىشىنىڭ ، شۇنداقلا سېلىنمىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن ھاسىلات تۇيغۇسى بېرىپ ، ھۆرمىتىمىزمۇ شۇنچە ئېشىپ ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز .

  ئادەمنىڭ ئىقتىدارىغا ئىقتىسادىي مۇھىت ، قاتتىق دېتال قىسمى سەپلەنسە ، مۆجىزە يارىتالىشى مۇمكىن ئىكەن . بىرەر ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ھامان مەلۇم قوللاشتىن ئايرىلالمايدۇ . پروفېسسور ئېرىشكەن شان-شەرەپ ، نەتىجىلەر تەشكىلنىڭ قوللىشى ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ، دەۋرىمىزنىڭ مەھسۇلى –نەمۇنىسى .

  ھوشۇر ئىسلامدەك تەبىئى پەن ئالىملىرىمىز ، ئوخشاشلا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر ، ئىسلاھات-رىقابەت دەۋرىنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئەقلىي-قۇۋۋەت كارامىتىنى كۆرسىتىپ ، مەملىكەتلىك ، خەلقئارالىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، يۇرتىمىزنىڭ شان-شۆرىتىنى ئاشۇرۇپ ، كەڭ سەپ بويىچە ئىجادىي روھ ، جاسارەت ئۇرغۇتىشىدا زور رول ئوينىماقتا . بۇلار ئازسانلىق مىللەت ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە ئۈلگە-نەمۇنە تىكلەپ بەردى .

  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2013/3/21 1:43:28        كۆرۈلىشى: 1647 قېتىم
شىركىتىمىزگە photoshop تېخنىكىسىن لاھېلىگۈچى قوبۇل قىلىمىز..
ئاتايار ئېلېكترونلۇق تورسودا شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ..
كىچىك دوكتۇر تېز ھىساپلاش ئۇسۇلى دەرىسلىگى بازارغا سېلىندى..
ئاۋۇستىرالىيەدىن بىۋاستە كەلتۇرۇلگەن بوۋاقلار سۇت تالق..
پويىز ئىستانسىسى ئائىللىكلەر قورۇسىدىن ئۆي سېتىلىدۇ..
شىنجاڭ سۇيۇنەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىم ق..
رايۇنىمىز ھەرقايسى جايلىرىدىن تەشۋىقات دېرىكتورى قوبۇل قىلىم..
خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن خوشخەۋەر..
ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىش سېستىمىسىغا جايلاردىن ۋاكالەتچى چاقى..
ئسىل نۇمۇرلار سېتلدۇ،..
ئايروپىلان بېلەت سېتىش سېستىمىسىغا ۋاكالەتچى چاقىرىمىز..
قۇربانجان نەقشلك تۈمۈربېزەكچىلك ئورنىمزغا شاگىرىت قىلدۇ!..
نەنمندىن قىزلارغا جىددى ئۆي ئجارە بېرلدۇ،..
بۇ كەسىپنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ قىزىقسىڭىز ئەجەپ ئەمەس..
تاتلىق-تۈرمەل زاۋۇتىمىزغا جىددى خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز..
خىزمەت ئىزدەيمەن..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
رىناتقاننىڭ ئەڭ يېڭى كومى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئوباما ئەسلى داڭلىق HIP-H
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
پالاكەت بولسا مۇشۇنداق بو
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
مىنرال سۇ ئېلانى <چەتئەل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
<كۆڭۈلدىكى سۆز> يېڭى يىلل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئالاھىدە پۇرچاق ساقچى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
سەھرادىكى مودا ئايال
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ھاياتنى قەدىرلەڭ

    يېڭى مەزمۇنلار

بىر ئىستاكان لىمون س..
قەدىمكى زامان مەدەنى..
قەدىمكى بىناكارلىقنى..
قۇلاق ئاسىراش ھەركەت..
ئالداپ سېتىلغان تۇتۇ..
جىنسىي تۇرمۇشتىكى پە..
ئاياللار تۆۋەن بەللى..
دائىم تىرنىقىنى بويا..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
نىكاھ تۇرمۇش بىلىملىرىدىن قىسقىچە چۈشەنچە

    ئاۋات مەزمۇنلار

ئاياللاردىكى بەل ئاغ..
​چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋە يۈر..
بالا چۈشۈرگەنلەر قان..
قان بېسىم كېسەللىكى ..
سامساق بىلەن غولپىيا..
پۇت-قول ئاغرىقىنىڭ ھ..
بالىلارنىڭ ھەددىدىن ..
بالىلارنىڭ سۆڭىكى سۇ..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com