Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

ئاددى c دىسكىنى تىجەش ئۇسۇلى - Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى
باش بەت | قانون سىياسەت | تارىخ | مەشھور شەخىس | ئىسلام | ساغلاملىق | تۇرمۇش بىلىمى | مەدەنىيەت | خانىم-قىزلار | پەرزەنىت | چولپانلار
 
 
 

ئاددى c دىسكىنى تىجەش ئۇسۇلى
WindowsXPنىڭ ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ دېسكا ئىسراپچىلىقى بارغانچە چوڭىيىشقا باشلىدى.سىستېما قاچىلانغان دېسكا رايۇنىدىكى ئەخلەت ھۆججەتلەرنى پات-پات تازىلاپ تۇرمىغاندا سۈرئەت ئاستىلاپ كىتىش،ئوقۇش-يېزىش خاتالىقى كۆرۈلۈش،ئىچكى ساقلىغۇچ يىتىشمەسلىك،دېسكا بوشلۇقى يىتىشمەسلىك ...قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ نورمال مەشغۇلات ئىلىپ بىرىشىمىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.تۆۋەندە مەن ئەخلەت ھۆججەتلەرنى تازىلاپ دېسكا بوشلۇقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرماقچىمەن.
1. «كومپىيۇتېرىم»(我的电脑) نى ئىچىپ «قوراللار»(工具) تىزىملىكىدىكى «ھۆججەت قىسقۇچ تاللاش تۈرى »(文件夹选项)دىن «ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچنى كۆرسىتىش»(显示所有文件和文件夹) دىگەن تۈرنىڭ ئالدىغا « √ »بەلگىسىنى قويۇپ مۇقۇملاشتۇرۇپ قايتىمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكى ھۆججەت قىسقۇچ ئاستىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىمىز.
xocuments and Settings\ئىشلەتكۈچى ئىسمى\Cookiesئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
(indexھۆججىتى ساقلاپ قېلىنىدۇ)
xocuments and Settings\ئىشلەتكۈچى ئىسمى\Local Settings\Temp
ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
xocuments and Settings\ئىشلەتكۈچى ئىسمى\ LocalSettings\TemporaryInternet Files
ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
xocuments and Settings\ئىشلەتكۈچى ئىسمى\Local Settings\History
ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
xocuments and Settings\ئىشلەتكۈچى ئىسمى\Recent
ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
x:WINDOWSTemp ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
x:WINDOWS\ServicePackFiles ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
2. x:WINDOWS\Driver Cache\i386 ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
x:WINDOWS\SoftwareDistributiondownload ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەر
3. ئەگەر سىستېما windoes updade ئارقىلىق دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسا
x:windows\ $u... بىلەن باشلانغان بارلىق يوشۇرۇن خاسلىقتىكى ھۆججەتلەر  
4. ئاندىن نۆۋەتتە ئىجرا بولۇۋاتقان بارلىق پىروگراممىلارنى ئىتىۋىتپ «دېسكا رەتلەش پىروگراممىسى» ئارقىلىق دېسكىنى رەتلەش
5. دېسكا رەتلەش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئەڭ ياخشىسى Ghostئارقىلىق سىستېمىنى زاپاس ساقلىۋىلىش، بولمىغاندا «باشلىنىش»←«پىروگرامما»←«قوشۇمچە ئەزا»←«سىستېما قوراللىرى»←«سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش»بۇيرۇقى ئارقىلىق«بىر ئەسلىگە كەلتۈرۈش نوقتىسى قۇرۇش» كىرەك.
6. «كومپىيۇتېرىم»(我的电脑) نى ئىچىپ سىستېما دېسكىسى ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى بىسىپ، «خاسلىق»نى تاللاپ،ئاندىن«دېسكىنى تازىلاش»تۈرى ئىچىدىن«باشقا تۈرلەر»نى تاللاپ سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رامكىسىدىن «تازىلاش»تىن «ھەئە»نى باسىمىز.
7. ھەر خىل قاتتىق ماتېرىياللارنى تونۇتۇش يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئادەتتە XPيىڭىلاش ھۆججەتلىرىنى ئانچە ئىشلەتمەيدۇ.شۇڭا «ئىجرا قىلىش(运行)»رامكىسىغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يېزىپ بۇ پىروگراممىلارنىڭ زاپاس نۇسخىسىنى ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ. sfc.exe /purgecache
8. windows\system32\dllcache ئاستىدىكى بارلىق dllھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۈۋىتىمىز.بۇ ئارقىلىق 200-300MBئورۇننى تىجەپ قالالايمىز.
9. XPئادەتتە قاتتىق ماتېرىياللارنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىلىرىنى زاپاس ساقلىۋالىدۇ.قوزغىتىش پىروگراممىلىرى توغرا قاچىلانغان بولسىلا ئادەتتە قاتتىق ماتېرىياللارنى كۆپ ئۆزگەرتمەيمىز،شۇڭا windows مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى drivercache ئاستىدىكى i386 مۇندەرىجىسىنى ياكى مۇشۇ مۇندەرىجە ئاستىدىكى ئىسمى driver.cab بولغان ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتسەك 80MB ئەتراپىدا بوشلۇق تىجەپ قالالايمىز.
10. لازىم قىلمايدىغان كىرگۈزۈش ئۇسۇللىرىنى ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.يەنى windowsمۇندەرىجىسى ئاستىدىكى ime مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى IMJP8_1 (ياپۇنچە ) ، IMKR6_1 (كورىيانچە )، قاتارلىقلار.بۇ ھۆججەتنى ئۆچۈرۋەتسەك 8 MB 8 ئەتراپىدا بوشلۇق تىجەپ قالالايمىز.
11. دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەشغۇلاتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن windows مۇندەرىجىسى ئاستىدا $NtUninstallQ311889$ ئىسىمدىكى مۇندەرىجىلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ،شۇڭا بۇ مۇندەرىجىلەرنى ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.
12. ئۇنىڭدىن باشقا windowsمۇندەرىجىسى ئاستىدىكى help مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى ھۆججەتلەرنىمۇ ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.
13. WINDOWS\Downloaded Installations ئاستىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.
14. «كومپىيۇتېرىم»(我的电脑) سىنبەلگىسى ئۈستىدە مائۇسنى ئوڭ چېكىپ ،سىستېما خاسلىقى رامكىسىدىن «سىستېمىنى ئەسلگە قايتۇرۇش»دىگەن تۈردىكى «在所有驱动器上关闭系统还原» دىگەن تۈرنى تاللاپ بارلىق قوزغاتقۇچلاردىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىتىۋىتىش كىرەك.
15. «ئۇخلاش(休眠)» ھالىتى 200-300MBئورۇننى ئىگەللەيدۇ.شۇڭا بۇئىقتىدارنى چەكلىۋىتىش كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن «كونتىرول سۇپىسى»نى ئىچىپ «توك مەنبە تاللاش تۈرى»دىن «ئۇخلاش» تۈرىنى تاللاپ، بۇنىڭدىكى «ئۇخلاش ھالىتىنى قوزغىتىش(启用休眠)»نىڭ ئالدىدىكى «√»بەلگىسىنى ئىلىۋىتىمىز.
16. ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان تەركىپلەرنى (组件)ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.«خاتىرە دەپتەر»ئارقىلىق windows مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى infئاستىدىكى sysoc.inf ھۆججىتىنى ئېچىپ ئىزدەش ۋە ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ hide دىگەن خەتنىڭ ھەممىسىنى بوشلۇق ھەرپىگە ئالماشتۇرۇپ ساقلاپ چېكىنىپ «كونتىرول تاختىسى»غا كىرىپ «پىروگرامما قوشۇش ۋە ئۆچۈرۈش» نى ئىچىپ قارايدىغان بولساق بەزى يوشۇرۇن خاسلىقتىكى پىروگراممىلار كۆرۈنىدۇ.مەسىلەن:ئېنتېرنىت مۇلازىمىتى،تېلېگرامما مۇلازىمىتى(传真服务)، Windows messenger قاتارلىقلار بولۇپ تەخمىنەن 50 MBلىق بوشلۇقنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ.
17. سىستېما ۋاقىتلىق ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۋىتىش. Windowsمۇندەرىجىسى ئاستىدىكى temp مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.
18. Internet ۋاقىتلىق ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.يەنى ئېنتېرنىت كۆز يۈگۈرتكۈچىسىنى ئېچىپ «قورال»تىزىملىكىدىن« Internet تاللانما تۈرى»دىن «دائىمىي» تۈرىنى تاللاپ بۇنىڭدىكى« Internet ۋاقىتلىق ھۆججىتى »دىكى «ھۆججەتنى ئۆچۈرۈش » دىگەن تۈرنى چېكىمىز.
19. ئالدىن ئوقۇش ھۆججىتىنى تازىلىۋىتىش كىرەك. Windows XPنىڭ ئالدىن ئوقۇشنى لايھەلىشى گەرچە سىستېمىنىڭ تىزلىگىنى ئاشۇرسىمۇ ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئالدىن ئوقۇش ھۆججەت قىسقۇچىدىكى ھۆججەتلەر بارغانسىرى چوڭىيىپ كىتىدۇ.ھەمدە سىستېمىنىڭ ئىزدەش،ئۇلىنىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىۋىتىپ مەشغۇلاتقا ئاۋارىچىلىق ئىلىپ كىلىدۇ.بۇ ھۆججەت Windows مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى Prefetch مۇندەرىجىسى ئاستىدا بولۇپ ،بۇ ھۆججەتنى ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.
20. ئەگەر سىستېما قاچىلانغان دېسكا رايۇنى NTFSشەكلىدە فورماتلانغان بولسا،سىستېما دېسكىسى ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىپ بۇنىڭدىن «خاسلىق»نى تاللاپ بۇنىڭدىكى«دائىمىي» كاتىسىدىكى «دېسكىنى پىرىسلاپ دېسكا بوشلۇقىنى تېجەش»نى تاللاپ «مۇقۇملاشتۇرۇش» كونۇپكىسىنى چېكىپ دېسكىنى پىرىسلاش كىرەك.بۇنداق بولغاندا %20 دېسكا بوشلۇقى تېجىلىدۇ.
21. «ئىجرا قىلىش»كۆزنىكىگە «regedit»نى كىرگۈزۈپ تىزىملاش جەدۋىلىنى ئېچىپ HKEY_LOCAL_MACHINESOFTWARE MicrosoftWindowsNTCurrentVersionAeDebug نى ئېچىپ ئوڭ تەرەپتىكى Autoدىگەن تۈرنى قوش چېكىپ ئېچىپ ئۇنىڭ قىممىتىنى 0گە ئۆزگەرتىپ ئەڭ ئاخىرىدا F5كونۇپكىسىنى بىسىپ چوتكىلىۋەتسەكلا سىستېما دوختۇرى Dr.Watson ئىجرا بولۇشتىن توختايدۇ.ھەمدە نەچچە ئون مىگابايت ئورۇن تىجىلىپ قالىدۇ.
22. «كومپىيۇتېرىم» سىنبەلگىسىنى مائۇس ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چېكىپ «خاسلىق »رامكىسى ئېچىلغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن «远程桌面»نى تاللاپ بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئىشلەتكۈچى كومپىيۇتېرغا يىراق مۇساپىلىق ئۇلىنىش(允许用户远程连接到这台计算机) »نىڭ ئالدىدىكى «√»بەلگىسىنى ئېلىۋىتىمىز.
23. خاتالىقنى دوكلات قىلىش ئىقتىدارىنى ئېتىۋىتىش كىرەك.چۈنكى ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن بۇ ئىقتىدارنىڭ ئەھمىيتى يوق.بۇنىڭ ئۈچۈن «كومپىيۇتېرىم» سىنبەلگىسىنى مائۇس ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چېكىپ «خاسلىق »رامكىسى ئېچىلغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن«يۇقىرى دەرىجە(高级)»نى تاللاپ،بۇ تۈر ئىچىدىن «خاتالىقنى دوكلات قىلىش(错误报告)»نى چېكىپ بۇ تۈر ئىچىدىكى «خاتالىقنى دوكلات قىلىشنى چەكلەش»دىگەن تۈرنى تاللاپ مۇقۇملاشتۇرۇپ قايتىمىز.
24. ئىشلەتمەيدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئېتىۋىتىش كىرەك.يەنى «كومپىيۇتېرىم» سىنبەلگىسىنى مائۇس ئوڭ كونۇپكىسى بىلەن چېكىپ «خاسلىق »رامكىسى ئېچىلغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن«قاتتىق ماتېرىيال»نى تاللاپ بۇنىڭدىكى«ئۈسكۈنە باشقۇرغۇچ» تۈرىنى ئېچىپ،نۆۋەتتە لازىم قىلمايدىغان ئۈسكۈنىلەر مەسىەن: مودېم،PCكارتىسى،ئېنفىرا قىزىل نۇر ئۈسكۈنىسى،پىرىنتېر ئۇلاش ئېغىزى...قاتارلىقلارنى چەكلىۋىتىش كىرەك.(ئەلۋەتتە لازىم بولغان چاغدا قوزغىتىپ قويساق بولىدۇ)
25. لازىم قىلمايدىغان پىروگراممىلارنى ئۆچۈرۋىتىش كىرەك.
26. مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ ھۆججىتى (pagefile.sys)نى باشقا دېسكا رايۇنىغا يۆتكىۋىتىش كىرەك.
27. ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يۇمشاق ماتېرىياللارنى باشقا دېسكا رايۇنىغا قاچىلاش كىرەك.
ئەسكەرتىش: بەزى قوش چېكىتلەر چىراي ئىپادىلىرىگە ئايلىنىپ چىقىپ قاپتۇ،تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى سورايمەن،چىراي ئىپادىلىرى كۆرۈنگەن يەر قوش چېكىتنى ئىپادىلەيدۇ.
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2013/3/21 1:05:06        كۆرۈلىشى: 891 قېتىم

شىركىتىمىزگە photoshop تېخنىكىسىن لاھېلىگۈچى قوبۇل قىلىمىز..
ئاتايار ئېلېكترونلۇق تورسودا شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ..
كىچىك دوكتۇر تېز ھىساپلاش ئۇسۇلى دەرىسلىگى بازارغا سېلىندى..
ئاۋۇستىرالىيەدىن بىۋاستە كەلتۇرۇلگەن بوۋاقلار سۇت تالق..
پويىز ئىستانسىسى ئائىللىكلەر قورۇسىدىن ئۆي سېتىلىدۇ..
شىنجاڭ سۇيۇنەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىم ق..
رايۇنىمىز ھەرقايسى جايلىرىدىن تەشۋىقات دېرىكتورى قوبۇل قىلىم..
خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن خوشخەۋەر..
ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىش سېستىمىسىغا جايلاردىن ۋاكالەتچى چاقى..
ئسىل نۇمۇرلار سېتلدۇ،..
ئايروپىلان بېلەت سېتىش سېستىمىسىغا ۋاكالەتچى چاقىرىمىز..
قۇربانجان نەقشلك تۈمۈربېزەكچىلك ئورنىمزغا شاگىرىت قىلدۇ!..
نەنمندىن قىزلارغا جىددى ئۆي ئجارە بېرلدۇ،..
بۇ كەسىپنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ قىزىقسىڭىز ئەجەپ ئەمەس..
تاتلىق-تۈرمەل زاۋۇتىمىزغا جىددى خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز..
خىزمەت ئىزدەيمەن..
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
رىناتقاننىڭ ئەڭ يېڭى كومى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئوباما ئەسلى داڭلىق HIP-H
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
پالاكەت بولسا مۇشۇنداق بو
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
مىنرال سۇ ئېلانى <چەتئەل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
<كۆڭۈلدىكى سۆز> يېڭى يىلل
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ئالاھىدە پۇرچاق ساقچى
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
سەھرادىكى مودا ئايال
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭ
ھاياتنى قەدىرلەڭ

    يېڭى مەزمۇنلار

بىر ئىستاكان لىمون س..
قەدىمكى زامان مەدەنى..
قەدىمكى بىناكارلىقنى..
قۇلاق ئاسىراش ھەركەت..
ئالداپ سېتىلغان تۇتۇ..
جىنسىي تۇرمۇشتىكى پە..
ئاياللار تۆۋەن بەللى..
دائىم تىرنىقىنى بويا..

    ئاۋات مەزمۇنلار

 
مىللى ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىلل
قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى توغرىسىدا چۈ
شېڭ شىسەي زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چى
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم - بېل گايتىس
قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى توغرىسىدا
تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ
«تۇرپان» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە چۈش
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تى
يېقىنقى زامان تارىخىدا دىيارىمىزنى ئىدارە
قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيد
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمى
دۆلەت تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۆلچىمى
نىكاھ تۇرمۇش بىلىملىرىدىن قىسقىچە چۈشەنچە

    ئاۋات مەزمۇنلار

ئاياللاردىكى بەل ئاغ..
​چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋە يۈر..
بالا چۈشۈرگەنلەر قان..
قان بېسىم كېسەللىكى ..
سامساق بىلەن غولپىيا..
پۇت-قول ئاغرىقىنىڭ ھ..
بالىلارنىڭ ھەددىدىن ..
بالىلارنىڭ سۆڭىكى سۇ..
پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com