نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

مەرھۇم شېرىپ ھاجىمنىڭ قىسقىچە ھاياتى

يوللانغان ۋاقتى: 22:14 13-03-2011 مەنبە: ياڭخاڭ جامەسى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەرھۇم شىرىپجان داموللا ھاجىم دادىمىزنىڭ قىسقىچە ھاياتى

           پۈتۈن شىنجاڭ ۋە مەملىكىتىمىز ، شۇنداقلا خەلقاراغا تۇنۇلغان مەرىپەتپەرۋەر ، تەرەقىپەرۋەر ، ۋەتەنپەرۋەر ، مۇسۇلمانلارنىڭ كاتتا پەخرى ، دىننىي ئۆلىماسى مەرھۇم شىرىپجان داموللا ھاجىم دادىمىز 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 3:40 دا ئاخىرەت سەپىرىنى قىلىپ بىز بىلەن مەڭگۈ خوشلاشتى . مەرھۇم ئۇستازنىڭ ھاياتى ئاۋام خەلقنىڭ دىننىي -ئېتىقاد ، ئۆرۈپ -ئادەت ،قائىدە - يوسۇن ۋە باشقا ھايات پائالىيەتلىرىنىڭ توغرا ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ساغلام راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جىسمانىي ۋە زېھنىي كۈچىنى سەرىپ قىلغان ، خەلق قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ، يۇرت خەلقىگە ئاتىلىق مېھرىنى سالغان ئۇلۇغ ھايات بولغاچقا ، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى خەلقىمىزگە زور بىر يوقۇتىشنى ، ئېغىر بىر مۇسىبەتنى ئېلىپ كەلدى .
        مەرھۇم شىرىپجان داموللا ھاجىم دادىمىز دەۋرىمىزدىكى پېشقەدەم دىنىي ئۆلىمالاردىن قالغان تەۋەرۈك بىر زات ئىدى . مەرھۇم دادىمىز ئۆزىنىڭ بىر ئەسىرگە يېقىنلاشقان ھايات مۇساپىسىدە ئۆگەنگەن ئىلىمىنى خەلىقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سەرىپ قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قاراپ ، ئېسىل خىسلەتلىرى ۋە ئەخلاقىي پەزىلەتلىرى بىلەن ئەل ئارىسىدا ئۈلگە تىكلىگەن . مەرھۇم جامائەتنىڭ بىرلىكى ، خەلقنىڭ تېنىچ -ئامانلىقىنى تىلەپ ھەم ئۆز ھەركىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، خەلقىمىزنىڭ دىنىي ،ئاممىۋى ئىشلىرى ۋە مەدەنىي-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلەپ ، ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشقان . 
        مەرھۇم شىرىپجان داموللا ھاجىم دادىمىز ھىجىرىيە 1336-يىلى مىلادىيە 1915-يىلى تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ بازارلىق ئاقتاش مەھەللىسىدىكى مەرىپەتپەرۋەر دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ بىرقانچە ئەۋلاد -دادا -بوۋىلىرى قەدىمكى دىنىي مەدەنىيەت يۇرتى بولغان بۇخارا ۋە ھىندىستانلاردا ئوقىغان بولغاچقا ، بۇ خىل ئائىلە مۇھىتى مەرھۇم شىرىپجان داموللا ھاجىم دادىمىزنىڭ دىنىي ۋە باشقا ئىلىملەردە كامالەتكە يېتىشىگە ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىشىغا ، ئەل يۇرت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ ، ئۇقۇمۇشلۇق دىنىي ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان .
           مەرھۇم شىرىپجان داموللا ھاجىم دادىمىز 1942-يىلغىچە توقسۇندىكى مەدىرسىدە دىنىي تەربىيەدە بولۇپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك سەۋىيەگە يەتكەن ، 1942- 1947-يىلغىچە قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇپ ، ئالىي دەرىجىلىك دىنىي مەلۇماتقا ئىگە بولغان . 1983-يىلغىچە تۇقسۇن ناھىيە بازارلىق مەدىرسىدە ئىماملىق قىلغان . 1983-يىلى جامائەتنىڭ تەكلىپى ۋە تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىگە يۆتكىلىپ كېلىپ ،بەيتۇلمەئىمۇر (ياڭخاڭ مەسجىدى ) جامەسىنىڭ ئىمامى بولغان . مەرھۇم شىرىپجان داموللا ھاجىم دادىمىز يەنە 1980- يىلدىن 1983-يىلغىچە تۇقسۇن ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ، ئۈرۈمچىگە چىققاندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلام دىنىي جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مىللەت -دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ فوندى جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، مەملىكەتلىك ئىسلام دىنىي جەمىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان .
         مەرھۇم شىرىپجان داموللا ھاجىم دادىمىز تۇرمۇشتا ئاددى-ساددا ،ئىقسادچان ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئەپوچان ، كىشىلەرگە ئاداۋەت ساقلىمايدىغان ، كىچىك پېئىل ، كەمتەر ، ئىجتىھاتچان ، قولى ئوچۇق ، مېھماندوست كىشى بولۇپ ، ئۆلىما -ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆزىگە قىلبە نامە قىلاتتى ، جامائەت بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ ياشاشنى ئەلا بىلەتتى ، مەرھۇم، ئاممىنىڭ ئىشلىرىنى ھەل قىلىش ، قىيىنچىلىقى بار ، كەمبەغەللەر ۋە مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشتەك ياخشى ، ساۋاپلىق ئىشلارنى ئىنسانىي بۇرچۇم دەپ بىلىدىغان ساخاۋەتلىك ھەم مېھرىبان ئۆلىما كىشى ئىدى . مەرھۇم دائىم كىشىلەر ئارىسىدا ئازارلىشىپ قالغانلارنى ياخشىلاشتۇرۇپ قوياتتى . جامائەت ئىچىدىكى چوڭ ماجرالارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلاتتى .
مەرھۇم شىرىپجان داموللا ھاجىم دادىمىز ئەمگەكنى ، مېھنەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ، كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى ، ئامما ئۈچۈن ئىشلەشنى شەرەپ دەپ قارايدىغان ئېسىل خىسلەتلىك ئەدەم ئىدى . ئۇ توقسۇندا ئىماملىق قىلىۋاتقان مەزگىللىرىدە دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق ، باغۋەنچىلىك ۋە كۆكەرتىش ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق يۇرتىمىزنىڭ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە تۆھپە قوشقان ئىدى . 
            مەرھۇم شىرىپجان داموللا ھاجىم دادىمىز ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ ، بەيتۇلمەئىمۇر جامەسىدە ئىمام بولغاندىن كېيىن ، ئالدى بىلەن خانتەڭرى مەسجىدىنىڭ قۇرۇلىشىغا ياردەم قىلغان ئىدى ، كېيىن ئۇ بەيتۇلمەئىمۇر ( ياڭخاڭ مەسجىدى ) جامەسىنىڭ مەسجىدىگە سىغماي شەھەرنىڭ چوڭ قاتناش يولىغا بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، مەسجىدنى ئۆزگەرتىپ سېلىش چوڭ ئىشىغا تۇتۇش قىلغان . 1996-يىلدىن 2002-يىلغىچە بولغان ئالتە يىل ۋاقىت ئىچىدە مەسجىد ھەيئىتى بىلەن قۇرۇلۇشقە مەبلەغ توپلاش ، مەبلەغ ھەل قىلىش جەھەتلەردە زور كۈچ سەرىپ قىلىپ ، قۇرۇلۇشنى ئېسىل لاھىيىلىتىپ ، ئۇيغۇر ئىسلام بىناكارلىقىنى نامايەن قىلىپ ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەيتۇلمەئىمۇر ( ياڭخاڭ مەسجىدى ) جامەسىنى ۋۇجوتقا كەلتۈردى . مەرھۇم ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن توختىماي باش قاتتۇردى . ئەمگەك قىلدى ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى . 
            مەرھۇم شىرىپجان داموللا ھاجىم دادىمىز ھاياتىنى دىنىي ئىلىم ۋە باشقا بىلىملەر بىلەن بېزىدى ، ياشىنىپ قالغاندىمۇ توختىماي ئۆگەندى ، ئىزدەندى ، ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدىمۇ كۈنىگە بىر قانچە سائەتلەپ كىتاپ ئوقۇيتتى ، ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا بىلىمنى ، بىلىملىكلەرنى ھۆرمەتلىدى ، قەدىرلىدى ، شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىنى دىنىي ۋە پەننىي ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇتتى ، داۋاملىق مەدەت ۋە ئىلھام بەردى ، كەاڭ جامائەتكە ئىلىملىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى . شۇڭلاشقىمۇ ئۇ ھايات مۇساپىسىدە دىنىي ئىشلار بىلەن پەننىي ئىشلارنى بىر -بىرسىگە زىت قىلىپ قويمىدى ، مائارىپقا ئۆزلۈكسىز ياردەم قىلىپ يېتىم يېسىرلار ۋە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلىپ تۇردى . ئۆز پەرزەنتلىرىگىمۇ دىنىي ، پەننىي ئىلىملەر ، ئەخلاق- پەزىلەت جەھەتلەردە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، ئۇلارنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىك بولىشىنى تەلەپ قىلدى .
         مەرھۇم شىرىپجان داموللا ھاجىم دادىمىز يەنە قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن تەرجىمىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە قاتناشتى . شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ، نەزىر -چىراغ ۋە توي -تۆكۈن مۇراسىملىرىدىكى نامۇۋاپىق ئىشلارنى تۈزۈتىش ، نىكاھ ئوقۇش ، بالىلارغا ئىسىم قويۇش ئادەتلىرىنىڭ توغرا ئۆلچىمىنى دادىللىق بىلەن ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى .
           مەرھۇم شىرىپجان داموللا ھاجىم دادىمىزنىڭ ئۇستازلىق ھاياتىدا دىنىي ئوقۇتۇشنى يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسولى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلدى . نۇرغۇن شاگىرت تەربىيەلىدى ، مەرھۇم 1981-يىلىدىن 1984-يىلغىچە مىسىر ، سەئودى ئەرەبىستان ، نىگىرىيە ، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە دوستلۇق زىيارىتىدە بولدى . ئىسلام ئەللىرى ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەن دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئالىم -ئۆلىمالارنى 100 نەچچە قېتىم كۈتىۋالدى . ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ۋەتەن ، خەلىقنىڭ ، مىللەتنىڭ ئىززەت ئابرويىنى يۇقۇرى كۆتەردى ، ئۇنىڭ سۆھبەتتىكى قىزغىنلىقى ، پىكىرلىرىنىڭ ئوچۇق ، قايىل قىلارلىق بولغانلىقىدىن مېھمانلارمۇ ناھايىتى مەمنۇن بولغان ، دىمەك ، شىرىپجان داموللا ھاجىم دادىمىز ئەل - ۋەتەن ئۈچۈن بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلدى . ئۇنىڭ ھاياتى قەممەتلىك ھايات !، مەنىلىك ئۆتكەن ھايات ،! يۇرت خەلىق ئۈچۈن ئاتىلىق مېھرى بىلەن ئەجىر سىڭدۈرگەن ھايات! ، كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ھايات ! يۇرت خەلقى مەرھۇم شىرىپجان داموللا ھاجىم دادىمىزنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ ! ئۇنىڭ ئۈچۈن دائىم ياخشى تېلەكلەردە بولىدۇ . ئەلۋىدا ئىي ئىمامىمىز ! ئۇستازىمىز ! قەلبىمىزگە ئىسسىق ئاتىلىق مېھرىنى سىڭدۈرگەن ،مېھرىبان ئاتىمىز ! ئۇلۇغ اللاھ ، سىزنىڭ ياتقان جايىڭىزنى جەننەت قىلغاي ! خاتىرجەم بولۇڭ ! بىز چوقۇم سىزنىڭ قالدۇرغان كۆرسەتمىلىرىڭىز بويىچە ئىزىڭىزدىن بېسىپ سىز ماڭغان يولدا ماڭىمىز ! اللاھ ياراتقان بەندىلىرىڭنى نۇرلۇق يولغا باشلىغايسەن ئامىن !



ماتىريال بىلەن تەمىنلىگۈچى : ئۈرۈمچى شەھەرلىك بەيتۇلمەئمۇر -ياڭخاڭ جامەسى

2011-يىلى 10-مارت . توقسۇن

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر