بېل گېيتېس ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باي ھەم داڭلىق ساخاۋەتچى. ئۇ 1955- يىلى 28- ئۆكتەبىردە سېئاتىل شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ۋېليام گېيتېس سېئاتىل شەھرىدە ئادۋۇكاتلىق قىلاتتى. ئانىسى مارىي گېيتېس ئوقۇتقۇچى بولۇپ ۋاشىنگىتون ئۇنۋىرستىتىنىڭ مۇدىرى ئىدى.
كىچىك گېيتىس باشلانغۇپ مەكتەپنى كۆل بويى باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئوقۇغان. ئۇ 13 يېشىدا كومپىوتېر يۇمشاق دېتاللىرىغا قىزىقىپ قالغان. شۇ چاغدا ئۇ ساۋاقدېشى پائۇل ئېللىن دىن Basic تىلى ئۆگەنگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ كومپىوتېر سېستىمىسى تۈزۈشنى باشلىغان. شۇ چاغدا بۇ ئىككى بالا مەكتەپنىڭ PDP-10 تىپلىق كومپىوتېر سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىغن 3000 دوللىرىنى خەجلىۋەتكەن، بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار مۇشۇ خىل كومپىوتېرنى ئىشلەپ چىقارغۇچى شېركەتكە بۇخىل كومپىوتىرنىڭ سېستىما كەمچىلىگى بارلىغىنى ئىنكاس قىلغان. ھەمدە بۇ كەمچىلىكنى ئۆزلىرىنىڭ ئوڭشىيالايدىغانلىغىنى ئېيتىپ ئۇلار بىلەن توختام تۈزگەن. بۇنىڭ ھەققىگە ئۇلار PDP-10 تىپلىق كومپىوتېرغا ئېرىشكەن.
1973- يىلى بېل خارۋارت ئۇنۋىرستىتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ بۇ جايدا ھازىرقى مىكروسوفتنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى ستىۋ بالمېر بىلەن تونۇشقان. ئۇلار ئوقۇۋاتقان چېغىدا بىرخىل MITS Altair تىپلىق كومپىوتېرغا BASIC تىلى سېستىمىسى تۈزۈپ بەرگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن يەنى 1975- يىلى بۇ ئىككەيلەن ئۆزى تۈزگەن BASIC تىلى سېستىمىسىنى نەشىر ھوقوقى بىلەن بىر يۈز سەكسەنمىڭ دوللارغا بۇ شېركەتكە سېتىپ بەرگەن. بۇ پۇل بىلەن ئۇلار كېيىنكى ئىشلىرى غا پۇختا ئاساس سېلىۋالغان.
1976-يىلى 11-ئاينىڭ 26- كۈنى گېيتىس بىلەن ئېللىن مىكروسوفت ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرغان. بۇ چاغدا گېيتىس 21 ياش، ئېللىن بولسا 23 ياشتا ئىدى. كېيىنكى يىلى گېيتىس خارۋارتتىكى ئوقۇشىنى توختىتىپ قويۇپ يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىغا كېلىدۇ ۋە مىكروسوفت شېركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەينى چاغدا MITS نىڭ باش ئىشتابىمۇ مۇشۇ جايدا ئىدى. گېيتىس ئىشقا ناھايىتى بېرىلىپ ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ كاتىۋى دائىم ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىكى پولدىلا ئۇخلاپ قالغانلىغىنى كۆرەتتى. گېيتىس قول ئاستىدىكىلەرگە ناھايىتى تەلەپچان ئىدى. ئۇ دائىم قول ئاستىدىكىلەر بىلەن گەپ تالىشىپ قالاتتى، بۇنداق چاغلاردا ئۇ دائىملا "بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئەخمىقانە ئىش بولدى" دەيتتى.
1979- يىلغا كەلگەندە مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرى بىر مېليون دوللارلىق كىرىم ياراتتى، ئۇزاق ئۆتمەي مىكروسوفت باش ئىشتابى ۋاشىنگىتون ئىشتاتىدىكى بېللىۋى شەھرىگە يۆتكەلدى. 80- يىللار مىكروسوفتنىڭ ئەڭ تېز ئىلگىرىلىگەن ۋاقىتلىرى ئىدى. 1980-يىلىنىڭ بېشىدا گېيتىس IBM شېركىتىنىڭ شەخسىي كومپىوتېرلىرى ئۈچۈن يۇمشاق دېتال تۈزۈپ بېرىش ھوقوقىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلار ئەللىكمىڭ دوللارغا بىر سېستىمىنىڭ بارلىق ھوقوقلىرىنى سېتىۋېلىپ ئازراقلا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا DOS دەپ ئىسىم قويۇپ بازارغا سالدى.
1983- يىلى 11- ئايدا windows دۇنياغا كەلدى. ئۇ MS-DOS تىن تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن ئىدى.
گېيتىسنىڭ بايلىق يىلنامىسى (دوللار)
1986- يىلى 3 يۈز 15 مېليون.
1987- يىلى 1 مېليارت 2 يۈز ئەللىك مېليون.
1990- يىلى 2 مېليارت 5 يۈز مېليون.
1995- يىلى 14 مېليارت 8 يۈز مېليون.
1997- يىلى 39 مېليارت يۈز مېليون.
1999- يىلى 85 مېليارت.
2000- يىلى 63 مېليارت.
2008- يىلى 58 مېليارت.
ئۇ كۈنىگە 20 مېليون دوللار كىرىم قىلىدۇ، بۇ سېكونتىغا 250 دوللاردىن توغرا كېلىدۇ دېگەن گەپ. ئەگەر بېل گېيتىسقا يولدا مىڭ دوللار ئۇچرىسا، ئۇ بۇ پۇلنى تېرىۋالىمەن دېسە ۋاقىت ئىسراپ قىلغان بولىدۇ. چۈنكى يەردىكى پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن تۆت سېكونت ۋاقىت يەتمەيدۇ. ئەمما بۇ تۆت سېكونت ۋاقىتتا بېل گېيتىس ئاللىقاچان مىڭ دوللار كىرىم قىلىپ بولغان بولىدۇ. تەنتەربىيە ساھەسىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى كىشى مايكول جورداننىڭ يىللىق كىرىمى 30 مېليون دوللارغا يېتىدۇ. ئەگەر ئۇ بېل گېيتىسقا يېتىشىۋېلىشنى ئويلىسا مۇشۇ سەۋىيە بىلەن يېمەي ئىچمەي 277 يىل تىرىشسا ئاندىن ئۇنىڭغا تەڭلىشەلەيدۇ.