ئابدۇقادىر جالالدىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
يوللانغان ۋاقتى: 00:47 12-03-2011 مەنبە: خەلق تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان . 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن پىروففىسورلۇق

ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ. 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن پىروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
2004-يىلى 11-ئايدا پروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كىلىپ، ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولغان.
مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى
1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «» يازغۇچى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. 1998-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلى خەنزۇ ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىدىكى ئىلمىي ماقالە باھالاشتا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن. 2000-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.2000-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ «ئۈچ مائارىپ» خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2002-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۈتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك ناخشا توپلاش پائالىيىتىدە يازغان تېكىستى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش نەتىجە مۇكاپاتىنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان. 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.
ئەسەرلىرى
2000-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى؛ 2005-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا ناملىق ماقالىلەر توپلىمى»، 1995-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئەقىل - پاراسەت مىۋىسى ۋە شەيتان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى، 1993-يىلى شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «سوقۇۋاتقان يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2001-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «بوشلۇق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.
تۆۋەندە مەن ئۇنىڭ ئەھمىيەتلىك ئەسەرلىرىدىن بىر نەچچىسنى يوللاپ قوياي
تىلەمچىلىكنىڭ يىلتىزى
ئابدۇقادىر جالالىدىن
شەھىرىمىزنىڭ جەنۇبىي قوۋۇقى ( نەنمېن )دا قالتىس بىر كۆرۈنۈش بار . بىر تەرەپتە مىللىي ئۇسلۇبتىكى «خەلق تىياتىرخانا» بىناسى، بىر تەرەپتە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ۋە شىنخۇا كىتابخانا بىنالىرى، يەنە بىر تەرەپتە ئېگىز بانكا ۋە ئىستراخۇانىيە بىناسى، ئوتتۇرىدا پاكارغىنە ئەينەك پرامىدا ۋە ئۇنى ئوراپ تۇرغان چىملىق، چىملىق ئاستىدا يەر ئاستى سودا شەھەرچىسى . . . بۇلار ماددىي ۋە مەنىۋى ئىستېماللارنىڭ ئۆتكۈر گىرەلەشمىسىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. بىر - ئىككى يىل ئىلگىرى مەزكۇر سودا شەھەرچىسىنىڭ ئۈستى ئۇزاق يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن يېشىل ئورمان ئىدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئورنىنى بازار ئىگىلىكى ئىگىلىگەن بولۇپ، مىسىر پرامىداسىغا قىلىنغان ناھايىتى ئاددىي بىر تەقلىدنىڭ شاھىتى _ ئەينەك پرامىدا توزانلارغا مىلەنگەن ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ پرامىدا ئاستىدا قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە بۈگۈنكى كۈندە مەدەنىيەتنىڭ ئالامىتى بولغان ماددىي ئىستېمال مۆجىزىلىرى قايناپ تۇرىدۇ.
ھەممىدىن قىزىقى، ئېگىز بانكا بىناسىنىڭ بىر تەرىپىدە «خانتەڭرى جامەسى» قىسىلغان ھالدا بوي سوزۇپ تۇراتتى. بۇ بىنالارنىڭ بىرىدە كىشىلەر بۇ دۇنيانىڭ مەئىشىتى ئۈچۈن پۇل، نوپۇز توپلىماقتا ئىدى، يەنە بىرىدە ئۇ دۇنيانىڭ مەئىشىتى ئۈچۈن مەشغۇل بولاتتى. جامە ئاستىدىكى دۇكاندا بولسا پانىي دۇنيانىڭ غېمى. قاراڭ، مەدەنىيەت دېگەن شۇنداق نەرسە. ئۇ ھايات بىلەن ئۆلۈم ئارىلىقىدىكى تەشۋىشنىڭ مونتاجلىق بىرىكمىسىگە ئايلانغانىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇربان قىلىش ۋە قۇربان بېرىشتىن ئىبارەت ھايات - ماماتلىق سۈرەتنى ئاشكارا نامايان قىلىپ تۇراتتى . ئاشۇ بانكا بىناسىنىڭ ئالدىدىن ئانچە - مۇنچە ئۆتۈپ قالاتتىم، لېكىن ھەرگىزمۇ پۇل قويۇش ئۈچۈن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ بىرسى بولالمايتتىم چۈنكى بىز ئەر - ئايال ئاددىي ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئائىلىمىز مائارىپتىكى نامراتلىق، شەرەپ ۋە ھەسرەتنى تولۇق ئۈستىگە ئالغان ئائىلە ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئەدەبىيات - سەنەتتىكى بىچارىلىكنى، ئۇنىڭدىكى پىغاننىمۇ قوشۇپ ئۈستۈمگە ئالغانىدىم. قار چۈشۈپ تۇراتتى، بانكا بىناسىنىڭ ئالدىدا قېلىن جۇۋا ياكى پەلتو كىيىشكەن كىشىلەر شۈمشەرەپ تۇرۇشاتتى، ئۇلار زايومچىلار ياكى دوللارچىلار ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرسى ئالدىمغا كېلىپ :
_ دوللار بارمۇ ؟ _ دېدى.
تېلېۋىزور ۋە پىكىر قىلىش كېسىلى
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئەينەكمۇ ئۆز دەۋرىدە قالتىس مۆجىزىلىك ئۇچۇر بولغانىدى. ئۇنىڭ زىلزىلىسى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاق ئېڭىنىڭ بىر شاھىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئەينەكنىڭ كارامىتىدىن كەلگەن ھەيرانلىق چۆچەكلىرىمىزگە روشەن ئىزنالارنى قالدۇرغان. دانىشمەنلىرىمىز ئەينەكنى ئۆز - ئۆزىنى تونۇشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە تىمسالغا ئايلاندۇرغان. ئەينەك مىللىتىمىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا ھەقنى تەستىق قىلغۇچى ۋەھىينىڭ سىرلىق يادنامىسى بولۇپ كەتكەن. ئەينەك گويا كېچىنىڭ يۈرىكىدىكى ئالىيجانابلىقتىن ئاپىرىدە بولغان، لېكىن ئۇ يورۇقلۇقنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىسپاتلىشىدىكى شارائىتتىن ئىبارەت. كېچە ئەينەكنىڭ ئۆز بالىسى ئىكەنلىكىنى كېچىگە خاس تەبىئىتى نۇقتىسىدىن ئېتىراپ قىلمايدۇ. بىراق ئەينەك دېگەن بۇ بالا كىشىلەرگە كېچىنىڭ باغرىدىكى ئېھتىراسلىق دۇنيانى ئېيتىپ قويۇشقا خۇشتار ئىدى. ھازىر كېچە بىلەن ئەينەك ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك ئارىلىقنىڭ بارلىقىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قانداشلىقى يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق پاسىلىنىڭ نامەلۇم نۇقتىسىدا ئايان بولىدىغانلىقى ئېنىق.
ھەر ھالدا بۇرۇنقىلار بىزدەك تەييارغا ھەييار ئەمەس ئىكەن، بۇنى ئۇلار نۇرغۇن مېھنەتلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىغان. ھازىر بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ھاڭۋاقتىلىق بىلەن ھۇرۇنلۇق ئۇلاردا يوق بولسا كېرەك. ئۇلار نۇرغۇن ئەقلىي ۋە ماددىي مىراسلارنى قالدۇرۇپتىكەنۇ، ئۆزلىرىنىڭ شەنىدىن كېلىچەككە تۈزۈك يادنامە قالدۇرۇشنى ئويلاپ كەتمەپتىكەن. ئۇلارنىڭ ھالال، ساپ، نۇرانە ئەقىل دۇردانىلىرى ۋە تارىخنىڭ تاناۋىنى تارتقۇدەك يۈرۈشلىرى ياتلارنىڭ پۈتۈكلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ جۇلاسىنى يوقاتمىغان. چوڭ ئۆرنەكلەرنى قويۇپ تۇرۇپ، ناھايىتى ئاددىيغىنە بىر مىسالنى ئالايلى: ئۇلار ئەينەكنى كۆرگەندىن كېيىن ھەيران قېلىپلا ئولتۇرمىغان، بەلكى ئۇنى مەلۇم بىر ئەخلاقىي، غايىۋى دىتنىڭ مۇجەسسىمىگە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، كۆز ئالدىدا نەق بولمىغان يىراق دۇنيانىڭ ھادىسىلىرىنى كۆرۈپ كۆزىتىدىغان «جاھاننەما ئەينىكى» گە ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرالىغان. روشەنكى، ئەينەك بىلەن «جاھاننەما ئەينىكى» ئوتتۇرىسىدا خېلى زور تەرەققىيات پەرقى بار. ئەينەك كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىگە نەق نەرسىلەرنى كۆرسەتسە، "جاھاننەما ئەينىكى" يىراق ئەللەرنىمۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئەينەكتەك روشەن كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. قاراڭ، پەرھادنىڭ ئاشىقانە سەرگۈزەشتلىرىگە ۋە ئۇنىڭ سۆيگۈ ئەھلىگە خاس خىسلەتلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇشىغا ئەرمەن مەملىكىتىدىكى شېرىننىڭ رۇخسارىنى كۆرسەتكەن «جاھاننەما ئەينىكى» سەۋەبچى ئەمەسمۇ! ئەينەكنى «جاھاننەما ئەينىكى»گە ئۆزگەرتىش بىر كەشپىيات، توغرا، ئۇ تەسەۋۋۇردىكى كەشپىيات، لېكىن تەسەۋۋۇردىكى كەشپىيات بولمىسا ئەمەلىيەتتىكى ماددىي كەشپىيات دەلىللىرىمۇ بولمايدۇ. ئىنگلىز شائىرى شېللى "شېئىر بېشارەت دېمەكتۇر" دەپ توغرا ئېيتقان. ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنىڭ بالىلىققا خاس قاتلىمى دەل ئەپسانە ۋە شېئىرىيەتنىڭ تۇپرىقىدۇر. ئەپسانە روھىيەت ماددىي دۇنياغا تاشلىغان تۇنجى پىكىر چاقمىقى بولۇپ، تەپەككۇرنىڭ ئەزىم دەريالىرى ئۇنىڭدىن كېيىنكى يامغۇر ۋە كەلكۈنلەردىن ھاسىل بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئىجادىيلىققا مايىل تەبىئىتى ئەپسانە ۋە شېئىر تەرىقىسىدە روياپقا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئۇزاق ئەسىرلىك ئەقلىي - مەنتىقىي ئىزدىنىشلەر جەريانىدا پەننىي ھەقىقەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ پەننىي ھەقىقەت ماددىي قانۇنىيەتكە يېقىن پەرەزگە ئايلىنىپ، ئۇنىڭ ماددىي گەۋدىسى ئۇزاق ئۆتمەي دۇنياغا كېلىدۇ. ئەلىشىر ناۋائىي ۋە ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ئەينەكتىن ئىلھاملىنىپ، "جاھاننەما ئەينىكى" نى قىياس قىلغان. بۇ ئۇلۇغۋار قىياس مەيدانغا كېلىپ تۆت - بەش ئەسىردىن كېيىن "تېلېۋىزور" دېگەن نەرسە ياسالدى. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاشۇنداق قىياسلىرى بىلەن بىزنىڭ كارىمىز بولمىغان، ئۇنى ھەقىقەتنىڭ پەننىي، ماددىي رېئالىغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق. ئۇنى غەربلىكلەر ياساپ چىققاندىن كېيىن ئەقلىمىز بىر مەزگىل ئالاقزادە بولۇپ، تۆت - بەش يۈز يىل ئىلگىرىكى بوۋىلىرىمىزنىڭ خىيال ياقىدىكى كەشپىياتىنى ھۇرۇن بىر ئىپتىخار بىلەن ئەسكە ئالدۇق.
ئۇنۋان: قاچا بىلەن داش قازان مۇناسىۋىتى
ئابدۇقادىر جالالىدىن
«نېمىس مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مائارىپ ئارمىيدىن بەكرەك مۇھىم»
ــ كارل ياسسىپېرىس- گېرمانىيە پەيلاسوپى
كىمدۇ بىرى: «ھەممە نەرسە شۇ پېتى» دېگەنىكەن. بىر قارىسا بۇ گەپ شەيئىلەردىكى تەرەققىياتنى ئېتىراپ قىلغۇچى كەلمەيدىغان جاھىللارنىڭ گېپىدەك قىلىدۇ، ئەمما سوغۇققانلىق بىلەن قارىسا، ئاز – تولاماھىيەت بار. تاج كىيىپ يۈرگەنلەر بولمىسىلا، پادىشاھلار يوقالدى، دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شاھانە سالاھىيەتنى تاجنى بەلگە قىلىلپلا كۆرگىلى بولمايدۇ. ھازىر ھەممە نەرسە زامانىۋىلاشتى. ئۇلارنى قاراپلا پەرق قىلىش تەس، شۇڭا، تاجدارلارنىڭ تاجىنى ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئىزدەپ يۈرۈش بىمەنلىك. «تاج» ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يوقاتمىدى، پەقەتلا ئېنىق ئىلغا قىلغىلى بولىدىغان شەكلىنى يوقاتتى. پارقىراق مېتاللاردىن ياسالغان تاجلار گەرچە مۇزىيلاردىن ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، تۈرلۈك شەكلىسىز تاجلار ئاۋۇپ كەتتى. بۇ مودا دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ كىيىدىغان ئورگانلىرى ۋە ئۇسۇللىرى كۆپىيىپ كەتتى. شەكىلسىز تاجلار شەكىلسىز باشلارغا كىيىلمەكتە. بۇنداق بولغاندا تاجدارلار ئوتتۇرىسىدا «ئۇرۇش»مۇ يۈز بەرمەيدۇ. ھەسەت ئوتلىرى ئۆز ئوچىقىدا يېنىپ، ھەر ھالدا باشقىلارنىڭ پىشىگە ئالدىراپ تۇتىشىپ كەتمەيدۇ. بىز سورۇنلاردا تاجدارلارنىڭ خۇش – خۇي، ئوڭلۇق، پېقىرانە قىياپىتىنى كۆرىمىز، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى تاجدارلارغا خاس ھۇزۇرى ئەشرەپلەرنى كۆرمەيمىز. ئاخىرى، شۇنداق بولسىلا كۇپايە بولىدىغان بولدى. چۈنكى بىز ئادەتلىنىپ كەتتۇق. بىز ھەر قانداق ئىشقا پەقەت كۆنۈپ كەتسەكلا، شەرىئەتنىڭ ئىلغار ماددىلىرى سۈپىتىدە گۈزەل خۇلق دەپتىرىگە كىرگۈزىمىز. ئۇنۋان زامانىمىز كەسپىدارلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاج. ئۇنى كىيىپ يۈرگىلى بولمىسىمۇ، كۆتۈرۈپ يۈرگىلى بولىدۇ. ھازىر كىيىپ يۈرگەنگە قارىغاندا كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئاقىلانىراق، چۈنكى بۇنداق تاجلار باشقا كىچىك كېلىشىمۇ مۇمكىن، چوڭ كېلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنۋان كىيىپ يۈرىدىغان تاج ئەمەس. ئۇ، زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ شەرەپ ۋە نۇمۇس تۇيغۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان ھالدا كىنىشكىغا نەقىشلىنىدۇ. ئۇ، كىشىلەرگە نامۇناسىپ بولغاندىمۇ سەت كۆرۈنۈپ دەرھال چېلىقىپ كېتىدىغان ئىشلار بولمايدۇ.
ئادەملىرىمىز بىكىرگە گاداي بولسىمۇ شەرەپ تۇيغۇسىغا ئىنتايىن باي. بۇنىڭدىن بىز قانداق پەخىرلىنىشنى بىلمەيلا قالىمىز. ئادەتتە ھەر يىلى ئۇنۋان باھالاش ھەرىكىتى يېتىپ كېلىشى بىلەنلا كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى بىردىنلا ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. يېپىق ھالەتتىكى مۇناسىۋەت ئاشكارا ھالەتكە ئۆتۈپ، سوۋغا – سالام ۋە تەبەسسۇملارنىڭ ئستراتېگىيلىك مەنىلىرى بالاغەتكە يېتىدۇ. كىشىلەر بۇ خىل ئەتەيلىكنى ناھايىتى روشەن بىلىپ تۇرسىمۇ، توغرا چۈشىنىدۇ. چۈنكى خىجىللىق بىلەن قىزىرىش زاماننىڭ تەرەققىيات مەنتىقىسىگە ماس ھالدا قالاق ئەخلاقىي سېزىمگە ئايلىنىپ كەتتى. سۆھبەتلەردە، رادىئو – تېلېۋىزىيە ۋە مەتبۇئاتلاردا لەنەت ئوقۇلىدىغان شەخسىيەتچىلىك قانچە قىسىپمۇ قىسقىلى بولمايدىغان كۆك يۆتەلدەك ئۆزىنى ئاشكارا قىلىشقا باشلايدۇ، ھەتتا كىشىلەر ئۇزاقتىن بىرى تەقىپلەنگەن بۇ تەبىئىيىتىنى ئۆز ئارا تەڭكەش قىلىۋاتقاندا، تۆت ئەتراپقا تەشۋىش ئارىلاش قاراپمۇ يۈرمەيدۇ، بەلكى لەززەت ھېس قىلىدۇ.
مەنبە : خەلىق گىزىتى تورىدىن
|
------分隔线----------------------------