نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى

يوللانغان ۋاقتى: 06:05 05-02-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: چارلىز. بولگ كۆرۈلۈشى: قېتىم
ياقۇپ بەگنىڭ تەرجىمىھالى چارلىز. بولگېر (ئەنگىلىيە) تەرجىمە قىلغۇچى: ۋەلى (ئابدۇۋەلى ئەلى)، چۈشۆدۇڭ مەسئۇل مۇھەرىرى: سەلىمجان، جۈماخ
ياقۇپ بەگنىڭ تەرجىمىھالى
 
 
چارلىز. بولگېر (ئەنگىلىيە)
 
 
 
 
 
تەرجىمە قىلغۇچى: ۋەلى (ئابدۇۋەلى ئەلى)، چۈشۆدۇڭ
 
مەسئۇل مۇھەرىرى: سەلىمجان، جۈماخۇن
 
شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى
 
 
1987-يىلى 5-ئاي 1–نەشرى
1988-يىلى 9-ئاي 1-بېسىلىشى

خەنزۇچە نەشىرىگە بېرىلگەن سۆز بېشى
بۇ كىتابنىڭ ئاپتۇرى دېمېترىيۇس چارلېز بولگېر (Demetrius Charles Boulger   1853-----1928)  كىنىستون ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىپ ئەسەر يېزىشقا كىرىشكەن. ئۇ ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلرىنىڭ تەشۋىقاتچىسى ۋە ئاقلىغۇچىسى.
1876-يىلىدىن ئېتىبارەن، بولگېر ئەنگىلىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ۋە ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئاسىيادىكى تالىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىلا ئەنگلىيەنىڭ مۇھىم گېزىت–ژۇرناللىرىدا نورغۇن تارىخىي ۋە سىياسىي ماقالىلەر ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ 1885-يىلى نەشىر قىلىنغان "ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسى" دېگەن ئەسىرى ئۇنىڭ مۇشۇ مەزگىلدە ئېلان قىلغان ماقالىلىرىنىڭ توپلىمى ئىدى. بولگېر ئۆز ھاياتىدا نورغۇن ئەسەرلەرنى يازغان، "ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادا"، "ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكەن موھىم شەخىسلەر تەزكىرىسى"، "جۇڭگۇ تارىخى"، "ھىندىستان تارىخى"، "كونگو دۆلىتى"، "بېلگىيە تارىخى"قاتارلىق مەخسۇس ئەسەرلەر ۋە "گوردوننىڭ تەرجىمىھالى، "ماچىڭچېڭنىڭ تەرجىمىھالى"" قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدۇر. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. چارلېز بولگېرنىڭ 1878-يىلى (ياقۇپ بەگ ھاكىمىيتى بىتچىت بولغان 2-يىلى)نەشىر قىلىنغان "ياقۇپ بەگنىڭ تەرجىمىھالى"دېگەن كىتابى ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا، شۇنىڭدەك ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئېھتىياجىغا زىچ ماسلىشىش ئۈچۈن يېزىلغان.
"ياقۇپ بەگنىڭ تەرجىمىھالى" ياقۇپ بەگنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ئەسەردۇر. ئاپتۇر ياقۇپ بەگنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ  شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكى، ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەت قۇرغانلىقى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ بەربات بولغانلىقىنىڭ جەريانىنى بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلغان. بۇ كىتابتا يەنە ياقۇپ بەگ ھاكىمىيتىنىڭ ئەنگلىيە، رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تالاش–تارتىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىنى تالىشىش ئەھۋالىمۇ بايان قىلىنغان.
ياقۇپ بەگ قوقەنلىك سىياسىي قارا نىيەت بولۇپ، 1865-يىلى ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدىكى بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەر چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيتىگە قارشى ھەرىكەت قوزغىغان پۇرسەتتە شىنجاڭ رايۇنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ياقۇپ بەگ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى قانلىق باستۇرۇش ئاساسىدا ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەت قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى ياۋۇزلۇق بىلەن تالان–تاراج قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. ياقۇپ بەگ ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىلگىرى–كېيىن ئەنگلىيە ۋە رۇسىيەلەر بىلەن بىر قاتار ئىشلاردا تىل بىرىكتۈرگەن. ئەنگىلىيە، رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن قانۇنسىز سودا شەرتنامىلىرى ۋە سودا كىلىشىملىرىنى ئىمزالاپ، ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىنىڭ ھوقۇق–مەنپەئەتىنى ئۇلارغا كۆپلەپ ساتقان. ياقۇپ بەگ–ئەنگلىيە، چار رۇسىيەلەرنىڭ غالچىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى.
لېكىن ئاپتۇر ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، ئەنە شۇنداق ياۋۇز تاجاۋۇزچى ياقۇپ بەگنى "ئۇ ناھايىتى ئىقتىدارلىق، يۈرەكلىك ئادەم ئىدى" (مۇشۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىگە قارالسۇن)، "بىر نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان بۇ خانلىقلار ئىچىدە ئەڭ جاسارەتلىك ۋە ئەڭ تالانتلىق بىر ھۆكۈمران ئىدى" (ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنىڭ 168-بېتىگە قارالسۇن)دەپ ئۇنى بولۇشىچە ماختاپ، كۆككە كۆتۈرۈپ، تارىخنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى پۈتۈنلەي ئاستىن–ئۈستۈن قىلىۋەتكەن. ئاپتۇر گەرچە ئۆزىنىڭ ياقۇپ بەگكە بولغان ھىسداشلىقى ۋە مەدھىيسىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ياقۇپ بەگكە بەرگەن باھاسىنى "مەسىلىگە خالىسانە مەيداندا تۇرۇپ قارىغانلىق" (ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنىڭ 256-بېتىگە قارالسۇن)دەۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئاقلىغۇچىسى بولغانلىق قىياپىتىنى يەنىلا ياپالمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ كىتابقا يازغان كىرىش سۆزىدە ياقۇپ بەگنى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ "كەشمىرنىڭ شىمالىدىكى زېمىندا تىكلىگەن قەھرىمانى"دەپ ئۆز ئاغزىر بىلەن تەپتارتماستىن ئوچۇق ئىقرار قىلغان. بۇ، ياقۇپ بەگ ھاكىمىتنىڭ ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرۇپلا قالماستىن، ئاپتۇرنىڭ ياقۇپ بەگكە مەدھىيە ئوقوغان ئەكسىيەتچىل مەيدانىنىمۇ ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.
بۇ كىتابنىڭ خېلى كۆپ سەھىپىلىرىدە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى ئۈچۈن، ياقۇپ بەگنىڭ تاجاۋۇزچى ھاكىمىيتىنى ئىزچىل تۈردە ئاكتىپ قوللاش ۋە قانات ئاستىغا ئېلىش پۇزىتسىيەسىدە بولغانلىقى، جاسۇسلارنى، دېپلۇماتىك ئەلچىلەر ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتىپ، ياقۇپ بەگ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى، ياقۇپ بەگنى نورغۇن قورال–ياراق بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، قانۇنسىز ھالدا ياقۇپ بەگ ھاكىمىتىنى ئىتراپ قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سودا شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدىن نورغۇنلىغان ئىمتىياز مەنپەئەت ئېلىۋالغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ئىشلار ئەسلىدە ھەممىگە ئايان پاكىت بولسىمۇ، لېكىن ئاپتۇر كىتابتا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياقۇب بەگ ھاكىمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى"ئادەتتىكىلا مۇناسىۋەت ئىدى": (ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنىڭ 234-بېتىگە قارالسۇن)، "ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىتتىپاق تۈزۈلمىگەن ھەم مۇستەھكەم دوستلۇقمۇ يوق ئىدى" (شۇ بەتكە قارالسۇن) دەپ، ئەنگىلىيەنىڭ ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىغا قىلغان تاجاۋۇزىنى جېنىنىڭ بېرىچە ئاقلىغان.
ئاپتۇر بۇ كىتابنىڭ ئاخىرقى بىر بابىدا، تېخى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياقۇب بەگ ھاكىمىيتىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇش جەھەتتىكى تەجىرىبە–ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ كېلىپ، ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە ئەقىل ۋە يول كۆرسىتىدۇ. بولگېر ئەنگىلىيەنىڭ ياقۇپ بەگ ھاكىمىيتىنى قوللاپ سودا جەھەتتە ئالغان پايدىسى ياقۇپ بەگ ھاكىمىيتىنى ئېتراپ قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە تارتقان زىيىنىنى قاپلىيالمايدۇ، دەپ قارىغان. شۇڭا، ئۇ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە "رۇسىيەنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن كىڭەيمىچىلىكىنى (جۇڭگۇ بىلەن) بىرلىكتە چەكلەپ"(ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنىڭ 299-بېتىگە قارالسۇن)، ئاندىن جۇڭگۇدىن "نەپ"ئېلىش ئۈچۈن، رۇسىيە جۇڭگۇنىڭ ئىلى رايۇنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، جۇڭگۇ–رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جۇڭگۇ بىلەن ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن.
ئاپتۇر دەل ئەنگىلىيە مۇستەملىكچىلىرى مەيدانىدا تۇرۇپ، چار رۇسىيە بىلەن بولغان تالاشنى كۆزدە تۇتقانلىقتىن، بۇ كىتابتا چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ياقۇپ بەگ ھاكىمىيتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايۇنىغا تاجاۋۇز قىلغان بىر قاتار ھەرىكەتلىرىنى خىلى پاش قىلغان. خۇسۇسەن بۇ كىتاب نەشىردىن چىققان مەزگىلدە (1879-يىلى)، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىلىنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن سۆزلىشىۋاتاتتى. شۇڭا ئاپتۇر چاررۇسىيەنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىلى رايۇنىنى بىسىۋالغانلىقى ۋە جۇڭگۇ–رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىلى توغرىلىق ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىنىڭ قىسمەن ئەھۋالىنى بىر قەدەر كونكىرت بايان قىلغان. بۇ بايانلار بىزنىڭ 19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا چاررۇسىيەنىڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايۇنىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا دائىر تارىخنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. قىسقىسى، بۇ كىتاب، شىنجاڭ تارىخىنى ۋە 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدىكى ئەنگىلىيە–رۇسىيە مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگۇ–رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن مۇئەييەن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
ئاخىرىدا شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كىرەككى، ئاپتۇر جۇڭگۇ تارىخىنى ئانچە چۈشەنمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ جۇڭگۇ تارىخى توغرىسىدىكى بايانلىرىدا كەتكۈزۈپ قويغان خاتالار ناھايىتى كۆپ. شۇڭا تارىخىي پاكىتلار باشقىچە بولۇپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە، ئادەم ۋە بەزى يەر–جاي ناملىرى، مەخسۇس ئاتالغۇ قاتارلىقلاردىمۇ خاتالىقلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىز بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىلار ئىزاھلاپ تۈزىتىپ قويدۇق، تولۇق بولمىغان جايلىرىنى كىتابخانىلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىنى سورايمىز.

ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى(2)

مۇقەددىمە

ياقۇپ بەگنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى بايانلىرىمىز مۇنداق ئىككى مۇددىئا بىلەن يېزىلدى:
بېرىنچىسى: ئامەتلىك بىر ھەربىينىڭ ئۆمۈر بويى سەزگۈرەشتىلىرىنى ئۆگىنىش؛ ياقۇپ بەگ نوپۇزلۇق ئىسىلزادىلەردىن ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭ ھېچقانداق تالانتىمۇ يوق. لېكىن ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىل بىر ھاكىمىيەت قۇرغان ھەمدە 12يىلغىچە نورغۇن رەقىبلىرىگە بوي بەرمەي، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ كەلگەن. ئېلىمىزدە (ئەنگىلىيەنى دېمەكچى) بۇ «ئاتالىق غازى»نىڭ شۆھرىتى كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، جەمىيئەتتە تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەر ئارقىلىق، ئاشۇرۇپ تەرىپلىنىۋاتقان چاغدا بۇ قەھرىماننى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگۈدەك بولۇۋاتقان كىشىلەر بۇ كىتابنى ئوقوغاندىن كېيىنلا بوشاپ لەسسىدە بولۇپ قېلىشى مومكىن. دەرۋەقە، ياقۇپ بەگ ھەقىقەتەنمۇ قولىدىن ئىش كېلىدىغان، يۈرەكلىك ئادەم ئېدى؛ ئۇنىڭ قەشقەردە ئورۇنلىغان ئىشلىرىمۇ مەدھىيلەشكە ئەرزىيدۇ. ئەمما ئۇ تۆمۈرلەڭ ياكى بابۇر ئەمەس.
ئۇنىڭ ئىچكى سىياسىتى ئۆزىنىڭ قاتتىق قوللۇقلۇقى ۋە ئاساسەن تېرورلۇق تۈزۈمىنى يۈرگۈزگەنلىكى نەتىجىسىدە خەلقنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قالغان؛ ئۇنىڭ قورقماس، باتۇرانە تاشقى سىياسىتى ئۆزىنىڭ ئالدىراقسانلىقى ۋە غەم-ئەندىشىسى تۈپەيلىدىن ئۆز تەسىرىنى يوقاتقانىدى. لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن قالتىس ئىشلارنى قىلغان.
ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەقدىرىگە ھۆكۈم قىلالايدىغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ ئۇ يەرگە قاراتقان زوراۋانلىقىنى باشتىن-ئاخىرى توسۇپ كەلگەن ئادەممۇ ئەمەس. ماھىيەتتە ئۇ پەقەت ئاددىي ئادەملەردەك خۇلق-مىجەزگە، ئاددىي ئادەملەردەك ئاجىزلىق ۋە قورقۇنچاقلىققا ئىگە بىر ئادەم، خالاس.
ئۇ نورغۇن خەۋپكە دۇچ كەلگەن چاغلاردا ئاساسلىقى تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قالغانلىقتىن «بەدۆلەت»(ياقۇپ بەگ ئۆزىنى «بەدۆلەت» يەنى كاتتا دۆلەتمەن خان دەپ ئاتىغان) دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن بىرەر گىگانت شەخس بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ؛ ئۇنى پەقەت يېقىنقى زاماندىكى بەزى ئادەملەر بىلەن، مەسىلەن: ئاففانىستاندا ئۆتكەن دوست مۇھەممەد بىلەن بىر قاتارغا قويۇش مومكىن. لېكىن ياقۇپ بەگ قەشقەر تارىخىغا ئۇنىڭسىز مومكىن بولمايدىغان بىر خىل خۇسۇسىيەت بەردى.
جۇڭگۇلۇقلارنىڭ يېقىنقى غەلبىسىنىڭ ئىنگىلىزلارنىڭ دېققىتىنى قوزغىشىقا پۈتۈنلەي ياقۇپ بەگنىڭ چۈشكۈنلىشىشى ۋە گۇم بولۇشى سەۋەب بولدى، چۈنكى ياقۇپ بەگ ئېنگىلىزلارنىڭ كەشمىرنىڭ شىمالىدا تىكلىگەن قەھرىمانى ئىدى.
ئىككىنچى، بىر خىل ھۆكۈمران كۈچ بولغان جۇڭگۇنىڭ بەزىبىر مۇھى ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇشۇ كىتاب ئارقىلىق ئەنگىلىيە كىتابخانىلىرىغا كۆرسىتىپ ئۆتۈش؛
بۇ مەقسەت، ئەمەلىيەتتەئىككى مەقسەتنىڭ ئىچىدە موھىمراق بىرسىدۇر.
ئەنگىلىيە شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقى لازىمكى، ئاسىيادا ئۈچلا چوڭ كۈچ مەۋجۇت. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگۇ ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئاساسىي كۈچ. ئەنگىلىيە بىلەن رۇسىيە پەقەت چەت ئەللىك ئىستىلاچى ھۆكۈمەتلەردىنلا ئىبارەت.
جۇڭگۇ بولسا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان قۇدرەتلىك دۆلەت. جۇڭگۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە جۇڭغارىيەدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاسىيانىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ پايدىلىق بىر سەھىپىدۇر؛ لېكىن شۇنى تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن ئىتراپ قىلماي بولمايدۇكى، ياقۇپ بەگنىڭ قىسقىغىنا ھاياتى كىشىلەرنى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىشقا قىزىقتۇردى. ئەگەر ياقۇپ بەگ بولمىغان بولسا، ئېھتىمال، بۇ تېمىغا قىزىقىدىغان ئادەم چىقمىغان بولاتتى.
بۇ كىتابقا ماتىرىيال توپلاشتا، لورد دوگلاس فورسېتنىڭ رەسمىي دوكلاتى ۋە 1874-يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيانقى «تاشكەنت گېزىتى»نىڭ  ۋە بېڭجىڭدا نەشىر قىلىنغان «پايتەخىت گېزىتى»نىڭ توپلاملىرىنى ئاساس قىلدىم.
بۇ كىتابنىڭ ئايرىم جايلىرىدا روبىرت شاۋ ئەپەندىنىڭ ئادەمنى بەك قىزىقتۇرىدىغان «قىر تاتارلىرى» دېگەن كىتابى ۋە شۇنىڭدەك گرېگورىيۋنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن كىتابىدىن پايدىلاندىم. گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان كۆپلىگەن ماقالىلەرمۇ بەزى تەپىسلاتلارنى يېزىشىمغا ياردەم بەردى، چۈنكى بۇنداق تەپسىلاتلار باشقا ئەسەرلەردە تىلغا ئېلىنمىغانىدى،
ئاخىرىدا پىقىر ئەنگىلىيە كىتابخانىلىرىغا جۇڭگۇلۇقلارنىڭ باتۇرلۇقى ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنىڭ بىز ئۈچۈن قانداقچە ساۋاق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
چۈنكى ئۇلاردىكى بۇ خىسلەتلەر نۆۋەتتە ھېندىستان چىگرىسىغا دائىر ھەر بىر مەسىلىدە- سىيام، بىرما مەسىلىلىرىدە  يىتەكچى كۈچ بولۇپ قالدى.
شىلېر ئەپەندى يازغان «تۈركىستان» دېگەن كىتابتا قەشقەر مەسىلىسى تېلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىتاب ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ئىچىدە ھېلىمۇ مۇھىم ھېساپلىنىدۇ.
مەن بۇ كىتابىمدا قوقەن ۋەقەسىنىڭ جەريانىنى بايان قىلىشتا كۆپىنچە ئاشۇ ئەسەردىن پايدىلاندىم. لېكن يەنىلا لورد دوگلاس فورسېتنىڭ رەسمىي دوكلاتىدىكى دوكتور بېللېۋنىڭ تارىخىي بايانىنى ئاساس قىلدىم.


ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى (3)

 

1.باب قەشقەرىيەنىڭ جۇغراپىيەۋى ئەھۋالى ھەققىدە ئومومىي بايان (1)
قەشقەرىيە شەرقىي تۈركىستان يەنى جۇڭگۇغا تەۋە تۈركىستاننىڭ غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ پاسىلىنى بەزىلەر شىمالدا سىبىرىيە بىلەن، جەنۇبتا كەشمىر تاغلىرى بىلەن، شەرقتە چۆللۈك (موڭغۇل دالىسىنىڭ شىمالىدىكى چۆللۈك رايۇنلارنى، يەنى موڭغۇلىيەنى كۆرسىتىدۇ. -تەرجىماندىن) بىلەن، غەربتە «پامىر ئېگىزلىكى» دەپ ئاتالغان ئوتلاق بىلەن تۇتىشىدۇ، دېگەن.
بۇ گەپ ئومومەن توغرا بولسىمۇ، ئەمما بۇ رايۇن توغرىسىدا تەپسىلىيرەك مۇھاكىمە يۈرگۈزىلىدىغان بۇ ئەسەردە بۇنى تولۇقى بىلەن چۈشەندۈرمەي بولمايدۇ. چىن مەنىسىدىن ئېيىتقاندا، قەشقەر ئەسلى بىر شەھەرنىڭلا نامى ئىدى، ماركوپۇلۇ (ئىتالىيەلىك ساياھەتچى. «ماركوپولۇ ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ جۇڭگۇنى ياۋرۇپاغا تونۇشتۇرغان.) دەۋرىدىن كېيىن، بۇ رايۇندا مەزكۈر شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئەڭ كۆپ، ئەڭ باياشات بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەتراپتىكى جايلارمۇ قوشۇلۇپ مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدىغان بولغان. ئۇنىڭ توغرا نامى-كىچىك بۇخارا ياكى شەرقىي تۈركىستان. جۇڭگۇلۇقلار بۇ يەرنى «سۇلى» (سۇللاغ) دەپ ئاتايدۇ، كېيىنكى چاغلاردا ئۆتكەن ئاپتۇرلار ئاتىلىق غازىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى جايلارنى «قەشقەرىيە» دەپ ئاتىغان. بۇ نام بىلەن ئاتالغان يەرلەر جۇڭگۇ تۈركىستانىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭگۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئىلىگىرى ئۆتكەن ھەرقانداق بىر دەۋىردىكى يەرلىك ھۆكۈمرانلار ئىدارە قىلغان رايۇنلاردىنمۇ چوڭ، ئەلۋەتتە.
يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بەزىلەرنىڭ قەشقەر چىگرىسىنىڭ ئومومىي پاسىلىنى شىمالدا سىبىرىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، دېگىنىمۇ خاتا. چۈنكى بۇ ئارىلىقتا يەنە جۇڭغارىيە بىلەن موغۇلىستاندىن ئىبارەت كەڭ رايۇن بار.
جۇڭگۇلۇقلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدىكى جۇڭغارىيەنىڭ مەركىزى ئىلى دەپ ئاتىلاتتى، ھازىر چاررۇسىيەنىڭ ئىشغالىيتىدە غولجا دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. بۇ بىر شەھەرنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى. دائىرىسى كەڭ ۋە موھىم بولغان بۇ رايۇن، جۇڭگۇلۇقلار ئىلىدىكى ھەربىي مەھكىمىسى ئارقىلىق قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل تىروتورىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە، مۇشۇ مەمۇرىي رايۇنغا قارايىتتى. لېكىن 1863-يىلى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ كۈچى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، قەشقەر ئاخىرى بۇرزۇكخان خوجىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى.
جۇڭغارىيەنىڭ شەرقىي قىسمى جۈملىدىن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى كۇچا، قارا شەھەر، تۇرپان قاتارلىق شەھەرلەر تۇڭگانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندا، رۇسلار غولجىنى، يەنى ئىلىنى ئىشغال قىلىۋالدى. غولجا بىلەن قەشقەرنى تەڭرى تېغى ناھايىتى ئېنىق ئايرىپ تۇرىدۇ.
ئەمەلىي رول ئويناۋاتقان بۇ پاسىل بۇ كەڭ زىمىننى ئاقسۇدىن تۇرپانغىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ نىرىسىغىچە ئېنىق ئىككى قىسىمغا ئايرىۋەتكەن.
شۇڭا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي چېگرىسىدىكى تەڭرى تېغى بىلەن جەنۇبىي تەرىپىدىكى قاراقۇرۇم تاغلىرى بۇ جاينى خۇددىي قورۇق تامدەك ئوراپ، كوھىستان، كەشمىر ۋە تىبەتلەردىن ئايرىپ تۇرىدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، غەرب تەرەپتىكى پامىر يايلاقلىرى بىلەن شەرق تەرەپتىكى قۇملۇق چۆل-باياۋان بۇ جاينى ئىككى تەرەپتىن دۈشمەن بۆسۈپ كىرەلمەيدىغان ئېنىق ھەم بىخەتەر مۇداپىئە رايۇنى قىلىپ شەكىللەندۈرگەن.
ئاسىيادا، بۇنداق ئېنىق جۇغراپىيەۋى ئورۇنغا ئېگە دۆلەت ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇلۇغ تەبىئەت گۇيا ئۇ جاينى چەتنىڭ تاجاۋۇزىدىن ئەنسىرىمەي، ئۆز بايلىقلىرىغا تايىنىپ، بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشايدىغان قىلىپ ياراتقاندەك قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تارىخى كۆپرەك غەم-ئەندىشە بىلەن ئۆتكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇ چەتنىڭ تاجاۋۇزىدىن قۇتۇلۇپ ئارام تاپقان قىسقىغىنا بىر مەزگىلدە ئۆزىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى بىلەن بەخت تېپىپ ۋە گۈللەپ، يەنە «ئاسىيانىڭ  گۈلىستانى» بولۇپ قالغان. نورغۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇزۈلمەي داۋام قىلغان يېغىلىقلار بۇ ئەلنىڭ قىياپىتىدە نورغۇنلىغان ئېنىق جاراھەت ئىزلىرىنى قالدۇرغان، ئۇنىڭ نوپۇسىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكى ئۇنىڭ ئېنىق دەلىلىدۇر. ئەڭ قىسىپ ھېسابلىغاندىمۇ يەر مەيدانى 250مىڭ كۋادىرات مىل (بىر مىل 1609مېتىرغا تەڭ. -تەرجىماندىن ) كېلىدىغان بۇ جاينىڭ نوپۇسى، ئەڭ نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ قارىشىچە، بىر مىليۇنغىمۇ يەتمەيدۇ.

 

ياخشىكەن
(7)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر