ئايجامال ئەھەد
بۈگۈن قانداق كۈنكىن ھېچ بىلمىدىم، ئەتىگەن ئۆيدىن چىققاندىن بېرى سول قاپىقىم توختىماي تارتىۋاتاتتى. موتسىكلىتىمنى مىنىپ مەكتەپكە يېقىن قالغان چاغدا توساتتىن بىر كىچىك بالا ياندىكى تار كوچىدىن يۈگىرەپ چىقتى، موتسىكلىتنى شۇنچە جىددىي تورمۇزلىدىمكى تولىمۇ يېقىمسىز ئاۋاز چىقىرىپ جاققىدە توختىدى. كىچىك بالا پەقەت غېرىچچە ئارىلىقتىلا مەڭدەپ تۇرۇپ قالغانىدى، ئېغىر بىر ئۇھ تارتتىمدە بالىغا:
ــ ھېچنېمە بولمىغانسىز؟! ــ دېدىم.
ــ ياق، ھېچنىمە بولمۇدۇم.ــ دېدى ئۇ قوڭغۇراقتەك ئاۋازدا. ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى مەكتەپ كىيمىدىن مەكتىپىمىزنىڭ شۆبە باشلانغۇچىدا ئوقۇيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدىم-دە،ئۇنى كەينىمگە مىنگەشتۈرۈپ داۋاملىق ئالدىمغا قاراپ ئىلگىرلىدىم.
ــ رەھمەت ئاچا! - بالا موتسىكلىتتىن چۈشۈپ، سەكرەپ-تاقلىغانچە شۆبە باشلانغۇچقا كىرىپ كەتتى.
چۈشتىن بۇرۇن ئىككى سائەت تەنتەربىيە دەرسىملا بار ئىدى. موتسىكلىتنى ساقلاش ئورنىغا توختۇتۇپ قويۇپ، ئۇدۇل تەنتەربىيە زالىغا قاراپ يۈگۈردۈم. بۇ مەن ياقتۇرۇپ تاللىغان قىزلار قوغدىنىش گۇمپىسى بولۇپ، ئازراق چارچىغاننى دېمىگەندە ھەر سائەتلىك دەرس شۇ قەدەر كۆڭۈللۈك تۇيۇلاتتى. بۈگۈن مۇئەللىم يەنە بىر نەچچە يېڭى ھەرىكەت ئۆگەتتى، قىزلار ئىككىدىن بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ئۆز-ئارا مەشىق قىلدۇق. بەزىلەر چاقچاقلىشىپ قالايمىقان پەشۋا ئېتىپمۇ قوياتتى، يىقىلىپ تازا كۈلۈشەتتى. بۇنداق چاغلاردا مەسئۇلىيەتچان ھەم خۇشخۇي پېشقەدەم مۇئەللىمىمىز :‹‹ دىققەت قىلىڭلار، قالايمىقان ھەرىكەت ئىشلەپ باشقىلارنى يارىلاندۇرۇپ قويماڭلار›› دەيتتى بىزگە مەسلىكى كەلگەن ھالدا قاراپ.
مۇئەللىم دەرس ئاخىرىدا نەچچىمىزنى ‹‹ئىنكاسى تېز، ھەرىكىتى يېنىك ھەم چاققان›› دەپ ماختىدى، دەرستىن كېيىن ۋاقىت چىقىرىپ داۋاملىق مەشىق قىلىشىمىزنى تاپىلىدى. ھەممىمىز بىردەك ‹‹مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز ›› دەپ سالام بېرىپ دەرستىن چۈشتۈق.
چۈشلۈك تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ماتېرىياللرىمنى ئېلىش ۋە چۈشتىن كېيىنكى دەرس تەييارلىقى ئۈچۈن ياتاققا چىقتىم. ياتاقداشلىرىم چۇۋۇرلىشىپ بىر نېمىلەرنى دېيىشىۋاتاتتى.
ــ ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىزلار!ــ ئۇلار مېنى كۆرۈپ، قاينىغان قازانغا سۇ قۇيغاندەكلا جىم بولۇشتى.
ــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قايتىپ كەلدىڭىز...ــ دەپ تەكرار ھەم سوزۇپ جاۋاب قىلدى ياتاقدېشىم نادىرە. ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ماڭا غەلىتە تۇيۇلدى، قىزلارنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن بىر ئىش بولغانلىقىنى سەزدىم-دە، سورىدۇم:
ــ نېمە ئىش بولدى؟-بۇ گېپىم بىلەن قازان قايتىدىن قايناپ كەتكەندەك ئىش بولدى. قىزلار خاپىغان ھالدا سۆزلەشكە چۈشتى:
ــ بىزنىڭمۇ ئۆيىمىز مۇشۇ يەردە بولغان بولسا، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆيگە قايتىپ كەتسەك بۇ قۇلاقلارمۇ تىنچىيتتى، - دېدى شادىيە قاپىقىنى سۈزۈپ.
ــ ئوھۇش خېنىم، ئاقماس گەپنى قويۇپ نەق گەپنى قىلە،ـ دىلبەر نارازىلىق بىلەن شۇنداق دېدى.
ــ شۇ ئەمەسمۇ، رەيھاننىڭ بۇ ئىش بىلەن نېمە ئالاقىسى؟ بىزنى رەنجىتكىنى رەيھان بولمىسا يە، ئۇنىڭغا ئاچچىق گەپ قىلغىنىڭ بولمىدى،ـ دېدى رازىيە.
ــ ۋاي مەن ناماقۇل، مەلىكىلىرىم! مەنمۇ شۇ تەسەللىي بولامدىكىن دەپ قىلغان ئۇ گەپنى.ـ شادىيە يەنە بىر قېتىم قاپىقىنى سۈزدى. ئايقۇت ھەممىسىنى جىم بولۇشقا ئۈندەپ بولغان ئىشنى بىر قۇر بايان قىلدى.
ئەسلىدە، شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن بىزنىڭ سىنىپتىكى ئوغۇللار بىلەن قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوخشاش يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلىرى بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن ئىكەن، سىنىپىمىز كوماندىسى 2:0 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قاپتۇ. بۇ گەرچە بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى بولسىمۇ،بىراق مەغلۇبىيەتتىن شادلىق ھېس قىلدىغانلار بارمۇ دەيسىز؟( بولغان تەقدىردىمۇ كامىللار بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى.) ئوغۇللارغا ھەممىدىن ئەلەم بولغىنى، سىنىپتىكى ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن 3نەپەر قىزدىن باشقا 15نەپەر قىزدىن ئاران تۆرتى مۇسابىقە كۆرگىلى چىقىپتۇ. شۇڭا كامىل باشچىلىقىدىكى ‹‹سەردارلار›› ئەتىگەنكى بىرىنچى سائەتلىك دەرستە(مەن ئۇ دەرسنى تاللىمىغان ئىدىم) قىزلارنى راسا تىللاپ ئاچچىقىنى چىقىرىپتۇ. يامىنى، ياتاقداشلىرىم بىرلىكتە باھار سەيلىسىگە چىقىپ كېتىپ، بىزنىڭ ياتاقتىن ھېچكىم چىقمىغاچقا كامىل قىزلارغا قوللىرىنى شىلتىپ بەكرەك قوپال گەپلەرنى قىلغان ئىكەن. كۆڭلى ئازار يىگەن قىزلار ‹‹سەردارلار›› ھەققىدە شىكايەت قىلىشىۋاتقان ئىكەن.
كامىل دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ، كۆز ئالدىمغا دەرھال‹‹ سەردارلار›› كەلدى.كامىل ئېگىز بويلۇق، خېلىلا كېلىشكەن يىگىت؛ فاكۇلتېت مۇدىرىمىزنىڭ جىيەن ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ دەرسلەردىكى نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپلا قالماي،يەنە تېخى مۇزىكا ۋە ناخشا ئېيتىش جەھەتتە تۇغما تالانتى بار ئىدى. ئۇ سىنىپتىكى ئۆزى يېقىن ئۆتىدىغان شۇنداقلا مۇزىكىدا ئارتۇقچىلىقى بار ئىككى ساۋاقداش بىلەن بىرلىشىپ بىر مۇزىكا ئەتىرىتى قۇرۇپ ئۆزلىرىنى ‹‹سەردارلار›› دەپ ئاتىغان ئىدى.ئۇلار دەسلەپتە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە 1-بولغاندىن كېيىن، مەكتەپتىكى ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ نومۇر كۆرسىتىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن. كېيىن مەكتەپ ئىچىدە ئۇلارنى ھەر خىل كېچىلىك ۋە مۇسابىقىلەرگە دوستانە نومۇر ئورۇنداپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدىغان بولۇشتى، ئۇلار ئالاھىدە شەخسكە ئايلانغان، ‹‹سەردارلار›› دېسە بۇ مەكتەپتە تونۇمايدىغىنى يوق ئىدى. كامىل مانا مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى، كېلىشكەن يىگىت بولسىمۇ بىراق مىجەزى غەلىتە ئىدى. گەپ-سۆزلىرى قوپال، ھاكاۋۇر،مەنمەنچى بولۇپ پىدا ۋە قۇتلۇقتىن باشقا ئوغۇللار بىلەنمۇ تازا ياخشى ئۆتمەيتتى، قىزلارغا ئۆچى باردەك سوغۇق مۇئامىلە قىلاتتى. پىدا بىلەن قۇتلۇق ئىككىلىسى يېڭى كەلگەن چاغلاردا خۇش پېئىل،ئەدەپلىك، كەمتەر بالىلار بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە كامىل بىلەن ئۇزاق بىرگە يۈرگەنلىكتىنمۇ ياكى ئىلگىرى بىز بايقىماي قالدۇقمۇ ئىشقىلىپ مىجەزى ئۆزگىرىپ باشقىچىلا بولۇپ قېلىشقانىدى. ئۇلار ھەر جەھەتتە كامىلدىن قېلىشمايىتتى، ئەلۋەتتە ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ھەم ياخشى ئىدى. شۇڭا ھەممەيلەن ‹‹ سەردارلار›› ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق بالىلار دەيىتتى. ئەمما سىنىپتىكى بەزى قىزلار ئۇلارنى ‹‹ ئوساللار›› دەپ تىللايىتتى، كامىل بۇنى بىلگەن چاغدا چىرايىنى قىلچە ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ:
ــ قايسى ياخشىلارنىڭ كەينىدىن قانداق يامان گەپلەر چىقمىغان،ھەسەت ئادەمنى ھەرنېمە دېيىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. بولدى ئاغىنىلەر، پەرۋايىمىز پەلەك،ــ دېگەن. يەنە تېخى پىدامۇ بىكار تۇرماي:
ــ قىزلار چىشىنىڭ ئېقىنى چىقارسا بولىدىغان ئىنسانلار ئەمەس، بولۇپمۇ بىزنىڭ سىنىپتىكى ‹بەشيۈز ئۆردەك›كە،ــ دېگەن ئىكەن. بۇ گەپلەر بىزنىڭ قۇلىقىمزغا يېتىپ جەھلىمىز قېتىپ، ئۇلارغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئىدۇق. شۇڭا‹‹ئوساللار››دېگەن بۇ ناممۇ بىزنىڭ سىنىپتا ئاللىقاچان كونىراپ، ئۇلارنىڭ قوشۇمچە لەقىمىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
چۈشتىن كېيىن تەجىرىبىخانىدا كەسپىي دەرستىن ئەمەلىي مەشىق ئىشلەۋاتاتتۇق. بالىلار ھەممىسى ئالدىراش ئىدى،بەزىلەر باش چۆكۈرۈپ ئەۋرىشكە كۆزەتسە، بەزىلەر ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەيتتى. تۇيۇقسىز بىر قىزنىڭ ئەنسىز چىرقىرىغان ئاۋازى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى بۇزدى، ئارقىدىنلا كامىلنىڭ ‹‹بارە نېرى›› دېگەن قوپال ئاۋازى ئاڭلاندى. بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ قارىساق كامىل بىلەن بىر گۇرۇپپىدىكى شادىيە ئۆڭسۈلى ئۆچكەن ھالدا تىتىرەپ،تامغا يۆلىنىپ قالغان ئىدى. يېتەكچى ۋە ساۋاقداشلار ئۇلار تەرەپكە دۈررىدە يىغىلدۇق.ئۇلارنىڭ ئۈستىلىدە چېقىلغان پىروبىركا،تۆكۈلگەن قىزىل رەڭلىك سۇيۇقلۇق تۇراتتى. كامىلنىڭ ئۈستىدىكى خالاتقىمۇ سۇيۇقلۇق چاچراپ كەتكەن ئىدى.
ــ شادىيە، نېمە بولدىڭىز قىزىم؟ــ يېتەكچىمىزچىرايى تاتارغان شادىيەدىن سورىدى.شادىيە ئارانلا ئاڭلانغۇدەك ئاۋازدا:
ــ قان...ــ دېيەلىدى. كامىل توڭلۇق بىلەن :
ــ نەدە قان بولىدۇ بۇ،ۋاي دۆت!ـ دېۋىدى، شۇندىلا بىز ياتاقداشلار نېمە ئىشلىقىنى پەمىلىدۇق. شادىيە قاندىن قورقىدىغان بولۇپ، ئادەتتە قىزىل رەڭلىك نەرسىلەردىنمۇ يىراق يۈرەتتى،ياتاقداشلار بۇنى بىلگەچكە ئادەتتە ياتاق ئىچىدىمۇ قىزىل رەڭلىك نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيتتۇق.بايا كامىل پىروبىركىنى شادىيەگە تۇتۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇغاندا، شادىيە قورقۇپ كەتكەچكە چىرقىرىغان ئىكەن، كامىل چۆچۈپ كېتىپ پىروبىركا قولىدىن ئۈستەل ئۈستىگە چۈشۈپ چېقىلىپ كېتىپتۇ. كامىل ئاچچىقلاپ شادىيەگە ۋارقىراپ ئۇنى ئىتتىرىۋەتكەن ئىكەن.
يېتەكچىمىز شادىيەنى ‹‹قورقماڭ قىزىم›› دەپ بەزلىگەچ،كۆپچىلىككە قاراپ :ــ بولدى، ھەممىڭلار ئورنۇڭلارغا قايتىڭلار،ـ دېدى ۋە ئارقىدىنلا كامىلغا قاراپ :ــ كامىل سىز ئۈستەلنى تازىلاپ بولۇپ داۋامىنى ئىشلەۋېرىڭ،ــ دېدى.بۇنى ئاڭلاپ كامىلنىڭ بۇغداي ئۆڭ چىرايى شۇنداق سەت قارىداپ كەتتى:
ــ مەن تازىلامدىم؟ كىم سەۋەبچى بولسا شۇ قىلسۇن،ــ دېدى دىمىقىنى قېقىپ. يېتەكچىمىز ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە نادىرە :
ــ قانداق بىئەدەپ نېمە بۇ؟ـ دەپ غۇدۇرىدى.
ــ سەن ئىشىڭنى قىل !ـ دەپ قولىنى شىلتىدى كامىل ،ــ بىكار بولساڭ سەن يىغىشتۇر، ــ دېگىنىچە ئۈستەل ئۈستىدىكى دەسمالنى نادىرەگە تەرەپكە ئاتتى، دەسمال ئۇدۇل ئۇچۇپ كېلىپ نادىرەنىڭ يېنىدا تۇرغان مېنىڭ پىشانەمگە تەگدى. ھۆل ھەم بەتبۇي پۇراپ تۇرغان شۇ دەسمال تەگمىسىمۇ بۇ ئوسالنىڭ شۇ قەدەر ھەددىدىن ئېشىپ كۆرەڭلىشى مېنىڭ غەزىپىمنى قىرىق گەز ئۆرلەتكەن ئىدى.دەسمالنى قايتۇرۇپلا ئۇنىڭ يۈزىگە ئاتتىم .
ــ ھەددىڭدىن ئاشما،مايماق ! ــ كامىل شۇنداق دېگىنىچە كېلىپ ياقامغا قولىنى ئۇزاتتى، قۇتلۇق چەبدەسلىك بىلەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى :
ــ ئاداش ، بولدى سەت تۇرىدۇ .
بىراق كامىل بۇنداقلا بولدى قىلمايتتى. ئۇ ‹‹ خەپ ›› دېگەننى قىلىپ كۆزۈمگە قولىنى تەڭلىدى، شۇنداق ئاچچىقىم كەلدىكى، بار كۈچۈمنى ئوڭ قولۇمغا يىغىپ كامىلنى زەرد بىلەن بىر مۇشت سالدىم. كامىل سەنتۈرۈلۈپ تەجىرىبە ئۈستىلىگە جاققىدە يۆلىنىپ قالدى، يېتەكچىمىز كېلىپ دەرھال ئۇنى قولىدىن تارتىپ سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئارقىسىدىن پىدا ۋە قۇتلۇقمۇ ماڭا غەلىتە بىر قاراپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. قىزلارنىڭ ھەممىسى مېنى ئورىۋېلىپ چۇۋۇرلاشقىلى تۇردى :
ــ قالتىس بولدى، رەيھان !
ـــ يارايسەن ! خوپ بولدى تازا .
ــ ئاز كەپ قالدى ئۇنىڭغا ...
شۇنداق قىلىپ تەجىرىبە دەرسىمىز مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى. قىزلار بىلەن ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پىدا كەينىمىزدىن يۈگۈرگەنچە كېلىپ ،ــ رەيھان، سىزنى فاكۇلتېت ئىشخانىسىغا چاقىرىۋاتىدۇ.ــ دېدى.
كىملەرنىڭ چاقىرتقانلىقى ماڭا ئايان ئىدى، سۆزسىزلا پىداغا ئەگىشىپ ماڭدىم. قىزلار كەينىمدىن :
ــ رەيھانغا جازا بېرەرمۇ؟
ــ ئاپلا، يېتەكچى بىلەن مۇدىر بەك يېقىن ئىدى.
ــ فاكۇلتېت مۇدىرى جىيەنىگە يان باسماس ھە؟... ــ دېگەندەك ئەندىشىلىك گەپلەرنى قىلىپ قېلىشتى.
پىدا مېنى ئۇدۇل فاكۇلتېت مۇدىر ئىشخانىسىغا باشلاپ كىردى. كىرىشىمگە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇرغان كامىل بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئالايغىنىچە قارىدى، ئۇنىڭ بۇرنىغا پاختا تىقىۋالغانلىقىنى كۆرگىنىمدىلا ئوڭ قولۇمنىڭ سەل ئاغرىۋاتقانلىقى سەزدىم.مۇدىر ماڭا بىر قۇر سەپسېلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن :
ــ ساۋاقداش رەيھان، كېلىڭ ئولتۇرۇڭ.ــ دېدى ئورۇندۇقنى ئىشارە قىلىپ.
مەن تۇرغان جايىمدىلا مۇدىرغا:
ــ ئادەم ئۇرغان ئىكەنمەن، قائىدە بويىچە شۇنىڭغا لايىق جازاغا تارتىلىشقا ھەقلىقمەن،ــ دېدىم.
ئويلىمىغان يەردىم مۇدىر كۈلدى.
ــ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىدىم، بۇ ئىشقا كامىل ئۆزى سەۋەبچى بوپتۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇنچە ئېغىر ئىشمۇ ئەمەس،داۋراڭ سېلىش بىھاجەت.سىز ئارتۇقچە ئويلاپ كېتىپسىز،سىزگە ھېچقانداق جازا بېرىلمەيدۇ،ــ دېۋىدى، مۇدىرنىڭ بۇ قەدەر لىللا ئادەم ئىكەنلىكى مېنى ھەيرەتتە قالدۇردى. مۇدىر ئارقىسىدىن كامىلغا يۈزلىنىپ :
ــ نامەردلىك قىلسا يىگىت بولمايدۇ، سەن چىقىپ خاتالىقىڭ ئۈستىدە ياخشى ئويلان،ــ دېدى.
قۇلاقلىرىغىچە قىزارغان كامىل چىقىپ كەتتى، مۇدىر ماڭا قاراپ ‹‹چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ›› دېگەن مەنىدە بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى.
بۈگۈن 8-مارت ئاياللار بايرىمى. سىنىپتىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى گۈلدەك ياسىنىپ سىنىپقا تەڭ چىقتۇق. سىنىپ ئىشكىدىن كىرىشىمىزگە كۈچلۈك ئىسقىرتقان ۋە چاۋاك چالغان ئاۋازلار بىلەن تەڭ باش ئۈستىمىزدىن سۈنئىي قار ئۇچقۇنلىرى، پارقىراق قەغەز گۈللەر ئۇچۇپ چۈشتى. ئوغۇللار يۇقىرى ئاۋازدا:ــ بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!ــ دەپ توۋلاشتى.دوسكىغا تەبىرىك سۆزلىرى يېزىلىپ، ئەتراپى ھال رەڭلىك شارلار بىلەن بىزەلگەن ئىدى. قىزلارنىڭ ھەممىسى ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپ قېلىشتى، چىرايلاردا خۇشاللىق ئەكىس ئېتەتتى. ئەمدى ئورنىمىزغا كېلىپ ئولتۇرىشىمىزغا، ئوغۇللار بىزگە بىر قۇتىدىن چىرايلىق ئورالغان شاكىلات تۇتتى. سىنىپ باشلىقى غەيرەت مۇنبەرگە چىقىپ :
ــ ساۋاقداشلار، دەرسكە كىرىشكە تېخى بالدۇر. شۇڭا بىز باش پىلانلىغۇچى ‹سەردارلار›نى بىر نومۇر ئورۇنلاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلساق قانداق؟ــ دېيىشىگە بالىلارنىڭ ھەممىسى چاۋاك بىلەن ماقۇللۇق بىلدۈردى. ئالدى ئىشىك تەرەپتىن كامىل، پىدا، قۇتلۇق ئۈچى كىرىپ كەلدى. كامىل قىزلارغا بىر تەكشى قارىۋەتكەندىن كېيىن:
ــ سىنىپتىكى بارلىق قىز ساۋاقداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن! بۇ ناخشىنى سىلەرگە ئاتاپ يېڭىدىن يازغان،ــ دېدى ۋە قولىدىكى گىتتارنى يېنىك چىكىپ قويدى. بۇ ئۇلارنىڭ باشلاش بۇيرۇقى ئىدى. يېقىملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدىكى لىرىك شېئىر بىلەن سىنىپ ئىللىق كەيپىياتقا چۆمۈلگەن ئىدى.
ناخشىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، كامىل سەل تىترەك ئاۋازدا:
ــ مۇشۇ پۇرسەتتە رەيھان ۋە شادىيە ئىككىسىدىن ئەپۇ سورايمەن. يەنە ئىلگىرى مەن رەنجىتىپ قويغان قىزلار بولسا ھەم كەچۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.ــ دېدى. سىنىپ ئىچى قىسقىغىنە سۈكۈتكە چۆكتى.
شادىيە ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە مەنىلىك قارىشىپ قويۇپ تەڭلا :
ــ سوۋغىڭىزغا رەھمەت!ــ دېدۇق ۋە چاۋاك ئۇردۇق. سىنپتا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
ئاپتورى:ئايجامال ئەھەد مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى 2008-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى
|