توي ئاخشىمى ھوجرىغا كىرگەندە قىز بالدۇرلا ئايىغىنى سىلىپ يىغىشتۇرىۋەتكەندىن كىيىن، يىگىتنىڭ ئايىغىنى سىلىپ سۇپىغا چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردى. يىگىت ئايىغىنى سىلىشىغا قىز ئۇنىڭ ئايىغىغا دەسسىۋالدى. يىگىت بۇنى كۆرۈپ، (تىخى خۇراپاتلىققا ئىشىنىدىكەنسىزدە)دەپ كۈلۈپ كەتتى. ئەمما قىز ئانامنىڭ دىيىشىچە توي كىچىسى ئىرىنىڭ ئايغىقا دەسسىۋالسا ئەر بىر ئۆمۈر ئايالىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىدىكەن دىدى قىز. يىگىت تىخمۇ كۈلۈپ كەتتى. مىنىڭ ئانامنىڭ دىيشىچە ئايال ئىرىنىڭ ئايغىغا دەسسىۋالسا بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ بىلەن بىللە جاپا چىكىدىكەن دىدى. ئايال شۇنىڭدىن كىيىن كىچىچىكىنە ئىشلاردىن تارتىپ ئەرنى باشقۇرماقچى بولدى. ھەتتا تەرەت قاچىسىنى تۆكۈدىغان ئىشلارنىمۇ ئەر قىلدى. ئايال يەرگە نىمە تىرىشنى ئىيىتسا ئەر شۇنى تىرىيتتى. ئايال قايسى قوشنىسى بىلەن يىقىن ئۆتۈشنى، قايسى قوشنىسى بىلەن يىراقراق تۇرۇشنى ئىيىتسا ئەر شۇنىڭ دىگىنى بويىچە قىلاتتى. ئەر باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغان بولسا، ئايالى بىر توۋلىسلا بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەن كالىدەك ياۋاشقىنە ئارقىسىدىن ماڭاتتى. ئەر باشقىلار بىلەن ھاراق ئىچىۋاتسا، ئايال بارغانچە ئۇنىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ ئۆيگە ئىلىپ ماڭاتتى. كەنىتتە چوڭ ئىشلارنى مەسلىھەت قىلىش توغرا كەلسە كىشلەر سىنىڭ دىگىنىڭ ھىساب ئەمەس، سەن ئايالىڭنى ئەۋەتكەن دەيتتى. ئەر راستىنلا ئايالىنى باشلاپ كىلەتتى. شۇنىڭدىن كىيىن ئايال ئەر باشقىلار بىلەن پاراڭلىشۋاتقاندا، ھاراق ئچىىپ ئولتۇرغاندا ئۇنى يەنە توۋلىمايدىغان بولدى، بەزىدە ئۇنى چاي ئەكلىپ بىرەتتى. بەزىلەر ئەردىن سوراشتى: <ئۇنى قانداق ئەيۋەشكە كەلتۇردۇڭ؟> ئەر بولسا مەردانىلىق بىلەن مۇنداق جاۋاب بىرەتتى: <سەن ئۇرغان ئاياللار پەقەت ئىغىزىدىلا ساڭا قايىل بولىدۇ، سەن كۆيۈنگەن ئاياللار بولسا ساڭا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولىدۇ. بارلىق ئانىلارنىڭ بەخىت، خۇشاللىق ئىچىىدە ياشىشىنى تىلەيمەن.
|