ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

تىلەمچى موماينىڭ ھېكايىسى-ئەتىۋارجان

يوللانغان ۋاقتى: 15:36 13-08-2011 مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى ئاپتورى: ئەتىۋارجان كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاپتورى: ئەتىۋارجان تارىمنىڭ ئايىغى تۇگىمەس قۇملۇق ئىچىدىن كىسىپ ئۆتىدىغان تاش يولدا ماشىنا ئۇچقانداق كىتىپ بارىدۇ ، ئۇنىڭ خىياللى

ئاپتورى: ئەتىۋارجان

تارىمنىڭ ئايىغى تۇگىمەس قۇملۇق ئىچىدىن كىسىپ ئۆتىدىغان تاش يولدا ماشىنا ئۇچقانداق كىتىپ بارىدۇ ، ئۇنىڭ خىياللىرى چىگىش ، نىمىلەرنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى بەلكىم ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ ، ماشىنا ئۇنىڭغا شۇنداق تىز كىتىپ بارغاندەك يەنە تۇرۇپ زەيكەش ئۆستەڭنىڭ سۇيىدەك ناھايتى ئاستا كىتىپ بارغاندەك بىلىنمەكتە ئىدى ، قەلبى خۇددى مۇشۇ چۆلدەك قۇپقۇرۇق . KPrH1 [VU  
ــ دىلمۇرات .. جىمىپلا كەتتىڭغۇ ؟ جىددىيلىشىپ قالدىڭمۇ قانداق ؟   
ــ ياقەي .. نىمىشقا جىددىيلىشىمەن ... دىلمۇرات شۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن بولسىمۇ يۇرتىغا بارمىغىلى 22يىل بولغان تۇرسا جىددىيلەشمەي قالاتتىمۇ ،ئۇ كىچىكىدىلا دادىسدىن يىتىم قالغان بىچارە ئانىسى ئۇنى ۋە ئاكىسىنى باشقىلارنىڭ كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ بىرىپ بېقىپ چوڭ قىلغان ئەمما تەتۇر پەلەك ئۇنى يۇرتىدىن ئۆزىمۇ بىلمىگەن ئاساستا باشقىلارغا ئالدىنىپ ، قولدىن قولغا ئۆتۇپ سېتىلىپ ، باشقىلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئوغۇرلۇققا ، بۇلاڭچىلىققا ھەتتا ئۆزىمۇ چۇشەنمەيدىغان نۇرغۇن يامان قىلمىشلارغا سېلىنغان ،كۆرمىگەننى كۆرگەن ، تاياق –ھاقارەتلىنىش دىگەنلەرگە كۆنۇپمۇ قالغان كۇنلەرنىمۇ ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ، پارتىيىنىڭ ياردىمى بىلەن دوۋزاختىن قۇتۇلۇپ ، ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ مانا بۇگۇنكىدەك داڭلىق ئىنژىنىر بۇلىشقىمۇ ئىرشكەن قىسىقىسى كۆرمىگەن كۇنلىرى ئاز قالغان ئۆزى ئەمدى 28~29ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ كىلىشكەن ، قارا كۆزلۇك ، كۆزلىرىدىن ياشلىقىنىڭ جۇشقۇنلىقى ئورغۇپ تۇرىدىغان يىگىتنىڭ بېشىدىن نۇرغۇن ئىسىق –سۇغۇقلار ئۆتكەندى ، ئۇ شۇ كۇنلىرىنى ئەسلىسە ئىختىيارسىز كۆزلىرىدىن ياشلار ئەگىيتى ،كۆڭلى بۇزىلاتتى ، ئانىسىنىڭ چىرايىنى ئازىراق بولسىمۇ ئەسليەلىسىمۇ تولۇق ئەسلەپ بىرەلمەتتى ،پەقەت نەچچە ..نەچچە قېتىملاپ كۆرگەن چۇشلىرىدىكى ئانىسىنىڭ غۇۋا سىماسى كۆز ئالدىغا كىلەتتى ، ھەمدە « ئەلەمنۇرخان»دىگەن شۇ ئىسىمنى يۇرىكىگە چىڭ ئويغاندى ، مانا ئۇ 22يىلدىن كىيىن ئۆزى تۇغۇلغان توغۇلۇپ ئالتەيىللا ئانىسىنىڭ باغرىدا ئەركىلەپ ياشىيالىغان بۇ يىگىت بۇگۇن ئۆز يۇرتى تەرەپكە چىگىش خىياللار ئىلىكىدە كىتىپ بارىدۇ . بۇ قېتىملىق خىزمەت مۇناسىۋېتى بىلەن كىلىش توغىرا كەلمىگەن بولسا بۇ يىگىت قاچان كىلەلەيدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىر نەرسە دەپ بىرەلمەتتى .

ـــ ئۇكام ..ئائىلەڭنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ئەسلىيەلمەمسەن ؟   
ــ ئەسلىيەلەيمەن ،ئەمما قايسى تەرەپتە ، قانداق ماڭىدۇ بۇنى بىلمەيمەن ، يىتىپ بارغاندىن كىيىن بىر قۇر ئايلانساق تۇنۇشۇم مۇمكىن ،ئەمما بەك ئۇزۇن يىللار ئۆتۇپ كەتتى ،ھەممە نەرسە ئۆزگۇرۇپ كەتكەندۇ .   
ـــ ئۇغۇ  شۇ تەرەققىيات بەك تىز ھازىر ..... شۇ گەپتىن كىيىن ماشىنا ئادەمنى قۇرقۇتقۇدەك دەرىجىدە جىمجىتلىققا چۆمدى .   
ماشىنا شەھەرگە يېقىنلاشقانسىرى دىلمۇرات تېخىمۇ جىددىيلەشمەكتە ئىدى ،«ئائىلەمنى تاپالارمەنمۇ ؟ ئائىلەمنى تاپساممۇ بىچارە ئانام ،مېھرىبانىم مېنى تۇنىيالارمۇ ؟ ئۇ مېنىڭ دەردىمدە نىمە بوپ كەتكەندۇ » دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئىككى تامچە ياش سۇرۇلۇپ چۇشۇپ مەڭزىدە توختاپ قالدى ، ئۇلار شەھەرگە كىرگەندىن كىيىن شەھەرنى نەچچە رەت ئايلاندى ، ئەمما تەرەققىيات بۇ شەھەرنى بۇرۇن دىلمۇرات بار ۋاقىتتىكىدىن نەچچە ھەسسە ئۆزگەرتىۋەتكەن بولغاچقا دىلمۇرات قىلچىلىك تۇنىيالمىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قايتىپ كىتىشتى ، ھەتتا ساقچىلارنى ھەرىكەتلەندۇرسىمۇ دىلمۇراتنىڭ ئانىسى تېپىلمىدى ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بىر نەچچە كۇندە دىلمۇراتمۇ ئانىسىنى ئىزدەشتىن سەل يالتىيىپ ئۆزى مەسئۇل بولۇپ كەلگەن خىزمەتكە چۇشۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ كۇندىلىك قىلدىغان ئىشى ، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرگە سېلىپ بىرىدىغان تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرنى لاھىيلەش ، قۇرلۇشقا يىتەكچىلىك قىلىش ئىدى ، ئۇ كەلگەندىن كىيىن رەيھانگۇل ئىسىملىك بىر قىزنى ئۇنىڭغا ياردەملىشىشكە قويدى ، بۇ ئىككەيلەن نەچچە كۇن ئىشخانىدىن چىقماي قۇرلۇش خەرىتىسىنى كۆرۇپ بىر قۇر ئىگىلەپ چىققاندىن كىيىن قۇرلۇش ئورنىغا كىلىپ قۇرلۇش ماتىرىياللىرىنىڭ سۇپىتى ، قۇرلۇشنىڭ ئۆلچەمگە يىتىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۇرۇپ تۇرىدىغان بولدى ئۇلارنىڭ كۇنلىرى شۇنداق ئالدىراشچىلىقا ئۆتەتتى ، كۇندىلا مەيدانلىرىنى ئايلىنىپ يۇرىشەتتى ، بىر كۇنى دىلمۇرات بىلەن رەيھانگۇل قۇرلۇش مەيدانىدىن چىقىپ قۇرلۇشتىكى بەزى مەسىلىلەرنى  مۇلاھىزە قىلىپ كىتىپ باراتتى  
ــ ئوغلۇم ...ئوغلۇم ...بىر موماينىڭ مۇشۇنداق دەپ ئىنتايىن ئاجىز ئاۋازدا چاقىرىلغان ئاۋاز دىلمۇراتىنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قالدى ھەمدە شۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدى ، ئۇزىدىن نەچچە قەدەم يىراقلىقتا چاچلىرى چۇۋۇلغان ، كىيىملىرى كونىراپ جۇل –جۇل بوپ كەتلىكتىن بەدىنىنىڭ بەزى جايلىرى ئېچىلىپ قالغان بىر مۇماي دىلمۇراتقا قوللىرىنى مۇھتاجلىق بىلەن سۇنۇپ ئۆزىگە تەلمۇرۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردى ، ھەمدە يۇرىكىدە شۇنداق ئىللىق بىر سىزىم پەيدا بولغاندەك بۇ موماينى بۇرۇندىن تۇنۇيدىغاندەك ھېس قىلغان بولسىمۇ بۇ سىزىمغا ئۇ ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەي:  
ـــ بۇ كىم بۇلىدۇ ؟ بىز قۇرلۇش مەيدانى ئەتراپىغا خەلىق ئاممىسى يېقىنلاشمىسۇن دىمىگەنمۇ ؟ـدەپ سۇرىدى .  
ـــ بۇ موماي كۇچا دوقمىشىدا تىلەمچىلىك قىلاتتى ، نىمە بوپ بۇ جايغا كىلىپ قالدىڭىن بىلمىدىم ، ھېلى بارغاندىن كىين ئادەم ئەۋەتىپ باشقا جايغا يۆتكىۋېتەيلى ،دىدى رەيھانگۇل پەرۋا قىلمىغاندەك ... ئەمما تىلەمچى ئىدى دىگەن گەپتىن دىلمۇراتنىڭ بۇ مومايغا ئىچى ئاغىردىمۇ ياكى باياتىنقى ئىللىق سىزىمنىڭ تۇتكىسىمۇ يانچۇقىدىن 10يۇەن پۇلنى چىقىرىپ ئۇ مومايغا تەڭلىدى ، موماينىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار توختىماي سۇرۇلۇپ چۇشمەكتە ئىدى ، ئۇ توختىماستىن ئوغلۇم .....ئوغلۇم ...دەپ تۇراتتى ، موماي 10يۇەن پۇلغا قاراپمۇ قويماستىن دىلمۇراتقا قول سۇزۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۇپ تەئەجۇپلىنىپ تۇرۇپ قالغان بولسىمۇ رەيھانگۇلنىڭ ئالدىرتىشى بىلەن 10يۇەن پۇلنى ئۇ موماينىڭ يېنىغا قۇيۇپ قۇيۇپ بۇ جايدىن ئايرىلدى ،ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى بىر قىسىما ئىدى .  
ـــ نىمە بولدىڭىز ؟ چىرايلىرىڭىز بىر قىسما بولۇپ قاپتىغۇ ؟ـدەپ سورىدى رەيھانگۇل سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ  
ــ ھېچنىمە بولمىدى ، بايامقى موماينى سىز ياخشى تۇنۇمسىز ؟  
ـــ ھە ... ئانام ئازىراق سۆزلەپ بەرگەندى ، بۇرۇن بۇ ئايال ناھايتى ئىشچان ،كۆيۇمچان ئايالكەنتۇق ئەمما نىمىشقا ھازىرقىدەك ئەھۋالغا چۇشۇپ قالغانلىقىنى مەنمۇ ئىنىق بىلمەيدىكەنمەن بەلكىم ئانام بىلەمدىكىن

ــ مېنى ئانىڭىز بىلەن كۆرۇشتۇرەلەمسىز ؟  
ـــ نىمە ؟... ئەجەپ سىز ئۇ تىلەمچى مومايغا قىزىقىپ قاپسىزغۇ ؟   
ـــ ئۆزۇممۇ ئىنىق بىر نەرسە دىيەلمەيمەن ، بىلگۇم كىلىپ قالدى ...   
ـــ بوپتۇ سىزنى ئۆيۇمگە تەكلىپ قىلاي دەپ تۇراتتىم كەچتە سىزنى ئۆيۇمگە تاماققا تەكلىپ قىلاي شۇ ۋاقىتتا ئانام سىزگە سۆزلەپ بەرسۇن.   
دىلمۇراتقا بۇگۇننى كەچ قىلماق بەكمۇ تەس كەلدى ئۆزىنى شۇنچە ئورۇپ باقسىمۇ ھېلىقى موماينىڭ ئوغلۇم دەپ ئۆزىگە قاراپ مۇھتاجلىق بىلەن قول سۇنۇپ تۇرغان ھالىتى كىلىۋالاتتى  ، ئۇ ۋاقىتىنى مىنۇت سىكىنۇت بۇيىچە ساناپ ئاران دىگەندە كۇننى كەچ قىلىپ رەيھانگۇلنىڭ ئۆيىگە كەلدى ، ھەمدە تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن :   
ــ رەيھانگۇل ئانىڭىزغا دىسىڭىز ھېلىقى تىلەمچى موماينىڭ ھېكايىسىنى ماڭا سۆزلەپ بەرسە بوپتىكەن ،-دىدى

ـــ ۋايجان ..سىز ھېلىمۇ شۇ مومايدىمۇ ؟ ماقۇل ....دەپ غۇدۇرغاندەك قىلىپ سىرتقا چىقتى ، بىردەمدىن كىيىن 70ياشتىن ھالقىغان بىر موماينى يىتىلىگىنىچە كىرىپ كەلدى ھەمدە ... ماۋۇ خىزمەتدېشىمنىڭ ھېلىقى تىلەمچى موماينىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغۇسى باركەن ...دىدى .  
ـــ ئۇنداق دىمە ..ئۇ تىلەمچى موماي ئەمەس ...دەپ ھېلىقى موماي سەل ئاچچىقلاندى

ـــ چوڭ ئانا مالال كۆرمىسىلە ئاشۇ ئايالنىڭ ھېكايىسىنى ماڭا سۆزلەپ بەرسىلە بوپتىكەن ،ـدىدى دىلمۇرات.  
ـــ بوپتۇ بالام سۆزلەپ بىرەي .. دەپ ھېلىقى ئايال بىر پىيالە چايدىن ئوتلىۋالغاندىن كىيىن ئالدىرماي سۆز باشلىدى .... ئۇنىڭغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدۇ ..ئۇ بىچارىنىڭ بۇرۇن بەخىتلىك ئائىلىسى بار ئىدى ،ئۆزلىرى نامرات بولسىمۇ شۇنداق بەخىتلىك ، خۇشال ياشاتتى ، يولدىشىمۇ شۇنداق يوۋاش ئولۇغ ئادەم بولۇپ ئۇنى بەك قەدىرلەتتى ، ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلى بار بولۇپ ئوغلىنىڭ چوڭى 5ياشقا كىچىكى تېخى بىچارىنىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپ ئېرى ھادىسىدە ۋاپات بولدى ،ئەنە شۇ كۇندىن باشلاپ بىچارە ئايال مەھەللىدە باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ بىرىپ ، كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ ئىككى بالىنى بېقىپ كەلدى ، ئۇنىڭ مۇلايىم ، چىقىشقاق ، شىرىن سۆزلۇك مىجەزى بولغاچقا مەھەللىدىكى ھەمىمىز ئۇنىڭغا ئامراق ئىدۇق ، بىزلەرگە ئىش قىلىپ بەرسە باشقىلارغا بىرىدىغان ھەقتىن يۇقىرى بىرەتتۇق ،ئەمما ئۇ ئەزەلدىن ئىش قىلىپ بىرىپ ھەق تەلەپ قىلماتتى قانچىلىك بەرسەك شۇنچىلىك ئالاتتى ، ئەمما بۇ ئايالنىڭ تەلىيى شۇنداق كاجمۇ چوڭ ئوغلى كىچىك تۇرۇپ بىر زاۋۇتتا ئىشلىگەن ئىدى ،ئەمما بىر قېتىملىق ۋەقەدە ئۇ ئوغلىنىمۇ ئاللا رەھىمسىزلەرچە ئېلىپ كەتتى .... موماي مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئىقتىيارسىز كۆزلىرىدىن ياش سۇرۇلۇپ چۇشۇشكە باشلىدى ، رەيھانگۇل بولسا ئالىقاچان يىغلاپ تۇكۇلۇپ بولغاندى ، دىمۇرات چوڭقۇر خىيال ، چىگىش ئويلىنىشلارغا ئەسرا بولۇپ ئولتۇراتتى ،ئۇلار شۇنداق ئۇزۇن ئولتۇردى .بۇ تىنىچلىقنى دىمۇرات بۇزدى.  
ـــ ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى ھازىر ئۇنىڭ قېشىدا بارمۇ ؟   
ـــ ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى چوڭ ئوغلى ئۆلۇپ كىتىشتىن 3يىل بۇرۇن يۇقاپ كەتكەن ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ بالىنى بەزىلەر جىن ئېلىپ قېچىپتۇ دىيىشسە بەزىلەر ئادەم سودىگەرلىرى ئېلىپ قېچىپتۇ دىيىشكەن .. شۇ كۇنلەردە بۇ ئايال كىچىك ئوغلىنىڭ ئىچ ئاغىرقىدا تۇگۇشۇپلا كەتكەنچە ئۇلار يەيدىغانغا ئىچىدىغانغا ئامال قىلالماي ئەمدى 10ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان چوڭ ئوغۇل ئىشلىگەنكەن ئەمما تەقدىر رەھىمسىزلىك قىلىپ بۇ ئائىلىنى شۇنداق ۋەيرانە قىلىۋەتتى ،ئۇ ئايال شۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ تۇگۇشۇپ بىر كۇن ئىچىدىلا قېرىپ بەتبەشىرە مومايغا ئايلاندى ، ھەر كۇنى كۇچا دوقمىشىغا چىقىپ ئولتۇراتتى ،ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇ كىچىك ئوغلىنى ساقلايدىكەن ، كۇنلەر شۇ تەرىققىدە ئۆتەۋەردى كىيىنچە كىشىلەر ئۇنى تىلەمچى موماي دەپ ئاتايدىغان بۇلۇشتى ، ئەمما ئۇ تىلەمچى ئەمەس ئىدى ، بالا دەردى شۇنداق قىلىپ قويدى ، مەن ھازىرغىچە ئۇنىڭ قول سۇزۇپ بىرەكىمدىن بىر سىنىتقا چاغلىق نەرسە تىلىگەنلىكىنى كۆرۇپ باقمىدىم .... موماينىڭ گىپى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە دىمۇراتنىڭ كۆز ئالدىغا ھېلىقى تىلەمچى موماينىڭ ئوغلۇم ...ئوغلۇم دىگىنىچە مۇھتاجلىق بىلەن قول سۇزۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۇپ بېشى قايغاندەك بوپ كەتتى ،ھەم ئۆزىنى تەسلىكتە تۇتىۋېلىپ :   
ـــ چوڭ ئانا ..ئۇ موماينىڭ ئەسلى ئىسمى «ئەلەمنۇرخان» شۇنداقمۇ ؟  
ـــ شۇنداق بالام ،ئۇ ئايالنىڭ ئىسمى ئەلەمنۇر........... موماينىڭ گىپى تۇگىمەستە دىلمۇرات ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا يۇگۇردى ...ئۇ يۇگىرەتتى ... يۇرگىرەتتى ... ئانىسىنى تىزراق تېپىش ئۈچۈن يۇگىرەتتى ... ئۇ شۇنداق يۇگۇرۇپ كۇندىزى ھېلىقى موماينى ئۇچراتقان جايغا يىتىپ كەلدى ، ئۇ  موماي باياتتىن ئولتۇغان شۇ جايىدا ئوغلۇم .....ئوغلۇم .....دەپ تەكرارلىغىنىچە مۆكچىيىپ ئولتۇراتتى ،دىلمۇرات ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى  شۇ ۋاقىتتا ھېلىقى موماي بېشىنى كۆتۇرۇپ دىلمۇراتقا قاردى.

ـــ ئانا ........ دىلمۇرات شۇنداق دىگىچە تىلەمچى موماينى چىڭ قۇچاقلىدى ، موماينىڭ خۇشاللىقىدا تىلى گەپكە كەلمىدىمۇ ياكى ... ئىشقىلىپ بىر ئېغىز سۆزسىز دىلمۇراتنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى ،ئۇلار شۇنداق قۇچاقلىشىپ قانچىلىك تۇردىكىن بىر چاغدا رەيھانگۇلنىڭ ئۇلارنى نۇقۇشىدىن دىلمۇرات موماينى قۇيىۋېتىپ ئۇ تەرەپكە قارىدى ، شۇنىڭدىن كىيىن رەيھانگۇلنىڭ تەكلىپى بۇيىچە بۇ دىلمۇرات ئانىسىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ يۇيۇندۇرۇپ تاراندۇرۇپ يېڭى كىيىملەرنى كەيگۇزدى ،مانا شۇنداق قىلىپ بۇ بەتبەشىرە تىلەمچى موماي كىلىشكەن سۇمباتلىق مومايغا ئايلاندى ، دىلمۇراتمۇ خىزمىتىنى مۇشۇ جايغا يۆتكەپ كەلدى ،ئەلۋەتتە رەيھانگۇل بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ بۇ ئائىلە بىرلىككە كەلدى ۋە خۇشال تۇرمۇش قۇرۇشقا باشلىدى .   
 
  ئانا ئولۇغ ،ئانا مېھرىبان ، ئانا ئۆز پەرزەتنى كىچىكىدە كۆرسۇن چوڭ بولغاندا كۆرسۇن چۇقۇم تۇنۇيدۇ ، چۇنكى ئۇ ئانا ... ئانا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ پەرزەنتى ئۈچۈن شام بۇلۇپ كۆيىدۇ ، سۇ بولۇپ ئاقىدۇ ،ئوت بۇلۇپ يانىدۇ ،ھەتتاكى دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ،ئەڭ يىرگىنىشلىك ئىشلارغىمۇ تەييار تۇرىدۇ ،ئانا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بالا ئۈچۈن ھەتتا دۇزاخ ئوتىغا كىرىشكىمۇ تەييار تۇرىدۇ ، چۇنكى ئۇ ئانا ... چۇنكى ئۇ ئانا ..........

ـــ ئانا ........ دىلمۇرات شۇنداق دىگىچە تىلەمچى موماينى چىڭ قۇچاقلىدى ، موماينىڭ خۇشاللىقىدا تىلى گەپكە كەلمىدىمۇ ياكى ... ئىشقىلىپ بىر ئېغىز سۆزسىز دىلمۇراتنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى ، ئۇزۇن كۆرۇشمىگەن ئانا -بالىنىڭ كۆرۇشكەنلىكىگە خۇشال بولدىمۇ ياكى بۇ ئىككەيلەننىڭ يىغىسىغا باشلىرىغا كەلگەن شۇنچە كۆپ قىسمەتلەرگە ئىچ ئاغىردىمۇ  شۇ ۋاقىتتا سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى ،ئۇلار شۇنداق قۇچاقلىشىپ قانچىلىك تۇردىكىن بىر چاغدا رەيھانگۇلنىڭ ئۇلارنى نۇقۇشىدىن دىلمۇرات موماينى قۇيىۋېتىپ ئۇ تەرەپكە قارىدى ، رەيھانگۇلنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار مۇنچاقتەك تۆكۇلمەكتە ئىدى ،   
__ جۇرۇڭلار ،ئۆيگە قايتايلى ،_دىدى رەيھانگۇل ، موماي تەئەجۇپلەنگەن ، ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئۇنىڭغا قارىدى ،   
__ جۇرۇڭ ئانا ، ھازىرچە رەيھانگۇلنىڭ ئۆيىگە بارغاچ تۇرايلى ،_دىدى دىلمۇرات ئانىسىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ..   
شۇنىڭدىن كىيىن رەيھانگۇلنىڭ تەكلىپى بۇيىچە بۇ دىلمۇرات ئانىسىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپاردى ، رەيھانگۇلنىڭ ئانىسىمۇ ئۇلارنى شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن كۆتىۋالدى ، موماي ئۇزۇن مەزگىل يۇيۇنمىغاچقىمىكىن تېنى مەينەتلىشىپ بىر خىل بەتپۇي پۇراق چىقىراتتى ، ئەمما بۇ بەتپويلىقتىن رەيھانگۇلنىڭ ئانىسى قىلچىلىك سەسكەنمىدى ئەكىشچە دىلمۇراتنىڭ ئانىسىنى يۇيۇندۇرۇش ئۈچۈن ئەكىرىپ كەتتى. LP=y$B  
__ يۇزلىرىڭىزنى سۇرىتىۋېلىپ يامغۇردا ھۆل بوپ كىتىپتۇ ،_دىدى رەيھانگۇل لۇڭگىنى دىلمۇراتقا تەڭلەپ ھەم يەنە سۆز باشلىدى ... ئۇ مېنىڭ ئانام دەپ كىسىپ ئېيتالامسىز ؟ قانداقسىگە ئۇ تىلەمچى موماينى مېنىڭ ئانام دەيسىز   سىز چۇقۇم خاتالاشتىڭىز .   
__ ياق رەيھانگۇل ، مەن خاتالاشمىدىم ، ئۇ چۇقۇم مېنىڭ ئانام ، مەن سىزىپ تۇرۇپتىمەن ئۇ مېنىڭ ئانام ،_دەپ دىلمۇرات بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى قىسقىغىنە قىلىپ سۆزلەپ بەردى ، رەيھانگۇلمۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ھېلىقى موماينىڭ دەل دىلمۇراتنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەندى ، بۇ ۋاقىتتا ئىككى موماي قولتۇقلاشقىنىچە چىقىپ كەلدى ، دىلمۇرات بىلەن رەيھانگۇلنىڭ ئالدىدا بەتبەشىرە ، قۇرقۇنۇچلۇق تىلەمچى موماي ئەمەس ، سۇمباتلىق ، كىلىشكەن ، چىرايىدىن مېھىر يېغىپ تۇرىدىغان موماي تۇراتتى ، دىلمۇرات ئۇنىڭغا قاراپ بۇرۇنلارد چۇشىدە كۆرگەن ھېلىقى چىراينى ئەسلىدى ، دىلمۇرات چۇشىدە دەل مۇشۇ ئايالنى دەل مۇشۇ چىراينى كۆرگەن ، چۇشلىرىدىن ئويغۇنۇپ قېشىدا يوقلىقىنى كۆرۇپ بىلگىنىدە ئىسەدەپ يىغلاپ كىتەتتى ، مانا ئەمدى ئۇ چىراينى چۇشىدە ئەمەس ئوڭىدا كۆردى ھەمدە يۇگۇرۇپ بېرىپ «ئانا...»دىگىنىچە چىڭ قۇچاقلىۋالدى ، بۇ ئانا-بالا ئۇزۇندىن ئۇزۇن قۇچاقلىشىپ تۇردى ،شۇ كىچە ئۇزۇندىن كۆرۇشمىگەن ئانا-بالا كۆپ مۇڭداشتى بېشىدىن ئۆتكۇزگەنلىرىنى سكزلەشتى ، بەزىدە ئىشەدەپ يىغلاشتى بەزىدە قاقاقلاپ كۆلۇشتى ، ئەتىسىدىن باشلاپ دىلمۇرات شۇنداق جۇشقۇنلۇق بىلەن خىزمەتكە چۇشتى ،ئۇنىڭ چىرايىدىن كۆلكە چۇشمەتتى ،ھەتتا بۇ جايدىن ئۆي سېتىۋېلىپ ئانىسىنى يېڭى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرىدى ، مانا شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن ئايرىلغان ئانا بالا قايتىدىن جەم بولۇپ بىرگە خۇشال -خۇرام ياشىدى .   
  
خاتىمە   
  
  كىينكى كۇنلەردە دىلمۇرات يول مېڭىپ خىزمىتىنى ئۆز يۇرتىغا يۆتكەپ كەلدى ، ھەمدە رەيھانگۇل بىلەن توي قىلىپ بۇ ئائىلىنىڭ خۇشالىقىغا تېخىمۇ خۇشاللىق قاتتى ، نەچچە يىللىق بالىسىدىن ئايرىلىش ئازابىدا جۇدەپ كەتكەن موماي ئاستا -ئاستا ئەسلىگە كىلىشكە باشلىدى ، كىشىلەر قەلبىدىمۇ تىلەمچى موماي ئاستا -ئاستا خىرەلىشىپ يۇقالدى ، ئەمما 20يىللىق ئازاپ 20يىللىق سېغىنىش بىر ئانىنى قىينىدى ، ئۇ شۇ كۇنلەرنى ئاياللىق سۇپىتى بىلەن ئۆتكۇزگەن بولسا ئۆتكۇزەلمەس ئىدى ،ئەمما ئانىلىق سۇپىتى بىلەن ئۆتكۇزدى ، شۇ ئارلىقتا قانچە كۇنلەپ ھېچنەرسە يىمىگەنلىكىنى ، قانچە كۇنلەپ سۇ ئىچمىگەنلىكىنى ، قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن يىرگەنگەنلىكىنى قانچىلىك تىل -ھاقارەتلەردە قالغانلىقىنى ئۇ ئانا دەپ بىرەلمەتتى ، ئۇ بالا ئۈچۈن ئوت بولۇپ ياندى سۇ بولۇپ ئاقتى ، شام بولۇپ ئېرىدى ھەتتاكى بالا ئۈچۈنھ دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ،ئەڭ يىرگىنىشلىك ئىشلارغىمۇ تەييار تۇرىدۇ ،ئانا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بالا ئۈچۈن ھەتتا دۇزاخ ئوتىغا كىرىشكىمۇ تەييار تۇردى ،ئەنە ئۇ مېھرىبان ئانا ...ئەنە ئۇ كۆيۇمچان ئانا .   


مەنبە :مىسرانىم مۇنبىرى مۇنبەر ئەزاسى ئەتىۋارجان يازمىسى

ياخشىكەن
(16)
94.1%
ناچاركەن
(1)
5.9%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر