ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

پروگرامما ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان ئەر

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-06 08:43 مەنبەسى: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
.
  

يى بودىرو (يۇگۇسلاۋىيە)

ھېكايە


ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

ئەتىگەن سائەت بەشتە، پىتار قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ جىرىڭلىشى بىلەن ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ گويا زەھەرلىك يىلان چېقىۋالغاندەك كارىۋاتتىن چاچراپ تۇردى. ئۇ بارماقچى بولغان مەنزىلىگە ھەپتە ئاخىرىغىچە بېرىپ بولۇشى، پويىزدىن قېلىپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى. ئايالى بىلەن ئوغلى تۈنۈگۈن كېتىشكەن ئىدى. مۇبادا ئۇ ۋاقتىدا يېتىپ بارمىسا، ئۇلار چوقۇم خاتىرجەم بولالمايتتى.
پىتار قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ بۇرىغۇچىنى بېسىۋەتتى. سائەتنىڭ ئاستىدا ئايالى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويغان باغاقچە تۇراتتى. باغاقچىگە: «قەدىرلىكىم، ئۈنئالغۇنى قويۇڭ!» دەپ يېزىلغان ئىدى.
پىتار ئايالىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۈنئالغۇنى قويدى، شۇھامان يېقىملىق مۇزىكا ئۆي ئىچىنى بىر ئالدى. مۇزىكا تۈگىگەندىن كېيىن ئۈنئالغۇدىن ئايالىنىڭ: «ئەتىگەنلىكىڭىز خەيىرلىك بولسۇن، قەدىرلىكىم! ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
-كارىڭ بولمىسۇن!- ۋارقىرىدى پىتار ۋە تاماكا چېكىشكە باشلىدى.
-تاماكىنى دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىڭ!- ئۈنئالغۇدىن ئايالىنىڭ بۇيرۇقى ئاڭلاندى،- توڭلاتقۇدا ناشتىلىق بار، ئېلىپ يەڭ، دىققەت! تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماڭ!
ئۇ ئەمدىلا ناشتىلىقنى يەپ بولۇپ تۇرۇشىغا، ئۈنئالغۇدىن ئايالىنىڭ بۇيرۇقى يەنە ئاڭلاندى:
-بالكوندىكى گۈل تەشتىكىنىڭ ئاستىدىكى باغاقچىنى ئوقۇڭ.
ئايالى باغاقچىدە گۈلگە سۇ قۇيۇشنى ئۇنتۇماسلىقنى ئەسكەرتكەن ۋە مۇھىتنى قانداق گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەنىدى.
ئاشخانىغا قويۇپ قويۇلغان باغاقچىدە قاچىنى ۋاقتىدا يۇيۇۋېتىش ئەسكەرتىلگەنىدى. كىيىم ئىشكاپىنىڭ ئىشىكىگە چاپلاپ قويۇلغان باغاقچىگە ئۇنىڭ قانداق كىيىنىشى توغرىسىدىكى تەلەپ يىزىلغانىدى، باغاقچىگە: «كۈلرەڭ كاستۇم- بۇرۇلكىڭىزنى كىيىڭ، گالىستۇك چىگىشىنى ئۇنتۇماڭ» دېگەنلەر يېزىلغانىدى.
پىتار ئامالسىزلىق ئىلىكىدە بېشىنى چايقاپ قويدى، ئۇ ئەمدىلا ساياھەت سومكىسىنى يىغۇشتۇراي دەپ تۇرۇشىغا، سومكىنىڭ ئىچىدىنمۇ بىر باغاقچە چىقتى. باغاقچىدە:«ئۇستىرىڭىزنى ئىلىشنى ئۇنتۇماڭ» دەپ يىزىلغانىدى.
پىتار ئۇنتۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئۇستىرىسىنى سومكىسىغا سالغاچ ئىشىككە قاراپ ماڭدى. لېكىن ئىشىكتىمۇ دەبدەبىلىك بىر بۇيرۇق تۇراتتى: «كەينىڭىزگە يېنىڭ! كۈلداندىكى ئۆچمىگەن تاماكا قالدۇقىنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ!»
ئىشىكنىڭ سىرتقى يۈزىگە ئايالىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۇيرۇقى يېزىلغان باغاقچە چاپلاپ قۇيۇلغانىدى. باغاقچىگە: «ئىشىكنى قۇلۇپلىدىڭىزمۇ- يوق، تەكشۈرۈپ بېقىڭ!» دەپ يېزىلغانىدى.
پىتار ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تارتىپ باقتى، ئىشىك ئېتىلىپ بولغانىدى.
ۋوگزالدا ئۇ بېلەت سېتىش تۆشۈكىگە كەلدى ۋە بېلەت ساتقۇچىغا پۇلنى تەڭلەپ تۇرۇپ:
-ماڭا بېلەتتىن بىرنى بېرىڭ،- دېدى.
-نەگە بارىسىز؟-سورىدى بېلەت ساتقۇچى.
-نەگە دەمسىز؟- پىتار چۈشىنىكسىز بىز رەۋشتە ئۆز- ئۆزىگە شۇنداق دەپ قويدى ۋە ئايالىم قېنىدۇ دېگەندەك كەينىگە ئۆرۈلدى، لېكىن ئايالى ئۇنىڭ يېنىدا يوق ئىدى.
-نەگە بارىدىغانلىقىڭىزنى دېمەمسىز؟ ئەجىبا مۇشۇمۇ كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان مەخپىيەتلىكمۇ؟- كوچىلاپ سورىدى بېلەت ساتقۇچى. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇ ئايالىنىڭ ئۆزىگە نەگە بارىدىغانلىقىنى دېمىگەنلىگىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ چوڭقۇر بىر تىنىۋەتكەندىن كېيىن، پۇلنى يانچۇقىغا سالدى.
ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۈنئالغۇنى چېقىپ پارە- پارە قىلىۋەتتى، قەپەزنى ئېچىپ ئىچىدىكى بىچارە تۇمۇچۇقنى ئەركىگە قۇيۇۋەتتى. ئاندىن بىر شېشە ھاراق ئېلىپ چىقىپ، ئايىغىنىمۇ سالماستىن كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى- دە، ھاراقنى بوتۇلكىسى بىلەنلا غۇرتۇلدىتىپ ئىچشىكە باشلىدى ۋە چىرايىدا تاتلىق بىر كۈلۈمسىرەش ئەكىس ئەتتى.


مەنبە :  «شىنجاڭ سودا- سانائىتى» ژۇرنىلى

ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>