بەش ۋاق نامازنى ئادا ئەتكۈچى بىر مۇسۇلمان ئايال، ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئەر بىلەن تۇرمۇش قۇردى. ھەركۈنى ئېرى ئۆيگە غەرق مەس بولۇپ كېلەتتى. ئۆيگە ساق كەلگەن كۈنى يوق ئىدى. دىنغا ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان مۇسۇلمان ئايال، بەش ۋاق نامازلىرىدىن كېيىن ئېرىنىڭ تۈزۈلۈپ كېتىشىنى ۋە ھاراق دېگەن يامان زەققۇمدى خالاس ئېتىشىنى ئاللاھتىن سوراپ، كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ يالۋۇراتتى. كۈنلەر ئايلار ئۆتىدۇ. ئايال ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئۆتەيدۇ، مەست يۈرىدىغان ئەر ئۆز خوتۇنىنىڭ خۇش پېئىلىدىن، خىزمىتىدىن مەمنۇن. ئەمما ئۇنىڭغا بۇنداق يۈرۈش ئادەت بولۇپ قالغان.
مۇسۇلمان ئايال نامازلىرىدىن كېيىن كۆز-ياشلىرىنى تۆكۈپ، ئېرىنىڭ ياخشلىق تەرەپكە يۈزلىنىشىنى تىلەيدۇ.كېچىلىرى ئېرىنى بىئارام قىلماسلىق ئۈچۈن، ئورنىدىن تۇرۇپ باشقا ياتاق ئۆيگە چىقىپ، نامىزىنى ئوقۇپ دۇئا قىلىدۇ: -ئاللاھىم،ھوزۇرۇڭدا گۇناھكار قوللىرىمنى ئاچتىم، ساڭا يالۋۇرىمەن، مېنى ئەپۇ قىل، گۇناھىمنى كەچۈر يارەببىم. ساڭا كۆز يېشى تۆكۈپ يالۋۇرىمەن، سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن ئادا قىلىدىغان نامازلىرىم ۋە تۆككەن كۆز ياشلىرىم، ساڭا بولغان شەكسىز ئىمانىم دارگاھىڭدا ماقۇل بولسا، سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئۇيغۇن بىر ئىبادەت ۋە ئىمان بولسا، ئەي ئۇلۇغ ئاللاھىم، شۇلارنىڭ خاتىرى ئۈچۈن شۇ ئاندا ياتىقىدا ئۇخلاۋاتقان ئېرىمنى ھەم ئىسلاھ قىلغىن. تۈزەتكىن، ئۇ گۇناھ ئىشلاردىن قايتسۇن، ئېرىمغا ھىدايەت بەر ئەي رەببىم. ئەي رەھمان ۋە رەھىم بولغان ئاللاھىم، دۇئالىرىمنى قوبۇل ئەيلىگىن.
ئادەتتىكىدەك، خوتۇن نامىزىنى ئوقۇۋاتقان چاغدا، ئېرى ئويغىنىپ قارىسا يېنىدا خوتۇنى يوق. ياتاقخانىدا ھەم يوق. ئۇ ئادەم شۈبھىلەندى. مەستلىكتىن بېشى ئاغىرغان ئەر، نىمىشقا خوتۇنۇم يېنىمدا يوق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئاۋاز چىقارماي، ئاستا يەنە بىر ئۆيگە قارىسا ئايالى سەجدە قىلىۋېتىپتۇ. كېيىن قوللىرىنى دۇئاغا ئېچىپ كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ، ئاللاھتىن سورايتتى:‹ ئەي كەچۈرگۈچى ئاللاھىم، ئېرىمنى ھەم كەچۈرگىن.›
خوتۇنىنىڭ ئاللاھ ئىشقىدا تۆكىۋاتقان بۇ كۆز ياشلىرى ئۇ ئادەمنىڭ قەلبىدە بىر ئىمان نۇرى بولۇپ چاقنىدى. ۋە ئۇنىڭ ئەقلىنى يورۇتتى. ئۇ بۇنداق دەپ ئىلتىجا قىلىشقا باشلىدى: ئەي كەچۈرگۈچى ئۇلۇغ ئاللاھىم، مېنى ئەپۇ قىلغىن، شۇ يېرىم كېچىدە خوتۇنۇم مەن ئۈچۈن كۆز ياش تۆكۈۋېتىپتۇ، مەن بولسام ئۇ توغۇرلۇق يامان خىياللارنى قىلدىم. خوتۇنۇم مېنى ئەپۇ قىلىشىڭنى سەندىن سوراۋاتسا، مەن بولسام گۇناھقا پېتىپ يېتىپتىمەن. بۇ چۇشمىدۇ يا رەببىم، مېنى كەچۈر. قەسەم قىلىمەن، بۈگۈندىن باشلاپ ئائىلەم بىلەن بىللە ساڭا ئۆزەمنىڭ قۇللۇق ۋەزىپەمنى ئادا ئېتىمەن. دىنىمىز بەلگىسى بولغان نامازنى ئوقۇيمەن. ئاخشاملىرى، كېچىلىرى ئۆيۈمدە خوتۇنۇم بىلەن بىللە نامازىمىزنى ئوقۇپ، ئۆيۈمىزنى نۇرلۇق قىلىمىز› دەپ ئاللاھقا قەسەم قىلدى، ھىدايەتكە ئېرىشتى.
ئېرىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كېيىن ، ياخشى پېئىل-ئەتىۋارلىق، ھەقىقى مەنادا مۇسۇلمان تەربىيىسى بىلەن ۋايىغا يەتكەن ياش ئايال، سۆيۈنۈش كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ، ئېرىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ خۇشال بولدى ۋە ‹يا رەببى، ساڭا مىڭلار ۋە يۈزمىڭلارچە شۈكۈرلەر بولسۇن، ئېرىمنى ھىدايەتكە ئېرىشتىردىڭ. نامازلىرىمنى، دۇئالىرىمنى قوبۇل قىلدىڭ. ساڭا مىڭلارچە شۈكۈرلەر بولسۇن، ئاللاھىم.› دەپ سۆيۈنۈش كۆز ياشلىرى بىلەن ئاللاھقا ھەمدى ۋە شۈكرانىلەر ئېيتتى.
ئىزاھات ۋە نەسىھەت: مۇسۇلمان قېرىندىشىم! بوۋىلىرىمىز، ناماز ئوقۇغىن دېگەن. ئەلۋەتتە ناماز ئوقۇ. ئاللاھنىڭ لۇتفىگە مۇيەسسەر بولغان مۇسۇلمان ئايال ئۆيىنىڭ سائادىتىگە سەۋەپ بولىشى شۇنىڭدىندۇر. ئاللاھتىن ھوزۇر-ھالاۋەت سوراپ ئېرىنىڭ ئىبادەت قىلىشى بىلەن ئاشۇ ھوزۇر ھالاۋەتكە ئېرىشمەكتە. مۇسۇلمان ئادەم ئۈچۈن ئەڭ بۈيۈك تەسەللى مەنبەسى، ئەڭ بۈيۈك ئۈمىد خەزىنىسى ئۇنىڭ دىنىدۇر، ئاللاھى ۋە پەيغەمبىرىدۇر. ھوزۇرسىز قەلىبلەرگە ھوزۇر، ئۈمىدسىز ئىنسانلارغا ئۈمىد بەرگۈچى دىندۇر.
بىردەمدە پۈتۈن بارلىقىنى يوقاتقان مۇسىبەتكە دۇچار بولغان بىر كىشىگە كىم ئۈمىد تۇيغىسىنى بېرەلەيدۇ؟ ئەلۋەتتە دىن بۇ ئۈمىدنى بىرەلەيدۇ. ئىنسانلارغا پەقەت ئاللاھ ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇشبۇ مۇسۇلمان ئايال ھەم ياردەمنى پەقەت ئاللاھدىن سورىغاندۇر. ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. ئۆرنەك بولغان بۇ ئىسلام ئايالى ھەم ئۆزىنىڭ سائادىتىنى تەمىنلىدى، ھەم ئېرىنىڭ ھىدايەتكە مۇيەسسەر بولىشىغا ياردەم بەردى. ئېرىنىڭ مەنىۋىيىتىنى يوقۇرلاتتى. ئۇنى جەھەننەم يالقۇنىدىن ساقلاپ قالدى. بۇنداق ئاياللار بىلەن بارلىق مۇسۇلمانلار پەخىرلەنسە بولىدۇ. ئامىن.
ئىسلام تارىخىدا، ئېرىنى تەربىيلىگەن، ئېرىنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگەن ئاياللارنىڭ دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرىدۇر. بۇ بەختىيار ئىسلام ئانىلىرى، بۇ مۆھتەرەم ئىسلام ئاياللىرى ھەققىدى ئۆرنەك بولغىدەك ھاياتى ھېكايىلەرنى ئۇشبۇ كىتابتا ئوقۇيسىز.
ئاقىل بولغىنى، ئىسلام ئايالى دىنىنى، ئىمانىنى كېرەكلىك گۈزەل شەكىلدە ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاشۇ بىلگەنلىرىنىڭ نۇرى يۇرىقىدا خىزمەت قىلىشقا، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا، فەتىھ ئېتىشكە غەيرەت كۆرسىتىشى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ھەم ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ئىشنى قىلىدۇ ۋە ئۆرنەك بولغىدەك بىر ئىسلام ئايالى بولىدۇ.