ئارمان 03
بۇۋاي ئاخىرى خۇرجۇن بازىرىغا كىلىپ قالدى.كۆزئالدىدىكى ئالا- يېشىل بۇيۇملارغا تىكىلىپ خېلى تۇرۇپ كەتتى- دە، خۇرجۇندىن بىرنى قۇلىغا ئېلىپ ،قۇپال يىپلىرىنى قاداق باسقان قوللىرى بىلەن سىلاشقا باشلىدى.
--- ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۇنى مۈرىسىگە تاشلاپ، ئاق تۇمشۇق بوزئىشىكىگە مىنىۋېلىپ بازار- ئۇچارغا، توي – مەشىرەپلەرگەبارىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان ھەمىراھى ئىدى. --- دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ئەتلەس كۆينەك ۋە چىمەن دوپپىسى شۇقەدەر ياراشقان ئۇيغۇرقىزى خۇرجۇن تۇتۇپ تۇرغان چەتئەللىك مېھمانلارغا قاراپ خوش تەبەسسۇم بىلەن ،بۈگۈنكى كۈندە بولسا خۇرجۇن يەنە ئىسىل بىر سەنئەت بۇيۇمى بۇلۇپ قالدى. ئۇ سەل قۇپالراق پاختا رەختتىن تۇقۇلىدىغان ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ دالالىتى بۇلۇپ، خۇرجۇننىڭ تېگى ئاق، ئارىلىققا كۆك، قىزىل، يېشىل، سېرىق... ھەرخىل گۈل نەقىشلىرى قۇيۇلىدۇ ... «--- توۋا، مۇنۇ سېرىق چاچ، ئىلمەك بۇرۇن، كۆك كۆز چەتئەللىكلەر بىزخەقنىڭ نەرسىللىرىمىزنى بىزدىن ئوبدان بىلىدىكىنا؟--- بۇۋاي تەرجىمان قىزنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئوبدانلا ھاياجانلانغانىدى,–– ياشلىق چاغلىرىم مانا مۇشۇ خۇرجۇن بىلەن ئۈتۈپتۇ-يۇ،شۇتاپتا خۇرجۇن توغرىسىدا چۈشەنچە بەر دىسە، ھېچنىەرسە دەپ بىرەلمەي دۈشۈيۈپلا تۇرۇشۇم ئېنىق...» --- مەھەللە ئېغىزىدىكى كۆۋرۈك بېشىدا ياكى پاكار سوقماتاملىق ئۆيلىرىنىڭ ئىشىك بۇسۇغىللىرىدا يىراقلارغا كۆزتاشلاپ تۇرغان يېڭى كىلىننىڭ تاتلىق سېغىنىشلىرى، ھويلىدىكى قېرى قاپاق تېرەك ئاستىدىكى پورپاڭ ئۆرلەپ تۇرىدىغان بوز تۇپىغا مىلىنىپ ئويناۋاتقان مەسۈملەرنىڭ تاتلىق كەمپىت، ئۇيۇنچۇقلىرى... ھەممە نەرسە خۇرجۇنغا قاچىلانغان بۇلىدۇ. خۇرجۇندىن چىقىدىىنى باش ياغلىقى ياكى ئۇيۇنچۇق بۇلۇپلا قالماي، يەنە چىن خۇشاللىق، ئۈمۈت ۋەيەنە غۇرگۈللۈك ئىچىدىكى ئاسايىشلىق ... خۇرجۇن ئەنە شۇنداق خىسلىتى بىلەن ئۇيغۇردېھقانلىرىغا نەچچە مىڭ يىل ھەمىرا بولۇپ كەلدىكىنە؟ تەرجىمان قىز تېخىغىچە سۆزلىمەكتە ئىدى، قىزنىڭ خۇرجۇن ھەققىدىكى بايانلىرى، بۇۋاينى ئوبدانلا ئۈزىگە رام قىلىۋالغاندى، چۈنكى بۇۋاينىڭمۇ بىر خۇرجۇنى بولغانىدى، بۇۋاي ئەنە شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ ، نېمە ئۈچۈندۇر قۇلىدىكى خۇرجۇننى يېنىش- يېنىشلاپ سىلىدى. بۇۋاينىڭ كۆزئالدىغا تۇساتتىنلا ھېلىقى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دىگەن چاغلاردىكى« ئۈچ كونا» نى يۇقۇتۇش ھەركىتى زاھىر بولدى، شۇئان بەدىنى تىكەنلىشىپ كەتتى.«--- ئاشۇ يىللاردىغۇ خۇرجۇن ئۆز ئىگىللىرىگە ئوخشاش، قازىناقنىڭ بىر بۇلىڭىدا بۇيۇن قىسىپ قالغانىدى.---بۇۋاي ئېغىر خۇرسىندى،---راسىت، ماۋۇپەلەكنىڭ چاقى ئۇڭ چۆرگىلەپ، زامان باياشاتلىققا تولغان مۇشۇ كۈنلەردە، خۇرجۇن يەنە نېمە ئۈچۈن ئۈن- تىنسىز غايىپ بۇلىدۇ؟» بۇۋاينىڭ خىيالىغا تۇساتتىنلا ئەنە شۇ سۇئال ئۈسسۈپ كىردى. بۇۋاي بۇسۇئالغا جاۋاپ تاپالماي ئەتىراپىدىكىلەرگە، ئاندىن ھېلىقى تەرجىمان قىزغا تىكىلدى. بۇقېتىم قىز چەتئەلچە سۆزلەۋاتاتتى،بۇۋاي قىزنىڭ گەپلىرىنى چۈشەنمەيتى. بۇۋاينىڭ خىيالىغا ئۈزىنىڭ خۇرجۇنى كەلدى. بۇۋاي بىر چاغلاردىكى مەشۇقى يادىكار قىلغان نەققاشلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئاشۇ ئامىراق خۇرجۇنىنى مۈرىسىگە تاشلاپ، «قىز قۇشلاپ » ماڭغان سۇۋادان تىرەكلىرى كۆككە تاقاشقان يېزا يوللىرى، ياپ- يېشىل باغ مەھەللىلەر ۋە ئېتىز قىرلىرىنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسكە ئالدى ۋە ئېغىر ئۇھ سىندى. بۇۋاينىڭ كۆزئالدىغا مۇنۇ كۈرۈنۈشلەر كەلدى : لىق تولدۇرۇلغان خۇرجۇنىنى مۈرىسىگە تاشلاپ، « خان لەيلۇن» نى راسا توۋلاپ، سۇۋادان تىرەكلىك يېزا يۇلىدا كىتىۋاتقان مىس چىراي، بىلەكلىرى گاڭدەك قاتقان، يۆگۈمە بۇرۇت يىگىتنىڭ چېھرىدىكى خۇشاللىقنىڭ مەخپىيىتى خۇرجۇندا ئىدى. كەچكى شەپەققە چۈمگەن مەھەللىنىڭ ئاياغ يۇلىدا كېتىۋاتقان يىگىتنىڭ خىيالىدىن ، مەشۇقىنىڭ لەيلىگۈلدەك سۇمباتى لىپ قىلىپ ئۆتتى- دە، ئۈزىچىلا پىخىلداپ كۈلۈپ، مۈرۈسىدىكى خۇرجۇننى سىلاپ قويدى. شۇچاغدا، خۇرجۇنىدا نېمە بارلىقىنى بۇۋاي تېخى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. ئۇچاغلارنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ كەتسۇن... « ئىھ، ئاشۇ چاغلار...» بۇۋاي ئۈنسىز نىدا قىلدى. بۇۋاي شەھەرنىڭ ۋاڭ- چۇڭغا تولغان رەستىللىرىنى ئايلىنىشقا ئامىراق ئىدى. بۇلۇپمۇ مەرھۇم زۆھرەخان چۈشىگە كىرىپ قالغان كۈنلىرى بۇۋاي بىرخىل تىت–تىتلىق، تەگسىز ئىنتىزارلىق ئىچىدە رەستىلەرنى ئايلىناتتى، توغرىسىنى دىگەندە، بۇۋاي خۇرجۇن بازىرىنى ئىزلەيتى، ئەمما ھامان تاپالمايتى «شەھەردە خۇرجۇن بازىرى يوقمىكىنە؟»... بۈگۈن بۇۋاي رەستىلەرنى چۆرگىلەپ كېلىپ ئاشۇ خۇرجۇننى كۈرۈپ قالغانىدى. بوي–بەسىتلىك بىر قانچە چەتئەللىك نەپىس ئىشلەنگەن، كىمنىڭدۇر چىۋەرقوللىرىنىڭ گۈلدەك ھۈنىرىدىن دالالەت بىرىپ تۇرغان خۇرجۇنلارنى ئۆرۈپ- چۆرۈپ كۆرمەكتە ئىدى. چىرايلىققىنا چىمەن دوپپىسىنى ياراشتۇرۇپ كىيگەن تەرجىمان قىز چەتئەللىكنىڭ گېپىنى تەرجىمە قىلىپ تۇراتتى. ئاخىرى چەتئەللىكلەر تىجارەتچى يىگىت بىلەن پۈتۈشۈپ، بىردىن خۇرجۇن سېتىۋالدى. بۇۋاي ئاشۇنداق خۇرجۇنلارنى ئىزلەپ يۈرگىنىگە ئۇزۇن بولغانىدى ئەمەسمۇ؟مانا شۇخۇرجۇنلار كۆزئالدىدا تۇرسا... بۇۋاي بىردىنلا ئۈزىگەكەلدى، يىگىتنىڭ ئالدىدىكى خۇرجۇنلارنى خۇددى بىرسى بۇلاپ كىتىدىغاندەك، ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ، يىگىىت تەرەپكە تېز-تېز ماڭدى. بارى- يۇقى ئۈچلا خۇرجۇن قالغانىدى. --- بىر خۇرجۇن ئون يۇەن.--- دېدى يىگىت بۇۋايغا قاراپ. --- نېمە، ئون يۈەن؟--- دېدى بۇۋاينىڭ بىردىنلا جۇدۇنى ئۆرلەپ،--- بىر خۇرجۇن نېمىشقا شۇنچىلىكلا پۇلغا يارايدۇ؟ --- نېمە، --- دەپ چەكچەيدى يىگىت بۇۋايدىن بەتتەر ھەيران بۇلۇپ، --- ئەمىسە نەچچە پۇل بولسا بۇلاتتى، تاغا ؟ --- سەن ئۈزۈڭ خۇرجۇن كەشتىلەپ باقمىغاچقا، خۇرجۇننىڭ قەدىرىنى بىلمەيدىكەنسەن، مەن ھەربىر خۇرجۇننى يۈز يۇەندىن سېتىۋالىمەن. سەنلەر...--- بۇۋاينىڭ يۈتۈلى تۇتۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى. بۇۋاينىڭ گېپى بىلەن، ئەتىراپتىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. --- ئوھوي، جاھاندا مانداقمۇ تەتۈر سودا قىلىدىغان خېرىدار بۇلىدىكىنا...--- دېدى كىمدۇر بىرى مەسخىرە بىلەن. --- مەمەتجانغا بۈگۈن خىزىر يۇلۇقتىمۇنېمە،--- دېدى بىر ئايال قاش – كۆزلىرىنى ئوينۇتۇپ،--- ئوتتۇز يۇەنلىك خۇرجۇننى ئۈچيۈزيۇەنگە سېتىۋالدا ئىگەكىم . --- قېرىغاندا مېڭىسىدىن كەتكەن ئادەم ئوخشايدۇ،--- دېدى يەنە بىر ئايال،--- ساراڭ دەپ ئۆيگەسولاپ قويغان بولسا، قېچىپ چىقىپ، ئوغلىنىڭ پۇللىرىنى شامالغا سورىۋاتقان گەپ. --- ساقچىغا خەۋەر قىلىپ قۇيايلى بولمىسا، ئۈيىدىكىلەر ئىزلەپ ئەنسىرەپ كەتكەندۇ بۇكەمگە. --- نېمە كارىمىز خەقنىڭ ئىشى بىلەن، --- دېدى بىر پاخما باش يىگىت چاچلىرىنى بارماقلىرى بىلەن تۈزىگەچ.--- تاما شادېگەن كۈندە بۇلۇپ تۇرمايدۇ- دە. --- قاراڭلا، تازا پاكىز قېرىغان ئادەمكەن، تېخى راستىنلاخىزىرمۇ يا؟ بۇۋاي ھەممىنى ئاڭلىدى. خورلىقتىن بۇغۇلۇپ كەتتى. خىرىلداپ يۈتۈلۈپ كەتتى. --- سەھرادىن كەلگەن ئوخشايدۇ، سەھرادا تېخىغىچە خۇرجۇن ئىشلەتسە كېرەك، بەلكى ئۈزىگەبىرنى ، مۇمىيىغا بىرنى، ئوغلىغا بىرنى سېتىۋالغان بۇلىشىمۇ مۇمىكىن. --- ھازىر دېگەن قايسى زامان، خۇرجۇننى مۈرىسىگەتاشلاپ ماڭىدىغان بولسا، ساھىل ئوخشايدۇدەپ، پارچە پۇللارنى بىرىشىدۇ جۇما. --- خۇرجۇننى مۈرىسىگەتاشلاپ، دوپپىنى قىستۇرۇپ كىيىپ، ئىشەككە يانتۇ مىنىپ بازارغا بارىدىغان چاغلار بۇۋىمىزنىڭ ياش چاغلىرىكەنتۇق، ھەراسىت، بۇۋىمىز بارغۇ، مۇمىمىزنىڭ خۇرجۇن تىكىش ھۈنىرىگە ئاشىق بۇلۇپ قېلىپ، مۇمىمىزنى ئەمىرىگە ئالغانىكەنمىش . ھاھاھا...لېكىن ھازىر زامان ئۆزگەردى –دە. بۇۋاي بۇنى ئاڭلاپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى.ئەمما گەپ قىلغۇچىنى تاپالمىدى. لېكىن « زامان ئۆزگەردى» دېگەن گەپ بۇۋاينىڭ كاللىسىدا ئەكىس سادا پەيدا قىلدى. يۈرۈگى كۈيۈشۈپ كەتتى. بۇۋاي ئەتىراپقا قارىدى. مۇشۇ بازار بازار بولغان كۈنى ،بۇۋاي دوسىتلىرى بىلەن بىرگە ، مۈرىللىرىگەگۈللۈك خۇرجۇنلىرىنى تاشلاپ، بازارنىڭ داقادۇمباقلىرى ياڭراپ، ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان كوچىللىرىنى نەچچە قېتىم نىشانسىزلا ئارلىغاندى. ئۇكۈنى مۇنۇ ئاسمان پەلەك بىنالار نىڭ ئورنىدا، قاتاركەتكەن تۇرۇسلىرى ئىسلاشقان كونا ئاشپۇزۇللار بار ئىدى، ئاشپۇزۇلنىڭ ئۆگزىسىدە ماڭسۇر شېيىخ شاگىرىتلىرى بىلەن ناغرا–سۇناي چېلىپ بازارنى قاينىتىۋەتكەن ئىدى، ئاشخانا ئالدىدىكى سەينادا بولسا بىرتوپ كىشىلەر ساماغا چۈشكەنىدى. بۇۋاي بىنالارغا يەنە كۆزتاشلىدى. « ئاسمان-زىمىن ئۆزگۈرۈش بوپتۇ، ئەجەپمۇ ئۇنى بىلمەي يۈرۈپتىمىنا؟ رەھمەتلىك زۆھرە يادىكارقىلغان ھېلىقى كانىۋاي گۈللۈك خۇرجۇننى مۈرەمگە تاشلاپ، بازارقىززىتىپ يۈرگەن چاغلىرىمدىكى ھېلىقى بازارئىزناسىز يۇقۇلۇپتۇ.زامان ئۆزگىرىپتۇ- دە. »بۇۋاي قۇلىدىكى خۇرجۇنلارغا يەنە قارىدى. --- بۇۋا، خۇرجۇنغا ئامىراق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىۋالدىم. --- دېدى خۇرجۇن ساتىدىغان يىگىت كۈزىگە چۈشىۋالغان بۈدىرە چاچلىرىنى ئالتۇن ئۈزۈك سالغان بارماقلىرى بىلەن ئارقىسىغا تاراپ ، كۆزلىرىنى ھەييارلىق بىلەن ئوينۇتۇپ،--- ھازىر قايسى زامان، ئۇنداق دېسەم كۆڭلىڭىزگەكەلمىسۇن، خۇرجۇن ئىشلىتىدىغان زامانلار قالمىدى. پەقەت بەزىبىر چەتئەللىكلەرلا، مانداق بى شىنجاڭغا كەلگەننىڭ نىشانىسى دەپ، خاتىرە ئۈچۈن مىللى بۇيۇملار قاتارىدا ئەپ قۇيىدۇ. لېكىن ئۇلار مۇ ئۇنى ئىشلەتمەيدۇ- دە. --- توختاپتۇر،--- دېدى بۇۋاي خىرىلداق ئاۋازبىلەن ئالدىراپ،--- خاتىرە بۇيۇمى ئۈچۈن سېتىۋالىدۇ دېدىڭما؟ ھە ھە ، دېمەك تېخى ئۇنىڭ قىممىتى يۇقالمىدى دېگىن. بولمىسا نېمە دەپ ماۋۇ سومكىللىرىڭنى ئالماي، خۇرجۇننىلائالاتتى؟ --- سومكادېگەننى شۇلارنىڭ ئۈزى ياسايدىغان نەرسە تۇرسا. --- خۇرجۇنچۇ ؟ --- ھەي بۇۋا، چەتئەللىكلەر خۇرجۇن تىكەلىسۇنمۇ؟ خۇرجۇن دېگەن بارغۇ ، پەقەت بىزئۇيغۇرلارنىڭ چىۋەر قىز-چوكانلىرىمىزنىڭ گۈلدەك قۇلىدىنلا پۈتۈپ چىقىدىغان نەرسە ئۇ. --- ھىم، ئاخىرى ئىقرار قىلدىڭ- دە. بىلىپ قوي، زامان ئۆزگەردى دەپلا ئۈزىمىزنىڭ ئىسىل نەرسىللىرىمىزنى تاشلىۋەتسەك بولمايدۇ. نېمە دەپ خۇرۇننى خاركۈرىسەن؟ ھەرقايسىڭ ئاشۇ خۇرجۇنلارنى ئىشلىتىپ كەلگەن خەقنىڭ نەسلىمۇ يا؟ سەنلەرنى خۇرجۇننى مۈرەڭگە تاشلاپ بازارغا چىق دېگىنىم يوق. پەقەت خۇرجۇننى خار كۆرمە دەۋاتىمەن. بايا بىرسىڭ تېخى ھازىر خۇرجۇننى مۈرەڭگە تاشلاپ ماڭساڭ باشقىلار ئالدىڭغا پارچە پۇل تاشلايدۇ ، دەيسىنا؟ قارىغىنە ئاۋۇ چەتئەلىكلەرگە، سەن ساتقان خۇرجۇننى مۈرىسىگە تاشلاپ مېڭىپتىغۇ ئاينا، قېنى كىم ئۇنىڭغا پارچە پۇل تاشلاپتۇ؟سەنمۇ مۇشۇ پۇزۇر كىيىمىڭ بىلەن، مۇشۇ ئىسىل كاستۇيۇم- بۇرۇلكاڭ ، ئالتۇن ئۈزۈك ، پاكىز ئۈستى- بېشىڭ بىلەن، بېشىڭغا چىمەن دوپپىسىنى ياراشتۇرۇپ كىيىپ، مۈرەڭگە ئاۋۇ كانىۋاي گۈللۈك، سېرىق چۇچىللىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان خۇرجۇننى تاشلاپ ماڭغىنا، قايسى ساراڭ ئالدىڭغا پارچە پۇل تاشلايدىكىن ؟ ... ئاپلا، رەنجىمەئوغلۇم، يەنە گەپتىن ئېزىپتىمەن، قارا، خۇرجۇنلىرىڭ ئاۋۇ چەتئەللىككە شۇنداق يارىشىپتىكەن، شۇڭا شۇنداق دېگۈم كەلدى بالام. مەيلى خۇرجۇن ئىشلەتمە، لېكىن ئۇنى خاركۆرمە... ئۇنىڭ... قەدىرىنى قىل... --- قىزىق بۇۋاي ئىكەن بۇ. --- ياق بۇۋاينىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدىم، بۇۋاي بۇگۈن نۇقۇل خۇرجۇن ئۈستىدىلا گەپ قىلمايۋاتىدۇ تۇغقانلار، بۇۋاينىڭ دېمەكچى بولغىنى ئۈزمىزنىڭ گۈزەل ئەنئەنىلىرىمىزنى، بىزگە نەچچەمىڭ يىل ھەمراھ بۇلۇپ كەلگەن ئسىل نەرسىللىرىمىزنى خاركۆرمەيلى دېمەكچى. --- ئاغزىڭغا ناۋات بالام،--- بۇۋاي خوشلىقتىن مۇنۇ قارمۇتۇق بالىنىڭ مۈرىسنى يىنىك تۇتۇپ قويدى،--- ئەقلىڭ بار يىگىت ئىكەنسەن، داداڭغا رەھمەت. --- كونا نەرسىلەرنى ئىسلاھ قىلىش خاتالىق ئەمەس،--- دېدى بىرئايال تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ.بۇۋاي ئايالغا قارىدى. ئايال پۈتۈنلەي «مودا» كىيىنگەن بۇلۇپ، كىندىكى تارشىمى ئۈستىدىن ئېچىلىپ تۇراتتى. ساپ-سېرىق بۇيىۋالغان چاچلىرى غۇجمەك كۈرۈنەتتى. --- بۇتەرەپكە كېلىڭ قىزىم،--- بۇۋاي دەرھال ھېلىقى تەرجىمان قىزنى توپنىڭ ئوتتۇرىغا تارتىپ چىقتى،--- قاراڭلار، مۇنۇ قىزنىڭ گۈزەل سۇمباتىغا، بۇقىز ھەقىقى ئۇيغۇرنەسلىگە ئوخشاش كىيىنپتۇ، شۇتاپتا بۇقىز ھەممەيلەننىڭ كۈزىگە ئوت بۇلۇپ كۈرۈنمەكتە، بەزىبىر چەتئەلنىڭ بەختسىز پاھىشىرىدەك ياسىنىۋالغانلارمانا بۇقىزنى كۈرۈپ قويسۇن. بۇۋاينىڭ بۇگېپى بىلەن بايىقى ھېلىقى ئايال توپتىن غىپپىدە چىقىپ، ئادەملەر ئارىسىدا غايىپ بولدى. --- ھىم، بەزىلەر نۇمۇس قىلىپ بۇ توپتىن ئايرىلدى،--- دېدى بۇۋاي خىرىلداپ كۈلۈپ ،--- سىز بۇتوپتىن ئايرىلغان بىلەن «ئۇيغۇر» لىقتىن ئايرىلالمايسىز. شۇنى چۈشۈنىشىڭىز كېرەك. كۆپچىلىك ئەتىراپىغا قاراپ، ھېلىقى ئايالنىڭ يوقلىقىنى بىلىشتى. بىراۋ بۇۋاينىڭ ماختىدى. --- ياش چاغلىرىمدا ئوۋچى ئىدىم، كۈزۈم تۇلۇمۇ رۇشەن،--- دەپ ماختاندى بۇۋاي خىرىلداپ كۈلۈپ. --- ياۋرۇپانىڭ پاھىشە ئاياللىرى، تۇرمۇشتا چىقىش يۇلى تاپالمىغاچقا شۇكۇچىغا كىرىپ قالغان. ئەمما بايىقى ئايالچۇ، ئۈزىنى بىريەرنىڭ خىزمەتچىسى دېدىغۇ! دېمەك توققۇزى تەل تۇرۇپمۇ يەنە... كۆپچىلىك بۇۋاينىڭ گېپىنى غۇلغۇلا قىلىشقا، ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسى بۇيىچە تالاش-تارتىش قىلىشقا چۈشۈپ كەتتى. --- كۆپچىلىك، مەن قېرىنىڭ دېمەكچى بولغىنى، ئۈزىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئىسىل ئەخلاقىنى تاشلىۋەتمەيلى، ئۈزىمىز ئۈزىمىزنىڭ قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىمىزنى ساقلاپ قالايلى، دېمەكچىمەن. بۇ يالغۇز خۇرجۇننىڭلا گېپى ئەمەس، خۇرجۇن پەقەت بىر مىسىل خالاس. باللىرىم، قىزلىرىم، سىلەر... سىلەر... سىلەر... بۇۋاي شۇنداق قىزىشىپ سۆزلەپ كىلىپ، تۇيۇقسىز تۇتقان ھۇتەلدىن ، گېپىدىن توختاپ، قېقىلىپ ھۈتۈلۈپ، كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇپ كەتتى- دە، سىڭايان بۇلۇپ قالدى. بۇۋاينىڭ گەپلىرىنى زەڭ قۇيۇپ ئاڭلاپ تۇرغان بىرنەچچە يىگىت ئىتتىك كىلىپ بۇۋاينى ئاۋايلاپ يۈلىۋالدى، بىرنەچچە ئايال يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ سومكىسىدىن ئاپئاق قول ياغلىق چىقىرىپ، بۇۋاينىڭ يۈزىنى، چىكىسىدىن ئاققان تەرلىرىنى سۈرتۈشكە بەشلىدى. سىمىزبىر يىگىت بۇۋايىنى خۇددى بالىنى كۈتۈرگەندەك، لىككىدەكۈتۈرۈپلا، ئۇرۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى، ئەتىراپتىكىلەر جىمىپ كەتكەنىدى. مەنبە: ئەلكۈيى مۇنبىرى |